مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4722|ئىنكاس: 46

ئەڭ يېقىن ناتونۇش قىز ...مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈزۈڭنى قەدىرلە ،ئۆزگىنىمۇ ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 10:57:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                  ئەڭ يېقىن ناتونۇش قىز  

                                                  ئابدىلتىپ ئابدىخالىق ئەزەمى

تاڭ سەھەردە شىرىن چۈشۈمنى بۇزۇپ سايراپ كەتكەن تىلىفۇننى قۇلۇمغا ئىلىپ ئىكراندىكى نۇمۇرنى كۈرۈپلا چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈردى.بىرسى تۇتىۋالغاندەك ئاچالماي قالغان كۆزلىرىم بىردىنلا روشەنلىشىپ ئۈزۈممۇ بەك تىتىكلىشىپ تىلىفۇننى تىزلا ئالدىم .ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ۋەلەيكۇم ئەسسالام ،ياخشى تۇرۇپسىزمۇ ئاكىجان .
ئاللاغا شۈكرى ئۈزەڭچۇ ؟
يامان ئەمەس .تىخى تۇرمىدىدىڭىزما ؟ ئاۋازىمدىن بىردەمدىلا تۇرمىغىنىمنى بىلىپ ئۈلگۈرگەنىدى .
سىزنى قاچان ئويغىتاركىن دەپ ياتقان شۇ .
ۋىييەي .كۈن چىققاندىمۇ تۇرماي يىتىشىڭىزنى مەن نەدىن بىلەي ،بولمىسا بۇرۇنراق ئويغىتىپ قوياتتىم ئەمەسمۇ .بىلمەپتىمەن بەڭباشلىقىڭىزنى .دىدى ئۇ ئەركىلەپ
بەڭباشلىق قىلمىدىم ،شۇ كىچىدىن بىر چاغقىچە سىنى ئويلاپ نىكەمدە ئۇخلىدىمكىن تاڭ ؟ ئۇخلاپ بولساممۇ ئارام بەرمەي چۈشلىرىمنى ئارىلاپ يۈرگەندىكىن تۇرالماي قاپتىمەن شۇ .
تۇرالماي قاپسىزمۇ يا تۇرغۇڭىز كەلمىدىمۇ ؟
ئەجەپ ھە سەن ،شۇ سىنى چۈشۈمدە كۆپرەك كۆرىۋالاي دەپ تۇرغۇم كەلمىدى شۇ
شۇنداقمۇ ؟ ئەمىسە مىنى قاچان كۆرگىلى كىلىسىز ؟
سەن قانداق چاغدا چىقالىساڭ شۇ چاغدا باراي . ھازىرلا بارايمۇ يا ؟
ۋاي ياق بولمايدۇ ،بۇنچە ئەتىگەندە قانداق چىقىمەن ،ئۆيدىكىلەر بار تۇرسا ..
ئەمىسە قاچان باراي ؟
كەچتە كىلەلەمسىز  ؟ كەچتە ئۆيدىكىلەر بىر يەرگە بارىدىكەن .سائەت 6لەردە كەلسىڭىز بۇلىدۇ .
ماقۇل كەچتە باراي .كونا جايدا كۈرىشەيلى .
بۇلىدۇ ،سىزمۇ ئۇخلاۋەرمەي ئىشقا مىڭىڭ .
ماقۇل جېىنىم ماقۇل ..
يۈزى قىلىن خوش ئەمىسە تىلىفۇننى قويىۋەتتىم .
بۇلىدۇ ئاللاغا ئامانەت .تىلىفۇننى قۇلىقىمدىن تارتىپ قاراپ تۇرساممۇ ئۇي يەنىلا تىلىفۇننى قويمىدى،بىردەمدىن كىيىن ئۇنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى ،نىمىشقا تىلىفۇننى قويمايسىز ؟
سەن نىمىشقا قويمايسەن ؟قويىۋەتتىم دەۋاتاتتىڭغۇ ؟
تالاشماي قويىۋىتىڭەئاكا ،
  ياق بولمايدۇ سىز قويمىسىڭىز مەن نىمىشقا قويغىدەكمەن .
ئاكا نۆۋەت بۇ قىتىم سىزگە كەلدى ،سىز قويىسىز .
(تىلىفۇنلاشقاندا كىم تىلىفۇننى بالدۇر قويىۋەتسە شۇنىڭ سۆيگۈسى ئاجىز بۇلىدۇ )دىگەن گەپكە ئىشىنىپ قالغان بۇ قىز بىلەن ھەر قىتىم تىلىفۇننى كىم قويىۋىتىشنى تالىشىپ قالغاچقا ئاخىرى بىر قىتىم ئۇ بىر قىتىم مەن قويىدىغان بولغانىدۇق .شۇڭا  بۈگۈن نۆۋەت ماڭا كەلگەنىدى
ماڭا تەگكەندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق جاھىللىق قىلىپ بېقىڭە قېنى،بوپتۇ ئەمىسە كەچتە كۈرىشەيلى ئاللاغا ئامانەت
ئاللاغا ئامانەت ئاكا .سىزنى ساقلايمەن .
مەن تىلىفۇننى كۈزۈم قىيمىغان ھالدا قويدۇم .مىنى يەنە يىڭى بىر سەھەر كۈتىۋالدى .ئالدىراشلىق بىلەن ئۈتىدىغان تاتلىق بىر كۈنۈم باشلاندى .كىيىملىرىمنى چاققانلىق بىلەن كىيىپ ئۇنىڭ باياتىن تىلىفۇندا قىلغان تاتلىق گەپلىرىنى ئويلىغاچ ئىشقا ماڭدىم .
ھايات دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن ،بىر مىنۇت ھايات تۇرساقلا بىز كۆرمىگەن نۇرغۇن ئىشلارغا نائىل بولىدىكەنمىز.ھايات بىزنى بەزىدە تاتلىقى بىلەن كۈلدۈرسە بەزىدە ئاچچىقى بىلەن يىغلىتىدىكەن .ئوخشاش بولمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىپ بىزنى تاۋلايدىكەن ،چىنىقتۇرىدىكەن .بەلكىم ھايات شۇلار بىلەن گۈزەل بولسا كېرەك .


ئۆز يۇرتۇم ،ئاتا-ئانام، ئۇرۇغ -تۇغقان دوس بۇرادەرلىرىمدىن ئايرىلىپ ماڭا پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بولغان بۇ شەھەرگە كەلگەن ئۈزۈممۇ ئەنە شۇ ھاياتنىڭ گاھىدا تاتلىقىنى ،گاھىدا ئاچچىقىنى ،گاھىدا ئىسسىقىنى ،گاھىدا سۇغۇقىنى كۈرۈپ تىنىم تاپماي ئالغا ئىلگىرلىمەكتىمەن .
تىخى 6 ئاي بۇرۇن ھىچنىمىدىن غەمسىز بالا ئىدىم .مەن ئۈچۈن نە پۇل غېمى ؟ پۇل بېرىدىغان دادام بار .مەن ئۈچۈن نە قورساق غېمى ؟ قوپماي ياتسام تاماقنى ئالدىغا ئەكەپ بېرىدىغان ئانام بار  بىر ئەركە قوزا ئىدىم .
شۇ ئەركىلىكىم بىلەن 20گە كىردىم.تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ چوڭ بىر تۇغقانلىرىم يۇرتتا بولمىغاچقا ئاتا-ئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ھېچ بىر ھۈنەرمۇ ئۈگەنمىدىم .ياشىنىپ قالغان ئادەملەر ئۈچۈن قارايدىغان ،ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان ئادەم بولمىسا بولمايدۇ ئەمەسمۇ  .
بىراق ئادەم نۇرغۇن ئىشلاردە ئۆزىگە -ئۈزى ئىگە بۇلالمايدىكەن .شۇ  قاتارىدا مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ زورلاپ توي قىلىپ قويىشىدىن قېچىپ مەركىزى شەھەرگە كىلىۋالدىم ئەمەسمۇ ..ئەمدىلا 20 گە كىردىم .ھەم مىنىڭ توي قىلىشقا ئىدىيەمدە ھىچقانداق تەييارلىقىم يوق تۇرسا مەندە نىمە ئامال ...؟؟باشقا كەلگەندە باتۇر دىگەندەك مەنمۇ بۇ ناتۇنۇش شەھەرنىڭ جىددى تۇرمۇش رىتىمىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىشقا تۇنۇشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدىن بىر مىللىيچە رىستۇرانغا شاگىرت ئاشپەز بۇلۇپ ئىشقا چۈشتۈم .سەل جاپالىق بولسىمۇ بىراق چىداپ كىتەلەيمەن .ھەر قىتىم ئۆيگە تىلىفۇن قىلغىنىمدا مىھرىبان ئانام مىنى ئۆيگە قايتىشقا قايتا قايتا دەۋەت قىلىدۇ .بىراق ھازىرچە قايتقۇم يوق ئىدى .ئۇلارنى شۇنچە سىغىنغان بولساممۇ بىراق قايتساملا يەنە توي قىلىشىم كىرەكتە..توي قىلىشتىن قورقمايمەن ،بىراق بىر ئائىلىنى مەسئۇلىيتنى تۇلۇق ئادا قىلاللىغۇدەك ،ياخشى بىر ئەر ،ۋاپادار بىر پەرزەنت ،مۇكەممەل بىر دادا بۇلغۇدەك ئىشەنچنى ئۈزۈمدە ھازىرلاپ بولغىنىمغا كۈزۈم يەتمەيتتى ..دىمىسىمۇ ھەقىقى بىر ئەركەك بۇلۇش ئاسانمۇ دەيسىلەر...؟؟




گۈلنۇر بىلەن ئىككىمىز مەن رىستۇرانغا ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى تاسادىپىي تۇنۇشۇپ قالغانىدۇق . ئۇ چاغدا ئۇ رىستۇرانغا مۇلازىمەتچى بۇلۇپ ئىشقا چۈشكىلى نەچچە كۈنلا بوپتىكەن ،،ئۇ ئىھتىياتسىزلىقتىن مىنى سۇقۇۋىتىپ پەتنۇستىكى قىززىق نارىننى كىيىمىمگە تۈكۈۋەتكەندىن كىيىن بىز تەبىئىيلا تۇنۇشۇپ قالدۇق ..شۇنىڭدىن كىيىن بىز ناھايىتى تىزلا چىقىشىپ كەتتۇق .ھەر كۈنى كەچتە ئۈندىداردا بىر چاغلارغىچە پاراڭلىشاتتۇق،كۈندۈزلىرىمۇ ئۆز ئىشىمىزنى قىلغاچ قىززىق -قىززىق يۇمۇرلارنى بىر بىرىمىزگە ئەۋەتەتتۇق . شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ رىشتىمىز بىلىپ بىلمەي باغلىنىپ قالدى .كىچە كىچىلەپ ئۈندىداردا پاراڭلىشىشلار ،بىر بىرىمىزگە ياردەم قىلىشلار ، بىكار بولساق بىللە كوچا ئايلىنىشلار بىزنىڭ ئارىلىقىمىزنى تېخىمۇ يىقىن قىلغانىدى .ئەلۋەتتە بۇ باشقىلانىڭ كۈزىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايتتى .كۆپچىلىك بىللە تۇرغاندا بەزىلەر ئىككىمىزنى بىر بىرىمىزگە چاپلىسا بىز ئاستا ئۈزىمىزنى چەتكە ئالاتتۇق ، شۇنداق كۈنلىرىمىزنىڭ بىر ئايدىڭ ئاخشىمى ھەر ئىككىمىز بىر -بىرىمىزگە كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلدۇق .ئەزەلدىن مۇھەببەت ئىشىدا بەك ئىھتىياتچان بۇلۇپ كەلگەن مەنمۇ بۇ قېتىم تۇنجى مۇھەببەتكە ئەسىر بولۇپ ئۈزۈمنى شۇنچە بەخىتلىك ھىس قىلىپ كەتكەنىدىم .شىرىن كۈنلىرىمىز شۇ كۈندىن باشلانغان ئىدى ،،ھەر كۈنى بىرگە ئىشلەيتتۇق ،بىكار بولساق باغچا ئايلىناتتۇق .لىكىن بۇ كۈنلەرمۇ ئانچە ئۇزاققا بارمىدى .ئۇنىڭ دەپ بىرىشىچە دادىسى تاكسى شۇپۇرى ئىكەن ،ئاپىسى ئائىلە ئايالى بولغاچقا  ئۇ ئۆيىدە دادىسىغا بولغان ئائىلە بىسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋىتىشنى خالىماي ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن ..دادىسى بىشىدا قۇشۇلغان بولسىمۇ كىيىن ئۇنىڭ داۋاملىق ئىشلىشىگە  قۇشۇلمىغاچقائۇ قايتىپ كەتتى .. شۇ كۈندىن كىيىن بىزمۇ ئاران -ئاران ھەپتىدە بىر كۈرىشەلەيدىغان بولدۇق ..مانا بۈگۈنمۇ شۇ ئىنتىزارلىق كۈرىشىشىمىزگە تەقەززار بۇلۇپ تۇرىۋاتاتتىم .ئۇنىڭ بىلەن كۈرىشىش ئۈچۈن ساقلىغان بىر ھەپتە ماڭا بىر يىلدەك تۇيۇلاتتى . بۈگۈنمۇ خۇددى سائەت ئىستىرىلكىسىغا بىر نەرسە ئېسىلىۋالغاندەك سائەت 6 بولمايۋاتاتتى ..  

داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-11 04:31 PM  


قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.

ئۈزۈڭنى قەدىرلە ،ئۆزگىنىمۇ ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 12:09:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى
  
شۇنچە ئالدىراشلىق بىلەن بىر كۈننى بەك تەستە كەچ قىلىپ سائەت 5 تىلائۇستامدىن رۇخسەت سوراپ  ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكىلى ماڭدىم ،ئۇ ئۈيىگە قايتىپ كەتكەندىن كىيىن بىز چوڭ بازار ئەتراپىدىكى بىر ئاشىخانىدا كۈرىشىدىغان بولغانىدۇق ،چۈنكى چوڭ بازار ئۇنىڭ ئۈيىگە يىقىنمىش ..ھەر قىتىم مەن ئۇنى ئاپىرىپ قوياي دىسەم ئۇ زادىلا ئۇنىمايتتى ..نىمىشقا دىسەم ئۇرۇغ-تۇغقان قۇلۇم قوشنىلىرى  كۈرۈپ قالسا ئاتا ئانىسىغا دىسە بولمايدىكەن .شۇڭا مەنمۇ ئۇنچە بەك چىڭ  تۇرۇۋىلىپ ئۇنى خجىل قىلمايتتىم . بىراق كاللامدىن ئۆتمەيدىغان بىر يىرى ئۇلارنىڭ ھال كۈنى ئۇنچە ياخشى بولمىسىمۇ نىمە ئۈچۈن چوڭ بازار ئەتراپىدىن ئۆي ئىلىپ ئولتۇرىدۇ ؟ چوڭ بازار ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسىنىڭ قىممەتلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟ مەن بۇ ئىشنى چۈشىنەلمىسەممۇ بىراق ئۇنىڭدىن سوراش ئەپسىز ئىدى ،ھەم ئۇنچە گۇمان قىلىپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس دەپ قارايتتىم.ھەر قىتىم ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكىلى ماڭغىنىمدا 2 قىتىم ئاپتۇبۇس ئالمىشىشنى ئاۋارىچىلىق بىلىپ تاكسىدا باراتتىم .چۈنكى ئۇنىڭدا تىزراق بارغىلى بۇلىدۇ ئەمەسمۇ .؟ بۈگۈنمۇ يەنە تاكسىدا كەلدىم  يىرىم سائەت بالدۇر كەلگەن بولساممۇ بىراق ئۇ يەنىلا مەندىن بالدۇر كەپ بوپتۇ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئەجەپ بالدۇر كىلىۋاپسىەنغۇ ؟
ۋەلەيكۇم ئەسسالام ..شۇ مەن سىزگە قارىغاندا يىقىن بولغاندىكىن بالدۇرراق كەلدىم شۇ بولماپتىما ؟
ۋاي ياقەي،بوپتۇ ،ساقلاپ كەتتىمىكىن دەپ شۇ .
مەنمۇ ھازىرلا  كەلگەن ،
تاماق بۇيرۇتتىڭمۇ ؟
ياق تېخى ، سىز كەلگەندە بۇيرۇتاي دەپ ساقلاپ تۇردۇم .
نىمە يىگۈڭ بار ؟
نىمە بولسا مەيلى ،سىزنىڭ نىمە يىگۈڭىز بولسا شۇنى بۇيرتۇڭ .سىزگە بويسۇنىمەن ،ئۇ ئۇماقلىق بىلەن شۇنداق دىدى .ئۇنىڭ قىلىقىغا قاراپ كۈلۈپ سالدىم .
جىنتەكلىك قىلمىغىنە بولدى ،باشقىلار قاراۋاتىدۇ .
قارىسا قارىسۇن ، ئۇلارمۇ ئەركىلىگىلى ئادىمى بولسا ئەركىلەۋۋەرمىسۇنمۇ ؟
ئۇنىڭ گىپىگە ھەر ئىككىمىز كۈلۈپ كەتتۇق. بولدى قىلايلى ،ئەركىلىگۈڭ بولسا ھىلى ئەركىلە ئاۋال تاماق بۇيرۇتايلى، سەن نارىنغا ئامراققۇ ؟ ئەمىسە شۇنى بۇيرۇتايلى  .
مەن ئامراقنى ئەمەس ئۈزىڭىز ئامراق تاماقنىمۇ بۇيرۇتۇپ باقسىڭىز بولمامدۇ ؟
بۇلىۋۋىرىدۇ . سەن ئامراققا مەنمۇ ئامراق .ئۇ كۈلگىنىچە يانغا قارىۋالدى .
مەن كۈتكۈچىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا تاماقلارنى تىزىملىتىۋاتقاندا  ئۇ تازىلىق ئۈيىگە كىرىپ كەتتى .ئۇنىڭ قارا رەڭلىك كىچىك خۇاۋېي تىلىفۇنى ئۈستەل ئۈستىدە قالغانىدى ،ئۆتكەندە مەن يىڭى تىلىفۇن ئىلىپ بىرەي دىسەم ئۆيدىكىلەر ئۇقۇپ قالىدۇ دەپ ئۇنىمىغاچقا ئۇ مۇشۇ تىلىفۇننى ئىشلىتىۋاتاتتى .مەن ئاشخانا بىزەكلىرىگە قاراپ ئولتۇرسام ئۇنىڭ تىلىفۇنىغا كەينى كەينىدىن ئۇچۇر كەلدى .مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ تىلىفۇنىغا چىقىلمايتتىم شۇڭا جىم ئولتۇردۇم.بىراق ئۇچۇر يەنە كەلدى شۇڭا مەنمۇ ئازراق قىزىقىپ تىلىفۇننى  قۇلۇمغا ئالدىم .ئۇ بايام تېخى تىلىفۇننى ئوينىغاچقا  قۇلۇپمۇ سىلىنمىغانىدى .مەن تىلىفۇنغا قارىسام ئۇچۇر ئۇنىڭ ئۈندىدارىغا كەلگەنىدى ،مەن تازىلىق ئۈيى تەرەپكە بىر قارىۋەتكەچ ئۈندىدرنى ئاچتىم .خەت يازغىنى بىر قىز بالا ئىدى ، مەن ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىگە قارىدىم .
ئۇنىڭ بىلەن ھەر قىتىم كۈرۈشكەندە كىيىملىرىڭنى،تىلىفۇنۇڭنى ئالماشتۇرۇپ يۈرۈشتىن ياسالمىلىق قىلىپ ئۈزۈڭنىڭ ھەقىقى سالاھىيتىنى يۇشۇرۇپ يۈرۈشتىن  زىرىكىشلىك ھىس قىلمىدىڭمۇ ؟ دىگەن ئۇچۇرنى كۈرۈپ تۇرىشىمغا يەنە ئۇچۇر كەلدى .
ئەگەر ئۇ بىلىپ قالسا قانداق چۈشەندۈرۈپ بولىسەنكىن قىنى ھاجىم كۈزىتىپ بىقىپ بولىدىغان بالىكەن دىگەندىكىن سەنمۇ ئەھۋالنى دىسەڭ بولمامدۇ گۈلنۇر ئاچا .
مەن تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم.بۇ گەپلەرنى قانداق چۈشىنىشنى بىلەلمەيۋاتاتتىم .
مەن تىزلا ئۇ قىزنىڭ ئۈندىدار  نۇمۇرىنى كۈرىۋىلىپ تىلفۇنۇمغا بىسىۋالغاندىن كىيىن تىلىفۇننى ئۆز جايىدا قۇيۇپ قويدۇم .گۈلنۇرمۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چىقتى ، تاماقمۇ ھايالشىمايلا كەلدى ،مىنىڭ ئەس -يادىم بايىقى ئۇچۇرلاردا بولغاچقا پاراڭ قىلىشقىمۇ ئۇنچە كۆڭلۈم بارماي تامىقىمنى يىدىم .ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسىلىپ قارىدىم بىراق ئۇ يەنىلە كۈزۈمگە ئوخشاش كۈرىنەتتى .كۈڭلۈم بىر قىسما بولغان ھالدا تامىقىمنى يەپ ئايلىنىشمۇ خۇشياقماي ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ قايتىش ئۈچۈن ماڭدىم ،كاللامنى نۇرغۇن چۈشىنىكسىز سۇئاللار چىرمىۋالغان ئىدى .باش ئايىغى يوق شۇ نەچچە ئۇچۇر مىنى ھەرخىل تەسەۋۋۇرلارغا باشلايتتيۇ بىراق ئويلىغانسىرى بۇ ئىش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ  كىتىۋاتاتتى.مەن نىمە قىلىشىمنى بىىلەلمەي ئاخىرى يول بويىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇرۇپ بايام بىسىۋالغان ئۈندىدار نۇمۇرىنى ئىزدەپ دوسقا قوشۇپ ئۇنىڭغا خەت يازدىم، ئادەتتىكى سالام سائەتلەردىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا تۇنۇشلۇق بىرىپ ھازىرلا بىر كۈرۈشسەك دىدىم .ئۇمۇ مىنى خىلى ئاسان تۇنىۋالدى .شۇنىڭغا قارىغاندا بىزنىڭ ئىشلىمىزنى ھەممىسى بىلگۈدەك دەپ  ئويلىدىم مەن. ئۇ ئۈزىنى شۇنچە ئەپقاچقان بولسىمۇ بىراق مەن جاھىللىق بىلەن ئۆز گىپىمدە چىڭ تۇرىۋالغاچقا ئۇمۇ ئامالسىز قۇشۇلدى ۋە ماڭا  تاشبۇلاق رايۇنىدىكى بىر ئۇلتۇراق رايۇنغا كىلىشنى ئىيتىپ ئادرىسىنى دەپ بەردى .چوڭ بازار بىلەن تاشبۇلاق رايۇنىنىڭ ئارىلىقى خىلى يىقىن ئىدى ،مەنمۇ چوڭ بازاردىن ئانچە يىراقلاپ كەتمىگەچكە تىزلا ئۇ يەرگە باردىم .بىز ئىگىز بىر بىنانىڭ كەينىدە كۈرۈشتۇق .قارىغاندا ئۇنىڭ ئۆيى مۇشۇ بىنادىدەك قىلاتتى.
داۋامى بار...........


قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.

ئۈزۈڭنى قەدىرلە ،ئۆزگىنىمۇ ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 01:54:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ....
بىز سۇغۇقلا سالاملاشقاندىن كىيىن مەن ئۇنى گۈلنۇرنىڭ نىمىسى ئىكەنلىكىنى سورىدىم .ئۇ گۈلنۇرنىڭ نەۋرە سىڭلىسى ئىكەن .ئۇنىڭ يىشى گۈلنۇردىن ئازراقلا كىچىكتەك قىلاتتى ،مەن يەنە جىم تۇرۇشنى خالىماي مەقسىتىمنى ئېيتتىم .
سىز مىنىڭ نىمە ئۈچۈن سىزنى ئىزدىگەنلىكىمنى بىلىسىزغۇ دەيمەن .دىدىم مەن ئۇنىڭغا .
مەن نىمىنى بىلەي ، شۇ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىڭ پەرۇخ ئىكەنلىكىنىلا بىلىمەن،يەنە گۈلنۇر ئاچامنىڭ يىگىتى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن قالغىنىنى......مەن بۇنى سورىمىدىم دىدىم ئۇنىڭغا زەردە بىلەن . گۈلنۇرنىڭ مەن ئۇقمايدىغان قانداق ئىشى بار شۇنى ئېيتىپ بىرىڭ.
گۈلنۇر ئاچامنىڭ سىز ئۇقمايدىغان قانداق ئىشى بار بۇنى بىلمەيمەن ،يە مەن سىلەر بىلەن بىللە ماڭمىسام،سىز ئۇنىڭ يىگىتى بولغاندىكىن ھەممىنى دەپ بەرگەندۇ ؟ بولمىسا ئۈزىدىنلا سورىمامسىز ؟ بولدى قىلىڭ گەپنى ئەپقاچماڭ ، مىنىڭ ئەمدى يەنە سىلەرنىڭ ھىكايەڭلارنى ئاڭلىغۇدەك تاقىتىم قالمىدى .ئۇ مىنىڭ كەيپىياتىمنىڭ ناچارلىقىنى كۈرۈپ خىلى بىر چاغقىچە جىمىپ كەتتى ،ئاندىن ئېغىر بىر ئۇھ تارتقاندىن كىيىن سۆزىنى باشلىدى .
ئەسلىدە پەرۇخ ئاكا ،بۇ گەپلەرنى ئۇ ئۈزى سىزگە دىسە ياخشى بۇلاتتى .بىراق سىز مىنى دەپ بىرىشكە زورلاۋاتىسىز ،شۇڭا سىزدىن ئۈتۈنەي ،بۇ تۇغرۇلۇق گۈلنۇر ئاچامدىن ئاغرىنماڭ ،بۇلامدۇ ؟ مەن يەرگە قارىغان پېتىم ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم.
گۈلنۇر ئاچام رىستۇراندا ئىشلەپ يۈرىدىغان قىز ئەمەس ئىدى . چۈنكى ئۇ سىزگە دەپ بەرگەندەك دادىسى شۇپۇر ئەمەس .بەلكى ئۇ سەرۋاز ئىمپورت-ئىكىسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرىنىڭ قىزى .ئۇنىڭغا خەجلەي دىسە پۇل كەم بولمىسا نىمە ئۈچۈن  رىستۇراندا مۇلازىمەتچى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ دىسىڭىز ئۇ دەل شۇ پۇلغا قۇل بولماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلدى ،شۇ چاغدا شەۋكەت دادام گۈلنۇر ئاچامنى تۇركىيەلىك بىر سودا ھەمكارلاشقۇچىسىنىڭ ئوغلىغا بەرمەكچى بولغان، بىراق ئاچام ئۇ يىگىتنى ياقتۇرمىغاچقا ئۇنىڭغا ياتلىق بۇلۇشقا قۇشۇلماي جىنىنىڭ بارىچەقارشىلىق كۆرسەتتى .شۇنچە گەپ قىلسىمۇ ئۇنىماي  تۇرىۋالدى .ئەزەلدىن ئۆيىدە گىپىنى گەپ قىلىپ كەلگەن شەۋكەت دادام گىپىنى يۇۋاشلىق بىلەن ئاڭلاپ كەلگەن بۇ ئەركە قىزىنىڭ بۇنداق قىلىشىنى بەك ئىغىر ئالدى بولغاي بىر كۈنى ئىككىسى جىدەللىشىپ قىلىپ ئۇنىڭغا قولى تىگىپ كىتىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن گۈلنۇر ئاچام بىزنىڭ ئۆيگە كىلىۋالدى .ئەتىسى شەۋكەت دادام بىلەن مىھراي  ئاپام ئۇنى ئىلىپ كەتكىلى كەلگەندە ئۇلار يەنە تاكانلىشىپ قالدى .شۇ چاغدا گۈلنۇر ئاچام شەۋكەت دادامغا پۇلى بولمىسىمۇ ئمانى بار ئادەمگە تىگىمە دىگەنىدى شەۋكەت دادام ئاچچىقىدا ئەمىسە 3ئاي ساڭا بىر پۇڭ بەمەيمەن ،پۇل بولمىسىمۇ جان بىقىپ باق دەپ سالدى.چۈنكى ئۇ  ئەركە قىزنىڭ بەرداشلىق بىرەلمەي تەسلىم بولشىغا ئىشىنەتتى.ئاچاممۇ شۇ چاغدىلا ماقۇل بولدى ۋە ئەگەر 3 ئاي دادىسىغا تايانماي دادىسىنىڭ پۇلىغا تايانماي ياشىسا نىكاھ ئىشىغا ئارلاشماسلىقنى تەلەپ قىلدى .شۇڭا ئاچام ئۇ يەرگە بىرىپ ئىشلىگەن .كىيىن شەۋكەت دادام قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكەتمەكچى بولغانىدى بىراق ئۇ زادىلا ئۇنىماي تۇرىۋالدى ، كىيىن شەۋكەت دادام ئىككىڭلارنىڭ بىللە يۈرگىنىڭلارنى كۆرگەن چېغى سىزنى كۈزىتىپ بىقىپتۇ .،ئاخىردا 3ئاي توشقاندا ئاندىن ئاچام ئۆيگە قايتىپ كەلدى .ئەھۋال مانا مۇشۇ، بىراق ئۇنىڭ سىزنى ھەرگىز ئالداش نىيىتى يوق ،سىزنى قەستەن ئالدىمىدى دەپ ئويلايمەن ..ئۇ يەنە سۆزلىمەكچى بۇلىۋىدى مەن قول ئىشارىسى قىلىپ توختىتىپ قويدۇم .
بولدى سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم كىرىپ كىتىڭ .مەن ئۇنىڭغا قاراپ شۇنداق دىدىم .
كىرىپ كەتسەم كىرىپ كىتەي ،بىراق ئىككىلار بۇ ئىشنى چۇقۇم ياخشى ھەل قىلىڭلار ،خوش ئەمىسە .
ئۇ قايرىلىپ مىڭىپ بىنا ئىشىكىگە باراي دىگەندە قارشى تەرەپتىن تۇلپار ماركىلىق قاپقارا بىر ماشىنا ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى . ماشىنا توختاپلا كەينى ئىشىكىدىن گۈلنۇر چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ،ئارىلىقىمىز بەك يىراق بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم.
ۋاي-ۋۇي ئاچا نىمانچە تەس كىلسەن . نىۋاخ ساڭا تىلفۇن قىلغىلى ؟
شۇ ئۆيدى چىقمىقىم تەسلىكىنى بىلىسەنغۇ ؟ مىڭ تەستە سىلەرنىڭ ئۆيدە قونىمەن دەپ ئۆيدىن چىقالىدىم ..
بوپتۇ ئەمىسە ئۈزەڭلار پاراڭلىشىڭلار،مەن كىرىپ كەتتىم .ئۇ مەن تەرەپنى كۆرسىتىپ قويغاچ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
ئۇ شۇپۇرغا بىر نىمىلەرنى دەپ كەتكۈزىۋەتكەندىن كىيىن مىنىڭ يىنىمغا ئاستا كەلدى .مەن كۆز يەتمەس ئۇپۇققا قاراپ تۇراتتىم .ئۇ ماڭا قارىغانچە تۇرۇپ قالدى .مەن چاچلىرىمنى قاماللاپ قاتتىق بىر ۋارقىراپ كەتتىم .ئۇ چۈچۈپ كەتتىيۇ لىكىن يەنە قىلمىدى ،بەلكى گەپ قىلالمايۋاتاتتى .ھەر ئىككىمىز ئۇزاق سۈكۈتتە تۇرغاندى كىيىن ئۇ سۆز باشلىدى .
مەندىن ئاغرىنغىنىڭىزنى بىلىمەن ،بىراق پەرۇخ ئاكا مەن بۇ ئىشنى قەستەن قىلمىدىم . باشتا ئۈزەمنىڭ سالاھىيتىنى يۇشۇرمىسام بولمايتتى ،بىراق كىيىن سىزگە نەچچە رەت ئېيتاي دەپ ئويلىغان بولساممۇ سىزنىڭ بىزنىڭ يۇرتتا قىز تەرە ئۇغۇل تەرەپتىن باي بولسا چوڭلار بەك ئېغىر ئالىدۇ دىگەچكە سىزدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقۇپ دىيەلمىدىم ، مىنى كەچۈرۈڭ ،مىنىڭ باشقا نىيىتىم يوق ،ئۇنىڭ ئاۋازى بۇغۇلۇپ بۇ سۈزلىرىنى ئاران دىيەلىدى .
ئەجەبا مەن سىزنىڭ پۇلىڭىزغا قىزىقىپ سىزگە يىپىشىۋالارمەنمۇ ؟ دىدىم مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ
مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس پەرۇخ ئاكا ،ھەم ئۇنداق ئويلاپ باقمىغان ئۇ يىغلامسىرغىنىچە ئالدىمغا كىلىپ ئىككى قولى بىلەن جەينىكىمدىن چىڭ تۇتۇت تۇرۇپ شۇنداق دىدى .
سىز شۇنداق ئويلىدىڭىزمۇ ياكى ئويلىمىدىڭىزمۇ بۇنى بىلمىدىم ،بىراق گۈلنۇر بىز بىر -بىرىمىزگە ئىشەنمەيدىكەنمىز،بۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا بىر بىرىمىزنى قىيناپ يۈرىيمىز؟مەن ئۇنىڭ قولىنى ئاستا قۇلۇمدىن ئاجرىتىۋەتتىم ،ئۇ ماڭا تىكىلىپلا قالدى .
سىزنى ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلار دىمىگەنىدىم ،سز ئۈچۈن پۇل ھەممىدىن مۇھىمكەن ،شۇڭا ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، مەن ئۆرۈلۈپ مىڭىشىمغا ئۇ كەينىمدىن كىلىپ مىنى قۇچاقلىۋالدى .ماڭا پۇل كىرەك ئەمەس پەرۇخ ئاكا ،ماڭا سىز كىرەك ،ئەگەردە سىز بولمىغان بولسىڭىز مەن رىستۇراندا ھەرگىزمۇ 3 ئاي بەرداشلىق بىرەلمەيتتىم ،سىزنى تۇنجى كۆرگەن چىغىمدىلا ياخشى كۈرۈپ قالغانىدىم،ئەجەبا سىز شۇ كۈنلەنى ئۇنتۇپ كەتتىڭزمۇ؟
ئۇنتۇپ كەتمىدىم ،ھەم ئۇنتۇپ كەتمەيمەن .مەن دەل شۇ چاغدىكى گۈلنۇرنى ئىزدەۋاتىمەن .ئەپسۇس ئۇ سىز ئەمەستە ، راستىنى دىسەم سىزنى تۇنىيالمايۋاتىمەن، مەن ئۇنىڭ قولىنى بىلىمدىن ئاستا بوشىتىپ بەختلىك بۇلۇڭ دىگىنىمچە ئالدىمغا مىڭىپ كەتتىم ،كەينىمدە ئۇ ئۈن سىلىپ قاتتىق يىغلىغىنىچە قالدى ،پۇتلىرىم شۇنچە توختاشقا تەمشەلسىمۇ بىراق يىگىتلىك غۇرۇرۇم ،ئەرلىك ۋىجدانىم زادىلا يول قويمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۈز يىشىغا جۆر بۇلۇپ مىنڭ كۆز ياشلىرىممۇ تاراملاپ ئىقىۋاتاتتى ،كەينىمگە شۇنچە قاراي دىدىم بىراق قارىيالمدىم ،يۈرىكىم لەختى-لەختە بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى .ياتاققا قانداق كەلگىنىمنى ،قاچان ئۇخلاپ قالقىنىمنى بىلمەيمەن بىراق كۆز ياشلىرىمدا ھۆل بۇلۇپ كەتكەن كۆرپەم ئەتىگەندە تىخى  قۇرىمىغان ئىدى ،يۈرىكىمنى پىچاقتا تىلغاندەك ئىچىشاتتى. ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق قىلىشىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغاچقا ماڭا بەك ئېغىر كىلىۋاتاتتى .
كۈڭلۈم جايىدا بولمىغاچقا ئاشخانىدا نەچچە كۈندىن بۇيان پالاكەتلىك قىلىپلا يۈردۈم ،ئۇستام ھەم باشقىلار كۈڭلۈمنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى سەزگەچكە گەپ قىلمىدى .بىراق مەن قازان بىشىغا بارسام ياغقا ئوت قۇيىۋىتىپ ياكى نەرسىلەرنى كۈيدۈرۋىتىپ،پىچاق يىنىغا بارسام قۇلۇمنى توغراپ قۇلۇمنىڭ ساق يىرىمۇ ئاز قالدى .شۇڭا ئۇستام مىجەزىڭىز بولمىغاندىكىن ئارام ئېلىڭ دەپ مىنى ئاشخانىغا كىرگىلى قويمىدى ..بىراق ئادەم ئۈزى يالغۇز بىكار قالسا تېخىمۇ غىرىپلىق باسىدىكەن .ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرگەن كۈنلىرىم يادىمغا كەلسىلا كۈزۈمنى يىشى تەييار ...دادامنىڭ كىچىكىمدەئۇغۇل بالا يىغلىسا بولمايدۇ دەيدىغىنى ھىلىمۇ ئىسىمدە بىراق ھازىر ئۈزۈمنى يىغلىماسلىققا زورلاپمۇ ئۈلگۈرەلمەيمەن ،ئۈزۈمنى بۇرۇقتۇرمىچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆيگە تېلفۇن قىلدىم، بىراق ئانامنىڭ مىنى قايتىپ كەل دەپ يىغلىشى بىلەن ئاران قالغان مەنمۇ ئۈكسۈپ يىغلاپ كەتتىم .ئاناممۇ مەندىن بەك ئەنسىرەپ كەتكەن بولسا كىرەك،مىنى قايتا-قايتا ئۆيگە يىنىپ كەل ،قاچان توي قىلغۇڭ بولسا مەيلى ،ئاغزىڭغا قارايلى دەپ بىر مۇنچە ۋەدىلەرنى قىلدى مەنمۇ باشقا گەپ قىلماي تىلىفۇننى قۇيىۋەتتىم .ئەسلىدىنلا يىرىم كۆڭلۈم تىخمۇ يىرىم بۇلۇپ كەتتى ،تېلفۇننى قۇيىۋىتىپ بىر ھازاغىچە يىغلاپتىمەن  .كەچتە ئۇزاق ئويلاندىم.ۋە ئاخىرى ئۆيگە قايتىش خىيالىغا كەلدىم، بۇرۇنقى غەمسىز چاغلىرىمنى ئەسلەپ بەلكىم ئۆيگە قايتسام بۇ كۈڭۈلسىزلىكلەردىن قۇتۇلارمەن دەپ ئويلىغان بولسام كىرەك  ،بۇ گۈدەكلەرچە خىيال بولسىمۇ بىراق كۈڭلۈم مۇشۇنى تارتتى.نەچچە كۈندىن بۇيان توختىماي تىلفۇن قىلىۋاتقان گۈلنۇرنىڭ تىلىفۇنىنى زادىلا ئالمايۋاتاتتىم،بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇنى ئۇنتۇپ كىتەلمىسەممۇ بىراق ھەر ھالدا ئۇنىڭ بىلەن سۆرىشىپ يۈرۈپ ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلغۇم يوق ئىدى ..
ئەتىسى ئەتىگەن مەن ئۇستامدىن يۇرتقا قايتىشقا رۇخسەت سورىدىم ،ئۇستاممۇ يىقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىمنى بىلگەچكە جىق گەپ قىلمايلا قۇشۇلدى .مەنمۇ ئۇزاق بولمىسىمۇ لىكىن چوڭقۇر مىھرىم باغلانغان بۇ يەرگە ،دوسلىرىمغا قىيمىغىنىمچە ئۇلار بىلەن تەستە خوشلىشىپ نەرسە كىرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتىگە يۈرۈپ كەتتىم.

قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.

ئۈزۈڭنى قەدىرلە ،ئۆزگىنىمۇ ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 03:35:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىل رەڭلىك ئىككى قەۋەتلىك ئاپتۇبۇس ساي يولىدا ناھايىتى تىز كىتىۋاتىدۇ .مەن بىر تەرەپتىن يۇرت سىغىنىشى بىلەن خۇشال بولسام يەنە بىر تەرەپتىن بارا-بارا يىراقتا قالغان ئىنتىلىشىمغا تارتىشىۋاتاتتىم .خىياللىرىم شۇنچە قالايمىقان بىر بىرسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ،كاللام ھىچنىمىگە ئىشلىمەيدىغاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم .توغرا قىلدىممۇ خاتامۇ بۇنى بىلمدىم ،بىراق مەن يۇرتۇمغا قايتىپ بۇ كۈڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇشقا تىرىشىۋاتاتتىم .تۇيۇقسىز ئاپتۇبۇستىكى تىلۋىزوردىن چىقىۋاتقان ناخشا يۈرەك زىدەمنى تاتىلاپ قويدى   .
ئىسىمدە يۈرەر ئىدۇق بىز مۇڭدىشىپ
مەڭگۈلۈك ئايرىلماس بىر جۈپ بۇلۇپ
بىلمىدىم نىچۈن ئازدى يۈرىكىڭ
بولدىمۇ يالغان ئىيتقان سۈزۈڭ.

ئەمدى غىمىمنى يىمە
يالغاندىن كەچۈر دىمە
ئازار يىدى بۇ يۈرەك
مۇھەببەتنى ئۇيۇن دىمە.

مۇھەببەت ساداقەتتىن ئايرىلماس
ۋاپاسىزلار چىن سۆيگۈگە يار بولماس
ئالداندى كۆڭلۈم خارلاندى دىلىم
سۇلدى سەن ئۈچۈن ئىچىلغان گۈلۈم

ناخشا ئىيتقان بالىنىڭ يىغلامسىراپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ مەنمۇ بىللە يىغلاپ كىتىپتىمەن. بىراق ئۈنۈمنى چىقىرالمايتتىم چۈنكى يىنىمدا  ئادەم بار ئەمەسمۇ .كىرلىشىپ كەتكەن يوتقاننى بىشىمغا يۈگەپ ئاۋازىمنى يۇشۇرۇپ يىغلىغىنىمنى ھىچكىمگە كۆرسەتمەسلىككە تىرىشتىم .بەدىنىم كەچكۈزنىڭ سۇغۇق شامىلىغا قۇشۇلۇپ يۈرەكلىرىم بىلەن بىللە مۇزلىماقتا ئىدى ،ئۇنىڭدا نە ھارارەتنى ھىس قىلىدۇ دەيسىز ..؟ ئىھ مۇھەببەت شۇنداق نەرسىكەنسەن .بەزىدە ئوتتا كۆيدۈرىدىغان ،بەزىدە زىمىستاندا مۇزلىتىدىغان .
ئاپتۇبۇس ئانا يۇرتۇمنىڭ زىمىنىغا قەدەم باسقاندا يۇرتۇمغا تويماي قاراپ كەتتىميۇ بىراق خازان بولغان يۇپۇرماقلار، تۈكۈلگەن گۈللەرگە قاراپ سۇنغان دىلىم ئۆتمۈشكە ئايلانغان مۇھەببىتىمنىڭ ئاچچىق كەچمىشلىرىگە لىق تولدى ..
تېلفۇنۇمنى قۇلۇمغا ئېلىپ نەچچە كۈندىن بۇيان تېلىفۇن قىلىپ ھارمىغان گۈلنۇرغا بىر ئۇچۇر يازدىم (گۈلنۇر بەلكىم مەن رىئاللىقتىن ئۈزۈمنى قاچۇرغاندىمەن ،بەلكىم مەن بەك ئاشۇرۋەتكەندىمەن ،بەلكىم بۇنچە قىلىشىم ئارتۇقچە بۇلۇپ قالغاندۇ ؟ بىراق مانا بۇ مەن . مىنى ئاتالمىش غۇرۇرپەرەس دىسىڭىزمۇ مەيلى بىراق مىنىڭ ياشاش ئىدىيەم شۇنداقكەن .بەلكىم جاھىللىق قان قىنىمغا سىڭىپ كەتكەندۇ .بىز ئەمدى مەڭگۈ كۈرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن ،مەن ھازىر يۇرتۇمغا كەپ بولاي دىدىم .يەنە 2 سائەتتىن كىيىن ئۈيۈمگە يىتىپ بارىمەن .مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ .سىزگە بەخىت تىلەيمەن ،ئاللا خالىسا سىز چۇقۇم بەخىتلىك بۇلالايسىز ..مىنى ياخشى كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت ،سىزگە بەخىت تىلەپ ...ئاكىڭىزپەرۇخ
توختىماي تىلىفۇن قىلىۋاتقان  گۈلنۇرمۇ شۇ ئۇچۇر بىلەن جىم بولدى ..بىر يىرىم سائەتتىن كىيىن ئاپتۇبۇسمۇ ئەڭ ئاخىرىقى بىكىتىگە يەنى بىزنىڭ ناھىيەگە كەپ بولدى مەنمۇ چامدانلىرىمنى سۆرىگىنىمچە تاكسى بىلەن ئۇدۇل ئۆيگە چىقتىم ،مىنى قايتىپ كىلەر دەپ ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ بۈگۈن تۇيۇقسىز كىلىشىمنى ئويلىمىغان ئاتا-ئانام سىڭلىم مىنى كۈرۈپ ھەيران قالدى .ھەممەيلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتتۇق .ئۈيۈم يەنە شۇنداق ئىللىق ،يەنە شۇنداق مىھرى ئىسسىق ھىچنىمە ئۆزگەرمىگەن ئىدى ،ھەممە يەرگە ھەممە نىمىگە تويماي قاراپ كەتتىم .بىچارە ئانامنىڭ ئاق چىچى يەنىمۇ جىقلاپ قاپتۇ .دادامنىڭمۇ يۈزىدىكى قورۇقلار كۆپىيىپ قالغانىدى ،بۇنىڭغا قاراپ ئۈزۈمدىن شۇنچە نۇمۇس ھىس قىلىپ كىتىۋاتاتتىم .ھەممىسى مەندىن توختىماي سۇئال سورىماقتا ،مىنىڭ قۇلۇمنى ئىڭەكلىرىگە ياقماقتا ئىدى ..كۈڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بىرسىگە تارتىشىپ تۇرسىمۇ بىراق ئائىلىنىڭ ئىللىق مىھرى مىنى ئۈزىگە چىڭ تارتماقتا ئىدى .ئۆيدىكلەر بىلەن نىمش قىلغىنىم  تۇغرۇلۇق پاراڭلىشىپ تۇرسام تېلفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلدى .بۇرۇندىن باشلاپ ئۆيدىكىلەر بار يەردە تېلفۇن ئويناشنى ياقتۇرمىغاچقا كارىم بولمىدى .بىراق بىردەمدىن كىيىن تېلاۇنۇم يەنە سايراپ كەتتى.بۇ قىتىم ئامال يوق قارىسام گۈلنۇرنىڭ نۇمۇرى تۇرمامدۇ ؟ تېلفۇننى ئۈزىۋەتكەندىن كىيىن كەلگەن ئۇچۇرغا قارىدىم .ئۇچۇرنىمۇ ئۇ يازغان ئىدى ،
پەرۇخ ئاكا . مەن ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىدا ...سىرتقا چىقىپ مىنى ئۆيىڭىزگە باشلىمامسىز؟
ئۆيدىكلەرگە جىددى بىر قارىۋىتىپ ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردۇم .
ھەي گىپىڭىز بولسا كىيىن دەڭ ،مەن ھازىر ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە .تولا ئادەمگە چاقچاق قىلماي جىم ئولتۇرۇڭ .ئۇچۇرنى ئەۋەتىپ تۇرۇشىمغىلا يەنە ئۇچۇر كەلدى .
كىم سىزگە چاقچاق قىپتۇ ،ئىشەنمىسىڭىز دەرۋازىڭىزنى قاقايمۇ ؟
مەن بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي دەرۋازىنى ئاچتىم، توۋا ماۋۇ قىزنى قولىدا بىر چامداننى تۇتۇپ ئۆينىڭ ئالدىدىدىكى يولدا تۇراتتى ..ئۇ مەن چىقىشىمغىلا مەنمەنچىلىك بىلەن كۈلۈپ قويدى . ساراڭ بولدىڭىزمۇ ؟ بۇ يەردە سىزگە نىمە بار دىدىم مەن ھۇدۇقۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا تىز بىرىپ.
ساراڭ دىگەن ئۈزىڭىز ،قىچىپ كەتسەملا بولدى قىلىدۇ دەپ قاپسىزدە ،بۇ يەردە سىزگە نىمە بولسا ماڭىمۇ شۇ بار ،ئۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي شۇنداق دىدى.
بۇ يەردە ماڭا ئاتا ئانا ئۇرۇغ تۇغقان يەنە ئۈيۈم بار .سىزنىڭچۇ ؟ بولدى ئادەمنى تىرىكتۈرمەي قايتىپ كىتىڭ .
ۋىييەي ماۋۇ ۋاپاسىزنى ،سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىز بولسا مىنىڭ قىيناتا قىينانام باركەنغۇ.سىزنىڭ ئۈيىڭىز بولسا مىنىڭمۇ ئۈيۈم بار ئىكەنغۇ ،،سىزگە تىرىكتۈرگىلى كەلگەندەك كۈرنىۋاتامدىمەن .سىز ئاپتۇبۇستا كەلسىڭىز مەن ئايرۇپىلاندا كەينىڭىزدىن يىتىمەن مانا مۇشۇنداق ..مەندىن ئۇنداق ئاسان قۇتۇلىمەن دىمەڭ ،دىدى ئۇ قولىدىكى چاماداننى كۆرسىتىپ .
مەن بەك جىلە بۇلۇپ ئۇنىڭغا  قىلغۇدەك گەپمۇ تىپىپ بىرەممىەي .زادى نىمىش قىلماقچى سىز دىدىم ئۇنىڭغا .
ھىچنىمە قىلماقچى ئەمەس شۇ ،بەختىمنى قوغلاشماقچى ،بولمامدىكەن ؟ئۇ يەنىلا شۇنداق تەمكىن ئىدى مەن بولسام جىددىلىشىپ كىىۋاتاتتىم .
ئەڭ ياخشىسى مىنى قوغلىماقچى بولسىڭىز كەينىڭزگە بىر قارۋىتىپ ئاندىن بىر ئىش قىلاسىز ھە ئۇ مىيقىدا كۈلۈپ قويدى
مەن كەينىمگە  قارىدىم  دادام ،ئانام سىڭلىم ھەممىسى بىزگە قاراپ تۇراتتى
مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەممەي تۇرۇپلا قالدىم .شۇ پەيتتە ئانام  ماڭا بالام مىھمان دىگەننى ئۆيگە باشلاپ ئاندىن پاراڭ سالىدىغان گەپ ،دىمەسمۇ .مەن قاراپلا قالدىم ئانام بىلەن سىڭلىم كەپلا ئۇنى قولتۇقلىغىنىچە ئۆيگە ئەكىرىپ كىتىۋاتىدۇ ،توۋا ئۇ بولسا ئۆز ئانىسى بىلەن ماڭغاندەك بەخىرامان كىرىپ كىتىۋاتمامدۇ ؟ ئۆيگە ماڭغاچ يەنىلا ئانام بىلەن سىڭلىم ياخشىكەن دىيىشلىرىچۇ تېخى .،.مەن توك سۇقۇۋەتكەن تۇرۇپلا قالدىم توۋا ماۋۇ قىز بالا بۈگۈن نىمە بولدىكىنە ،دورىسىنى خاتا ياۋالمىغاندۇ ھە ....چۈش كۈرىۋاتامدىم يا .....





                                                        خاتىمە



ئۈستۈمدە ئاپئاق كاستۇيۇم بۇرۇلكا ،قۇلۇمدا ھال رەڭ ئەتىرگۈل ،ئاق ئەتلەس بىلەن پارقىراق تاۋار ئارلاشتۇرۇپ تىكىلگەن توي كۆينىكىگە پۈركىنىۋالغان بىر گۈزەلگە قۇلۇمدىكى گۈلنى سۇنماقتىمەن ،بىشىمىزدىن توي كەمپۇتلىرى .قاردەك توي چاچقۇلىرى چۈشمەكتە.مىھرىبان ئانام بىشىمغا بادام دوپپىنى كىيگۈزۇپ  پشانمىزگە سۈيۈپ بەخىت تىلىمەكتە ،ئەھلى -يۇرت جامائەت بىزگە ئىككىلى دۇنيالىق بەخىت سائادەت تىلەپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلماقتا .شوخ بالىلار ئەتراپىمىزدا يۈگرەپ يۈرمەكتە،نۇرغۇن بىر جۈپلەر بىزگە ئارزۇ ئارلىشىپ كەتكەن ھەسەت قىلىشماقتا، قىزىنىڭ مۇرادىغا يەتكىنىنى كۆرگەن قىيناپام  خۇشاللىق كۆزياشلىرىنى تۆكمەكتە..سەن شەھلا كۆزلىرىڭدە ماڭا باقماقتىسەن ،كۈزۈمدىن ئۈزۈڭنى ئىزدىمەكتىسەن .مەن قۇلۇڭنى چىڭ تۇتۇپ سەن كۈزۈمدە ئەمەس جېنىم ،بەلكى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىسەن دەپ ساڭا پىچىرلىماقتىمەن ،بىر ئۈمۈرگە تاللىغان يايرىمسەن دىمەكتىسەن ،مەن ساڭا چىن يۈرىكىم بىلەن دۇنيادا بىرتاللاپ بىر ئۈمۈرگە سۆيگەن گۈلۈمسەن دەپ نىدا قىلماقتىمەن.



                                مەنبە .....ئۆز قەلىمىم



مەزكۇر ئەسەرنى بۇرۇنراق ئىلان قىلاي دىگەن بولساممۇ بىراق بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇگۈنگەچە قىپقالدى ،مانا بۈگۈنمۇ توكنىڭ تۇراقلىق بولماسلىقى تۈپەيلى پارچە پارچە ئىنكاس شەكلىدە يوللاشقا مەجبۇر بۇلدۇم .بارلىق مۇنبەرداش قىرىنداشلىرىمنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ...
                                                ئىھتىرام بىلەن                                                                                             ئەزەمى
              


ئەسكەرتىش.

1.ئەسەرنى مىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشۇمغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلساڭلارمۇ بۇلىدۇ .

2.ۋاقىت قىسلىقى ،خىزمەت  ئالدىراشلىقى  ،سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بۇلۇشى تۈپەيلى ئەسەر نۇرغۇن نۇقسانلاردىن خالي ئەمەس ،سەمىمىي تەكلىپ پىكىر بىرىشىڭلارنى سورايمەن

3.مەزكۇر ئەسەر مۆتىۋەر - مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە تەۋە .ھەر قانداق شەخىس ۋە ئۇرۇننىڭ خالىغانچە يۆتكەپ ئىلان قىلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ ...ئەگەردە خىلاپلىق قىلىنسا ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە .. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-11 10:09 AM  


قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 10:19:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايان بىلەن دىئالوگلار ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پەرق ئېتىپ ئوقۇشتا خېلى قىينىلىپ قالىدىكەن ئادەم. ئامال بولسا تەھرىرلەپ قويغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109265
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 10:36:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ ،  بولۇپمۇ ماڭا ئەڭ يارىغىنى «مەن»نىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىكى تەسۋىر ۋە ئۇنىڭ ئوي خىياللىرى .(گەرچە بۇ ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىددىيەسى بولمىسىمۇ).
لىكىن چۇشەنمىگەن يىرىم قىز «مەن»نىڭ ئۆيگە بارغاندا «مەن»نقڭ ئاتا -ئانسىنىڭ ئۇقىزنى شۇنچە ئىتتىك قوبۇل قىلغىنى بولدى ، ياكى ئۇقىز ئۇنىڭدىن بۇرۇن «مەن»نىڭ ئاتا -ئانسى بىلەن ئالاقىلاشقانمۇ.

نادىر ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنامىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1296
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 12:52:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز بەختىنى قوغلىشىش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما بىر قىزنىڭ يىگىتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بەخت ئىزدىگىنى كاللامدىن ئۆتمىدى. ئۇ يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇبۇل قىلغىنىغىمۇ ھەيرانمەن~

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104752
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2014-3-12
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 01:57:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ‹‹گۈلنۇر››دىگەن قىزنىڭ يۈرىكى قاپلاەندەكلا ئىكەن، قورقمايلا يىگىتىنىڭ ئۆيىگە  چامىدىنىنى كۆتۈرۈپلا كەپتۇ، قېچىپ كېلىش دەمدۇق بۇنى،.... تۇرمۇشنىڭ ‹‹ئەركىن ›› قىسمىنى يۇرۇتۇپ بېرىپسىز، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن

چىتلاق مۇستەھكەم بولسا ، لالما ئىت، تالا مۈشۈكلىرى كىرەلمەيدۇ

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7166
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1254 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 02:17:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئىككى كۈندىن بېرى مۇنبەردىكى ھىكايە تىپىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھېس قىلغىنىم
ئورتاق كۆرۈلگەن مەسىلە-بىز ياشاۋاتقان رىئال ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن جەتنەۋاتىدۇ.
بۇ ئەسەردىكى ئىچكى تەسۋېرنى ئىپادىلەش،ۋەقەلىكنى كىرىشتۈرۈپ ئىپادىلەش جەھەتتە ياخشى،ئەمما ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ مەيلى ئىجدىمائىي ۋە پىسخىكا تۇرمىشىدىن سەل يىراق..
ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار تىلەش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كىيىن تېما خام ماتىرىيالى تاللىغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12510
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32386
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4547 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 02:36:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى كەچمىش تەسۋىرلىرى،زىددىيەتلىك ھېسياتلىرى ياخشى ئىپادىلەنگەن.....

گۈلنۇرنىڭ ‹‹مەن››نىڭ كەينىدىن يۇرتىغىچە قوغلاپ كېلىشى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىيالمايدۇ.....

يەنە بىرسى دىئالوگلاردا كېلىدىغان تىنىش بەلگىلىرى قويۇلمىغاننىڭ ئورنىدىلا.....


-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئەجەپ بالدۇر كىلىۋاپسىەنغۇ ؟
-ۋەلەيكۇم ئەسسالام ..شۇ مەن سىزگە قارىغاندا يىقىن بولغاندىكىن بالدۇرراق كەلدىم شۇ بولماپتىما ؟
-ۋاي ياقەي،بوپتۇ ،ساقلاپ كەتتىمىكىن دەپ شۇ .
-مەنمۇ ھازىرلا  كەلگەن ،
-تاماق بۇيرۇتتىڭمۇ ؟
-ياق ،تېخى ، سىز كەلگەندە بۇيرۇتاي دەپ ساقلاپ تۇردۇم .
-نىمە يىگۈڭ بار ؟


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش