دېھقانلار كۈزلۈك يىغىم –تېرىمنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە مول –ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن ،ھەممە كىشىنىڭ چېھرى قۇياشتەك پارلاپ تۇرغان،قۇياش سېخىي ئالتۇن نۇرلىرىنى كەڭ زىمىنغا ئايىماي تۆككەن،خاسىيەتلىك كۈز ئايلىرىدا ،شادلىق ئۈستىگە شادلىق قوشۇلۇپ ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان ئۇلۇغ قۇربان ھېيت يېتىپ كەلدى. ئۆي –ئۆيلەردە قۇربانلىق قىلىش،ھېيتلىق دەستۇرخانلارغا تەييارلىق قىلىش،پەرزەنتلەر ئاتا –ئانىلارنى يوقلاش،چوڭلار ئۆزئارا ھېيتلىشىشتەك ئەنئەنىۋى قائىدىلەر داۋاملاشماقتا.بالىلارنىڭ چېھرىدىكى ھېيتلىق ئالغاندىكى خۇشاللىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى.گۈلگۈن چېھرلەرددىن جىلۋىلىنىۋاتقان شادلىق كۈلكىلىرى بۇ ئۇلۇغ ھېيتىمىزنىڭ خاسىيىتىنى يەنىمۇ نامايەن قىلىپ تۇرماقتا،بۇ خاسىيەتلىك قۇربان ھېيتىنى قۇتلۇقلاش ھەم يەنە بىر تەرەپتىن مۇنبەردىكىلەرنىڭ تېخىمۇ ئىجىل -ئىناق بولغان دوستلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يۈززىسىدىن مۇنبەردىكىلەر ئۆزئارا ھېيتىلىشىنى ئويلاشقان ئىدۇق.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدى بىلەن ياشتا كىچىك بولسىمۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق بىزگە مىسرانىمدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ئائىلىنى،سىرداشلار سورۇنىنى ھازىرلاپ بەرگەن، ھۆرمەتتە چوڭ ( ئابابەكرى مۇختەر ) مىسرانغا يول قويۇپ ‹‹ھۆرمەتنىڭ ئالدىنى بېرەيلى،ھېيتىلق چاينى ئالدى بىلەن مىسرانىم باشلىسۇن›› دەپ ئولتاساق ،ئۇنىڭدىن ھېچبىر سادا يوق، مىسرانىمدىكى ھابابام ئەزالىرىمۇ بوش ئەمەس، شۇڭا بىرنەچچىمىز بىر بولۇپ ‹‹ئالدى بىلەن ھېيتئلق چاينى مىسرانىم باشلاپ يول ئېچىپ بەرمىسە ،بىز قانداق باشلايمىز...›› دەپ ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىپلا ئالدۇق. ئامالسىز قالغان مىسرانىم ھېيتىلىق چاي بەرمەكچى بولدى،بىراق ما ئىشنى كۆردۈڭلارمۇ ؟ بۇ قاقباش، پىخسىق مىسرانىم چىقىمغا چىدىماي ،مۇنبەر پۇللىرىغا ئۈرۈمچى كەچلىك بازارنىڭ بىر تەخسە سېرىق ئېشى بىلەنلا مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتىلق چاي بېرىپ بولدى قىلىپ ،قۇيرىقىنى خادا قىلىپ قاچماقچى بوپتۇ.بىز بوشما...؟ھى...ھى....ھى...
مىسرانىمنىڭ بۇ پىلانىنى يوشۇرۇنچەھۆكىمىرانغا ئېيتىپ مەسلىھەت سېلىۋاتقىنىنى ما جىلۋە ئاڭلاپ قاپتىكەن، بۇ گەپنى كۈفرەتكە ئېيتىپ قويۇپتۇ.كۇفرەت ماڭا يەتكۈزدى،مەنمۇ ئۇنچە ئاغزى چىڭلاردىن ئەمەستە، دەرھاللا بۇ خەۋەرنى كەترەنگە، زۇمرەتكە، بۆجانچاق،سانچاي،تاڭنۇر...ئىشقىلىپ خېلى كۆپ ئەزالارغا ئۇچۇر ئارقىلىق يەتكۈزىۋەتتىم. قالغانلارمۇ بىرسى -بىرسىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق خېلى كەڭرى تارقىلىپتۇ مىسرانىمنى ھېلىقى ئاقماس ھېيتىلىق چاي بېرىش پىلانى...
شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەزالار تەرەپ -تەرەپتىن تېلىفون، قىسقا ئۇچۇر دېگەننى ياغدۇرىۋەتكەن گەپ مىسرانىمغا.ۋاھ..ۋاھ...بۇ تېلىفون ئۇچۇرلاردىكى گەپلەرنىڭ ئاچچىق -چۈچۈكلىكىنى دېمەيسىلەر...بىچارە مىسرانىم ئاچچىق-تاتلىق،مېزىلىك-سېسىق گەپلەرگە چىدىماي ‹‹بولدى›› دەپلا مەيدىسىگە چېكىپ ،مۇنبەرنىڭ چوڭ زالىدىلا بەرمەكچى بولدى.بۇ مىسرانىمخانمۇ ئۇنچە بوش ئەمەس،ئەلۋەتتە چاي چىقىملىرىنى ئازىراق بولسىمۇ تېجەش ئۈچۈن مىراس،ئەلدوست،ئارمان...قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ باش لىدىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ،بۇ خەۋەرنى كىمدىن ئاڭلىغىنىم ئەلۋەتتە مەخپىي....ھى..ھى..ھى..
ئاشپەزلىككە ئادەم تەكلىپ قىلسا مۇنبەر پۇلىنىڭ چىقىم بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى بۇ پىخسىق مىسرانىم، شۇڭا تاماق چىقىرىشقا ئەزىزان،باياۋان،چاپلىن،ئۇيغۇرۇم،تەشنا،يۇرتۇم.......قاتارلىق مۇنبەردىكى مۇھىم ئەرباپلارنى يىغىپ ،ئۇلارغا يالۋۇرۇپ -يېلىنىپ يۈرۈپ ئاران تەستە ماقۇل قىلدى.ئەمسە مىسرانىم بەرمەكچى بولغان ھېيتىلق چايغا مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالارنى مىسرانىم نامىدىن تەكلىپ قىلىمەن.( تەكلىپ قىلىشنى مىسرانىمغا قويۇپ بەرسەك،كۆپ چىقىم بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، مۇنبەردىكى ھەممەيلەننى تەكلىپ قىلمايدۇ ھەقاچان)
قېنى ئەمسە ،ھېيتىلق چايغا كېچىكىپ قالماي بالدۇرراق كېلىشىپ بېرەرسىلەر.ئىشى چىقىپ قالغانلار كەلمىسەڭلەرمۇ بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا مىسرانىمغا چىقىم ئاز بولىدۇ.
ھېيتىلق چېيىمىز باشلاندى...ئەمسە چېيىمىزغا مەرھەمەت.
قالغان كام -كۇسىلار سىلەر كەلگەندىن كېيىن ھەرقايسىڭلارنىڭ چېۋەر قوللىرى ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ. ( ئەنسىرەپ كەتمەڭلار -ھە بىزنى ئىشقا سالارمىكىن دەپ.سىلەرگە قىلىدىغان ئىش پەقەت ئۇسۇل -پۇسۇل ئويناش،ناخشا -پاخشا ئېيتىش، چاي دەستۇرخانلىرىغا تىزىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش،ئانچە -مۇنچە يەپ بېرىش...)دېگەندەك....مىسرانىمدىكى ئارتىستلىرىمىزمۇ مىسرانىم باشلىق ئۇيۇشتۇرغان بۇ ھېيتلىق چايغا ئاز تەييارلىلارنى قىلمىدى، مىسرانىممۇ ئاز چىقىم قىلمىدى بۇ چايغا.لېكىن مىسرانىم قىلغان چىقىملىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئاۋارە بولماڭلار.ھېيتلىق چايغا قۇرۇق كەلمەسسىلەر ھەقاچان؟بارلىق چىقىملارنى چايغا كەلگەنلەرنىڭ سوۋغاتلىرىدىن تىرىلدۈرىۋالىدۇ بۇ مىسرانىم دېگەن پىخسىق ... ھى...ھى....ھى...
قېنى ئەمسە،داستىرخانغا مەرھەمەت.....
...كۆڭلۈڭلاردا قايسىسىنى يېيىشنى پىلانلاپ قويارسىلەر.بىراقزە يەۋالماڭلار -ھە... چايدا كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ بېرەرسىلەر...ئەمسە داستۇرخىنىمىز چۆپچىل بولۇپ قالدى... مىسرانىم ئۈچۈن مەن ئەپۇ سورايمەن...كۆڭۈللۈك ئوينىغايسىلەر.. ...
مەنبە : ئۆزۈمنىڭ خىيالى ۋە بەيدۇدىكى رەسىملەر....