مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 745|ئىنكاس: 12

‹‹كۈلتۈر›› ۋە ‹‹مەدەنىيەت›› ئۇقۇملىرى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91567
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 513
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2014-10-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹كۈلتۈر›› ۋە ‹‹مەدەنىيەت›› ئۇقۇملىرى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

يۈسۈپجان ياسىن  

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ d& l* V8 I9 C% K) W' w

‹‹كۈلتۈر›› بىلەن ‹‹مەدەنىيەت›› تىن ئىبارەت  بۇ ئىككى ئۇقۇم 18- ئەسىردىن باشلاپ غەربلىك تارىخشۇناسلار، مۇتەپەككۇرلار، پەيلاسوپلار، جەمئىيەتشۇناسلار ۋە مەدەنىيەتشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ ئىپادە قىلىدىغان مەنىسى، دائىرىسى ۋە بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى   نۇرغۇن ئالىملارنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، غەربتە بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى قاراشلاردا بەلگىلىك دەرىجىدە ئورتاقلىق شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن غەربنىڭ ئىلىم ساھەسىدە ‹‹culture››(كۈلتۈر ياكى كالچېر)، ‹‹sivilization›› (سىۋېلايزەيشن) دېگەن ئىككى سۆز ئومۇملىشىپ، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئامىللارنى چۈشىنىش ۋە ھەل قىلىشتا  ئېنىق بىر  ئۇقۇم ۋە مېتود مەيدانغا كەلدى. 1915- 1919- يىللاردا جۇڭگودا لۇشۇن ۋە چېن دۇشيۇ قاتارلىق زىيالىيلار يېتەكچىلىك قىلغان ‹‹يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى›› ئېلىپ بېرىلىپ، خەلقئارادىكى ناھايىتى نۇرغۇن كىلاسسىك كىتابلار خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ئىلغار ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋىي قاراشلار تۇنۇشتۇرۇلدى. شۇ قاتاردا ئىنگلىز تىلىدىكى ‹‹culture›› سۆزى خەنزۇچە ‹‹文化›› دېگەن خەت بىلەن،  ‹‹sivilization›› سۆزى بولسا ‹‹文明›› دېگەن خەت بىلەن ئىپادە قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە خەنزۇچە ئەسەرلەردە بۇ ئىككى سۆز ئىزچىل قوللىنىلىپ كەلمەكتە.

كۈلتۈر (文化) بىلەن مەدەنىيەت (文明) تىن ئىبارەت بۇ ئىككى  ئۇقۇم بىر مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككىسىنىڭ ھەم ئورتاقلىق  ھەم پەرقلىق تەرىپى بار. لېكىن، بۇلارنى ئوخشاش بىر ئۇقۇم دەپ ئارىلاشتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرىۋېتىلسە بىر مىللەتنى چۈشىنىشتە ۋە جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە زىددىيەت پەيدا بولىدۇ. ھەتتا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ توقۇنۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ھازىر خەنزۇ تىلىدىكى بۇ ئىككى سۆزنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا، تىل يېزىق تارماقلىرى ‹‹文化››نى ‹‹مەدەنىيەت››، ‹‹文明››نى ‹‹مەدەنىيلىك›› دەپ ئاتاشنى  خېلى ئومۇملاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ‹‹مەدەنىيەت›› بىلەن ‹‹مەدەنىيلىك›› دېگەن ئىككى سۆز ئەمەلىيەتتە پەقەت بىر خىل ئۇقۇمنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشىغا ئايلىنىپ قالغان، مەزمۇن جەھەتتىن بولسا ئۇنىڭغا ‹‹文明›› دېگەن سۆزدە ئىپادە قىلىنىۋاتقان مەنا  يۈكلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ‹‹كۈلتۈر››(文化) سۆزى بىلەن ئىپادە قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئۇقۇمنى ‹‹مىللىي مەدەنىيەت››(民族文化) دېگەن نام بىلەن ئاتايدىغان يەنە بىر سۆز پەيدا بولغان.

ئىلمىي مۇھىتىمىزدا ئومۇملاشقان بۇ ‹‹مەدەنىيەت›› سۆزى ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن. ئۇنىڭ ئەسلى شەكلى ‹‹مەدىنە›› بولۇپ، مەنىسى ‹‹گۈللەنگەن››، ‹‹روناق تاپقان››، ‹‹شەھەر›› دېگەنلىكتۇر. ئەسلىدە بۇ سۆزدە بىر مىللەتنىڭ مەلۇم بىر دەۋردىكى ئومۇمىي تەرەققىيات جەرىيانى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىسى نەزەردە تۇتۇلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىدە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇم بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مەنىسى ئىنگلىز تىلىدا ‹‹sivilization›› (سىۋېلايزەيشن)، خەنزۇ تىلىدا ‹‹文明›› دېگەن خەت بىلەن ئىپادە قىلىنغان ئۇقۇمغا تەڭدۇر. لېكىن، بۇ ئۇقۇم ئۇيغۇر تىلىغا  ‹‹مەدەنىيلىك›› دېگەن سۆز بىلەن تەرجىمە قىلىنىپ، ‹‹مەدەنىيەت›› سۆزىنىڭ سۈپەت شەكلى ئورنىدا قوللىنىلغاچقا، ئۇقۇم مۈجمەللىكى پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدە ئىككى سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنغان ئىككى ئۇقۇم ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹مەدەنىيەت››(文化)، ‹‹مەدەنىيلىك››(文明) ۋە ‹‹مىللىي مەدەنىيەت››(民族文化) دېگەن ناملاردا ئاتالغان ئۈچ ئۇقۇم شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئالدى بىلەن، ‹‹كۈلتۈر›› بىلەن ‹‹مەدەنىيەت››تىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ دائىرىسى ۋە خاراكتېرىنى ئېنىق چۈشەنگەندە، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا توتقان رولىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.   كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ئورتاقلىق ۋە پەرقلىق تەرەپلەر بار:

1-مەدەنىيەت خەلقئارالىق بولىدۇ، كۈلتۈر مىللىي بولىدۇ.

2- مەدەنىيەت ئەقىل ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. ئۇ سۈنئىي بولىدۇ. كۈلتۈر بولسا تۇيغۇ ۋە ئىلھامغا تايىنىپ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ تەبىئىي شەكىللىنىدۇ.

3- مەدەنىيەت بىر مىللەتتىن باشقا بىر مىللەتكە ئۆتىدۇ، لېكىن كۈلتۈر ئۆتۈشمەيدۇ.

4- بىر مىللەت مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، لېكىن كۈلتۈرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

5- مەدەنىيەت ئىقتىسادىي، قانۇنىي، دىنىي، ئەخلاقىي پىكىرلەرنىڭ توپلىمىدۇر، كۈلتۈر دىنىي، ئەخلاقى، بەدىئىي تۇيغۇ قاتارلىقلارنىڭ توپلىمىدۇر.

دېمەك، كۈلتۈر بىلەن مەدەنىيەتنى بىر بىرىدىن ئايرىغان نەرسە، كۈلتۈرنىڭ تۇيغۇدىن، مەدەنىيەتنىڭ چۈشەنچىدىن بارلىققا كېلىشىدۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، كۈلتۈر قەلبكە تايىنىدۇ، مەدەنىيەت مېڭىگە تايىنىدۇ.  مەسىلەن، خەلقنىڭ ئەدەبىي زوقىدىن مەيدانغا كەلگەن مەسەل، چۆچەك، لەتىپە، قوشاق، داستان قاتارلىقلار ئۇيغۇر كۈلتۈرىگە مەنسۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئىرادىسى بويىچە بەلگىلىك بىر ئەدەبىي شەكىلنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› داستانى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مەنسۇپتۇر.

كۈلتۈر تۇيغۇغا تايىنىپ تەبىئىي شەكىللەنگەچكە، ئۇنىڭ تەرەققىياتىمۇ يەنە بىرەر شەخسنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنماي تەبىئىي ھالدا مەيدانغا كېلىدۇ، ئۆزگىرىشىمۇ يەنە  شەخسنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمايدۇ. مەسىلەن، بىر تىلدىكى سۆزلەرنى كىشىلەر خالىغانچە بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى سۆزلەرنى ياساپ دەسلىتەلمەيدۇ. گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ كىشىلەر خالىغانچە ئۆزگەرتىپ يېڭى ئامىللارنى قوشالمايدۇ. تىلدىكى ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات كىشىلەر سەزمىگەن ھالدا تەبىئىي ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كۈلتۈرنىڭ ئەسلى مەنبەسى قەلپتۇر. كۈلتۈر قەلپتىن چىققان تۇيغۇدىن ياكى ھېسياتتىن شەكىللەنگەچكە، ئۇنىڭ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، ئۇنىڭدا مىللەتنىڭ ئەسلى روھى نامايان بولىدۇ. مىللەت ئەزالىرىنىڭ خوشاللىقى ۋە مەنىۋىي ھوزۇرى پەقەت كۈلتۈر ئارقىلىق قانائەت تاپىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى بىر بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق مىللەت كۈلتۈردىن ئايرىلالمايدۇ، ئەگەر ئايرىلىدىكەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ. كۈلتۈر  بىلەن مىللىي مەۋجۇتلۇق زىچ بىرىككەن بولىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ھاياتى پەقەت كۈلتۈرىگە تايىنىپ نورمال داۋاملىشىدۇ. كۈلتۈرنىڭ شەكىللىنىشىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە ئىنسان ئامىلى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مىللەت ئەزالىرىمۇ ئۆزى ياشىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ تەسىرى ئاستىدىلا ئۆز كۈلتۈرىنى ياراتقاچقا، ھەر خىل كۈلتۈرلەر ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرما قېلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرىنى ‹‹ئىلغار››، بىرىنى ‹‹قالاق›› دەپ ئايرىش ئىلمىي چۈشەنچىگە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈلتۈرنى ئاساس قىلىپ باھالاش توغرا ئۇسۇل ئەمەس. ئەمما، كۈلتۈردىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىراق بۇ ئۆزگىرىش ئۇنىڭ مەنىۋىي ئاساسلىرى ۋە قىممەت سىستېمىسىدە ئەمەس، بەلكى مۇئەسسىسەلىرىدە ۋە دەۋرىيلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بەزى ماددىي بەلگىلىرىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ مۇئەسسىسەلەر ۋە دەۋرىيلىككە ئىگە ئامىللار ئۆتمۈشكە مەنسۇپ بەلگىلەر سۈپىتىدە تارىخقا ئايلىنىدۇ. دېمەك، ئىلمىي ساھەدە ياكى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ‹‹مىللىي مەدەنىيەت›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن نەرسىلەر ئەسلىدە  كۈلتۈردۇر. كۈلتۈرنىڭ ئالاھىدىلىكى مىللىيلىكنى ئىپادە قىلىشتۇر. شۇڭا، بۇنى ‹‹مىللىي مەدەنىيەت›› دېمەي، ‹‹كۈلتۈر›› دەپ ئاتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ‹‹ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى›› دېمەي، ‹‹ئۇيغۇر كۈلتۈرى›› دەپ ئاتاش توغرىدۇر.

مەدەنىيەت بولسا ئەقىل ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق يارىتىلغاچقا، مەۋجۇت شارائىتتىكى ئېھتىياجغا ئاساسەن ئۇنى خۇسۇسىي ئىرادىگە تايىنىپ ئىجاد قىلىشقا، مەۋجۇت ھالەتتىكىلىرىنى تېز يېڭىلاشقا ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە بولىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە ئۇنى باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىش زۆرۈرىيىتىمۇ بار. مەدەنىيەت ئۆتمۈشتىن قالغان مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش،  مەۋجۇت شارائىتتا ئىجادىي شەكىل بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭا، ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرما قېلىشقا، بىرىنى ‹‹ئىلغار››، بىرىنى ‹‹قالاق›› دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىمۇ پەقەت ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەتكە ئاساسەن ئۆلچىنىدۇ. مەدەنىيەتتە ئالغا بېسىشتا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىك، ئۆز ئارا چۈشىنىش، بىر - بىرىنىڭ كۈلتۈرى ۋە خاسلىقىغا ھۆرمەت قىلىشتەك ئىجتىمائىي ھالەت مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. شۇ چاغدا بىر ئورۇندا ياشاۋاتقان مىللەتلەر بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار ئامىللارنى، يېڭىلىقلارنى تەبىئىي ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشكە پايدىلىق شارائىت ھازىرلايدۇ.  بۇنىڭدىن مەلۇمكى، كۈلتۈر مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرگىزمۇ توسقۇن بولمايدۇ، ئەكسىچە  كۈلتۈرنى رەت قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭغا  زەربە بىرىدىغان ھەر خىل بەلگىلىمە، قارار ياكى سىياسەتلەر مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتتە يۈكسىلىسىگە توسقۇن بولىدۇ، مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىنى چۈشىنىشىگە، بىر بىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار تەرەپلەرنى تەبىئىي ھالدا قوبۇل قىلىشىغىمۇ پايدىسىز  ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ.  

كۈلتۈر بىر مىللەتنىڭ تىلى، ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى، ئەخلاقى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، سەنئىتى، جەمئىيەت تەشكىلى قاتارلىق مەنىۋىي ھاياتىنىڭ ئومۇمىي توپلىمى بولغاچقا، ئۇ بىر ياشاش پىرىنسىپى سۈپىتىدە مىللەت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، نازارەت قىلىپ قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ مىللەت ئەزالىرى  ئۈچۈن قەتئىي ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ھاياتلىق مىزانى ھېساپلىنىدۇ.  شۇڭا، كۈلتۈر ‹‹يېزىقسىز قانۇن›› سۈپىتىدە بىر جەمئىيەتنىڭ تەرتىۋىنى، مۇقىملىقىنى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاشتا ناھايىتى مۇھىم بىر ۋاسىتە بولۇشتەك رول ئوينايدۇ.  ئەمما، بۇ جەھەتتە مەدەنىيەتنىڭ ھەر ۋاقىت بۇنداق رول ئوينىشى ناتايىن. مەسىلەن، خەلق ئىچىدىكى  ھېچقانداق بىر مەدەنىيەت تەربىيەسى ئالمىغان ئاددىي بىر ئادەم كۈلتۈرگە مەنسۇپ ئېتىقاد، ئەخلاق ياكى ئۆرپ – ئادەتنىڭ كۈچى بىلەن ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىپ، ئىجىمائىي تەرتىپكە، جەمئىيەت ئامانلىقىغا زىيان سالىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. ئەكسىچە مەدەنىيەت تەربىيەسىنى ئالغان، قانۇننى چۈشىنىدىغان بەزى رەھبىرىي كادىرلاردىكى چىرىكلىشىش، پاراخورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ كۆرۈلۈشى بولسا ئۇلاردا كۈلتۈر ئېڭىنىڭ يەنى، ئېتىقاد، ئەخلاق ياكى ئەنئەنىنىڭ يوقالغانلىقىدۇر. دېمەك، ئىنساندا كۈلتۈر بولمايدىكەن، ئۇنداق كىشىنى مەدەنىيەتمۇ تىزگىنلىيەلمەيدۇ، ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ھەتتا بەزىدە قانۇنمۇ توسۇپ بولالمايدۇ. كۈلتۈردە ‹‹ياخشى›› ۋە ‹‹يامان››، ‹‹توغرا›› ۋە ‹‹خاتا››، ‹‹دورۇست›› ۋە ‹‹ئەيىپ››نىڭ چەك – چېگرىسى ناھايىتى ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ، كىشىلەر ئومۇمەن ‹‹ياخشىلىق››، ‹‹توغرىلىق››، ‹‹دورۇستلۇق››نى ئۆزىگە  ھايات پىرىنسىپى قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا، كۈلتۈر چوڭقۇر يىلتىز تارتقان جەمئىيەتتە كىشىلەر مەنىۋىي ھوزۇر ئىچىدە ياشايدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىمۇ بۇزۇلمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹دۆلەتنى ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىش››نى تەشەببۇس قىلىشى دەل كۈلتۈرنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ساغلام بىر مەدەنىي جەمئىيەت يارىتىشتۇر. شۇڭا، ئىلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈرىنى قوغداش، ئاسراش، قېزىش، رەتلەش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش، كۈلتۈرنى نامايان قىلىدىغان سورۇن ۋە پائالىيەتلەرنى داۋاملىق كۆپەيتىش ئىلىمىزنىڭ تىنچلىق ئىچىدە يەنىمۇ قۇدرەت تېپىشىدىكى زۆرۈر ۋاسىتىلاردىن بىرىدۇر. بولۇپمۇ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈرىنى قوغداش ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشتە مائارىپ تارماقلىرى ‹‹كۈلتۈر دەرسلىكى››نى تۈزۈپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنى پەن سۈپىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئۆگەتكەندە، كۈلتۈرنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە مەنىۋىي سۈپىتى تېز ئۆسىدۇ، جەمئىيەتتە ھەر خىل خۇراپىي ئەقىدىلەرنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىنى چۈشىنىشى ۋە بىر - بىرىگە بولغان ھۆرمىتى ئاشىدۇ. ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىمۇ تېزلىشىدۇ. مەدەنىيەتكە بولۇپمۇ كەلگۈسىگە، زامانىۋىيلىشىشقا، دۇنياغا يۈزلىنىشتە ناھايىتى پايدىلىق شارائىت يارىتىلىدۇ.

  مەنبەسى : ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››، 2013- يىلى 25-دېكابىردىكى سانى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- k$ G& d* g5 A' S' p! ?3 R
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 L3 W/ Z1 ^! {7 r
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-11 04:31 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 f) R; [' O/ H4 Y

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ l& c# N8 g, z8 E) c4 W) u

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qaxmazulal + 300

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 751
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر مېللەت مەدىنىيەتلىك مېللەت بولىشى مۇمكىن ،لىكىن مەدىنىيەت(文明) بولىشى ناتايىن .ئۇيغۇرلارنى كىسىپ ئىيتىشقا بولىدۇكى بىز مەدىنىيەت(文明)مېللەت لىكىن مەدىنىيەتلىك (كۈلتۈر)مېللەت ئەمەس .بۇنىڭ سەۋەبى ھەرخىل .ئىچكى -تاشقى سەۋەبلەرنى بىزنى ئۆزىمىز ياراتقان مەدىنىيەت(文明)ئۇنتۇلدۇرۇپ ،ئەبجەش كۈلتۈر (مەدىنىيەت)نى قوبۇل قىلدۇرماقتا . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardor0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-11 07:13 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 b+ {0 U0 A5 b9 V6 p

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% D/ K3 _! Q. i/ C6 w: ]. J! x

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 x9 h, D3 W, c/ u$ O( o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: F- B, w5 V: e3 `' \
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- T  p( P/ t& M5 n3 K        قولىڭىزدا ھاكىمىيەت بولمىغاچقا، ئەبجەش كۈلتۈرلەرنى چەكلىيەلمەيسىز. شۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت مىللەتتىن كۈندىن-كۈنگە يىراقلىشىپ ۋە يادلىشىپ كېتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1268 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەدىنىيەتنىڭ ئۆزى كىملىك.كىملىكنى بەلگىلەش ئۈچۈن ھۇقۇق،كۈچ بولىشى كىرەك.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگە ئادەمنىڭ ئىللىتى خىسلەت بىلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خىسلىتى ئىللەت بىلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1268 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەدىنىيەتنىڭ ئۆزى كىملىك.كىملىكنى بەلگىلەش ئۈچۈن ھۇقۇق،كۈچ بولىشى كىرەك.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگە ئادەمنىڭ ئىللىتى خىسلەت بىلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خىسلىتى ئىللەت بىلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1521
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-11 07:13 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 n( |, w: L6 p$ q$ }/ v% g4 {بىر مېللەت مەدىنىيەتلىك مېللەت بولىشى مۇمكىن ،لىكىن م ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 r0 }9 R2 W8 w) M
كۈلتۈر  دىگەن  بۇسۆز  ئۇيغۇرچە  ھەزارەت  دەپ ئۇمۇملاشقان   ئۇيغۇرلارنىڭ  كۈلتۈرى  يوق دەپ ئېيتالمايمىز   ئىنكاسلارغا قارىغاندا   تورداشلار  كۈلتۈرنىڭ مەنىسىنى يەنىلا  چۈشەنمىگەن  .كۈلتۈر  يەنى ھەزارەت   دىگەن بۇسۆزنى  چۈشۈنۈش  ئۇنچە ئاسان  ئەمەس    ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرى بار  ئەمما  باشقا چوڭ كۈلتۈر لەرگە قوشۇلۇپ   كەتكەن   مەسىلەن  ئىسلام كۈلتۈرى  يەنى ئىسلام ھەزارىتىگە تەۋە بۇلۇپ  خەلىقئارادا  ئىسلام كۈلتۈرى قاتارىدا   سانىلىدۇ    چۈنكى   ئامرىكىلىق يازغۇچى  سەيمىل خاننىڭتون  دۇنيانى    سەككىز چوڭ كۈلتۈر   «ھەزارەت» كە  بۆلگەن  بۇلار   ئىسلام  ھەزارىتى   غەرىب ھەزارىتى     جۇڭخۇا ھقەزارىتى  ھىندى ھەزارىتى  ياپۇن ھەزارىتى  .باشقىسى ئىسمدە قالماپتۇ   بۇنىڭدىن قارىغاندا  بىز يەنىلا  ئىسلام ھەزارىتىگە تەۋە خەلىق     ...لىكىن ھازىر  بەزىلەر  ئۇيغۇر  مەدەنىيتىنى  ئىسلام ھەزارىتىدىن  ئايرىپ چىقىش كىرەك  .دەپ قارايدۇ   لىكىن بۇنداق قىلىش   ناھايىتى  چۇڭ ئىختىلاپ   پەيدا قىلىدىغان بۇلۇپ  ئۇنداقلارنى   مىللەتنىڭ دۈشمىنى قاتارىدىن سانىساقمۇ   ئارتۇق كەتمەيدۇ   ...بۇنداق مىساللار   مۇنبىرمىزدىكى   ئىسلام    ناخشا  مۇزىكا  تۇغرىسىدىكى  تېمىلاردا  ئېىنىق گەۋدىلىندۇ ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 751
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sidam يوللىغان ۋاقتى  2014-10-11 10:28 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  E4 M4 |6 a8 I- ?7 V1 {3 B6 b: tكۈلتۈر  دىگەن  بۇسۆز  ئۇيغۇرچە  ھەزارەت  دەپ ئۇمۇملاشق ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 ^$ P' j. x, rبىلىۋالدىم

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەدەنىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچەم ئۆستى ، تەشەككۈر سىزگە ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109417
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىڭىزغا راستىنلا رەھمەت ئېيتقۇدەك ئالتۇندەك بىر تېما بولۇپتۇ، رەھمەت سىزگە ، ئەجرىڭىز بىكار كەتمەس ئىنشااللە.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ ^( o$ o/ e; R& J% d, B* {6 \
ئۇيغۇرنىڭ كۈلتۈر مەدەنىيتى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيتى قارىماققا زىچ ئارلشىپ كەتكەندەك بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇن جەھەتلەردە پەرىقلىق تەرەپلىرى باركەن،شۇنداق ھېس قىلدىم.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 w# B; h# S/ F7 T2 Q5 Z
بىزدە قەدىمدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن تۇرمۇش ئۆرپ ئادەتلىرىمىز بار ، نۇرغۇن قەۋملەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان، ...............بۇنى قەدىرلەش ساقلاش قوغداش كېرەك، ھەم يۇقىردىكى توردىشىمىز ئېيتقاندەك مىڭ يىل مابەينىدە قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن «ئىسلام مەدەنىيتى(كۈلتۈرى)»ھەم بار، ئۇنىمۇ ھەم تاشلىيالمايمىز،مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ، مۇشۇ جەھەتلەردىمۇ دېققەت قىلىنىپ ئېتىبارغا ئېلىنسا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ھەم تەرەققىياتىغىمۇ كۆپ پايدىسى تېگىشى ئېنىق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش