بۆرتالادا بوكىس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بارلىق تورداشلار كەمىنە تاڭنۇردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ، ئايەم كۈنۈڭلار ياخشى ئۆتكەندۇ .
مەن بۇ قېتىم سىلەرگە ئۇشبۇ كاتتا خوشخەۋەرنى يەتكۈزمەكچى .
بورتالا ئوبلاستلىق بوكىسچىلار جەميىتى بورتالا ئوبلاستىدا كەڭ دائىردىكى ، سەۋيىسى يۇقىرى بولغان چوڭ تىپتىكى ‹ تەبەسسۇم لوڭقىسىنى تالىشىش چىمپىيونلۇق بوكىس مۇسابىقىسى› ئۆتكۈزمەكچى .
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە جۇڭگۇ بوكىس پادىشاھى ئابدۇشۈكۈر مىجىت ، ئابدۇراخمان ئابلىكىم ، ئولىنپىك ئوغلانى مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ قاتارلىق پەخىرلىك ئوغلانلار تەكلىپ قىلىندى ،بۇنىڭدىن سىرىت بۇ مۇسابىقىگە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەسىر دائىرسى چوڭ ، تېخنىكىللىرى ئۈستۈن بولغان ماھىرلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ .
تەكىتلەشكە تىگىشلىكى شۇكى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە بورتالادىن يىتىشىپ چىققان بوكىس ماھىرىمەممەتجان نۇرمۇھەمەتمۇ قاتنىشىدۇ . پۇرسەت غەنىمەت بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئەستىن چىقمىغۇدەك ،تالانتىلقلار يىغىلغان ، ھەقىقى پالۋانلار ئۇچرىشىشى بولۇپ قالغۇسى .
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوكىسى مەيدانىنى ئېلان تاختىللىرى بىلەن بىزىمەكچى شۇڭا كەڭ سودىگەر كارخانچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىز بىلەن ئېلان ھەمكارلىقى قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز . بىزنى قوللىغىنىڭىز ، ئۆزىڭىزنى ، شۇنداقلا ئۆز قەۋمىڭىزنى قولىغىنىڭىزدۇر .
ئۆز ئارا ھەمكارلىقنىڭ شۇئارى - بىرلىكتە نەتىجە قازىنىشتۇر .
مۇسابىقە ۋاقتى 2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - 26 - كۈنلىرى
بۇ مۇسابىقىنىڭ بارلىق كۆرنىشىنى سابا توي فىلىم ئىشلەش مەركىزى سىنغا ئېلىپ كەڭ خەلىق ئامىسىغا تارقىتىدۇ
مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان ئورۇن يېڭى شەھەر تەنتەربىيە زالى ‹ بىرىنجى يول ،ئۈچىنجى يول ، ئالتىنجى يول ، › ئاپتۇبۇسلىرى قاتنايدۇ ئالاقىلاشقۇچى : مۇھەممەتجان نۇرمۇھەممەد 18997777751
ئىليار تۇرسۇن : 13999777557