مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1312|ئىنكاس: 6

ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىچىشتە دىققەت قىلدىغان ئىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 09:16:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىچىشتە دىققەت قىلدىغان ئىشلار


ۋىتامىن _ ئادەم تېنىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئوسۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىدىن ئىبارەت. بىراق بۇ، بەدەندە ۋىتامىن ماددىسى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ۋىتامىنلارنى قالايمىقان ئىچىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىسى بولمايلا قالماي ئەكىسچە زىيىنى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئۇنداقتا قانداق كىشىلەر ۋىتامىن دورىلارنى ئىچسە بولىدۇ؟ تۆۋەندە ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىچىش توغرىسىدىكى بىرقىسىم كۆرسەتكۈچىلەرنى تونۇشتۇرىمىز.

1. ئاسان ھېرىپ-چارچايدىغان كىشىلەر ھەركۈنى ۋىتامىن C دىن 300~500 مىللىگىرام، ۋىتامىن B1 دىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ھېرىپ-چارچاشنى تۈگۈتىش ئۈنىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
2. كۈچلۈك ھەركەت ياكى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ھەركەت ياكى ھەركەت جەريانىدا بەدىنىدىن چىققان تەر بىلەن بىرگە زور مىقداردا ۋىتامىن C نى چىقىرىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى ھەرىكەت قىلىشتىن ياكى ئەمگەك قىلىشتىن ئىلگىرى 500~300 مىللىگىرام ۋىتامىن C نى ئىچۋەتسە بەدەندىن چىقىپ كىتىدىغان ۋىتامىن تولۇقلىنىپ ،سالامەتلىككە زىيان يەتمەيدۇ.
3. ۋىتامىن A يېتىشمەسلىك كېسەللىكى:مەسىلەن ، تېرىسى يىرىك ۋە قۇرغاق بولۇش، مۈڭگۈز پەردىسى يۇمشاش كېسەللىكى، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسەللىكى، نامازشام قارىغۇسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ھەركۈنى 50 مىڭدىن 75 مىڭ بىرلىككىچە ۋىتامىن A ئىچىپ بەرسە يۇقارقى كېسەللىك ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىسى بولىدۇ.
4. قان ئازلىققا مايىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر تۆمۈر ماددىسى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ھەر قىتىملىق تاماقتىن كېيىن 300 مىللىگىرام ۋىتامىن C نى تولۇقلاپ ئىچىپ بەرسە بەدەننىڭ تۆمۇر ماددىسىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
5. دائىم قەۋزىيەت بولۇپ قالدىغان كىشىلەر ھەركۈنى ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن بىر ئىستىكان قايناق سۇ بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى ۋىتامىن C نى ئىچىپ بەرسە قەۋزىيەت ئوڭشىلىپ ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6. سۆڭىكى چۈرۈك كىشىلەر يىتەرلىك مىقداردا كالتسىي ماددىسىنى تولۇقلاپ تۇرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 500 مىللىگرام ۋىتامىن C ئىچىپ بىرشى كېرەك.
7. رېماتىزىم، نېرۋا ياللۇغى، ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى، مەركىزى نېرۋا ياللۇغى سىستېمىسنىڭ زەخىملىنىشى،ئىشتېھا تۇتۇلۇش،ئوزۇقلىنىش ناچارلىق، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ھەركۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن B1 نى تولۇقلاپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
8. 50ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ھەر كۈنى 250 مىللىگرامدىن 500 مىللىگرامغىچە ۋىتامىن C ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
9. قان بىسىمى يۇقىرى كىشىلەر ھەر كۈنى 3 قېتىم ۋىتامىن C غا E نى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
10. قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى كىشىلەر ھەر كۈنى ۋىتامىن C دىن 500 مىللىگرام ئەتراپىدا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

مەنبە:‹‹ئائىلەۋە ساغلاملىق›› دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى
مۇنبەرگە يوللۇغۇچى: ھەممىمىز يولدا  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 11:49:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساغلاملىقىمىزنى ساقلاشتا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ياخشى تىمىنى
يوللاپسىز، رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1017
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 11:52:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



         پايدىلىق تېما ئىكەن. يوللىغۇچىغا رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 11:25:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە . مۇشۇ ئاياللار ۋىتامىنC بىلەن E  نى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە ياخشى دەپلا ئاڭلىغان ئېدىم . ئەمدى تەپسىلى چۈشەنچىگە ئېگە بولدۇم . رەھمەت سىزگە

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 11:48:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جانمۇ كېرەك. تىرىكچىلىك،غايە-مەقسەدلەر ئۈچۈن!
ئىلمىي ئۇسۇللار ئىكەن.رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 01:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز كۆپ رەھمەت ، قانداق ۋىيتامىن ئىچىشىم كېرەكلىكىنى بىلۋالدىم .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108846
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 10:29:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ياخشى تىما يوللاپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش