مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4426|ئىنكاس: 22

قۇربان ھېيتتا يەنە ھاراق ئىچتىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1932
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17911
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 831 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 01:58:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ

«مەي مەدەنىيەتشۇناسلار تەرىپىدىن بىرخىل مەدەنىيەت دەپ تەرىپلىنىدۇ.لىكىن ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يۇمشاق خاراكتىرلىق سارىسقا ئايلىنىپ كەتكەن.»ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزىنى ئوقۇپ يازماقچى بولغان ئۇشبۇ ماقالەمنى يىزىشتىن يالتىيىپمۇ قالدىم.چۈنكى ئاللبۇرۇن كىسەلگە ئايلىنىپ كەتكەن نەرسىنى شۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان كىشلەر بىريەرگە كىلىپ زىچ ئۇيۇشمىسا ساقايتقىلى بولمايدۇ.ئەشۇ كىشللىرىمىز روھىيىتىدىكى ساقسىزلىقىنى بىر يوللا ئەسلىگە كەلتۈرۈش گەرچە پىقىرىنىڭ قولدىن كەلمىسىمۇ ئەمما«تاما-تاما كۆل بولار» دىگەن ئەقىدە بىلەن تۈزىتىش تەرەپتارىدا چىڭ تۇرۇشۇم ھەمدە ماڭا قانداش تالاي كىشلەرنىڭ ئەسلىمىسى بولغان ھېيىت داستىخىنىنىڭ ئەلۋەكلىكى سەبىئيى قەلبىگە شاتلىق ئۈنچىللىرىنى چېچىپ ھارپا ئاخشىمى تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي چىقىدىغان بالىلىق ئەستىلەكلىرىنىڭ قىسمەن كىشلەر تەرىپىدىن كىچىچە كىرپىك قاقماي ئىچىشۋازلىق قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قىلىشى، ئەمما نۇرغۇن كىشلەر قەلبىدىكى ھېيىت داستىخىنىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى نامايەن قىلىدىغان ساپ ئىنىتىلىش ماقالىنى داۋاملاشتۇرشىمغا مەدەت بەردى.

ناھايەت،يىمەك-ئىچمەك ئىستىمالىمىز تۇرمۇش سۈپىتىمىزدىن ئالاھىدە تىز تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھېيىت داستىخىنىمىزدىكى مولچىلىقىنى ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ ئۇچىراتقىلى بولىدىغان بولسىمۇ ئەمما نۇرغۇن كىشىللىرىمىز يەنىلا ھېيىت دەستۇرخىنىمزغا ئىنتىلىدۇ.چۈنكى ھېيىت داستىخىنىمىزدا مىھرى-مۇھەببەت بار، ئىززەت- ئىكرام بار،ئىناق–ئىتپاقلىق بار،خەيرى-ئىھسان،كەڭ قۇرساقلىقتەك ئەنىئەنىۋي مەدەنىيتىمىزنىڭ تىندۇرمىللىرى بار.دەل ئاشۇ خاسىيەتلەرنىڭ خاسىيتىدە ھېيىت داستىخىنى ئالاھىدە تەييارلىنىپ ھېيىت-ئايەملىرىمىزدە كۆلبىمىزگە قەدەمى يەتكەن پەرىشتە سۈپەت مىھمانلار ئەڭ ئالي ھۆرمەت–ئىھتىرامدا كۈتىۋىلىنىدۇ.ھېيىت-ئايەملەردە مىھماندارچىلىق رىسالىمىز ماددى ۋە مەنىۋي جەھەتتىن ۋايىغا يەتكەن مەزگىلىگە كىرىدۇ.

ئىككى يىل ئاۋال كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەن بىر ئىش مەخسىتىمنى تىخىمۇ زىيادە قىلسا كىرەك.بۇ يەردە ھېيىت كەلسە بىر قانچە ئايغا سوزلىغان پەتىلەش باشلىنىپ كىتىدۇ.كىچىكلەر ئاۋال چوڭلارنى يوقلايدىغان بولغاچقا ھېيىتىنىڭ ئۈچىنجى كۈنىدىن باشلاپ باشلىقلارنىڭ ئۆيىنى پەتىلەيدىغان ئىش خېلى ئومۇملىشىپ قالغان بولۇپ شۇ قىتىم ئىلگىرىكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەشكە تۇنجى قىتىم بېرىشىم ئىدى. ھىيىتنىڭ ئېسل خاسىيىتى بىلەن ساقلىنىپ كەلگەن ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىز ئۆيگە كىرىپ بەجا كەلتۇرۇلگەندىن كىيىن بىنا ئۆي بولغاچقا يەنە كىلىپ مۇدىرىنىڭ ئۆيى بولغاچقا پەتىچىلەر بىلەن لىق توشقان ئۆيدە ئۆزىمىزگە يارىشا ئورۇنغا كىلىپ ئاران سىغىشىپ ئولتۇرۇدۇق.بۇرۇنراق كەلگەن ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن چاققان قەدەملەر بىلەن تاماقلارنى راسلاۋاتاتتى.بىر قانچە خىل تائام تارتىلغاندىن كىيىن ئاياللار قايتىشىقا جابدۇندى.«ئەرلەرنىڭ قىلىدىغان ئىش بار»لىقىنى ئاڭلاپ جايىمدىن قىمىرلىيالماي قالدىم. گەرچە ئارىمىزدا قوشنا جەمىئيەت تائىپىدىكى مىھمانلار بولمىسىمۇ مۇدىر بىز ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان ھاراقلارنى داستىخانغا تىزدى.تىخى بايىلا پاقلان گۆشى شورپىسى ۋە كاۋاپلارنىڭ مەزىلىك پۇرىقى بىر ئالغان ئۆينى ئۆتكۈر قاڭسىق پۇراق قاپلىدى. ئىچىشۋازلىق بىر باشلىنىۋىدى،قىسقىچە ھال-ئەھۋال سوراش بىلەن تاملىنىدىغان پەتىنىڭ ۋاقتى يىرىم كىچىگىچە سوزۇلدى.بۇنىڭغا ھەممىنىڭ قولدىن تەڭ ئىچىش پىرىنسىپى بىلەن تولا نۆۋەت ئالمىشۋاتقان ساقىيلار سەۋەپچى ئىدى.«مۇدىر تەڭلىسە ئىچىسىز،بىز تەڭلىسەك ئىچمەمسىز»دىگەن گىپىدىن ئۆزلىرىنى مۇدىر بىلەن تەڭ كۆردىمۇ ياكى مۇدىرنى باشقىلار بىلەن تەڭ كۆردىمۇ بىلىگىلى بولمايدىغان يىڭى ساقىيلار پەدىشەپىنى قايرىپ قويۇپ مەندەك تۇنجى قىتىم بۇنداق سورۇنغا كەلگۈچىنى ئاياپ قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆز سىپىگە قوشىۋىلىش كويىدا ئەرلىككە بىرىپ تاقىشىدىغان زانانە گەپلەر بىلەن ھاراق زورلاپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭدىيىنكى ھېيىتلاردا يۇرتقا قايتىش باھانىسى بىلەن مۇدىرلارنىڭ ئۆيىنى«پەتە»لىمىگەن بولساممۇ ھەممىگە خەيرىلىك پەتىنىڭ ئۇلارغا خەيرىسىز داۋاملاشقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇم.دەل شۇ چاغلاردا ھېيىت،توي-تۆكۈن تۈگۈل ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ چوڭلارنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھاراقىنىڭ گىپىنى ئاغزىغا ئىلىشقا پېتىنالمايدىغان شەرم- ھايالىق، ساپ ئەقىدىلىك يۇرتداش قۇرداشلىرىم ئىسىمگە كىلىدۇ.«ئۇيەردە نىمىشقا ئۇنداق؟بۇ يەردە نىمىشقا بۇنداق؟»دىگەن سۇئاللارنىڭ جاۋابى مىنى تەگسىز خياللار قايىنىمىغا چۆكۈرۈپ كاللامنى گادىرماچ ئىدىيلەر بىلەن تولدۇرىۋىتىدۇ.ھېيىت-ئايەملەردە داستىخانغا ھاراق تىزىدىغان ئىشىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ.ئەمما ئۆز ئەقىدە- ئىخلاسىنى مىنىتمۇ ئۇنۇتماي ھالال بىلەن ھارامىنى ئايرىپ كۆنگەن مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت رىسالىسىدە يىلدا بىر كىلىدىغان ئۆرۈپ-ئادەت خاراكتىرلىق ئۇلۇغ ئايەملىرىمىزنى ھاراق-شاراپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان زەيىبانە ئىشىنىڭ يوقلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان.بەلكىم سەت تۇرارمۇ دەپ قۇيۇپ يەنە بىلگىنىنى قىلىۋىرىدىغان قۇلاق كەستى ناكەسلەرگىمۇ ئايان بولسا كىرەك.

ئارىدىن خىزمىتىم شەھەردىن يىزىغا،يىزىدىن ناھىيەگە ئالمىشىش جەريانىدا ماڭا باش بولغان مۇدىرلاردىن ئۆز ئەقىدىسىدىن،ھالال بىلەن ھارامىنى ئايرىش ئىقدىدارىدىن قالمىغانلىرىنى ئۇچىرىتالمىدىم.ئەمما ئىككى مۈرەمنىڭ ئۈستىدىكىنى تىنىمىسىز ئىكەكلەۋەتقان ھىلىقى ئوي-پىكىرلەرنىڭ ئاخىرى پىقىرىنى كىچككىنە ھۇقۇق تەمەسىدە پالاقشىپ يۈرگەن،تىخىچە ئۆزىنى ئۆزىنىڭ نادانلىق ئىسكەنجىسىدىن تۇلۇق قۇتۇلدۇرالماي كىلىۋاتقان كىشلەرنىڭ مىللىتىمىز ئۆرۈپ-ئادىتىگە يات قىلىقلارنى بۇسۇغىمىزغىچە سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى.ئىتىراپ قىلماي دىسەممۇ دەر ھەقىقەت شۇ بولغاچقا لىۋىمىنى چىشلىمەي ئامالىم بولمىدى.ئەمما زەردە بىلەن شۇنداق مۇئەييەنلەشتۇرۇش لازىمكى ھۇقۇق سودىسى پەلەككە چىققان،قىسمەن ناتوغرا ئەقىدىلىك كىشلەر ھۇقۇقىنى ماددى مەنپىئەت ئۈندۈرۈشىنىڭ يۇلى دەپ تۇنىۋىلىۋاتقان ئۇشبۇ مۇھىتىمىزدا قىسمەن باشلامچىللىرىمىزدىكى بەد قىلىقلىق تەبىئيلا ئۇلارنىڭ چۇقۇنقۇچىللىرىنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىدۇ.بۇ ئادەت جەمىئيەتلىشىپ قالسا ئاقىۋىتى مولچەرلۈگۈسىز خەتەرلىك.ئىنىقكى ھىلىقى مۇدىرغا ئوخشاش ئۇلۇغ داستىخانلىرىمىزغا ھاراقنى باشلاپ كىرىگەن تىپىك«باشلامچىلار»نى ئەدەپكە قايتۇرۇش تەخىرسىز بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.

ھېيىت-ئايەم،مۇراسىم داستىخانلىرىمىزنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر داستىخانلىرىنىڭ ئۆمچىل خاسىيىتى،ئەلۋەكلىكى بىر قانچە يىلدىن بىرى ھەرخىل تاراتقۇلاردا ئۆز ئەينىنى تىپىپ خىلى كۆپ نامايەن قىلىندى.ئەمما ئەشۇ خسلەتكار داستىخانلىرىمىزغا ناپاك قۇلىنى سوزۇپ چىرىتكۈچىلەر ئارقىلىق داستىخىنىمىزنى بۇلغاپ بەركىتىنى قاچۇرىۋاتقان تەسىلىم تۇرانە كىشىلىرىمىزگە بولغان نارازىلىق ۋە نەپىرەت يىتەرلىك ئىزچىل بولماي كەلدى.بىز چوڭلارنىڭ،مويسىپىتلارنىڭ ئالدىدا ھىچبىر ھېيىقمايدىغان بىر تۈركۈم پەسكەش روھتىكى زابۇيلارنى شەرتسىز قۇبۇل قىلىۋەردۇق.ئەمما شۇنى ئاچچىق جاكارلىماق زۆرۈركى، نىمە قىلسام ئۆزۈمىنىڭ ئىشى دەپ ئاممىۋي ئەخلاققا بوي سۇنمايدىغان،كىچە –كۈندۈز تېرىقتەك ئەمەل-مەنسەپ تەمەسىدە تىپىرلايدىغان ۋە بۇ يولدا ھەرخىل رەزگى،چىركىن قىلىقلارنى ئارىمىزغا تۇشۇيدىغان،ئارىمىزدىن،داستىخانلىرىمىزدىن بەرىكەت قوغلايدىغان شەرەپسىزلەر ھامان ئەقىللىق مىلىتىمىز قۇۋۇمىدىن قىسىلماي ،قوغلانماي ،قىرىلماي قالمايدۇ!

ئەنئەنىۋي بايرىمىمىز قۇربان ھېيىتىنىڭ ھارپا كۈنى مەن بالىلىق چاغلرىمدىكى ھارپا ئاخشىمى بولىدىغان ھاياجانلارنى ئەسلىگەچ بالدۇر تاك ئىتىشىنى تىلەپ ئۇيقىغا كەتتىم.چۈشۈمدە بىر توپ يىڭى كىيملەرنى كىيشىۋالغان كىشلەر يولىنىڭ تۇپا-چاڭلىقىغا قارىماي غەزەپ ئىچىدە ئالاقانداقتۇر بىر نەرسىنى تىپىپ قوغلاۋاتتى، بىردەمدە ئۇنى قوغلاۋاتقان كىشلەر ئاۋۇپ شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ نەپىرەت كۆزى شۇ نەرسىگە قادالدى.ئەلىنىڭ نەپىرىتىنى شۇنچە قوزغىغان نەرسىنىڭ نىمىلىكىنى بىلىشكە قىزىقىپ تۇرغىنىمدا ئالدىمىزغا كىيىملىرى لاي،ئىشتانلىرى تىزىغا چۈشۇپ قالغان بىر قانچە گالدا-گۇلدۇڭ كىشلەر ئۇچىرىۋىدى،كىشلەر تىخىمۇ دەر-غەزەپتە ئۇلارنى دەسلەپ ئۆتۈپ ھىلىقى نەرسىنى قوغلاۋەردى. بىر چاغدا جامائەت بىر ئىگىز تاغ ئۈستىگە چىقىپ قالدۇق.ئارىمىزدىن بىر مۆتىۋەر كىشى سەپ ئالدىغا چىقىپ «ھەي مەلئۇن ! ئەسلى سىنىڭ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزدە قىلچىلىكمۇ ئورنىڭ يوق ئىدى،ئەمما قىسمەن ئۆز بېشىمچى، مەنسەپخۇمار،نادان كىشلەرنىڭ بىغەرەزلىكدىن پايدىلىنىپ داستىخىنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالدىڭ.ئەمما بۈگۈنكىدەك ئايەم كۈنلىرىمىزدە تەقدىرىڭ ئۈسىتىدىمۇ ئازىراق ئويلاپ قوي،سەن بىلەن ئۆزىنى ۋەيران قىلىۋاتقان شۇ ئەخمەقلەر ئاز كۈنگە قالماي سىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ.شۇڭا ئۆزىڭنى بىلىپ ئەدەپكە يان!سەندەك قىچقارمىغان مىھماننىڭ كەتكىنى تۈزۈك.نادانلارنى گوللىغىنىڭ ئەمدى يىتىپ ئاشار»دەل شۇ چاغدا ئەل- جامائەتىنىڭ تاغ چۇقىسىدىن بىر نەرسىنى غەزەپ بىلەن ئەۋرەزگە ئاتقان ۋە ئورتاق رىتىمىدا توۋلىغان تۈۋەندىكى ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم.«ھەي نىجىس ھاراق! ئەمدى ئارىمىزدىن،ئادىتىمىزدىن يۇقال!ئىككىنجى داستىخىنىمىزنى بۇلغىغۇچى ۋە يۇلىغۇچى بولما، بولمىسا ئۆز ئۇۋالىڭ ئۆزىڭگە!»

چۈش كەلگۈسىنىڭ بىشارىتى دەيدىكەن بەزىلەر .يۇقارقى چۈشۈم ئەخلاق خىمىتۇرچى كۈچلۈك مىللىتىمىنىڭ يىقىن كەلگۈسىدىكى ئەمەلى ھەركىتىنىڭ بىشارىتى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!

(ئاپتۇر يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-9 08:42 PM  


ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355822
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 06:26:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدىن بىر ئەجەللىك چۈشەنچە خاتالىقىنى ھېس قىلدىم . مەي جىم تۇرىدىغان نەرسە ، ئۇ ئۆزى پۇت-قول چىقىرىپ خەقنىڭ ئاغزىنى كېرىپ ئېچىپ ئاشقازانغا كىرىۋالمايدۇ . دېمەك مەي مەدەنىيەتشۇناسلار تەرىپىدىن مەدەنىيەت دېيىلگەن تەقدىردىمۇ ، مەيخورلۇق ھېچقانداق بىر مەدەنىيەتتە ياقتۇرۇلمايدۇ بەلكى ئوخشىمىغان دەرىجىدە چەكلىنىدۇ ۋە چەتكە قېقىلىدۇ . مەيخورنى ھېچقانداق مەدەنىي جەمئىيەت مەدەنىيەتلىك كىشى دېمەيدۇ . دېمەك ، مەيخورلۇق نەخ جالالىددىن ئەپەندى دېگەن سارس شۇ ، مەي ئەمەس .

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3445
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2608
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 06:40:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما كۆرگەن كىشنى ئويلاندۇردىغان تېما ئىكەن .
لېكىن قانچە ئادەم كۆرۈپ بولۇپ ھەئە دەپ جاۋاب بىرە
مۇشۇ ھاراقنى ئېچسە نىمە پايدا چىقىدىغاندۇ دەپ قالىمەن بەزىدە .....

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107049
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2014-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 07:17:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپرەك ئىچىڭلار ئىچىپ بىر كۈنى تويغاندا بىلىسىلەر ھەي نادان ئىنسان ئازراق ھاراق ئىچىۋالسا ئۆزىنى ۋۇسۇڭدەك چاغلاپ كېتىدىغانلار قاچانمۇ ئاز قالار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 07:53:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
篮球美女 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 06:40 PM
تېما كۆرگەن كىشنى ئويلاندۇردىغان تېما ئىكەن .
لېكىن قا ...

مايمۇننىڭ ئادەم بولمىقى مىڭ يىل يىراق،
ئادەمنىڭ مايمۇن بولمىقى بىر رومكا ھاراق.




ئىچىدىغانلار  ئادەملىك سىياقىغا تويۇپ كىتىپ ،مايمۇن بولغۇسى كەلگەن ئوخشايدۇ

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدىغان زامانلار كىتىپ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن قان-زەرداپ ئىچىدىغان زامانلار كەپتۇ

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1932
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17911
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 831 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 08:13:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97656
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-9-6
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 08:48:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تىما ئىكەن، كىشىنى ئويغا سالىدىغان تىما ئىكەن. ئاياللارنىڭ كۆپچىلىكى دىگۈدەك ھاراقتىن، ھاراقكەشلەردىن بىزار، لىكىن بۇ تىمىنى ھاراققا ئامراق ئاشۇ ھاراقكەشلەر كۆرەرمۇ؟ بىزنىڭ يۈرىكىمىزگە تەسىر قىلغاندەك ئاشۇ ھاراقكەشلەرنىڭمۇ يۈرىكىگە تىگەرمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110095
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-9-22
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 09:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورلاردا   ئۆزۈمنى    كىرپىدىن  يۇمشاق  كۆرسىتىپ   :  ‹‹   ياق   ئىچمىدىم ›› دېيىشنىڭ
ئورنى  يوق  .
مۇساپىرچىلىقتا   ھېيىت   ئۆتكۈزۈش    ئاجايىپ  قىيىن  ،   ئىچتۇق  ...  
فىرانسىيەنىڭ    ئىسپىرىتسىز   ئېچىتلىغان   ئۈزۈم   ھاراقلىرىدىن  ئازراق  ئىچىپ  خۇشخۇي
كەيىپ بولدۇق  ،  قەلبىمىز  ،  ۋۇجۇدىمىز   مۇھەببەت  ،  سۆيۈشكە  تولدى ...
شاراپ  ئىچىش  ،   بىراۋنىڭ   كۆڭلىنى  ئاغرىتىش  ،  بىراۋنىڭ   دىلىنى رەنجىتىشتەك
ئېغىر   گۇناھ    ئەمەس...

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن . يا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن ، يا سەرگەردان زابويغا ئايلىنىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3883
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 976 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 09:08:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق - تاماكىسىز ھايات نىمە دىگەن گۈزەل .


مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1886 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 09:26:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەي ئىچىش ،  ئىمانىغا ، ئەخلاقىغا ،   ئادىمىي پەزىلەتكە، ئۇرۇلغان تىغدۇر .   شۇڭلاشقا،  مەي ئىچىپ  تەڭشىلىپ قالغان ئادەم،  قويغان، تۇتقىنىنى ،  ئولتۇرغان ،قوپقان ،يىرىنى بىلمەيدۇ  .     ھەتتا  قىرلىق ئىستاكان فىلىمى ئىشلىنىپ    چىققاندىن باشلاپ ، ئىبرەت ئالغانلارمۇ بار بولدى  . يەنە ،بەزىلەرگە تەسىر قىلىپ  باشقىلارمۇ قىپتۇ،  بىز نىمىشقا  شۇنداق قىلالمايمىز دىگەن خاتا ئىدىيە بىلەن ، شۇ فىلىمنى دوراپ  تۈرلۈك پاجىھە كىلىپ چىقتى  .    ھەتتا ھاراق ئىچىپ  تۈرلۈك قاتناش ۋەقەلىرىمۇ چىققان بولدى  ،      شۇڭا دەيمەن  ئىمانى بولمىسا ھارام يانچۇقتىن چىقىدۇ  .     

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش