ئىمان بىلەن نۇرلانسا يۈرەك
ھەممە پاناھ،ساڭا يار يۆلەك،
رىئاللىقتۇر ئارزۇ ھەم تىلەك .
بېرەر ماغدۇر يىقىلساڭ تىرەك،
ئىمان بىلەن نۇرلانسا يۈرەك .
مۈشكۈللىرىڭ بولغۇسى ئاسان،
كاپالەتكە ئىگە بولۇر جان .
نۇسرەت بىلەن ياشايسەن ھامان،
ئىمان بىلەن نۇرلانسا يۈرەك .
يۈكسىلىدۇ بارغانچە قەدىر،
تارتقىنىڭچە بۇ يولدا جەبىر .
خەيرىلىكتۇر قىلغىن سەن سەبىر،
ئىمان بىلەن نۇرلانسا يۈرەك .
دېمە پانى غوجىسى ئىنسان ،
بىلگىن دۇنيا سوراقلىق جاھان .
پاكىز كېتىش بولغۇسى ئايان،
ئىمان بىلەن نۇرلانسا يۈرەك .
دۇنيا ئۆتەڭ مېھماندۇر كىشى،
ئاخىرەتكە پاتمايدۇ چىشى .
ئەجەل دېسە قايمايدۇ بېشى،
ئىمان بىلەن نۇرلانسا يۈرەك .
ئەپچىلەم ئىجادىيىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-8 04:17 PM