مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6795|ئىنكاس: 35

ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ناخشا-مۇزىكىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102294
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2014-1-15
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 03:43:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىنىڭ  تەرەققىياتى ھەققىدە

مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە:

ئوبۇلقاسىم كېرەم ( تۇنيۇقۇق )

قىسقىچەمەزمۇنى :يېقىنقى يىللاردىن بويان  ھەرقايسى ئۇيغۇرمۇنبەرلىرى ۋە ئۇندىدارلاردا بولىۋاتقان  ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ھۆكمىگەمۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەردە  ھەممەيلەنئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچە ۋە تۇنۇشلىرى ئوتتۇرىغا قويدى.  

بەزى تورداشلار« قۇرئانى كەرىم » ۋە «ھەدىس»تىكى مۇناسىۋەتلىك سۈرە ۋە ھەسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئىسلام دىنىدا ناخشا- مۇزىكىنىڭ مۇتلەق ھارام ئىكەنلىكىگە ئاساس كۆرسەتسە،يەنە بەزى تورداشلار ئوخشاشلا « قۇرئانى كەرىم » ۋە «ھەدىس»تىكى مۇناسىۋەتلىك سۈرە ۋە «ھەدىس»لەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئىسلام دىنىدا ناخشا- مۇزىكىنىڭ بەزى شەرتلەر ئاساسىدا ھالال بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

يەنەبەزى تورداشلار بولسا مۇزىكىنىڭ ( داپ ياكى دومباقتىن باشقا) چەكلىنىدىغانلىقى ،لېكىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە ۋە  ئەخلاق قاراشلىرىغا زىت بولمىغان ناخشىلارنىڭ يولغا قويىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

لېكىن بىز ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيتى، مىللىي خاسلىقى ۋە خاراكتىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ  مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ باشقا تەركىبلىرىگەئوخشاش شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكى نوقتىسىدىن  قارىغىنىمىزدا، يۇقىرقى مەسىلىلەرگە مۇۋاپىق جاۋاب تېپىش ئۈچۈن  شۇ ناخشا- مۇزىكىلارئاپىرىدە بولغان مىللەتلەرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى،خارەكتىرى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئاساسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش تۇلىمۇ زۈرۈر ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە ئەتراپلىق ئىزدەنمەي ۋە ئويلانماي تۇرۇپ   يىنىكلىك بىلەن بۇ مەسىلىلەرگەھۆكۈم چىقىرىشنىڭ توغرا كۆز قاراشنى شەكىللەندۈرەلمەيلا قالماستىن،بەلكى نۇرغۇن ئېختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھەممىمىزگە ھېس قىلدۇردى.

چۈنكى  يۇقىرىقى مۇنازىرە چوڭقۇرلىغانسىرى شۇنىڭغامۇناسىۋەتلىك يەنە نۇرغۇن نازۇك مەسىلىلەر،مەسىلەن: نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىداناخشا –مۇزىكىدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت ھادىسىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارئوتتۇرىغا چىققان ؟بۇ قاراشلارنىڭ ئاساسى نېمە؟تارىختىن بۇيان نۇرغۇن دىنىي ئۈلىما ۋە ئالىملار ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ. ئەمەلىيەتتە ئىسلام ناخشا-مۇزىكا سەنئىتى قانداققىلىپ  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ مۇزىكا سېستىمىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى ؟... دېگەندەك سۇئاللارنىڭ چىقىشى تەبىئى.

ئەڭ مۇھىمى قەدىمدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي خاراكتىرىگە چوڭقۇر سېڭىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكمىنى قانداق چۈشەنگەن؟ قانداق قىلىپ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ناخشا- مۇزىكىلار ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇيەنىلا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالىدى؟  ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇر ناخشا- ئۇسسۇلسەنئىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئاخىرىدا 12مۇقامنىڭ قېلىپلىشىپ روياپقا چىقىشىقانداق ھادىسە؟ ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ھادىسىگە قانداق قاراشكېرەك ؟  بۇندىن كېيىنكى ناخشا-مۇزىكىنىڭئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟... قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ شەكىللىنىشى يۇقىرىقىمۇنازىرىلەرنىڭ نەتىجىسىگە ناھايىتى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ .

بۇماقالىدە  يۇقىرىقى نوقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ،دىني ۋە تارىخي نوقتىدىن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساسى،  ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتى، بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى ئەھۋالى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك كىتاب ۋە ماتىرىياللارنى ئاساس قىلغان ھالدىكى دەسلەپكى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغاقويۇلدى.

نازۇك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان بۇ تېما ھەقتە ئىزدىنىشنى خېلى بورۇن باشلىغان باشلىغان بولساممۇ ،لېكىن ئىزدەنگەنسىرى تېخىمۇ كۆپ سۇئاللارنىڭ توغۇلۇپ تۇرۇشى بۇمەسىلىنىڭ مۇنداق ئاددىيلا بىر يازما ئارقىلىق ھەل بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. شۇنداقتىمۇ دەسلەپكى ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ چىقتىم . توراداشلارنىڭ (ئۇستازلارنىڭ ) تەنقىدى پىكرىنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش:تېمىدىن چەتنىگەن ، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا زىت ئىنكاسلارنىڭ بولىشىنى  ئۈمىد قىلمايمەن.


تا ھازىرغىچە ئىسلام دىنىنىڭ ناخشا- مۇزىكىغا بولغان ھۆكمى جەھەتتە ئوخشىمىغان مەزھەپ. ئوخشىمىغان  ھەدىسشۇناش ئالىملار قىسمەن مەسىلىلەردە يەنىلابەزى ئېختىلاپلا مەۋجۇت بولسىمۇ .ئومۇمىي جەھەتتىكى پىكرى بىردەكلىككە ئىگە . بولۇپمۇ  روھنى پاكىزلاپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان،ساغلاملاشتۇرۇرىدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلاش ۋە ئورۇنداش چەكلەنمىسمۇ لېكىن چاكىنىلىق، شاللاقلىق، ياكى گۇناھى-كىبىرنى  پەيدا قىلىدىغان بارلىق شەكىلدىكى ناخشا ۋەمۇزىكىلارنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە بارلىق دىنى زىيالىيلار ئورتاق كۆز-قاراشقائىگە. شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ رەسمى خاراكتىرلىق مۇراسىم پائالىيەتلىرىدە  ناخشا- مۇزىكاچەكلىنىدۇ، بولۇپمۇ چالغۇ ئەسۋابلىرى قۇشۇلغان ناخشىلارنىڭ بولىشى قەتئى چەكلىنىدۇ.

دىمەك، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيىتقاندا،ئەھلى سۇننەت ئېقىمى  ناخشا-مۇزىكىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەيمۇ قارشى تۇرمايدىغان،پۈتۈنلەيمۇ قوللاپ كەتمەيدىغان پۇزىتسىيدە بولغان ئىسلام دۇنياسىدىكى ناخشا- مۇزىكىنىڭ ئاساسىي يۈلىنىشىنى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى يىتەكچى ئىدىيە قىلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ھەرقانداق شەكىلدىكى ناخشا-مۇزىكىنى ھارام دەپ قاراش ھەققىدىكى كۆز-قاراشلاريېقىنقى يىللاردىن بويان ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەردىمۇ،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تور ۋە ئۈندىدارلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى .

بۇ ھەقتىكى ھۆكۈملەرنىڭ ئاساسى«قۇرئانى كەرىم » ۋە « ھەدىسلەر» بولۇپ ،مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئوخشاشلا، ناخشا-مۇزىكىنىڭ مەلۇم شەرتلەر ئاساسىدا يول قويىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ «قۇرئانى كەرىم » ۋە « ھەدىسلەر»دىن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى نەقىل كەلتۈرىدۈ.

ھەرئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىرىبىرمەنبەدىن كەلگەن بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ ؟

بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە«قۇرئانى كەرىم »ۋە «ھەدىس»تىكى مەزمۇنلارنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىش ۋە ئۇلارنى ئەمەلىيەتتە قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى تۇنۇشنىڭ بىردەك بولماسلىقدىن كىلىپ چىققان مەسىلە دەپ تونۇش مۇمكىن.

① ناخشا- مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدىكى كۆز- قاراشلار ھەققىدە :

ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىس ئىسلامىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋىرلىرىدە مەككە ۋەمەدىنىدىكى ئەرەبلەرنىڭ مۇسۇلمانلىشىشى باسقۇچىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ (سەھىپە ئىتىبارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر كۆرسىتىلمىدى)،بۇ ۋاقىتتا يۇقىرىتەبىقىدىكى ئەرەبلەر ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دىننىي ئىتىقادبىلەن قەلىبنى پاكلاشقا  زىيانلىق بولغان  ناخشا-مۇزىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەرنى  تۈگىتىش بۇ ھەدىسنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش سەۋەبى بولغان.

بۇنىڭدىن  ناخشا- مۇزىكىغا قارىتا مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ئوخشىمىغان سورۇن ۋە ئەھۋالدا شۇ ئەھۋالغا يارىشا ھۆكۈم چىقارغانمۇ قانداق؟ دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ .

چۈنكى،ئىسلام دىنى ھەقىقەتەنئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان دىن بولۇپ ،«قۇرئانى كەرىم»دە بۇ ھەقتىكى بايانلارتۇلىمۇ تىرەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.بولۇپمۇ ئىنساننىڭ ئۆزئەمەلىيتى ئاساسىدا ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ،ئۆز ئەمەلىيتىى چۈشىنىپ ھەقنى تۇنۇشى لازىملىقى ئىنسانلارنىڭ  ئەمەلىي كەچۈرمىشلىرىگەباغلاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نۇرغۇن ئايەت ۋە سۈرىلەردە تارىختىن نەقىل كەلتۈرۈلگەنلىكى،تارىخي ئەمەلىيەت ئارقىلىق ھەقنى تۇنۇشقا چاقىرىق قىلىشى  مانا بۇلارنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ،

شۇنىڭغا ئوخشاش « ھەدىس»لەرمۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋەقىلغان سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .ساھابىلەرگە ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن تەلەپلەرنى قويماستىن بەلكى ،چەتنەپ كەتكەنلەرنى توسقان،

شۇڭا.ئىسلام دىنىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكمىنى چۈشىنىشتە ،بۇ ھۆكۈملەرنىڭ مەنبەسى بولغان سۈرە ۋەئايەتلەرنىڭ ،«ھەدىس»لەرنىڭ قانداق ئەھۋالغا قارىتلغانلىقىغا قاراش مۇھىم .

مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ۋاپاتىدىن كېيىن خەلىپە ئابابەكرى دەۋرىدە ناخشا-مۇزىكىغا نىسبەتەن چەكلەش سۇسلاشقان بولسىمۇ كىيىنكى دەۋىرلەردە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرنىڭ، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ كەيىپ-ساپاغا بېرىلىشى نەتىجىسىدە بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان ئەخلاقسىزلىق ،چىرىكلىككەيپىياتلىرى «قۇرئانى كەرىم »ۋە «ھەدىس»تىن پايدىلىنىپ تۈزەتمىسە بولمايدىغاندەرىجىگە يەتكەنلىكتىن بىرتۈركۈم ئىتىقادى كۈچلۈك ،ئەخلاقى پەزىلىتى ياخشى ئۈلىمالارناخشا- مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدىكى يۇقىرقى ھەدىس ئارقىلىق بۇ خىل ناچارئەھۋاللارنى خاتىمە بىرىشنى ئارزۇ قىلغان.

خۇددى ئىبنى خەلدۇن ( 1332-1406)نىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا « كۆپ ساندىكى دىنىي زاتلار ،پاك دىل مۆتىۋەرلەرئەخلاقىي بۇزغۇنچىلىق ھادىسىلىرىگە خاتىمە بېرىلىشىنى ، ئۇنىڭ كەلتۈرۈپچىقىرىدىغان يامان ئاقىۋىتىنى توسۇشنى تەلەپ قىلاتتى»

يېقىنقى زامانغا كەلگەندە،بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە بۇ كۆز قاراشنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ بېرىشىنى  يەنە بىر موھىم رىئالنى ئاساس بولۇپ،ئۇ بولسىمۇغەرب دۇنياسىنىڭ ئىسلامىيەتكە قاراتقان مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزلىكسىزسىڭدۈرمىچىلىك قىلىشىدىن ئايرىپ قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ .

بۈگۈنكى كۈندە  ئومۇمىي يۈزلۈك قاراش شۇكى، ئامىرىكىنىڭ سىياسىي كۈچلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشنى ئامىرىكىنىڭ ئاممىۋىي تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئىشقا ئاشۇردى .ئامىرىكا ھازىر پۈتۈن دۇنيانى ئۇيان-بۇيان قىلالايدىغان بولدى .بەش بۇرجەكلىك قىلالمىغان ئىشنى ھوللىۋود قىلالىدى دىگەندىن ئىبارەت بولۇپ،بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى دەل سەنئەتنىڭ ئىدىئولوگىيەنى ئۆزگەرتىشتىكى كۈچى بولۇپ،  مۇسۇلمانلار «غەرب تەشۋىقات ۋاستىلىرى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى ، ئۇنداقتا،ئۇلارنىڭ كىيىنكى نىشانى كىمدۇر؟»دەپ سوئال قويىشىۋاتقانلىقى دەل مۇسۇلمانلار دۇنياسىىڭ غەرب دۇنياسىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ۋە سەنئەت،مەدەنىيەت ۋاستىلىرىغا ئۆزلىكسىز غېدىقلىشىغائۇچرىۋاتقاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ ئىسلام دۇنياسىدىكى روك ،DJمۇزىكىلىرىنىڭ ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەت ئالدىدا بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنىلا «قۇرئانى كەرىم » ۋە «ھەدىس»لەرگەمۇراجات قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاقىلانە چارىسى ئىدى .

دېمەك،يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇناسىۋەتلىك« ھەدىس»لەرنىڭ ئوتتۇرىغاچىقىشىدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەمەل قىلىنىش جەريانلىرىنىڭ ھەممىسدە ئەمەلىيەت چىقىش قىلىنغان بولۇپ، مۇبادا ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدىكى  بۇ كۆز-قاراشنى  يۇقىرىقى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگەندە بۇ كۆز قاراشنى ھەممە كىشى قۇبۇل قىلالايدۇ .

   مۇشۇ مەنىدىن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇكۆز-قاراشلارنى قۇۋۋەتلىگۈچىلەرمۇ ئىمكان بار ئۆز قارىشىنى تومتاقلا ئوتتۇرىغاقويۇشتىن ساقلىنىپ ئۇنى ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ھۆكۈم بىلەن پەرقى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق روياپقا چىقارسا،  ئېنىقكى ،مەيلى قايسى كۆز قاراشتىكىلەر بولسۇن ھەربىر ئۇيغۇر ئۇنى قوبۇل قىلالايدۇ ۋە ئۆز ئىتىقادى ۋە ئەمەلىيتىگە تەدبىقلاپ ئارتۇقچە ئېختىلاپلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

② مەلۇم شەرت ئاستىدا ناخشا- مۇزىكىغا يول قويۇش ھەققىدىكى كۆز-قاراشلار توغرىسدا

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدەك مەلۇم شەرت ئاساسىداناخشا –مۇزىكىغا يول قويسا بولىدۇ دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا« قۇرئانى كەرىم» ۋە مۇناسىۋەتلىك « ھەدىس»لەرنى ئاساس قىلىپ مەلۇم شەرت ئاستىدا ناخشا- مۇزىكىغا يول قويۇش مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ.( سەھىپە ئىتىبارى بىلەن بۇ ھەقتىكى سۈرە ۋە ھەدىسلەرنىڭ كونكىرىت مەزمۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى)

بۇ يەردىكى مەلۇم شەرتنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ھەدىس شەرىفنىڭ ھۆكمى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ جەمىئىيەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە جەھەتلەرگە مەكەزلەشكەن:

بىرىنچىسى: شەرتلىك ھالداناخشا-مۇزىكىغا  يولغا قويۇش بولۇش بۇئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ۋە ئىسلام ئېجتىمائىي ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان شەرتى ئاساسىدا:مەسىلەن سېرىق مەزمۇندىكى شاللاق،ياكى ھۆكۈمرانلارنى مەدىھلەشنى ئاساس قىلغان ناخشا-مۇزىكىلاردىن باشقىلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ ،بۇنىڭدا ئىسلامدىنىنىڭ ئادىل، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى سەنئەتتىمۇ ئۆزئىپادىسنى تاپقانلىقىدەك ئالاھىدىلىك ئىپادىلەنگەن.

ئىككىنچىسى: ناخشا ئېيتىش كۈچلۈك ھېسسىياتقاتولغان ئورۇنلاش سەنئىتى بولۇپ، ئېجتىمائىي كەيپىياتقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا بىر ناخشىنىڭ قانداقلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا ئۇنىڭ تېكىستتىگىلا قارىماي،ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىگە قاراش كېرەك . مەسىلەن : مۇزىكىنىڭ مىلودىيەسى،ئورۇندىلىۋاتقان مەيداننىڭ كەيپىياتى ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراش كېرەك .

ئۈچىنچىسى : ناخشا ئېيتىلىۋاتقان سورۇندا ئىسلام دىنىىنىڭ پاكلىقى ۋە ئولۇغلىقىغا داغ يەتكۈزىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش . مەسىلەن ھاراق ئىچىش،تىللىشىش، قىز-ئۇغۇللارنىڭ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشى، بولمىغۇرپاراڭلارنى سېلىش قاتارلىقلارغا چەك قويۇشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ بۇ كۆز قاراشنىڭ ئاساسىنى  «قۇرئانى كەرىم »ۋە مۇناسىۋەتلىك «ھەدىس»ئىزدەش بىلەن بىرگە يەنىلا ئىسلامىيەتنىڭ ئەمەلىيتى ۋە تارىخىدىن ئىزدەش مۇۋاپىق.

بىرىنچىدىن:ئىسلام دىنى ئەرەبلەر ئارقىلىق باشقا مىللەت ۋەرايۇنلارغا تارقىلىشتىن ئىلگىرىكى ئىسلام ناخشا- مۇزىكىسى ئاساسلىقى ئەرەب ناخشا-مۇزىكىسىنى كۆرسەتسە، ئىسلام دىنى باشقا مىللەت رايۇنلارغا تارقالغاندىن كېيىنئىسلام ناخشا-مۇزىكىسى دېگەن بۇ ئوقۇمنىڭ مەنا دائىرىسىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشبولدى.  چۈنكى، ئەينى دەۋىردە ئىسلام دىنىتارقالغان ئىراندىكى پاراسلار بولسۇن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلەر بولسۇنياكى مىسىرلىقلار بولسۇن ھەممىسى  ھەرخىل مىللەت ھەرخىل تىل   ئەينى دەۋىر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ ھامىيلىرىبولغاچقا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جايلاردا ھەرخىل مىللەت ۋە ھەرخىل تىل ،ھەرخىلدىنىي ئىتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن. ئەرەبلەر بۇ جايلارنىئىستىلا قىلغاندىن كېيىن، ئۇ جايلارنىڭ ئىلگىرى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەمۇرىيتۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ قالغان. ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئادىتىنى ئۇلارغاتاڭمىغان. ئەرەبلەر كەڭەيمىچىلىك قىلغان بولسىمۇ، ئۇجايلارنى بۇزغۇنچىلىققائۇچراتمىغان: ئۇلار ئۇ جايلارنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، ئۇ جايلاردا كىشىلەرگەزىيانكەشلىك قىلمىغان.

ئەرەبلەر مۇشۇنداق بىرقەدەر كەڭ يول تۇتقاچقا باشقامىللەتلەر ئىختىيارىلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىسلام دىنىغاكىرگەن. ( جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشىمۇ ئۆزلىكىدىن بولغان)

مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، ناخشا-مۇزىكىنىڭ مەلۇم شەرت ئاساسىدايول قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈملەرنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ قىزغىنلىق بىلەنئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەر بولىشى مۇمكىن.

يەنە بىرجەھەتتىن ئالغاندا،يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك دەسلەپتە ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئىراندىكى پارىسلارنىڭ بولسۇن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ بولسۇن ياكى مىسىرلىقلارنىڭ بولسۇن ئەينى دەۋىردە ئەدەبىيات –سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەرەققىياتى ئەرەبلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن بولغاچقا ئەرەب ناخشا-مۇزىكىلىرىمۇ ئەنە شۇ مىللەتلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن .

دېمەك، ئىسلام دىنى باشقا مىللەتلەرگە تارقىلىش جەريانىدا تۈرلۈك دىنلارغا ئىتىقاد قىلىدىغان خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى  دىنىي ئىتىقادىنى ئۆز گەرتىش بىلەن بىللە شۇ دىنلارنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن،ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە،ئەخلاقلىرىغا زىت بولغان تەركىبلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۆز ناخشا- مۇزىكىلىرىنى ئىسلام روھىغا ئۇيغۇنلاشتۈرغانلىقتىن داۋاملىق ھالدا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلگەن بولىشى مۇمكىن .

③ئىسلام ناخشا-مۇزىكا سەنئىتى يەنە بىر پەلسەپىۋىي ئاساسى ـــ تەسەۋۋۇپ

رۇشەنكى، نەزىرىيە جەھەتتەئىسلام شەرىئىتىدە ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى توغرىسدىكى قاراشلار يۇقىرىقىدەكبولسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئىسلام مەدەنىيتىدىكى ئورنى ۋە تەرەققىياتىناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ،پۈتكۈل ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ناھايىتى مۇھىمبىر تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن . بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپ ئېقىمىدا ناھايىتى رۇشەن  كۆرۈلگەن .

تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ يەنە بىرئاتىلىشى «سۇفىزىم »بولۇپ ،ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك « سۇفىزىم»نىڭ مەيدانغاكىلىشى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، «سۇفىزىم »نىڭ مەيدانغاكېلىشى مانا شۇ ئۆزگىرىشلەرــ ھاكىمىيەت تەرەپتىكىلەر ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭكەيىپ-ساپا، ئەيىش-ئىشرەتكە بىرىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئەخلاقىچۈشكۈنلۈك، چىرىكلىك، دىنغا بولغان ئىتىبارسىزلىق قاتارلىق كەيپىياتلارنىڭئېدىئولوگىيە جەھەتتىكى ئىپادىسى بولۇپ، دەسلەپكى باسقۇچتا «سۇفىزىم »نىڭ ئىپادىسىدىنىي ئىتىقادقا سادىقلىق، ئەخلاقى جەھەتتىن تۈرلۈك ھاۋايى- ھەۋەسلەرگەبىرىلمەسلىك، روھنى پاكلاپ،ئاللاغا تەلپۈنۈش، ئاخرىدا روھى جەھەتتە ئاللاھقاقۇشۇلۇپ كىتىشنى ئىستەشنى   ئاساسىي مەقسەتقىلغان قىلغان.

ئومۇمەن، ئىسلام سۇپىزىمىناخشا-مۇزىكىغا قارىتا كەڭ قوللۇق بىلەن پۇزىتسىيە تۇتۇپ زىكىر-سامانى دىلنىپاكلاپ، ۋەسلى ئىلاھىيەتكە يىتىشتىكى ئىشقى پائالىيەت دەپ تۇنۇپ، خانىقالاردازىكىر-ساما قىلىشنى تەرىقەت شەرتى قىلغان. بولۇپمۇ ناخشا مۇزىكىنى ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد(بارلىقنىڭ بىرلىكى) قا يىتىشتىكى،يەنى،ئۆزلۈكتىن كېچىپ ھەق بىلەن بىرلىشىپئەبەدىيلىككە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى دەپ قارىغان . ئىسلام سۇپىزىمىنىڭناخشا-مۇزىكىنىڭ رولىنى ئىزاھلاشتا ئۆزىگە خاس بولغان كۆز-قاراشلىرى بولۇپ، ئۇلارئاڭلاش سىزىمى بولسا ئىنساننىڭ سېھرى كۈچكە ئىگە سىزىم ئىقتىدارى بولۇپ، يېقىملىقمۇزىكا ئىنساننىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ،كىشىگە ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.شۇنداقلا ئاڭلاش سىزىمى قۇلاق بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. باشقا سەزگۈ ئەزالارمۇئوخشاشلا «ئاڭلاش» ئىقتىدارىغا  ئىگە دەپ قاراپ «ئاڭلاش»ياكى «تىڭشاش»نى تەبىئىي ياكى( ئۆزلۈكنىڭ تىڭشىشى) (本能的)تىڭشاش ، ئاڭلىق تىڭشاش (有意识的听觉) ۋە روھنىڭ تىڭشىشى(灵魂的听觉)قاتارلىق   ئۈچ قاتلامغابۆلىدۇ.ھەمدە روھنىڭ تىڭشىشىنى ئاخىرقى مەقسەت دەپ قارايدۇ.

9-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇرسۇپىزىمچى سۇپىزىمدىكى « مەرىفەت » قارىشىنىڭ ۋەكىلى، ھەقنى بىلىش ،تۇنۇشھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى رەسمى يۇسۇندا شەرىھلىگەن زۇنۇن مىسىرى ( ۋاپاتى:860-يىلى) مۇزىكا بولسا ھەقنى بىلىشنى ئىستىگۈچىنىڭمەنىۋىي قۇدرىتى بولۇپ ،ئۇنى روھىي سىزىم بىلەن تىڭشىغاندا ،ئىلاھقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ،ئەكسىچەسەزگۈ ئەزالار بىلەن تىڭشىغاندا، كىشىنى ئازغۇنلۇققا باشلايدۇ دەپ قارىغان.

ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇرئۆلىماسى ،ئىلىم جەھەتتە پەلقۇلاددە تالانتى ئىگە مەشھۇر سۇپىزىمچى، ئىسلامتارىخىدا « ھۆججەتۇل ئىسلام »( «ئىسلام دىنىنىڭ ھۆججىتى»)دەپ نام ئالغان، ئەھلىسۈننەت بىلەن تەسەۋۋۇپنى ماسلاشتۇرۇش ۋە بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە زور تۆھپەقوشقان  ئەبۇ ھامىد مۇھەممەت ئىبىنمۇھەممەت ئەل غەززالى ( 1058- 1111) مۇزىكىنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى مەسىلىسىگە قارىتا« قۇرئانى كەرىم » ۋە « ھەدىسلەر»دە مۇزىكا پۈتۈنلەي چەكلەنمىگەنلىكىنى ئىنىقئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۇنىڭ ھارام ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىشتا مۇزىكىنىڭ كىشىگەكۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ قانداقلىقىغا قاراش كېرەك دەپ قارىغان. ھەمدە بىرقىسىممۇتەئەسسىپ فىقھىشۇناسلارنىڭ مۇزىكىغا بولغان بىتەرەپلىمە قارىشىغا قارشى تۇرغان.

مۇزىكىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنىئىسپاتلاش داۋامىدا غەززالى مۇزىكىنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەنىسى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپبېرىپ ،مۇزىكىنىڭ كەڭ مەنىسى بارلىق يېقىملىق ئاۋازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ھالبۇكى يېقىملىق ئاۋازلارنى يەنە رېتىملىقۋە رېتىمسىز دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. رېتىملىق ئاۋازلارنى يەنە مەنىسىنى  بىلگىلى بولىدىغان ئاۋازلار،مەسىلەن: شېئىر،ناخشا دېگەندەكلەر : مەنىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاۋازلار مەسىلەن : جانسىزنەرسىلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئاۋازى، سازلارنىڭ ئاۋازى قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ  دەپ قارىغان

مۇزىكىنىڭ تەسىرىگە قارىتا غەززالىمۇزىكا گەرچە قەلىبكە يېڭى نەرسە ئاتا قىلالمىسىمۇ ،لېكىن قەلبتە ئەسلىدە باربولغان نەرسىنى قوزغىتالايدۇ، روھنى پاكلاپ يېڭى ئىلھام پەيدا قىلالايدۇ.مۇزىكىنىڭ كۈچى دەل قەلبنى ئويغۇتالىغانلىقىدا، قەلبنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىپ،ئۇنىڭ چەكلىكلىكىنى چەكسىزلىككە ئىگە قىلغانلىقىدا دەپ قارىغان. غەززالى يەنەساغلام ۋە ئىسىل مۇزىكىلار  قەلبنىساغلاملاشتۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ، جىددىيلىك ۋە بىئاراملىقنى تۈگىتىدۈ. كىشىنىڭدىققتىنى  پانى ئالەم ۋە دىنىيمەسئۇلىيەتكە ئۈندەيدۇ دەپ قارايدۇ.

ئۇ يەنە مىسال كەلتۈرۈپ ھەتتا ھايۋانلارمۇيېقىملىق ئاۋازلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، تۈگىچىنىڭ لەرزان ناخشىسى تۈگىنىڭھارغىنلىقىنى تۈگىتىدۇ دەيدۇ. مۇزىكىنىڭ مۇشۇنداق تەسىرىنى سىزەلمىگەن، مۇزىكاتەسىر قىلمايدىغان ئادەملەردە رېتىم تۇيغۇسى ۋە ھېسسىي تۇيغۇ كەم بولۇپ بۇنداقئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسى ھايۋاندىنمۇ بەدبەشرە بولىدۇ،ھايۋان چېغىدا يېقىملىقئاۋازلارنى ئاڭلىسا تەسىرى بولىدۇ، يېقىملىق ئاۋازلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلمىگەنئادەم مۇردىغا ئوخشاش بىچارە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. يېقىملىق مۇزىكىلارنى ئاڭلاشبەدەندىكى جىددىيلىك ۋە ھارغىنلىقنى تۈگىتىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن داۋالاشرولىغىمۇ ئىگە بولغاچقا، مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنىش دىندايولغا قويۇلغان . لېكىن بۇخىل ھوزۇرلىنىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ .خۇددىدورىنى بەلگىلەنگەن مىقداردىن جېق يەپ قويسا بەدەنگە زىيانلىق بولغىنىغا ئوخشاشمۇزىكىغا ھەددىدىن زىيادە مەستانە بولۇپ كېتىش روھقىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ دەپقارىغان.

غەززالى يەنە ساغلام، ئىسىلمۇزىكىلارنى ھالال دەپ قاراش بىلەن بىرگە، مۇزىكا ئاڭلاشنىمۇ ئوخشىمىغانقاتلاملارغا بۆلگەن بولۇپ،بىز ئۇنىڭ بۇ خىل بۆلۈشدىن تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مۇزىكىنىڭتەسىرىگە بولغان چۈشىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز.

ئۇنىڭ قارىشىچە، پەقەتلا كۆڭۈلخوشلىقى ۋە بىئاراملىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۈچۈن مۇزىكا ئاڭلاشقا يول قويۇشقابولىدۇ، بۇ ئاڭلاشنىڭ ئەڭ تۈۋەن ئىپادىسى ،چۈنكى بارلىق جانلىق شەيئىلەرنىڭھەممىسى بۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە. مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ ئىككىنچى قاتلامدىكى ئىپادىسى بولسا تىڭشاش ۋە ئۇنى چۈشىنىش بولۇپ ئۇنى مەلۇم ئىشلارغا ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ .ئۈچىنچى قاتلىمى بولسا تىڭشىغان نەرسىنى قەلىب بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ تەسەۋۋۇپ ياكى سۇفىزىمنىڭ دەسلەپكى قاتلىمى دەپ قارىلىدۇ .چۈنكى تەسەۋۋۇپنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئەقىلنىڭ ياردىمىدەئەمەس بەلكى قەلىبنىڭ ياردىمىدە بىۋاستە ئىلاھنى تۇنۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىش ،ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ساماغا چۈشۈش ئارقىلىق قەلبنى خۇدانىڭ نۇرى ( «نۇرى ئىلاھىيە») بىلەن پارلىتىش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھتا فەنا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر .

چالغۇ ئەسۋابلارغا كەلسەك،ئۇلارنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپات ئاجىز بولۇپ، بۇ مەسىلىگە ماس كېلىدىغان قائىدىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئەگەر مەلۇم بىر ئىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە شەرىئەتتېكىستى مەۋجۇت بولمايدىكەن، ئۇ ئىشقا ئەسلىدە يول قويۇلغان بولىدۇ.

فىزىئولوگىيەلىك رېتىم تۇيغۇسى ناخشا- مۇزىكىنىڭ ئاساسىي ئامىلى بولۇپ، ئاللا ياراتقان تەبىئىي ھادىسە،قۇرت-قوڭغۇز،ھايۋانلاردىن تارتىپ ئۇچار قۇشلارغىچە ھەممىسى رېتىملىق ئاۋاز چىقىرىشئارقىلىق ئۆز-ئارا ئۇچۇر يەتكۈزىشكەنگە ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ ئادەتتىكى گەپنى ناخشىغائايلاندۇرۇشىمۇ تەبىئىي ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ئانىلار بالىلارغا ئەللەي ناخشىسىنى ئوقۇپ بەرگەندە، بالا ئۆزىنى بىخەتەر، راھەت ۋە ئازادە ھېس قىلىپ ئاسان ئۇخلايدۇ.ئىسلام دىنى ھەرگىزمۇ ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى تەبىئىي ئېھتىياجنى،يەنى يىمەك، ئىچمەك،كىيىم- كىچەك ،تۇرالغۇ ۋە باشقا ئېھتىياجلارنى چەكلەشنى ئەمەس بەلكى ئۇلارنى توغرا يولغا يىتەكلەشنى مەقسەت قىلىپ، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكنى تەكىتلەيدۇ.ئىنساننىڭ تەبىئىي فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى بولغان ناخشا ئاڭلاش ۋە مۇزىكائاڭلاش قاتارلىقلاردا دۇرۇس بولغان ھېسسىياتنى ئىپادىلەش، دوستلۇقنى،مېھىر-مۇھەببەتنى يېقىملىق ئاۋازلار بىلەن ئىپادىلەشكە يول قويىدۇ . ئەمما  يۇقىرىدا ئېيىتقاندەك چاكىنىلىق، شاللاقلىق،ياكى گۇناھلىقنى پەيدا قىلىدىغان بارلىق شەكىلدىكى ناخشا ۋە مۇزىكىلارنىڭ بولىشىغايول قويمايدۇ.

مەشھۇر ئىمام ئىبىن تەرمىزى بۇھەقتە :« ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتى پەقەت بىزنىڭ تەبىئىيتىمىزنى توغرا يولغا باشلاش، ھەرگىزمۇ ئۇنى ئۆزگەرتىش ئەمەس» دەيدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ رېتىم بولىدۇ ،ئالدىراشلىق بىلەن ئازادىلىك ،ئەمگەك بىلەن ئارام ئېلىش بىرلەشكەن بولىدۇ.بىريىلنىڭ ئىچىدە ئالدىراش ئىشلەيدىغان ،بىكار بولىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ. بىركۈن ئىچىدىمۇ شۇنداق .

ئىنسان ئەمگەك ئارقىلىق ئۆزھاياتىنى داۋام قىلغۇچى، ياراتقۇچى ئىنسانغا ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەمگەك ۋە ئىجاد قىلىشتىن ئىبارەت ئىقتىدارنى ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە يەنە دەم ئېلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت فىئولوگىيەلىك ئىقتىدارنى تەڭشەيدىغان ئىقتىدارنىمۇبەرگەن. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ئىنساننىڭ جاپالىق ئەمگەكتىن كېيىن دەم ئېلىش ۋەكۆڭۈل ئېچىشىنى ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشقا،ھاياتقا ۋە ياراتقۇچىغا مۇھەببەت باغلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ .

2.ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ناخشا –مۇزىكىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە :

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئوزۇن بولۇپ،ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئ ۇيغۇر ناخشا- مۇزىكا تەرەققىياتىدا يازما خاتىرىلەرگە ئېلىنغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى  قەدىمقى چوڭ نەغمە ــ «يۈتىيەنكۈيى» ۋە «ماھادۇر»دىن باشلاپ ،كۈسەن نەغمىلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرىققە تارقىلىشى ،سۇجۇپۋە ئۇنىڭ «12تېمپىراتسىيلىك كۈيشۇناسلىق قانۇنى»، سۈي-تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدەئوتتۇرىغا تۈزلەكلىكتە مودا بولغان غەربىي دىيار مۇزىكا سەنئىتى قاتارلىقلاردىن ئەينى دەۋىردە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى تەرەققىياتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز . مۇزىكىنىلا تىلغا ئالساق تارىخىي ماتېرىياللارۋە كۇچا مىڭئۆي تام رەسىملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەدىمكى كۇچادىلا 28 خىل چالغۇئەسۋاب ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە پەنجىتار، بالىمان، ئۈچ تارىلىق بەربەت قاتارلىق12 خىل چالغۇ كۇچادا كەشىپ قىلىنىپ، كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ ئانا چالغۇ ئەسۋابى قىلىنغان.

ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مىلودىيە ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان ئاساستا، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىگەماسلاشقان ھالدا ئۆز مەجۇتلىقىنى ساقلىدى. بۇ جەرياندا نايمان ۋە قىتانلاردەۋرىدىكى ئىسلامسىزلاشتۈرۈش ئورۇشلىرىدا كۆپلەپ يوقىتىلغان بولسىمۇ، خوجىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى دەۋرىدە  توسقۇنلۇقلارغائۇچرىدى.

بىزنىڭچە،ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تورۇشى ۋەتەرەققىياتىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نوقتىغا باغلاپ چۈشىنىش مۇمكىن .

①.ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش ئېھتىياجى :

يۇقىرىدا بىز كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمزگە ئوخشاش دەسلەپكى چاغلاردا ئەرەبلەرنىڭ سىرىتقى جايلارنى شۇنداق تىز بويسۇندۇرۇشى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ سىرىتقا شۇنداق تىز تارقىلىشىدا سىياسىي جەھەتتىكى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ،ھەربىي جەھەتتىكى، دىنىي جەھەتتىكى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى بىرمۇنچە ئىجتىمائىي سەۋەبلەرباربولۇپ، دىنى جەھەتتىكى سەۋەبكە كەلسەك، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكام قائىدىلىرى ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك، ئۇششاق-چۈششەك قائىلىرى يوق بولغاچقا كىشىلەرئۇنى ئاسانلا ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىۋالدى . بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئىسلام دىنىنى تارقىتىشتىكى  باشقا مىللەتلەرنىڭئۆرپ-ئادىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىماستىن بەلكى شەرىئەتكە ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-مۇزىكاسەنئىتىنىڭ كىيىنكى مەۋجۇتلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.  بۇ دەۋىردەناخشا-مۇزىكىلارنىڭ تەركىبىدىكى ئەسلىدىكى دىننىڭ تەسىرى چىقىرىپ تاشلىنىپ ئىسلام روھىغا ماسلاشتۇرۇلغان. نەغمە-ئۇسسۇللار قاراخانىلار زامانىدا سامانىيلاردەۋرىدىكىدىن كەڭرەك كاپالەتكە ئىگە بولغان. قەشقەر سەنىمى، خوتەن سەنىمى ئاتۇشسەنىمىدەك ئۇسسۇللار مەشرەپلەردە ئومۇملاشقان.

خۇددى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرمۇقام خەزىنىسى » ناملىق كىتابىدا ئېيىتقاندەك :«ئىسلامىيەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا‹خدا بىلەن رۇسۇل، ناخشا بىلەن ئۇسسۇل›نى بىرلەشتۈرگەن خاسلىققا يول قويۇشقا رازىبولدى .ھېيىت كۈنلىرى مەسچىت-جامە پەشتاقلىرىدا ناغرا-سونايلار چېلىندى.مەيدانلاردا شادىيەنە سامالار ئوينالدى، تىبابەتچىلىك نەغمە-ناۋانى داۋالاش تەدبىرلىرى قاتارىغا قوشتى.شامان پىرىخونلىرى ئىسلام نىقابىدا پىر ئۇسسۇلىنى داۋاملاشتۇردى.ھەربىي مۇزىكا ۋە يىگىتلەرنىڭ ماھارەت، جاسارەت ئىپادىلىگۈچى ئۇسسۇللىرى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىدى. ئۇيغۇر فولىكلور سەنئىتى ،مۇقام، مەشرەپ مەدەنىيتىقاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى غەربىي دىيار ۋە ماۋرەئۇننەھىرنىڭ ئورتاق بەدىئىي بايلىقى بولۇپ قالدى».

②تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ تەسىرى كېيىنكى دەۋىرلەردىكى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىغازور تەسىر كۆرسەتتى.

كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، تەسەۋۋۇپ ئەڭ دەسلىپىدە ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ھاياتىدىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا پاسسىپ ھالدىكى نارازىلىق سۈپىتىدە ئىتىقادى كۈچلۈك بولغان شەخىسلەرنىڭ تەركىدۇنيا بولۇپ زاھىتلىق يولىغا مېڭىشىدىن ئىبارەت دىنىي پائالىيتىدىن باشلانغان . بۇپائالىيەتنىڭ تەدرىجى كېڭىيىشى بىلەن ئۇ نۇقۇل ھالدىكى دىنىي پائالىيەتلائەمەس،بەلكى شۇ دىنى پائالىيەتلەرنى چۈشەندۈرىدىغان نەزەرىيەۋىي پىكىر ئاساسلىرىغائىگە بىر دىنىي پەلسەپىگە ئايلىنىشقا قاراپ ماڭغان.

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتكەندىن كېيىن،« ئىسلام دىنىنىڭ قاراخانىلار زىمىنىدا بۇنداق زور كۆلەمدەراۋاج تاپقانلىقى،ھۆكۈمرانلارنىڭ ھاكىمىيەت كۈچىگە تايىنىپ بويسۇندۇرغانلىقىدىن باشقا خوراساندىن كەلگەن نىشاپورلۇق ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەت كارامىتى ئېلىپ بارغاندىنى تەشۋىقات پائالىيتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.  ئۇ مىلادىيە 961-يىلى قاراخانىيلار ئوردىسىداۋاپات بولغان».( ھاجى نۇرھاجى، چىن گۇگۇاڭ تۈزگەن « شىنجاڭ ئىسلام تارىخى »بېيجىڭ.1995-يىلىنەشرى.)

ئېھتىمال دەسلەپكى تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسى مانا مۇشۇنداق بىريوللار بىلەن قاراخانىلار تەۋەلىكىگىمۇ تارقالغان ۋە خانلىقنىڭ دىنى ھاياتىدامەلۇم نىسبەتتە ئەكىس ئەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن.

شۇڭا تەسەۋۋۇپپەلسەپىسى ئوتتۇرا ئەسەرلەر مۇسۇلمان شەرقىنىڭ پەلسەپىۋى، ئىجتىمائىي، بەدىئىي تەپەككۇرىدا ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان پىكىر ئېقىمى بولۇپ قالغان. شۇڭا كۆپلىگەن ئالىملار تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئوتتۇرا ئەسىر مۇسۇلمانلار شەرقىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيتى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۇنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى يۇرۇتۇپ بېرىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى خېلى بورۇنلا تەكىتلەشكەن.

ئەنە شۇ مۇسۇلمان شەرقىنىڭ بىربۆلىكى بولغان ئوتتۇرا ئاسىياخەلقىنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي ئىدىيە تارىخىنى ۋە مەدەنىەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشمۇ تەسەۋۋۇپ ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلىدىغانلىقى شۈبھىسىز.

چۈنكى،بىرقىسىم شائىرلىرىمىز تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا، يەنە بىر قىسىملىرى بىۋاستە بۇ ئېقىمنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدەئىجادىيەت ئېلىپ بارغان. ھەتتا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى دەۋىرگە مەنسۇپ بولغان تۇنجى يىرىك ئەسەر « قۇتادغۇ بىلىك»تە تەسەۋۋۇپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى-زاھىتلىققا خاس ئىدىيەۋىي پىكىرلەر ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى كۆرىمىز .


بىز يەنە ئەھمەت يۈكنەكىنىڭ قاراخانىلار دەۋرىدە يازغاندىداكتىك داستانى «ئەتەبەتۇلھەقايىق»تا: «ئارف رەقىس چىقارۇر ئۇرۇر خۇش ساما»دېگەن بىر جۈملىنى يازغانلىقىدىن ئەينى زاماندىكى تەسەۋۋۇپ ئېقىمىدىكى ئۇسسۇل(رەقىس)تىن پايدىلىنىپ جەرى ساماغا چۈشىدىغان ئادەتنىڭ قاراخانىيلارغا تەسىركۆرسەتكەنلىكىنى كۆرىمىز .كېيىنچە ساما ئۇسسۇلى ئومۇمىي خەلق مۇراسىم ئۇسسۇلى تۈسىنى ئالغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.  

ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر 12مۇقاملىرىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇقام تېكىستلىرىنىڭ ئاپتۇرى دەپ قارالغان، تۈركى خەلقلەر شېئىرىيتىنىڭ يۇقىرى چۇققىلىرىدىن بىرى بولغان ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئۆزنۆۋىتىدە مۇتەسەۋۋۇپ ئىكەنلىكىگە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرى گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئەھمەد يەسەۋى،سۇپىئاللايار قاتارلىقلار ئىجادىيتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى تەسەۋۋۇپنى تەشۋىق قىلىش،كېڭەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

قىسقىسى، تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسەرلەردىك ىمۇتەپەككۇر، پەيلاسوپلىرىمىزغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور بولۇپ،تەسەۋۇپنىڭ ناخشا-مۇزىكىغا دائىر كۆز-قارشلىرىنىڭمۇ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .

③يەكەن سەئىدىيە خانلىقى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مەۋجۇتلىقىنىڭ مۇھىم بىر كاپالىتى .

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى « ئون ئىككى مۇقام» ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋىي مۇزىكا سەنئەتشەكىللىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مەركەزلىشىشى ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ قىسقا بىرمەزگىللىك تەرەققىيات ياكى قوبۇل قىلىشنىڭ نەتىجىسى بولماستىن بەلكى ئون ئىككى پارچە چوڭ ھەجىمدىكى مۇزىكىلىق ئەسەر سۈپىتىدەئۇيغۇر كۈيشۇناسلىقىنىڭ تارىخىي راۋاجى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.

يەنى ئۇيغۇر فولكلۇرىنىڭ يىراق مەنبەسى ۋە دائىمىي ھاياتبەخىش مۇنبەت تۇپرىقىدا مەيدانغا كەلگەن مۇزىكىلارنىڭ يىغىندىسى بولغان12مۇقام يەكەن-سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە رەتلىنىپ  بۈگۈنگىچە يىتىپ كىلەلىگەن بولۇپ،  بۇنى ئالدى بىلەن شۇ دەۋىر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۇيغۇرناخشا-مۇزىكىلىرىنى توپلاش ۋە رەتلەش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى، رەتلەش ۋە توپلاشتائۇنى نوقۇل خانلىق قەسىدى ۋە ھەرەم ئىشرەت بەزمىسى قىلىپ قويماي، خەلق بايلىقى قىلىشتىن ئىبارەت تۇتقان يولىدىن ئىزدەش بىلەن بىرگە بۇ خانلىق ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۇنى قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.بۇ يەردە   شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى،ئالدى بىلەن يەكەن سەئىدىيە خانلىرى مۇزىكا، شېئىر ، ئۇسسۇل ۋە خۇشخەت قاتارلىق سەنئەتلەرگە ئالاھىدە ئىشتىياق قويۇشقانىدى. مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخىي رەشىدى »ناملىق ئەسىرىدە زىكىر قىلىنىشىچە،سۇلتان سەئىدخان تەمبۇر، راۋاب،ساتار بىلەن غىجەككە ماھىر سازەندە بولغان . سۇلتان ئابدۇرىشىتخان ھەرخىل چالغۇلارنى ئۇستىلىق بىلەن چالغان. ئەلۋەتتە ھۆكۈمرانلاردىكى بۇ خىل مايىللىق ئەينى دەۋەىر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشغا تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دەۋرىدىكى ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مۇقاملىرى بۇيىچە دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇھەرىكەت مەدھىيە ۋە ھاقارەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى.

چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا يەكەن سەئىدىيە خانلىقىغا كۆزقىزارتقان ئىشان ۋە سۇپىلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن خەلق ئارىسدىكى ناخشا- مۇزىكىلارنى توپلاش ۋە رەتلەش خىزمىتىگە ئېغىر توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلدى.

ئومۇمەن ئۇيغۇرلار قايغۇ ۋە شادلىق ھېسىياتلىرىنى بەزىدە ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا سېغىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىسە، بەزىدە مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز بىزگە مىراسقىلىپ قالدۇرغان مۇڭلۇق كۈيلەر، دەۋىر ۋە زاماننىڭ ئىنكاسىنىڭ مۇئەييەن رەۋىشتەئىجتىمائىي ھاياتتا ئەكىس ئېتىشى بىلەن تەدىرىجىي بېيىپ كېلىۋاتقان ناخشا-مۇزىكىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلدى .

3.ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساسى ھەققىدە :

ناخشا-مۇزىكائۆزى تەۋە بولغان  مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاستىلى، ئورتاق پىسخىكىسى ،ئورتاق تىرىكچىلىك قىلىدىغان زىمىنى ،ئورتاقئۆرپ-ئادىتىىڭ تۇغۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇشخۇسۇسىيىتىدىكى بارلىقى بولالمىسىمۇ  ئەمماكەم بولسا بولمايدىغان بىرمىللىي ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ.

چۈنكىناخشا- مۇزىكىلارماكان ۋە زامان جەھەتتە شۇ مىللەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقان تارىخىىڭ ،تۇرمۇشىنىڭ نەق ئۆزىدە پەيدابولىدىغان ئالاھىدە شەكىللەرنىڭ بىرسى بولۇپ ئۇنى تارىخقا ئوخشاش كېيىنيېزىۋالغىلى، ياكى ئالدىن پەرەز قىلىپ ئىجاد قىلىۋالغىلى بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭچىنلىق تۇيغۇسى گەۋدىلىكرەك بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئىنسان قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرقاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھېسسىياتنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ ھېسسىياتنىڭپەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولغان تۈرلۈك سەۋەبلەر شۇ ناخشىغا مۇجەسسەملەشكەنبولغانلىقتىن ،ناخشا- مۇزىكا تەۋە بولغان مىللەتنىڭ ياشىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىتى،تارىخى،پىسخىكىسى  ۋە تۇرمۇشىنى  چۈشەنمەي تۇرۇپ ، ئۇنىڭ شۇ مىللەت كىشىلىرىگەكۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە بىراقلا رەت قىلىش ياكى زىيادە ئۇلۇغلاش ماھىيەتتە شۇمىللەتنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ .

ئەلمىساقتىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى ھەر بىر دەۋر ۋە زامانغايارىشا ئۆز سەنئىتىنى بېيىتىپ كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. مەدەنىيەتتىكى بۇئالاھىدىلىكنى ئوخشاشلا مىللەتنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان بارلىق مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرى بىلەن بىرىكتۇرۇپ ۋە تاكاممۇلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنى باشقامەدەنىيەتلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان خاس مىللىي كىملىك ئوبرازىنى شەكىللەندۇردى. ئەلۋەتتە بۇخىل مىللىي كىملىك ئوبرازىنىڭ شەكىللىنىشىدە نۇرغۇن ئامىللار بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىقىنى تۆۋەندىكىلەر دەپ قاراشقا بولىدۇ :

①ئۇيغۇرناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ تەبىئىي ئوچىقى ـــ جۇغراپىيەلىك مۇھىت

دوكتۇرئەسەت سولايمان « تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» ناملىق ماقالىسىدە «جۇغراپىيەلىك مۇھىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، دەيدىغان نەزىرىيە مۇتلەق ئىلمىي نەزىرىيە ئەمەس،لېكىن  جۇغراپىيەلىك  جايلىشىشنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان بىۋاستە تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ»دەپ ئېيىتقىنىدەك يەرشارىنىڭ ئوخشىمىغان رايۇنلىرىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان خاراكتىرى بولغىنىغا ئوخشاش  ئەجداتلىرىمىزياشىغان مۇڭغۇل يايلاقلىرىنى مەركەز قىلغان شىمالىي ئاسىيا چۆل،يايلاقلىرى بولسۇن ياكى تارىم ئويمانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەتراپىنى ھەيۋەتلىك تاغلار ئوراپ تۇرىدىغان،دېڭىز ئوكيانلاردىن يىراق، ئىقلىمى قورغاق ،ھۆل- يېغىن مىقدارى ناھايىتى ئازبولغان، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر جاينىڭ جۇغراپىيىۋىي مۇھىتىغا ئوخشىمايدىغان بۇخىل تەتۈر تاناسىپلىق مۇھىت بۇ يەردە ياشىغۇچىلارنىڭ بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە  جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيتىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشتىن كۆرە تەبىئەتكە ماسلىشىشىپ ياشاشنى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسى قىلغان.شۇنداقلا تەبىئەتكە ماسلىشىش، ھاياتلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ جاپالىق مۇساپىلىرىنى پەيدا قىلغان ھارغىنلىقلىرى ۋە مۇشەققەتلىرىنى ناخشا-مۇزىكا ئارقىلىق تۈگەتكەن .مانا مۇشۇنداق شارائىت تەبىئىي ھالدا شۇنىڭغا ماس بولغان سەنئەتنىڭ،جۈملىدىن ناخشا-مۇزىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان .

تېخىمۇ توغرىراقى،يۇقىرىقىدەك قورغاق،ھۆل-يېغىنسىز ،چۆل-جەزىرىلەر بىلەن ئارىلىقى يىراق بولغان بوستانلىقلارئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن قوياش نۇرىنىڭ ئوتتەك قىزدۇرىشى بىلەن سۇسىز چۆللەرنىڭئالۋۇندەك يالىلدىشدىن شەكىللەنگەن قورغاق، زىرىكەرلىك ھايات ئەجداتلىرىمىزنى  شېئىرىي تۇيغۇغا باي ،ھېسسىياتچان،  تىل سەنئىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ چاڭقىغان روھىي دۇنياسىغا تەسەللىي تېپىشقا ئۆگەتكەن.

چۈنكى،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت تارىخىدا شېئىرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىي ژانىر ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ،لېكىن شېئىرىيەتنىڭ ،بولۇپمۇ يازمائەدەبىيات پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى خەلق قوشاقلىرىنىڭ تۇرمۇشقا يېقىنلىشىش ۋەتۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە باغلىنىشى جەھەتتە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدەك ئومۇملاشقانلىرى ناھايىتى ئاز بولىشى مۇمكىن. شۇنداقلا كىلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنىڭ زور كۆپ ساندىكىلىرى شېئىرىي ئەسەرلەر بولىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن بولساكېرەك.

شۇڭا بۇخىل ھېس- ھاياجانغا تولغان پېسخىكا ناخشا-مۇزىكىنىڭ خېمىرتۇرۇچى بولغان شېرىيەتنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبىنىمۇ بۇ يەردەياشىغۇچىلارنىڭ  تۇرمۇش ئۇسۇلى،  فىزىئولوگىيەسى، پىسخىكىسىنى جۇغراپىيىۋي مۇھىتسىز چۈشەنگىلى بولمىغانغا ئوخشاش ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىنىمۇ ئۇيغۇرلارياشىغان جۇغراپىيىۋىي مۇھىتسىز چۈشەنگىلى بولمايدۇ ، ئۇنىڭغا  بۇخىل مۇھىتتىن مۇستەسنا ھالدا باھا بېرىش ئاقىلانىلىك   بولمايدۇ .

ئەجداتلىرىمىزنىڭ ناخشا-مۇزىكىنى ئەزەلدىن مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ،.ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ھايات ھەققىدىكىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ قۇرالى دەپ ھېسابلىشى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى

خەلقىمىزئۆز تارىخىدا ھەرخىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان، ئۇلارنى ئالماشتۇرغان،ئىلگىرىكىلىرىدىن ۋاز كەچكەن : ھەرخىل يېزىقلارنى قوللانغان، ئىلگىرىكىلىرىنىئىشلەتمىگەن : ھەرخىل ئىسىم –فامىلە يۇسۇنلىرىنى ،ھەرخىل كىيىم-كىچەك شەكىللىرىنىئىشلەتكەن ،ئۇلارنى ئالماشتۇرۇپ كەلگەن . ئەمما ئەنئەنىۋىي فولكلور مەدەنىيتى،جۇغلانغان تەپەككۇر خەزىنىسى ،مىللىي روھىيەت قورغىنىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغانناخشا-مۇزىكا مەدەنىيتىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

چۈنكى،مۇزىكا ئىنساننىڭ ئىككىنچى تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرىنچى تىل بىلەن تەسۋىرلەپبىرەلمەيدىغان ئۆتكۈر، ئىنچىكە ۋە يالقۇنلۇق ھېسسىياتلارنى كۆپ تەرەپلىك ئاۋازدولقۇنلىرىنىڭ تىزمىسى ئارقىلىق شۇ مىللەتنىڭ مىڭ يىللار جەريانىدا شەكىللەنگەنخاراكتىرىنى، روھىيەت رېتىملىرىنى ،قەلىب چەشمىلىرىنى مۇزىكىلىق ھېسىىيات بىلەنئىپادىلىسە، ئۇنىڭغا قوشۇلغان قايناق تۇرمۇش پۇرىقى ۋە روشەن تەپەككۇرلۇق ئاڭ-پىكىرگە تۇيۇنغان نۇتۇقلۇق شېئىرىي مەزمۇن شۇ مىللەتنىڭ تارىخى كەچۈرمىشلىرى،كىشىلىك تۇرمۇش ۋە دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچە ۋە تەسىراتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ .مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ناخشا-مۇزىكا ــ ئۇ ئىنسان قەلبنىڭ لىرىك ئاھاڭلار ئارقىلىقنامايان قىلغان بايانىدۇر.   

ئۇيغۇرناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئۆزىگە مەنبەقىلغان بولۇپ كۆپ قىسىم خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىدا ئاددىي پۇقرالارنىڭ گۈزەل، شېرىن مۇھەببەتكە بولغانمەدھىيىسى، ئىنتىلىشى، مۇشەققەتلىك تۇرمۇش، ھاياتىدىكى ھەسرەت- نادامىتى بايانقىلىنغان بولۇپ،ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ گۈل-تاجى ھېسابلانغان مۇقاملاردا  ئاقىللارنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرى، شائىر-ئەدىبلەرنىڭ شېئىر- نەزمىلىرى، ئەۋلىيالارنىڭ پەند- نەسىھىتى، ئەل ئىچىدىكىھېكايە- چۆچەك، جايلاردىكى رىۋايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭتۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن قامۇس.

بولۇپمۇ 12مۇقامنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىدادۇنيا ۋە ئىنساننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ،ھاياتنىڭ دۇنيا ۋە ئىنسانبىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق پەلسەپىۋىي –ئىجتىمائىي تېمىلار،ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانىي پەزىلەت تېمىسىدىكى مەزمۇنلار، يۇرت-ۋەتەن سۆيگۈسىگەئائىت قىممەتلىك پىكىرلەر،  پۈتكۈلئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان مۇھەببەت ھەققىدىكى  لىرىكىلىق قاراشلىرىئىپادىلىنىپ  بۇ بىرتەرەپتىن مىللەتنىڭروھىيىتىنى ئىپادىلەشنىڭ شەكلىگە ئايلانغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شۇ خىلروھىيەتنى كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئۇلايدىغان كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناپ كەلگەن .

شۇنداقئېيتىشقا بولىدۇكى ،  خەلقىمىزنىڭ ئۆتكەنكىدەۋىر ۋە زاماندىكى تۈرلۈك تونۇش ۋە ھېسسىياتلىرىنىڭ ھەممىسى تەدىرىجىي بېيىپ كېلىۋاتقان ناخشا-مۇزىكىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن . خەلقىمىز بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىگە مەنىۋىي روھ، زوق ۋە جاسارەت تاپقان. بەزىدە قاتتىقلىق بىلەن تولغان ھاياتقا، ئۇمۇتسىزلىككە سەنئەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈمىدلىك بىلەن باققان.

( گەرچە بەزى مۇھەببەت ناخشىلىرىدا ئىشقى –مۇھەببەت تۇلىمۇيالىڭاچ ئىپادىلەنگەن بىلەن ئۇ گەرچە  قىسمەنلىكتىن ئىبارەت  بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئومۇمىيەتكە ۋەكىللىك قىلالمالمىسىمۇ،لېكىن بۇنداق ناخشا-مۇزىكلارنىڭ بىرمىللەت كىشىلىرىنىڭ ئەخلاق قارىشى،  ،دىنىي قارىشى قاتارلىقلارغا ئېلىپ كېلىدىغان سەلبى تەسىرىنى قەتئىي تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ.

چۈنكى، چۈنكى بۇخىل ناخشىلاردىكى مەزمۇن شۇناخشا-مۇزىكىلارنىڭ ئوبىكتى بولغان ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش قارىشى، قىممەتقارىشىنى  ۋە دىن قارىشى بىلەنئويناشقانلىق بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيتىدىكى ھەننىۋا نەرسىنى  ھېسسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەپسۇس، مۇشۇنداق مەزمۇندىكى ناخشىلارنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋەبەزى ئۈن-سىنلاردا قايتا- قايتىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىلىشى مەسىلىنىڭ پەقەت ئىجادىيەت ئىگىلىرىدا ئەمەس بەلكى ھەممەيلەندە مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈرىدۇ .

مەسىلەن :

دوستلار بىركۈن ئۆلۈپ كىتەرمەن،

يارنى بىرگە ئېلىپ كىتەرمەن.

ئاشۇ يايرىم، شۇ جانانىم شۇ جانانىم يېنىمدا بولسا ،

دۇزاققىمۇ كۆنۈپ كىتەرمەن.


( بېشى ئىسىمدە قالماپتۇ)

****************

***************

مۇھەببەتنىڭ ئالدىدا،

دۇزاخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق


جەننەتلەردە زېرىكەرمەن سىنى ئويلاپ


دېگەندەك ناخشىلار، شۇنىڭدەك« سۆيگۈ ئىلاھى»، «پەرىشتە »دېگەندەك ئاتالغۇلارنىڭ  ناخشىلاردا خىيالىئوبراز سۈپىتىدە ئىشلىتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر،ئۇندىن باشقا ئۆرپ-ئادەتقاتارلىقلار بىلەن ھېسابلشىپ ئولتۈرماستىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ مودىغا ئايلىنىشى مەسىلىنىڭ ئىجاد قىلغۇچىلاردىلا ئەمەس بەلكى ئاڭلىغۇچىلاردىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .

بۇ ئاساسلىقى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي بىلىم قۇرۇلمىسى،ئومۇمىي ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئەگەر بۇ سەۋىيە تۆۋەن ھالەتتەتۈرىۋىرىدىكەن،ئاڭلىغۇچىنىڭ ناخشا-مۇزىكىغا بولغان تەلىپىمۇ شۇ تۆۋەن سەۋىيىدىن يۇقىرىغاچىقالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئىجادىيەتمۇ شۇ لىنىيەنى بويلاپ تەرەققىي قىلىدۇ .

ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ساپا قۇرۇلمىسى ئۆسكەندە، بىرتەرەپتىن ناخشا-مۇزىكىغا بىرتەرەپلىمە مەستانە بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنسا، يەنەبىر تەرەپتىن ناخشا-مۇزىكىنى بىراقلا رەت قىلىشتەك ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

ئاخىرقى سۆز  

ئىسلام دىنى- تەڭپۇڭلۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغاندىنىي ئىتىقاد،ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن كەڭ نەزەر دائىرە، ھاياتلىق مەقسىتى كىشىنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇرىدۇ . تەڭپۇڭلۇق ئىسلامدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم مەنىۋىي ئامىل بولۇپ، ئۇ دىن بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدكى تەڭپۇڭلۇقنى كۆرسىتىدۇ.يەنى ئىككىسىنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇشنى ئەمەس ، بەلكى ئىككىسىنىڭ تەڭپۇڭ ھالەتتە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ .بىز بۇ دۇنيادا ،يەنى رىئال دۇنيادا ياشايمىز،لېكىن بۇ دۇنيادىكى رىئال تۇرمۇش دىنىي ئىتىقاد رامكىسى ئىچىدە بولىدۇ . شۇڭابۇدۇنياغىمۇ، ئۇدۇنياغىمۇ ئېتىبار بېرىشى كېرەك . شۇڭا ئومۇمەن مۇسۇلمان بولىدىكەن،ئىسلامنىڭ ئەخلاقىي ئەھكاملىرىغا سەل قارىسا بولمايدۇ.

مۇھەممەت ئەلەيھىسالام بىلەن مۇئاد ئىبنى جامال ئوتتۇرىسىدا بولغان تۆۋەندىكى بىر قىسقا سۆھبەتنى بۇنىڭغا مىسال ئېلىشمۇمكىن.

مۇئاد بىر قازى بولۇپ، يەمەنگە سەپەرگە چىقىش ئالدىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن سۆزلەشكەن:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: سەن مۇجمەل مەسىلىلەرگە قانداق ھۆكۈم چىقىرىسەن ؟

مۇئاد: « قۇرئانى كەرىم»گە ئاساسلىنىمەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: ئەگەر « قۇرئانى كەرىم»دە بولمىسىچۇ؟

مۇئاد: سۈننەتكە ئاساسلىنىمەن

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:  ئەگەر سۈننەتتىمۇ بولمىسىچۇ؟

مۇئاد: ئۇنداقتا مەن قائىدىگە ئاساسەن ئۆزۈم ھۆكۈم چىقىرىمەن.

ھەق- ناھەق ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشتا ئىجتىھاد(ئىنتىلىش، غەيرەت قىلىش دېگەن مەنىدە بولۇپ،مەسىلىلەر ئۈستىدە شەخىس مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم قىلىش)، شۇرا ( كېڭىشىش)، ئىجما ( ئورتاقتۇنۇشقا كېلىش ) قائىدىلىرىگە تايىنىشقا بولىدۇ .دېمەك، ئىسلام شەرىئىتىدەكىشىلەرنىڭ قائىدە بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مۇۋاپىق تاللاش بىلەنئىلىمنى يۇغۇرۇپ ئىش كۆرۈش چارىسى تەشەببۇس قىلىنىدۇ .

شۇڭا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ تارىخييىلتىزىنى سۈرۈشتۈرمەي   يىنىكلىك بىلەن ۋاز كىچىشكە ئورۇنۇش،ئۇنىڭ تارىخىمىز،مەدەنىيتىمىزدە تۇتقان مۇئەييەن رولىغا ،بولۇپمۇئۇنىڭ تىلنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاشتىكى رولىغا سەل قاراشمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇنداقلا رىئاللىققا توغرا يۈزلەنمەي، دۇنيائۆزگىرىشلىرىدىن بىخەۋەر ھالدا ئۇنىڭغا قارغۇلارچە مەستانە بولۇپ كېتىشمۇئەمەلىيەتتكە ئۇيغۇن ئەمەس.

شۇنىسى ئېنىقكى، بىز مەيلى قانداق نوقتىدىن چىقمايلى، ئۆز مەۋجۇتلىقىمىزنى دۇنيانىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە، ھەدىگەندىلا قۇرۇق دە-تالاشتىن ساقلىنىپ بىزگە نېمىنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى ،نېمىنىڭ كىيىنكى ئورۇنداتورىدىغانلىقىنى پەرىق ئىتەلەيدىغان سەزگۈرلۈك  ئۆزىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ئۇنىۋېرسالساپايىمىزنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈرۈش، مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى ئۆستۈرۈش، نۆۋەتتە ھەرقانداق   مۇنازىرىدىنمۇ  مۇھىم .

2014-يىلى 8-ئۆكتەبىر (لوپ)


پايدىلانغانمەنبەلەر :

1.    «ھەدىسلەر توپلىمى » PDFنۇسخىسى

2.     مۇھەممەت خۇزەرى :« مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمىھالى» شىنجاڭ خەلقنەشرىياتى  1984-يىلى  .

3.    ھاجى خۇجا ئابدۇللا ئوسمان «ئىسلاممەدەنىيتىگە دائىر بىلىملەردىن ئۈنچىلەر». مىللەتلەر نەشرىياتى .2013يىلى 3-ئايباسمىسى.

4.    ھۆرمەتجان ئابدۇراخمان فىكرەت :«تەسەۋۋۇپپەلسەپىسى» . شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشرىياتى .

5.    安萨里:《圣学复苏—一论音乐和歌唱》,Duncan Black MacDonald英

译,载于《大不列颠和爱尔兰皇家学会期刊》,1901年。( theJournal of the Royal Asiatic Society of Great Bntaln and Ireland)

( غەززالى : «تەسەۋۋۇپنىڭ ئويغۇنىشى ــ ناخشا-مۇزىكاھەققىدە مۇھاكېمە» ئۇلۇغ بىرىتانىيە ۋە ئىرلاندىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيتىژورنىلى .1901-يىلى )

6. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسەرلىرى : « ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى ».شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى .2009يىلى 8-ئاينەشرى

6.    بىرنارد لېۋىس ( ئەنگىلىيە) « تارىختىكى ئەرەبلەر » .مىللەتلەر نەشرىياتى .ئۇيغۇرچە نەشرى. 2006-يىلى 6-ئاينەشرى .

7.    ئەھمەد ئىمىن ( مىسىر )ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى : ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.2002-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى

8.    شىللىر شىۋارتىز (ئامېرىكا ) « يېڭى ئەسىر ــ مۇتەپەككۇرلار ساداسى » .شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەرنەشرىياتى .2004يىلى 4-ئاي 1-بېسىلىشى

9.    ئەسەت سۇلايمان: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى .2000يىلى 7-ئاي 1-بېسىلىشى .






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tunyukuk1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-8 06:02 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مەھزۇن + 500 قىممەتلىك تېما!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 04:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشا مۇزىكا ئاڭلاش ھارام، ئەمەس تۈرلۈك ناخشا مۇزىكلاردىن ھوزۇلانساق. خاتا ئەمەس خاتا دەپ قارايدىغان ئادەملەر جايىل قالاق ھەسەلدىن قىل ئايردىغان ئادەملەر، ئۇنىڭدىن مۇڭلاسساق ھوزۇرلانساق خاتا ئەمەس.خاتا دەپ قايلايدىغان ئادەملەر ئاڭلمسا بولىدۇ، ئاڭلغان ئادەمگە . ئۇنداق بۇنداق گەپ قىلىشقا سالاھىيتى توشمايدۇ، شۇڭا ئاڭلغانلار ئاڭلساق ئاڭلمغانلار ئاڭلمسا بولىدۇ،

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kudiratjan + 10 ساقىيىپ كىتسە تۈف
pikir1 + 10 نېمە دەۋاتىدۇ ماۋۇ قو.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86858
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 04:46:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىزىقىدىغان مەزمۇندىكى تېما ئىكەن ، ۋەزنى خېلى ئىغىردەك قىلىدۇ ، ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئوقۇي

مۇزىكام سالونى Muzikam

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100516
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-12-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 05:17:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما خېلى جىقكەن ئاخىزغىچە ئۇقۇپ ئاندىن ئىنكاسىمنى تەھرىرلەپ كۆز قارشىمنى سۆزلەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100898
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 05:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قويۇپ ئالدىرىماي ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس يازسام بولغۇدەك ... تېما ئېگىسىگە رەخمەت ...
جاپا چەكتىڭىز ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82252
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3482
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 07:15:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئىنكاسىم بۇ رەسىم بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6245
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 07:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توغۇرلۇق جىق ئىزدىنىپسىز ،ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن،
لىكىن باشقا تورداشلارنىڭ ئاساسى يوق گەپ لەر بىلەن قالايمىقان  قارار چىقىرىپ گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،بۇ چاق چاق قىلدىغان ئىش ئەمەس ،

تېما ئىگىسىگە ئەسكەرتىش :مەسلىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتى چوڭ ،سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ توغۇرلۇق ئىنكاس بېرەلمەيمەن ،ئەمما ئىملادا ئاز تۇلا خاتالىق بار ،دىققەت قىلشىڭىزنى سورايمەن .

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1295
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 23069
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1299 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 07:51:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنىڭ ۋەزنى ھەقىقەتەن ئىغىركەن، تورداشلارنىڭ تەپسىلى ئوقۇپ راۋۇرۇس ئويلىنىپ ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

مېركۇرىي ئىسىملىك تورداش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8787
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2137 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 08:47:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز ، بايانلىرى مۇپەسسەل ھەم باغلىنىشلىق ،  قايىل  قىلىش ئۈنۈمى  ياخشىكەن . ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

         مايمۇن كېشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا ،
         تۆگە كىلۇر مەردانە ھەم قوتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە ،
         ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110235
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2014-9-27
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 09:37:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام ھۆكۈملىرى كۆز قاراش مەسىلىسى ئەمەس. شۇڭا ئوچۇق ھارام ئەمەس ياكى ھارام دەپلا  پەتىۋا پىچىۋېتىپ قارشى پىكىردىكىلەرنى  پەتىۋا بېرىشكە  سالاھىيىتى توشمايدۇ دەپ ئەيىپلەۋاتقان تورداشلىرىمىز، ئۆزىمىنىڭمۇ سالاھىيىھىتىمىزنىڭ توشۇدىغان توشمايدىغانلىقىلىمىزنى ئوبدان ئويلىشىپ بېقىپ ئىنكاس يازساق بولغۇدەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش