بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 k* ]$ L( C) i
دۇنيا مىھرى- مۇھاببەت بىلەن گۈزەل
«ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلارئۇيۇشمىسى» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى خالامسىز ؟ «ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى» ھاۋاگۈل تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى مىللەت ئىشقىدا، مىللى مائارىپ ئىشقىدا ئوت بولۇپ يانغان، كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇ-غايىلارنى پۈككەن رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيەلىرىدىن ئىختىيارىي يوسۇندا ئۇيۇشقان مىھرى ئاتەش باغۋەن شۇنداقلا ھەرقايسى كەسپتىكى ئىلغارئىدىيىلىك، مەرىپەتپەرۋەر، سېخى ساخاۋەتچىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەخسەتتە ئۆز ئارائۇيۇشىشى نەتىجىسىدە 2013-يىلى 12-ئايدا تور دۇنياسىدا يېپ-يېڭى قىياپەت بىلەن دۇنياغا كەلدى. ئۇيۇشمىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ساخاۋەتچى مېھرىبانلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى نەتىجىسىدەئەزالار قوشۇنى كۈنسېرى زورايدى، ئىختىسادى ئاساسىمۇ كۆچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللەشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرست جەمىيىتىنىڭ نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ھەممىمىزگەمەلۇم، دەۋر قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى يوقۇرى كۆتۈرۈلۈپ، قىممەت قارىشى يېڭىلىنىپ ئۆزىگە، جەمئىيەتكە، جۈملىدىن كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئېسىل كەيپىيات شەكىللەنمەكتە. دىيارىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىللىقلىق، مېھرىبانلىق غۇنچىلىرى پورەكلىمەكتە ! جۈملىدىن مەزكۇر ئۇيۇشمىمىزمۇ پارتىيەنىڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرىنى قىزغىن ھىمايە قىلىپ،كوللىكتىۋىزىملىق روھنى چىقىش قىلىپ، ئىناق-ئىتتىپاق جەمئىيەت قۇرۇش چاقىرىقىغايېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، بىرەيلەن قىيىنچىلىقتا قالسا ھەممەيلەن تەڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشتەك گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتنى شوئارقىلىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى، مۇزلىغان قەلبلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىش ھەم تەرەپ-تەرەپلەردىكى ئۆسمۈر بالىلىرىمىزنى ھەر جايدا تۇرۇپ ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلار ئۈچۈن قايغۇدا تەڭ يىغلاپ، خۇشاللىقتا تەڭ كۈلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغاياردەمدە بولۇپ، ئۇلارنى غەم-ئەندىشىسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇرۇش ھەم ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، ئاز بولمىغان ئەمىلى خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 8–كۈنى ئۈرۈمچى شەھرى شىمالى قۇۋۇق(بېيمىن) بالىلار دوختۇرخانىسىدا ئاققان كېسىلىگە قارشى داۋالىنىۋاتقان 6ياشلىق بىر ئۆسمۈرگە 2000.00 يۈەن نەخ پۇل بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈلۈپ، ئۇيۇشمائەزالىرىنىڭ بۇ ئۆسمۈرگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتى ۋە سەمىمى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇرپان شەھەرلىك يار ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئايدىڭكۆل ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 7 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 1000.00 يۈەن قىممىتىدە ئوقۇش قوراللىرى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سۇنۇق كۆڭلىدە ئۈمىد شامى ياندۇردى. 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاقسۇ ئاۋات ناھىيە غوروچۆل بازارلىق قارداش كەنت يۇلغۇن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 37نەپەر ئوقۇغۇچىغا 3000.00 يۈەن قىممىتىدە مەكتەپ فورمىسى، ئوقۇش قوراللىرى،تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى تارقىتىپ، «ئىللىق ئائىلە» مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسىدىكى ساخاۋاەتچى مېھرىبانلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇشىغا بولغان ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى. 2014-يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن كېرىيە ناھىيىمىزدە 7.3بال قاتتىق يەر تەۋرەپ، ئاپتونۇم رايونىمىزنى، جۈملىدىن پۈتۈن مەملىكەتنى زىل-زىلىگە سالدى. گەرچە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ ئەمما 10مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى ۋە چاك كەتتى، بىۋاستە ئىختىسادى زىيان نەچچەمىليون يۈەنگە يېتىپ، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىۋى ناھايىتى زور زىيانغا ئۇچرىدى. بۇ خەۋەرتاراتقۇلار ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغاندىن كېيىن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە،ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، كادىر، ساقچى، ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر جىددى ھەركەتكە كېلىپ،خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداش، ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئاتلاندى. ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىلىرىدىكىمىللى كارخانىچىلار، يەككە تىجارەتچىلەر، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى تەڭھەركەتكە كېلىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتاقۇرۇش خىزمىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن نەچچە مىليون يۈەن نەخ پۇل ۋە نەچچە مىليون يۈەنلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلىپ، قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى يەتكۈزدى. مۇشۇ قاتاردا «ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى»دىكى ساخاۋەتچىلەرمۇ قاراپ تۇرماستىن 6000 يۈەن قىممىتىدىكى ھال سوراش بويۇملىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلىدى. 2014 – يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۇنى بېشىغا ئۆسمە چىقىپ قالغان بىر بالىغا 4100.00 يۈەن نەخ پۇل بىلەن يارىدەم قىلدى. 2014– يىلى 5- ئاينىڭ 9- كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 56- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ھەر مىللەتتىن بولغان 20 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 3200 يۈەن قىممىتىدىكى كىيم كىچەك، ئاياق، سومكا ۋە ئوقۇش قوراللىرى تارقىتىپ بېرىلدى . 2014– يىلى 5- ئاينىڭ 29 – كۈنى قومۇل شەھەرلىك قارادۆۋەمەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 10 نەپەر ئوقۇغۇچى بىلەن قارادۆۋە « قوش تىل » بالىلار باغچىسىدىكى 20نەپەر ئوقۇغۇچىغا 3600.00 يۈەن قىممىتىدىكى كىيىم كىچەك ئوقۇش قوراللىرى ياردەم قىلىندى. 2014 – يىلى 7- ئايدا جۇڭگو مىللەتلەر ئىنىستىتوتى چەتئەل تىللىرى فاكولتېتى 2011-يىللىق ئېنگىلىز تىلى تەرجىمانلىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شىخولۇق سىڭلىمىز مەدىنە پەيزۇلغائۇيۇشما ئەزالىرى سەپەرۋەر قىلىنىپ 3200يۈەن ئىئانە توپلاندى ھەم بۇ توپلانغان پۇل دەل ۋاقتىدا بۇ قىزنىڭ بانكا كارتىسىغائۇرۇلدى . 2014– يىلى 8- ئاينىڭ 8، 9- كۈنلىرى ئۇيۇشمىمىزنىڭ قومۇلدىكى ئەزالىرى ئىختىيارى ئاساستائىئانە توپلاپ ، قومۇل شەھەرلىك ساناتورىيە بىلەن بىر قىسىم نامرات ئائىلىلەرنى يوقلاپ جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر قوزغىدى . 2014- يىلى 9- ئاينىڭ 25 – كۈنى توققۇزتاراناھىيە تاشتۆپە يىزا ئۆرلەش باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 20 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ھېىيىتلىق كىيىم –كىچەك، ئاياق قاتارلىق بۇيۇملار ئارقىلىق بارلىق ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىللىق كۆڭۈللىرى يەتكۈزۈلۈپ بىر قىتىملىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. 2014- يىلى 9- ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت بايرىمى ۋە قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىللىق ئائىلە »مىھرىبانلار ئۇيۇشمىسى ئاتۇش شەھەرلىك ئازاق يىزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىقتىسادى قىينچىلىقى ئېغىر بولغان جەمئىي 20 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ، چۈشتىن كىيىن قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت باغ يىزا قەدەم جاي مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن توقاي باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 40 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ھېىيىتلىق كىيىم –كىچەك، ئاياق قاتارلىق بۇيۇملار ئارقىلىق بارلىق ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىللىق كۆڭۈللىرى يەتكۈزۈلۈپ بىر قىتىملىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. «ئىللىق ئائىلە»مىھرىبانلار ئۇيۇشمىسى رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپتىكى مېھرىبانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ! ئۇيۇشمىمىز قەلبىگە گۈزەل ئارزۇ-ئستەكلەرنى پۈككەن ھەربىر ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەر ئايدا 20 يۈەندىن ئىبارەت چەكلىك ئەزالىق بەدىلى تۆلەش ھېسابىغاچەكسىز ساۋاپلىق ئىشقا بىللە قەدەم قويۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. «ئىللىق ئائىلە» مىھرىبانلار ئۇيۇشمىسى چەكلىك كۆڭۈل ئىزھارى ئارقىلىق باشقىلارغا چەكسىز ئىللىقلىق ۋە مېھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار!!!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 R/ v6 L* I, v7 g6 _% |5 j% Y
مەنبە: «ئىللىق ئائىلە» مىھرىبانلار ئۇيۇشمىسى
|