بىر ئايال
(مۇۋەششەھ)
(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە)
ئاھىنى يۈدۈپ خەلقنىڭ بىر ئايال،
كېلىدۇ كۈلۈپ قوياشتەك بىمالال.
لەۋزى قىلغان ھەق سۆزىدىن ئۈندى گۈل،
سۆيدى ئەل-يۇرت،چوڭ بىلىپ ھەتتا شامال.
تەبىرىمدىن ئەل سۆيۈنسە....دەيدۇ ئۇ،
رازى قەددىم خەلقىم ئۈچۈن بولسا دال.
ئۇ دىمەك خەلقىم تىبابەت دورىسى،
ئۇ شىپا خەلقىم دىلىغا، ئۇ ھالال.
نۆۋىتى كەلسە ئاۋامغا ئەجەلنىڭ،
«مەن باراي!»دەپ دەست تۇرىدۇ ئەڭ ئاۋال.
گال ئەمەس ئەقلى-ھۇشى ھەر چاغ تېرەن،
نەدە تەشۋىش شۇندا پەيدا بىھايال.
ئۈندىمەي خەلقىمنى ھەققە ياشىسام،
دەيدۇ:«كۆز يۇمسام قىيامەت ئىش كاشال».
لاپ ئەمەس ئېيتقانلىرى ھېكمەتكە تەڭ،
نائۈمۈد قالماس كىشى سورىسا سۇئال.
رىغبىتى رىغبەتكە بولدى كۈچ-مادار،
سۆيگۈسى قىلدى ئاتەش دىلنى لال.
ئەجرى پۇرەك ئاچتى ھەر گۈل قاتىدا،
ئەلگە قىلچە بولمىغاچ غوم، كىبرۇ-ھال.
جامىنى لىق تولدۇرۇپ چىن سۆيگۈنىڭ،
تۇتتى ھۆرمەتتە ئاۋامغا، بەردى بال.
ئەل قىلىدۇ ئەلگە كەلگەن غەمنى ئۇ،
ئەقلى-ھۇش، پەم-دىت بىلەن تېپىپ ئامال.
پەر قېقىپ ئەل كۆكىدە سالغىن ساما،
چاڭقىغان خەلقىمگە دىل تارىڭنى چال.
مەنبە: ئابلەت ئوسمان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (شەيدا) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-11 06:48 PM