ۋەتەن سورىقى
رۇستەم قاراسۇ
بۈگۈن چۈشۈم قاپتۇ بۇزۇلۇپ،
چۈچۈپ كەتتىم ئورنۇمدىن تۇرۇپ،
مېنى ۋەتەن سوراق قىلغۇدەك،
ئەجدادلىرىم يۈزۈمگە ئۇرۇپ.
ۋەتەن ئۈچۈن سەن نېمە قىلدىڭ،
دەپ بىر سوئال قويدى ئالدىمغا.
ئۆزۈم ئۈچۈن ياشىغان تۇرسام ،
كەلسۇن قانداق جاۋاب يادىمغا.
ئىزىم يوقكەن باقسام ئارقىمغا،
قۇل بوپتىمەن نەپسىم-تاۋقىمغا.
مەلئۇن ئىكەن ۋەسۋەسى بىلەن،
يېقىلغىنى ئەسلى ئايغىمغا.
بۇ چۈش ئەمەس دەپ قالدىم تۇرۇپ،
بۇنى قالدى ۋىجدانىم تۇيۇپ.
بەلكى چۈشۈم ماڭا دىمەكچى،
ياشا ئەسلى-ۋەسلىڭنى تۇنۇپ.
رۇستەم قاراسۇ ئاتۇشتا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-13 02:05 PM