دوكتۇر يۆرگ ھەيدەر Jörg Haider 1950 – يىلى 26 – يانۋار ئاۋستىرىيەنىڭ گمۇندەن ( Gmunden ) ناھىيەسىگەقاراشلىق باد گويزېرن (BadGoisern) شەھرىدە تۇغۇلغان .2008 – يىلى 11 – ئۆكتەبىر قاتناش ۋەقەسىدە ۋاپات بولغان . دوكتۇر ھەيدەرنىڭ ئوقۇش ۋە بىلىم تەھسىل قىلىش جەريانى : 1956 – يىلىدىن 1968 – يىلىغىچە باشلانغۇچۋە گىمنازىيەنى پۈتتۈرۈپ، بىر يىل ھەربى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغاندىن كېيىن 1969 –يىلىدىن 1973 – يىلىغىچە ۋىنا ئۇنىۋېرستېتىدە « قانۇن ۋە دۆلەتشۇناسلىق » كەسپىدەدوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسيەسى ياقلىدى. 1973- يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە ۋىنائۇنىۋېرستېتىنىڭ « دۆلەت ۋە ئىدارە باشقۇرۇش تەتقىقات ئىنستىوتى » دا ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىدى . دوكتۇر ھەيدەرنىڭ سىياسى پارتىيەدىكى پائالىيەتجەريانى: 1970-يىلىدىن 1974 – يىلىغىچە « ئاۋستۇريە ياشلىرى ئەركىنلىك بىرلەشمىسى» نىڭ باشلىقى،1974 – يىلى « ئاۋستىرىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى » مەركىزى كومىتېت ئەزاسى ، 1976 –يىلىدىن 1983 – يىلىغىچە « ئا ئە پ » كەرنتېن ( Kärnten ) ئۆلكىلىك مەركىزىكومىتېتىنىڭ سەكرىتارى، 1983 – يىلدىن 1998 – يىلغىچە « ئا ئە پ » نىڭ كەرنتېن ئۆلكىك باش رەھبىرى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 1986 – يىلىدىن2000 – يىلىغىچە « ئا ئە پ » مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش رەئىسى بولغان . 2000 – يىلى « ئاۋستۇريە ئەركىنلىك پارتىيەسى » مەركىزى كومىتېتىدىكى رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ ، 2005– يىلىى ئاپىرىلدا« ئاۋستۇريە ئىستىقبال بىرلەشمىسى » پارتىيەسىنى قۇررۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچەپارتىيەنىڭ باش رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنىئۆتىگەن. دوكتۇر ھەيدەرنىڭ پارلامنتتىكى جەريانى: يۆرگھەيدەر 1979 – يىلى ئىيۇندىن 1999- يىلى ئاپىرىلغىچە ئاۋستىرىيە قوشما جۇمھۇرىيىتى مەركىزى پارلامېنتىغا « ئا ئە پ » دىن ئۇدا 4 نۆۋەت ( يىگىرمە يىل ) مىللەت ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. دوكتۇر ھەيدەرنىڭ ھۆكۇمەتتىىكى خىزمەت جەريانى: دوكتۇر يۆرگ ھەيدەر 1989 – يىلى ئاپىرىلدىن 2008 – يىلى 11-ئۆكتەبىر ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە يىگىرمەيىلغا يېقىن ئانا ۋەتىنى كەرنتېن ( Kärnten ) ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتبىڭ باش رەئىسى بولۇپ خىزمەت ئىشلىگەن . دوكتۇر ھەيدەرنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى: يۆرگ نىڭ دادىسى نوبېرت ھەيدەر 1930 –يىللىرىدىكى ئاكتىپ مىللەتچى ياشلاردىن بولۇپ، شۇ دەۋرۇدە ئاۋستۇريە دە چەكلەنگەن « گېرمان سوتسىئالىستىكمىللەتچى ئىشچىلار پارتىيەسى » نىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ ئاۋستىرىيەدىن گېرمانىيەگەقېچىپ كېتىدۇ. ئۇ 1938 – يىلى گېرمان ئىشچىلار فرونتىغا قاتنىشىدۇ . ( بۇ فرونت ئەينىۋاقىتتىى گېرمان سوتسىئال مىللەتچىلىرى – ناتسىسلار نىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتىلاتتى ) شۇنىڭدىن بىرەر يىل كېيىنباشلانغان 2 - دۇنيا ئۇرىشىدا « شەرقى فرونت ۋە غەربىى فرونت » جەڭلىرىدە كۆپقېتىم يارلىنىپ، « لېتنانت » ئۇنۋانى بىلەن يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ 1945 – يىلىئۇقۇمۇشلۇق زىيالى دوختۇرنىڭ قىزى دوروتھا ( Dorotha ) بىلەن توي قىلىدۇ. دوروتھا شۇدەۋرىدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى قىزلاردىن بولۇپ، « گېرمان قىز تەنھەركەتچىلىرى » ئىتتىپاقىنىڭباشلىقى ئىدى. 2- دۇنيا ئۇرىشى ئاخرلاشقاندىن كېيىن ئومۇمى كەچۈرۈم بويىچە ھەيدەرنوبېرت ۋە ئايالى ئىجتىمائى ۋە سىياسى جەمئىيەتلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتىگەئېرىشىدۇ. قانۇنلۇق سىياسى پارتىيەلەرگەئاشكارە، چەكلەنگەن « مىللەتچى » پارتىيەلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە يوشۇرۇن قاتنىشىپ ئۆز ئاكتىپچانلىقلىرىنى جارى قىلدۇرىدۇ. دوكتۇر ھەيدەر ئەپەندىنىڭ سىياسى قاراشلىرىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەر : مەرھۇم يۆرگ ھەيدەر يىگىرمە يېشىدىن باشلاپ توپ توغرا 38 يىللىقھاياتىنى ۋەتەن، مىللەت ۋە دۆلەتخىزمىتىگە بېغىشلىغان، ھارماس، پىداكار، قەيسەر ئاۋستۇريە پەرزەنتى ئىدى. ئۇ ئاۋستۇريەنىۋە ئاۋستۇريە خەلقىنى سۆيۈش بىلەن بىرگە ياۋرۇپا تېنچلىقنى سۆيەتتى. ئۇنىڭ پارتىيەئىچىدىكى تەۋرەنمەس ئورنى، ئانا ۋەتىنى كەرنتېن ئۆلكىسىدىكى قەھرىمانلىق ۋەداھىلىق ئوبرازى دەل ئۇنىڭ رېئالىستىكسىياسەتچى بولغانلىقىدىن يارىتىلغان. ھەيدەر ئەپەندى ياۋرۇپالىقلارنىڭ « ياۋرۇپائىمپېراتورلۇق چۈشى » نى خالىمىغاندەك، ياۋرۇپالىقلارنىڭ « ئافرىقا چۈشى » نىمۇكەسكىن رەت قىلاتتى . ئۇ، ياۋرۇپانىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى - شەكلى ئۆزگەرگەن ماھىيىتى داۋاملىشىۋاتقان قول يۆتكەشتۈزۈمى – دەپ قامچىلايتتى . ئاۋستىرىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇپكىرىشىگە باشتىنلا ناقايىل ئىدى. شۇنىڭدەكئامېرىكىىنڭ ياۋرۇپا سىياسىتىگە ۋە ئوتتۇرشەرق سىياسىتىگە كەسكىن قارشى تۇراتتى . ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىچە : ئوتتۇر شەرققە غەرىپچەدېموكراتىيەنى تاڭغىلى بولمايتتى . ئوتتۇر شەرق خەلقى غەرىپچە زامانىۋى ( مودېرن )جەمئىيەت قۇرۇشقا كۆنمەيدىغان، ئۇزاق ئۆتمۈشتىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىگەسادىق، دۆلەت تۈزۈمى، جەمئىيەت شەكلى، تۇرمۇش ئادەتلىرىگىچە زامانىۋىلىقتىن يىراقخەلق بولغاچقا، ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەپىلىشىشكە بولمايتتى، بەلكى ئۇلارنىئۆزلىرى تاللىغان يولىغا قويۇپ بېرىپ، سىرىتتىن مادارا قىلىش لازىم ئىدى . ئۇنىڭپەرىزىچە : نۆۋەتتىكى ياۋرۇپانىڭ گەۋدىلىنىشى 1- دۇنيا ئۇرىشىدا، 2– دۇنيا ئۇرىشىدا قانلىق ئۇرۇش قىلىپ مەقسەتكە يېتەلمىگەنلەرنىڭ باشقا بىر ئۇسۇل بىلەن جەڭ قىلىۋاتقانلىقىئىدى. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئافرىقا ۋەئوتتۇر شەرق پىلانى بىلەن ، ياۋرۇپادىكى بەزەن « ياۋرۇپا گەۋدىچىلىرى » نىڭئوتتۇر شەرق ۋە ئافرىقا پىلانى ئوخشاش بىر يەردىن چىقاتتى . ياۋرۇپا گەۋدىچىلىكىئىشقا ئاشمايتۇرۇپ، ياۋرۇپادىكى بەزەن كېڭەيمىچىلەرنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايتتى. شۇنىڭدەكياۋرۇپا بىر بايراق ئاستىغا، بىربۇيرۇق ئاستىغا كىرمەيتۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇر شەرق ۋە ئافرىقىغا تولۇق كىرىشى خام خيالبولۇپ قالاتتى . دېمەك ، ياۋرۇپا گەۋدىچىلىكى پەقەت ئازساندىكى كېڭەيمىچىلەرنىڭ تۈپ سىياسىتى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەيدەرئەپەندى ياۋرۇپا گەۋدىچىلىكىنى رەتقىلاتتى . دوكتۇر يۆرگ ھەيدەرگە قارىتىلغان زەنجىرسىمان جەڭلەر: دوكتۇرھەيدەر ئەپەندىنىڭ سىياسى قاراشلىرى 1995 – يىللىرىدىنباشلاپ ياۋرۇپا بويىچە نوپۇز تېپىشقاباشلىدى . ئۇنىڭ نوپۇزىنىڭ ئېشىشى كېڭەيمىچىلەرنىڭ چۈشىنى بۇزاتتى. شۇڭا « يولدىكىشېغىل قورام تاشقا ئايلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىۋېتىش كېرەك !» بولۇپ قالدى . ئەگەرھەيدەر ئەپەندى ئوتتۇر شەرق خەلقىنىڭ تېنچ ئامانلىقىنى تەشەببۇس قىلسا، ئاخباراتۋاستىلىرى : يۆرگ ھەيدەر يەھۇدىغادۈشمەنلىك قىلماقچى – دەپ، بوران چىقىراتتى. بۇنداق خەتەرلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشاشئۈچۈن يەھۇدىلارغا دۈشمەنلىكى يوقلىقى توغۇرلۇق ئىزاھات بەرسە، : مانا بۇ يۆرگھەيدەرنىڭ ئككى يۈزىمىچىلىكى! ئۇ سىياسى پوزتىسيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مۇسۇلمانلارغاقارشى تۇرىۋاتىدۇ! – دەپ جار سالاتتى. ئۇ، ياۋرۇپانىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى تەنقىتلىسە . ئاخباراتلاردا : مانابۇ سېپى ئۆزىدىن چەتئەللىككە قارشى مىللەتچى، ناتسىست! - شۇئارى ياڭرايتتى . ھەتتائاخباراتتىكى جەڭلەر يېتىشمىگەندەك، پۈتۈن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئۇنىڭغا قارشىئويۇشتۇرۇلغان ئاممىۋى نامايىشلار، ھەيدەرنى ئاۋستۇريە پارلامېنتىدىن قوغلاپ چىقىرىش تەلەپلىرى، ئاچلىق ئېلانقىلىشلار كۈنسىرى ئەدەپ كېتىۋاتاتتى .ھەيدەر ، ئۆزىگە قارىتىلغان بۇ جەڭلەرنىڭ پىلانچىلىرىنىڭ، خوجايىنلارنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، مەۋقىئەسىدىن چېكىنمىدى . كۈچلۈكلەر ئۇنى بىر كېچىدىلا ئەمەل،مەنسەپلىرىدىن ئېلىۋەتسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس ئىدى. چۈنكى ھەيدەرئاقسۈڭەك مۈلۈكدار بولغاچقا، مەنسەپتىن چۈشۈپ كەتسەم، مائاشىمدىن ئايرىلىپ قالسامجېنىمنى قانداق باقارمەن – دەيدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئالپېن چوققىلىرى، بەرېنتال ئورمانلىرى ئۇنىڭ مۈلكى بولغاچقا، يىگىرمە يېشىدىن باشلاپلا دۆلەت مىقياسىدامەنسەپ تۇتقان بولغاچقا، ئۇ مەنسەپنىڭ قۇلى ئەمەس، بەلكى مەنسەپ ئۇنىڭ قۇلى ئىدى .لېكىن يوشۇرۇن خوجايىنلار ئويلىمىغان يەردىن ھەيدەرنىڭ پۈكۈلمەس ئۇمرۇتقىسىنى بىراقلا سۇندۇرىۋېتىش پىلانىنى تۈزۈپ،يېڭى بىر ئويۇننى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتى : ئالپېن چوققىلىرىنىڭ ، بەرېن تالئورمانلىرىنىڭ، يايلاقلار نىڭ ھەقىقىمىراسخورى مانا مەن!- دەپ ، بىر يەھۇدى ئايال ئوتتۇرغاچىقتى . 1933 – يىلى ناتسىسلار ئۇنىڭ قېرى، تۇل بىچارە ئاپىسىنى بوزەك قىلىپ، ئالپېن چوققىسىدىكى يەرمۈلۈكنى ئەزان باھادا سېتىۋالغانمىش! شۇڭا مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بەرمىسە بولماسمىش! –بۇ ئېغۋامۇ ئالدىنقى ئېغۋالاردەك ئوخشاشبىرلا ئاخبارەت مەنبەسىدىن ئوتتۇرغا چىققان . ( بۇ ۋاقىت دەل ھەيدەرنىڭ ئىستىپا بېرىشىنىڭ ھارپىسى ئىدى ) لېكىن ھەيدەر يەنىلا باش ئەگمىدى . شۇنداقتىمۇ بارغانسىرىئاينىپ كېتىۋاتقان تاشقى ۋەزىيەتتىكى دۈشمەنلىكنى پەسەيتىش تاكتېكىسىنى ئىشقاسېلىپ، 2000 – يىلى «ئ ئاۋستۇريە ئەركىنلىك پارتىيەسى » مەركىزى كومىتېتىدىكى رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىنئىستىپا بەردى . دوكتۇر يۆرگھەيدەر نىڭ ئالپېن چوققىسىدا قانات قېقىشى : دوكتۇر يۆرگ ھەيدەر « ئا ئە پ » مەركىزى كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىدىنئىستىپا بەرگەندىن كېيىنمۇ كەرنتېن ( Kärnten) ئۆلكىلىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭباشلىقى ۋە ئۆلكە رەئىسى بولۇش سالاھىيىتىبىلەن، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى كۇچىدىن قالمىغان ئىدى . ھەمدە ئۇئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسى تەجىربىسىگە ۋە نوپۇزىغا تاينىپ ئاۋستۇريەنىڭ ئىچكىۋە تاشقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش يولىدا يېڭى بىر ھەرىكەت باشلىدى. بىر ياقتىنئوتتۇر شەرق ۋە ئافرىقا ئەللىرىگە سەپەر قىىپ، دىپلۇماتىيەنى كۈچەيتسە، بىر ياقتىندۆلەت ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ئۇچرۇشۇش پائالىيىتى تەشكىللەپ يېڭى بىر سىياسى ئېقىمغا مەيدانھازىرلىدى . نىتىجىدە 2005– يىلىىئاپىرىلدا « ئاۋستۇريە ئىستىقبال بىرلەشمىسى » پارتىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى . بۇ پارتىيەنىڭ مەقسەت - نىشانى « ئاۋستۇريە ئەركىنلىك پارتىيەسى » نىڭ مەقسەت – نىشانىبىلەن ئۆز – ئارا تولۇقلاش پىرىنسىپىغا ئىگە بولغاچقا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئاۋستۇريەنىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىدە خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن يۆرگ ھەيدەر ئەپەندى قوش قاناتچىقىرىپ، ئالپېن چوققىلىرىدا پەرۋاز قىلىش ئىمكانىيىتىگە تولۇق ئىگە بولدى. ئۇنىڭھەر ئىككى پارتىيەسىدىكى مىللەت ۋەكىللىرى ھەرقايسى ئۆلكە پارلامېنتلىرىدا، مەركىزى پارلامېنتتا تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئىگەللەشكە باشلىدى . ئاۋستۇريەنىڭئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى « ھەيدەرچىلەر » ئېقىمىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغانۋەزىيەت شەكىللەندى. شۇنىڭ بىەن ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ماقۇللىنىدىغان نۇرغۇنلىغان قاتمال، خاتاقارارلارغا چەك قويۇلدى. چۈنكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈزۈمىدە تولۇق ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ « ۋېتو قىلىش » ھوقۇقى بولغاچقا، ئىچكى ، تاشقى سىياسەت ۋە قارارلاردا بىرەر دۆلەت رەت قىلسا، ياكى چېكىنسە ئوتتۇرغا قويۇغان پىلان، لاھىيەماقۇللانمايدۇ. ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلماقچى بولغان قارار ئالدى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلۇپماقۇللانغان بولۇشى كېرەك. مانا بۇ ئەۋزەل شارائىت « ھەيدەرچىلەر » ئېقىمىنىڭ ياۋرۇپا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىگەپۇرسەت بولغان ئىدى. دوكتۇر يۆرگھەيدەر گە قارشى ئاخىرقى جەڭلەر: « ھەيدەرچىلەر » ئېقىمى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ « ئوتتۇرشەرق، ئافرىقا چۈشى » نى بۇزىدىغانكۈشەندە بولۇپ، بۇنى تېنجىتىش مۇھىمسىياسەتنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. خۇددىئالدىنقى جەڭلەردىكىگە ئوخشاش مىديە ئۇرىشى قوزغالدى : ھەيدەر ئەپەندى 2002 – يىلىئىراق سەپىرىدە دېكتاتور ساددامنى ھىمايە قىلىش ۋەدىسى بىلەن بەش مىلىيون ( 000000 5 ) دوللەر ئالغانمىش، شۇ پۇل بىلەن بىر پارتىيەنى قۇردى، بەرگەنۋەدىسى بويىچە دېكتاتور ساددامنى ھىمايە قىلىۋاتىدۇ.... ھەيدەر ئەپەندى ئافرىقا سەپىرىدە دېكتاتوركادداپى بىەن تىل بېرىكتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن قىرىق بەش مىلىيون ( 000000 45 ) ياۋرۇ ئالغان، شۇڭا ئۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقاسىياسىتىگە قارشى تۇرىۋاتىدۇ.... ھەيدەر ئەپەندى دېكتاتور كادداپىنىڭ ئوغلى سەيپۇل ئىسلام بىلەن ئاشنادارچىلىقى بارمىش –توۋا خۇدايىم ! - مانا مۇشۇنداق ئېغۋاار بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى ئۆچرەتتە ئىدى. بىراق « ئىت ھۈرەر كارۋان يۈرەر » دەپ، ئېغۋاچىلارنىڭ نېمىلەرنىدېيىشىدىن قەتئىنەزەر ھەيدەر ۋە «ھەيدەرچىلەر » « ئالپېن چوققىسىدىكى ئاخىرقى نىشان » غا – ئاۋستۇريە مەركىزىپارلامېنتىنى ۋە ئاۋستۇريە مەركىزى ھۆكۈمەتنى قولغا ئېلىشقا قاراپ ئىلگىرلەيتتى. كەرنتېن قۇياشى يەرگە يىقىلدى: ئۇلار كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كۈرەش قىلماقتا ئىدى. ئاۋستۇريە خەلقىنىڭ بەخىتسائادېتى ئۈچۈن، ياۋرۇپانىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇر شەرق ۋە ئافرىقانىڭ تېنچلىقىئۈچۈن تۈزگەن پىلان ، پروگراملىرىنى تەشۋىقات قىلىپ ئاۋستۇريە خەلقىنى جەلىپقىلماقتا، ئويغاتماقتا ئىدى. بىراق 2008 –يىلى 11 – ئۆكتەبىر كېچە سائەت 1 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە دوكتۇر يۆرگ ھەيدەرئەپەندى ئۆزى ھەيدىگەن ماشىنىسىدا قاتناش قازاسىغا ئۇچراپ، نەق مەيداندا ئالەمدىنئۆتتى. لېكىن ئۇنىڭ سىياسى كۈرەشلىرى ئۇ« ئۆلتۈرۈلۈپ » بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ كەڭقوللاشقا ئېرىشمەكتە. چۈنكى ھەيدەر ئوتتۇرشەرق ۋە ئافرىقىنىڭ بۈگۈنكى قانلىق مەنزىرىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئالدىنىئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىغان ئىدى. ھەيدەرنىڭئۆلۈمى توغرىسىدىكى پەرەزلەر: -... ئۇنىڭ ماشىنىسىغا كىچىك تىپتىكى پارتىلاتقۇچئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىشى مۇمكىن.....، ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئېلېكتېر سېسىتمىسىغايىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئاپارات ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىشى مۇمكىن....شۇنىڭدەك يۈزمىڭلارچە پەرەزەر ئوتتۇرغاقويۇلدى ۋە داۋاملاشماقتا. قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى ھېچكىمنىقايىل قىلالمىدى. چۈنكى ئۇ ئاخىرقى پائالىيەتتە مېنىرال سۇدىن باشقا نەرسەئىچمىگەن . ئەدلىيەنىڭ دىلو تەكشۈرۈشدوكلاتىغا ھېچكىم ئىشەنمىدى. چۈنكى ھەيدەر ئاخىرقى نىشانغا قاراپ پەرۋاز قىلىۋاتقان تۇرسا، نېمىشكە ئۆز – ئۈزىنىماشىنا قازاسىغا ئۇچۇرتۇپ ئۆلىۋالغۇدەك! ھەيدەر ئۆزىنىئۆلتۈرىۋالغۇدەك قورقۇنچاق بىرى ئەمەس،بەلكى ئۇ ئالپېن بۈركىتى تۇرسا! ئۇ ئۆزىنىئۆلتۈرىۋالغۇدەك پەسكەش جىنايەتچى ئەمەس،بەلكى ئۇ ئاۋستۇريە ئاق سۈڭەكلىرىنىڭ بىرىتۇرسا! دوكتۇر يۆرگھەيدەر ئايالى بىلەن ئىككى قىزىنى ئارقىداقالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ چوڭ قىزى ئۇلرىكە ھەيدەر (Ulrike Haider ) « ئاۋستۇريە ئىستىقبال ئىتتىپاقى »پارتىيەسىدە ئۇ ياققان مەشئەلنى يالقۇنلاتماتقا. ( يۆرگ ھەيدەرئەپەندى ھەققىدىكى بۇ خاتىرە ئۇنىڭ قىسقىچە بىوگراپىيەسىنى تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا تەييارلاندى. )
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" j C4 {+ ]4 R" Dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 K" M- C6 D! ^; j% ~; _4 O* e
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 E( u D7 T$ }بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 e0 T% ]7 \8 `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 {+ U( N# ~2 c( E9 m2 t
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 J" Q4 N0 x% R+ Oبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ [6 A0 w: q3 F0 P8 _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% V0 M+ }! J4 N2 eبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ @; a; }0 k6 k" Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 x2 ~0 V4 X3 s بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-13 08:08 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ O8 {- z1 n+ m/ P, s1 d4 n- Vبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 z+ p" f/ W3 V7 N& y5 ]+ D
|