مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2476|ئىنكاس: 24

ئەتىگەنلىك ناشتا قىلماسلىقنىڭ زىيانلىرى «بىلىۋېلىڭ » [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2433
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1807 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 09:01:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                      ئەتىگەنلىك ناشتا قىلماسلىقنىڭ زىيانلىرى  

ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈچ  ۋاقلىق تاماقنىڭ  ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق تاماق ھېساپلىنىدۇ.  مۇتەخەسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇزاق  مەزگىل ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا تۈرلۈك كېسەللىكلەر  پەيدا  بولىدىكەن.
1. ئاشقازان ياللۇغى ياكى ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا ھەزىم  قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا  ھەممىدىن  زىيانلىق، ئادەتتە  نورمال ئەھۋالدا ئالدىنقى كۈنى كەچتە  يېگەن تاماقلار ئالتە سائەت ئەتراپىدا  ئاشقازاندىن  ئۆتۈپ  ئۈچەي يولىغا كىرىپ بولىدىكەن، ناۋادا  ئىككىنچى  كۈنى ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا، چۈشلۈك  تامقنىمۇ يېمىگەندە ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئازقازاندىكى ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى ئاشقازاننىڭ  تىرىپسىنى « ھەزىم قىلىشقا» باشلايدىكەن. دائىم  شۇنداق بولۇۋەرگەندە، ھۈجەيرە ئاجراتقان  يېپىشقاق سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئاشقازان يارىسى ۋە  12 بارماق ئۈچەي  يارىسى قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن.
2. ئۆتتە تاش پەيدا بولىدۇ.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ ناشتىدا ياغ تەركىۋى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېنال قىلىشنى ، ھورۇنلۇق قىلىپ ئەتىگەندە ئىشقا ئالدىراپ ناشتا قىلماسلىققا ئادەتلىنىپ قالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى  ئەتىگەندە ئاچ  قورساق چاغدا، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاسانلا  يىغىلىپ  قېلىپ  ئۆتتە  تاش پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە گۆشلۈك  تاماققا ۋە تاتلىق  يېمەكلىكلەرگە ئامراق كىشىلەر، ياغ ۋە خولېستىرىننىڭ مىقتارى  ئارتىپ كەتكەنلىكتىن ئاسانلا ئۆتتە تاش پەيدا بولۇپ قالىدۇ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال  قىلغاندىمۇ ئىنسولىن كۆپ ئاجرىلىپ، خولېستېرىننىڭ ئۆت سۇيۇقلىقىدا چۆكۈپ قېلىشنى تېزلىتىپ، ئۆتتە  تاش پەيدا قىلىدۇ.

3. داس بوشلۇقى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
كۆپىنچە قىز- ئاياللار ئورۇقلاش ئۈچۈن ھەتتا ناشتىمۇ قىلمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا كۆپىيىش  سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. بولۇپمۇ، قىشتا ناشتا قىلمىغاندا ئادەم بەدىنىگە  ئاسانلا  قۇۋۋەت يېتىشمەي قالىدۇ، شۇ سەۋەبلىك  ئاياللارنىڭ بەدىنىنى سوغۇق قاپلاپ، داس بوشلۇقىدىكى  قان-تومۇرلار تارىيىپ كېسەل پەيدا قىلىدۇ.
4. قان -تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇزاق مەزگىل ناشتا قىلمىغاندا تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ياغ ئاقسىلى قان -تومۇر دىۋارىغا يىغىلىپ قېلىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى  پەيدا  قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ يۈرەك  تىقىلمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ناشتا قىلىدىغانللارنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن.

5. چىش  كېسەللىكلىرىگە  گىرىپتار  بولىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر يېقىندا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن  مەلۇم  بولۇشىچە  2  ياشتىن بەش  ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى  ئەتىگەندە ناشتا قىلمايدىغنالارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىش  نىسبىتى ئەتىگەندە ناشتا قىلىدىغانلارنىڭكىگە قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.چۈنكى ناشتا قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان بالىلار قورسىقى ئاچقاننى سەزگەن ھامان ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەر بىلەن قورساق تويغۇزىدىغان، ناشتا قىلغان ھامان كۆڭلى ئېلىشىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا داۋاملىق ناشتا قىلمايدىغان ناچار ئادەتلەرنى سىڭدۈرۈۋالىدىكەن، ئۇششاق  - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تەكرىبىدىكى يۇقىرى قەنت مىقتدارى چىشنى قۇرت يېيىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت  ھازىرلاپ بېرىدىكەن.
شۇڭا  ساغلاملىق ئۈچۈن ئەتىگەندە  ناشتا قىلىش كېرەك. ناشتىدا  ياغسىزلاندۇرۇلغان  سۈت،  قېتىق،  ئېرىمچىك، ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، ئارپا  ئومىچى، مېۋە، مېۋە  شەربىتى  قاتارىقلارنى  ئىستېمال قىلىش كېرەككەن.      
         
                               مەنبە : ساغلاملىق تورى   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-11 04:36 PM  


[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 09:05:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنە تاققا تۇققىمىكىن دەپتىمەن

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 09:13:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.... ئاتۇشتىكى ۋاختىمدا ئاناپ زورلاپ تەستە ناشتا قىلغۇزاتتى...
ھازىر زورلايدىغان ئانام يوق كۈنلۈكى 2ۋاق تاماق يەيدىغان بوپ كەتتىم...
ما تىمىنى كۆرۈپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم .... بۇندىن كىيىن ئامال بار ناشتا قىلسام بولغۇدەك...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1868
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 935 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 09:32:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز،رەخمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 901
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 576 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 12:37:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ساغلاملىققا ئائىت مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇراسىز.



   رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2071
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 01:04:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۈگۈن ناشتا قىلمىدىم ، قۇسۇغۇم ئېچىپ  كوكىراپ كەتتى

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2433
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1807 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 01:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tuntaxvixi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 09:05 AM
مەن يەنە تاققا تۇققىمىكىن دەپتىمەن

  ھى ھى  تاققا تۇققا ئۇ دىگەن كۈلكە  ،   ماۋۇسى  ساغلاملىق ئۇچۇرى  .      ئەمدى بۇ ماۋزۇنى بۇنداق قۇيۇپ  تاققا - تۇققا يوللاپ كەتسەم   ،  دوسلار كۆرۈپ قالسا   ئىككى كۆزۈمگە زىخ تىقىۋېتىپ، قاسىم قارىغۇنىڭ دەردىگە قالماي دەپ  ئازراق قوقتۇمچۇ .

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2433
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1807 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 01:27:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
WIJDAN..? يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 09:13 AM
ھەي.... ئاتۇشتىكى ۋاختىمدا ئاناپ زورلاپ تەستە ناشتا قىل ...

  بەك بولمىسا ، ئەتتىگىنى  بىرەر پارچە نان  بولسىمۇ  يىيىشكە ئادەتلىنىڭ . چۈنكى ، نان  ئاشقازاندىكى  سېرىق سۇنى   سۈمۈرۋالىدىغان بولغاچقا  ،  ئاشقازانغا بولغان بېسىمى يىنىكلەيدۇ  .   

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2433
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1807 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 01:36:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولتۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 01:04 PM
مەن بۈگۈن ناشتا قىلمىدىم ، قۇسۇغۇم ئېچىپ  كوكىراپ كەتت ...

   ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىڭ    ئەتتىگىنى ناشتا قىلمىغاندا   يەنە سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ  ،      شۇڭا مەيلى خانىم قىزلار بولسۇن ،ياكى  ئوغۇللار بولسۇن ، چۇقۇم دىققەت قىلىشى كىرەك   .          بەزى خانىم قىزلار باركەن ، جىق تاماق يىسەم  سەمىرىپ كىتىمەن دەپ قاراپ ، تاماقنى ئازايتىپ  ئورۇقلايدىغان      گۈزەللىك قوغلۇشىدىغان   ،   ھازىر بىلىنمەيدۇ ،   بىراق كىيىنچە  60 -  70 ياشلارغا بارغاندا  ،  دەردىنى تارتىپ قالىدۇ  .   ياش چوڭايغانسىرى  ھەر قايسى ئەزالارنىڭ  ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەپ ماڭىدىغان بولغاچقا   ،  ياش بىر يەرگە بارغاندا   شۇ ياش ۋاقىتلاردىكى  ناچار ئادەتلەر  بىر- بىرلەپ كۆرۈلۈپ ماڭىدۇ   .      ئەتتىگىنى قۇۋۋەتلىك يىيىش  ، چۈشلىكى  توق يىيىش   ، كەچلىكى ئاز يىيىش دەپ  بىر گەپ بار .  

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 858
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3112 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 02:07:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3 يىلدەك بوپتۇ ئەتتىگەندە ئاساسى جەھەتتىن ناشتا قىلمايۋاتقىلى ،  مەندە بۇ كىسەللەر خىلى بىر يەرگە بارغان ئوخشايدۇ ...

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش