|
|
|
|
ياپۇنىيە ئالىمى كۆك نۇر LED بىلەن نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
بۇ يىللىق نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىسامۇ ئاكاساكى (Isamu Akasaki)، خىروشى ئامانو (Hiroshi Amano) ۋە شۇجى ناكامۇر (huji Nakamur) قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئالىمغا بېرىلگەن.
نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىنى باھالىغۇچىلار مۇنداق باھالارنى بەردى: «بۇ 3 ئالىم ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بىلەن كۆك رەڭلىك دەستە نۇرىنى چىقارغان بولۇپ، يورۇتۇش ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نېگىزلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ كەشپىياتى ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك بولۇپ، چوغلانما لامپۇچكا 20-ئەسىرنى يورۇتقان بولسا، 21-ئەسىرنى LED لامپۇچكا يۇرىتىدۇ»
LED لامپۇچكىنىڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىگە بولغان تەلىپى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئەرزان قۇياش ئېنىرگىيەسى بىلەنلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇ خىل يېڭى يۇرۇتۇش مەنبەسى دۇنياغا كەلگەندىن بېرى ئېلېكتىر تورى قاپلانمىغان دۇنيادىكى 1 مىليارد 500 مىليون كىشىگە يۇرۇقلۇق ئاتا قىلغان .
(مەنبە: ئالىم ئەھەت بلوگى http://www.alimahat.com/?p=4005&cpage=1#comment-27242)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-10 07:34 PM
|
|
|
|
|
|