چاندۇردى
abdurehim zunun
بۇرادەر، تاش بىلەن قەلەي گۆھەر، ئالتۇننى چاندۇردى،
تۈتەپ تۇرغان سامان بۇ دەم ئۇلۇغ يالقۇننى چاندۇردى.
ئېرىقتا كىركىراپ ئاققان ئېقىن مەيدە كېرىپ ھەر دەم،
ئەزىم دەريادىكى ھەيۋەت قىيان - دولقۇننى چاندۇردى.
شامالغا دەم ئۇسسۇل ئويناپ ئۇچۇپ يۈرگەن بىزەڭ قامغاق...
بوران ئالدىدا تىك تۇرغان جەسۇر يۇلغۇننى چاندۇردى.
گۈزەل گۈلزاردا مەۋقەسىز ئۈزۈپ يۈرگەن كېپىنەكلەر،
گۈلى ئىشقىدا بۇلبۇلدەك كى چىن مەجنۇننى چاندۇردى.
بولۇپ ھەيران، ياقامنى چىڭ سىقىپ «توۋا!» دېدىم تەكرار،
پۇچەك داندىن بولۇپ ھاسىل كېپەك ئاق ئۇننى چاندۇردى.
قىلىندى نەچچە ساز تەڭكەش، قۇلاق تولغاندى- سازلاندى،
بوشاپ تەمبۇردا بىر تال سىم مانا ناخۇننى چاندۇردى.
كۆرۈڭ، ئابدۇرېھىم دەيدۇ: «ياقا پەش، پەش ياقا بولدى»،
نادانلار ھەر قەدەمدە بىر زېرەك - تۇيغۇننى چاندۇردى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-11 07:37 PM