ئالتۇن ئىمارەت
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
بىر سەنئەت يۇرت قەددى ئالتۇن ئىمارەت،
كىم چاچقان باغرىغا شۇنچە مۇھاببەت؟
كۆكسىدە ھارارەت يوقتۇر پايانى،
قەسىدەم قامۇسى ئاچقان چەكسىز بەت.
يېزىلغان شۇ بەتكە مەردان قىسسىسى،
ئېچىلغان روھىدا كەلگۈسىگە يول.
سۆيۈملۈك ئەجداتنىڭ ئىزلىرى بىرلە،
ئەۋلادنىڭ بەختىگە سېلىنغان بىر ئۇل.
ھەر كۈن ھەر ھۆسنىدە جىلۋىسى تاتلىق،
باغرىدا ئۆمۈر شاش، يۈرەكتە ياشلىق.
مىڭ قۇللۇق تەسەددۇق خىزمىتىدەمەن ،
خانىقا ئۆمرۈمگە سۆيۈملۈك تاشلىق.
بىر چەكمە گۈل بولۇپ ياراشسام ئاڭا،
گۈللەرچە بىر ھوزۇر تاراتسام ساڭا.
ئۆزلۈكۈم يىلتىزلاپ باغرىغا چوڭقۇر،
چىگىلسەم جەننەت يۇرت تۇپرىقى ماڭا؟
2014يىلى 10-ئۆكتەبىر (ئاتۇش).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-12 03:04 PM