|
|
|
|
2014-يىلى 23-ئۆكتەبىر كۈنى قۇياش قىسمەن تۇتىلىدۇ
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى
بۈگۈن ناسا 2014-يىلى 23-ئۆكتەبىر كۈنى قۇياشنىڭ قىسمەن تۇتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئاشۇ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى كۈن تۇتۇلۇش ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك رايونلىرىدا 23-چىسلا نيۇ يورك ۋاقتى 5 تىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بېرىدىكەن. بۇ قېتىمقى كۈن تۇتۇلۇشنى كۆرەلەيدىغان رايونلارنىڭ ئىچىدە ئاسىيانىڭ شەرىقى قىسمىمۇ بار بولۇپ، مەن تورلارنى ئىزدەپ، ئاسىيادا بۇ كۈن تۇتۇلۇشنىڭ سائەت قانچىدە يۈز بېرىدىغانلىقىنى تاپالمىدىم. بۇنى ئېنىقلاشقا ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلار بار بولسا، ئۇلاردىن ئاشۇ ئۇچۇرنى تېپىپ، ئۇنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1-رەسىم
1-رەسىم: 23-چىسلادىكى كۈن تۇتۇلۇش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە مۇشۇ رەسىمدىكىدەك كۆرىنىدۇ [1].
كۈن تۇتۇلۇش قانداق يۈز بېرىدۇ؟
كۈن تۇتۇلۇش پەقەت يېڭى ئاي كۈننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، ئاينىڭ كۆلەڭگىسى يەر شارى يۈزىگە چۈشكەندىلا ئاندىن يۈز بېرىدۇ. كۈننىڭ تۇتۇلىشى پەقەت يېڭى ئاي چىققاندىلا يۈز بېرىدۇ. ئۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب، بىز يەر يۈزىدە تۇرۇپ قارىغاندا، پەقەت يېڭى ئاي چىققاندىلا ئاي كۈننىڭ ئالدىغا ئۆتىدۇ. ئەمما، يېڭى ئاي چىققان كۈنلەرنىڭ كۆپۈنچىسىدە ئاي كۈننىڭ جەنۇبى ياكى شىمالى تەرىپىگە بېرىپ قالىدىغان بولغاچقا، كۈن تۇتۇلۇش يۈز بەرمەيدۇ [2].
كۈن تۇتۇلۇشنىڭ قانداق يۈز بېرىدىغانلىقى تۆۋەندىكى 2-رەسىمدە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ رەسىمدىكى ئىنگلىزچە «Sun» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسى «قۇياش»، «Orbit of the Earth» نىڭ ئۇيغۇرچىسى «يەر شارى ئوربىتىسى»، ۋە «Orbit of the Moon» ئۇيغۇرچىسى بولسا «ئاي شارى ئوربىتىسى» دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
2-رەسىم
2-رەسىم.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Oct 23, 2014 Partial Solar Eclipse
<http://www.timeanddate.com/eclipse/solar/2014-october-23>
[2] Partial solar eclipse for North America on October 23
<http://earthsky.org/tonight/part ... a-on-october-23>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-11 06:04 PM
|
|
|
|
|
|