گۈلۈم
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان
غەملىرىمگە غەم قوشما سۆيگەن گۈلۈم ،
بېغىم ئارا قۇشلار مۇڭلۇق سايرىماس .
ئەقىدەمگە ھەمرا بولغان گىياھمۇ ،
تىكەن ۋەجى يىلتىز تارتىپ كۆكلىمەس .
غەملىرىمنى ساڭا يۈكلەپ قويغۇم يوق ،
بىرەلمەيمەن ساڭا تاتلىق خۇشاللىق .
مۇڭلىرىڭغا ھەمرا گۈزەل باغ بولسا ،
سۆيگۈڭ بىلەن چىچەك ئاچقىن پۇراقلىق .
مەندە قالسۇن سېنىڭ نازلىق سىمايىڭ ،
چۈشلىرىمگە ھەمرا قىلىپ سىردىشاي .
سەن بەختىڭدە ۋىسال قۇچساڭ شادلىنىپ ،
دەتلىرىمدە ساڭا ئاتاپ كۈي قۇشاي .
ئۇنتۇپ كەتكىن مېنى گۈلۈم دىلىڭدىن ،
ساڭا ئاشىق بۇلبۇل تۇلا جاھاندا .
بەختىڭ كۈلسە بۇلبۇللاردىن ئەۋەتكىن .
ھىدلىرىڭنى ھىدلاپ تۇراي ھەر تاڭدا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-13 04:59 PM