مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15454|ئىنكاس: 70

ئاباخ خۇجا ھەققىدە قايتا ئويلىنىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 12:47:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاباخ خۇجا ھەققىدە  قايتا ئويلىنىش

ئەقلىمنى بىلسەملا بىرلەرى ئاپاخ خۇجىنى تىللاپ ئەيىپلەپ يەنە بىرلىرى ماختاپ ياكى ئاقلاپ يۈرۈپتىكەن، ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇغان بولدۇم، ئۈگەنگەنلىرىم ئاپاخ خۇجا ئۇنى قىلغان- بۇنى قىلغان، ئۇنى سېتىۋەتكەن، بۇنى قىرىۋەتكەن، پالان-پۇستانچىلارنى باشلاپ كەلگەن، ئاخىرى بىز مانا ھېلىقىدەك بولۇپ قالغان...دىگەندەك ئاددىيلا جەريان ھەم يەكۈن بولۇپ كېلىپتۇ، ھالا بۈگۈنگە كېلىپ مۇنبەرلەردىمۇ بۇ خىل مۇلاھىزەلەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدىغان بولدى. مەزكۇر تېمىلارنىڭ، ئەلۋەتتە، مەلۇم ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمەن، لېكىن، ئازراق پەلسەپە ئۈگەنگەنلەر بىلىدۇكى، دۇنيادا يۇرۇماس كېچە، كەچ بولماس كۈندۈز بولمايدۇ، ياكى مۇنداقچە دىسەك، ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، ئاپاق خوجا ھادىسىسىمۇ بۇندىن سىرتىدا ئەمەس، مېنىڭچە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئويغۇر مەپكۈرىسىنىڭ خاراپلىققا يۈزلىنىشى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ چۈشكۈنلۈككە يۈزلىنىشىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىدى. «تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ» دىگەندەك ئاپاق خوجا دەل يولۋىسى يوق تاغدىكى مايمۇندۇر خالاس، بۇ مايمۇن ئاجايىپ ئويۇن قويغان، مايمۇندىن قانچىلىك چوڭ ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن؟ ئۇزۇندىن بۇيان ئاپاق خۇجا توغرىسىدىكى مۇلاھىزەلەر پەقەت ھادىسەۋىي جەريانلاردىن يىراقلىيالمىدى. ئەپسۇسكى، بۇ مۇلاھىزەلەر بىزدىكى ئاللىكىملەردىن ئاغرىنىش، يەنە ئاللىىملەرگە بولغان   تەمەگەرلىك ۋە ئاخىرىدىكى  ئەجدادلاردىن قېيداش ۋە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ، مەنچە، ئاپاق خۇجا پاجىئەسى تارىخىمىزدىكى ئەڭ قانلىق پاجىئە، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى ئىككى چوڭ قانلىق پاجىئەنىڭ بىرسىدۇر، (ئېيتىلىشىچە، ئويغۇر تارىخىدا ئۈچ قېتىملىق غايەت زور مەدەنىيەت يوقىتىش ھادىسەسى بولغان ئىكەن، بىرىنچىسى، قاراخانىلار خانلىقى يۈز يىلغا سوزۇلغان دىنىي ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇدۇننى ئىگەللىگەندە بۇيەردىكى بۇددا دىنىي مەدەنىيەتلىرىگە ئائىت بارلىق مەدەنىيەت ھادىسەلىرىنى يوقىتىۋەتكەن، ئككىنچىسى، ئاباخ خوجا ياركەند سەئىدىيەلەر دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلغاندا بۇ ئەلدىكى بارلىق ئالىم ئۆلىمالارنى تولۇق قىرىپ تۈگەتكەن، شۇنداقلا، غايەت زۇر كىتاب كۆيدۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق قۇرئان ۋە ھەدىستىن باشقا بارلىق كىتابلارنى تولۇق يىغىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن ئىكەن، ئۈچىنچىسى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە پرولېتارىيات داھىيلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە شۇ قاتاردىكى كىتابلاردىن باشقا بارلىق كىتابلار كۆيدۈرۈلگەن ئىكەن.) بۇ ئىككى پاجىئەنىڭ بىرسى ئۇلۇغبەگ پاجىئەسى، بۇ پاجىئە تىمۇرىيلەر ئىمپىرىيىسىنىڭ ھالاكىتى بىلەن، خوجا ئاپاق پاجىئەسى بولسا دەل ئاشۇ تىمۇرىيلەرنىڭ كېيىنكى ئاۋلادلىرىدىن بولغان سەئىدىيەلەر دۆلىتىنىڭ ھالاكىتى بىلەن نەتىجەلەنگەن، ۋاقىت نوقتىسىدىن تىزغاندا ئولۇغبەگ پاجىئەسى بىلەن خوجا ئاپاق پاجىئەسىنىڭ ئارىسىدا مەلۇم ۋاقىت بولسىمۇ، يۈزبەرگەن ۋاقىئەلىرىنىڭ جەريانلىرى ئوخشىمىسىمۇ ئەمما، تۈپكى ماھىيىتى پۈتۈنلەي ئوخشاشتۇر.

قارىغاندا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز تەسەۋۋۇپ بىلەن سوپىزمنىڭ بىر گەپ ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەردەك قىلىدۇ. چۈشىنىش كېرەككى، تەسەۋۋۇپ كۆپ قاتلاملىق مەنەلەرگە تۇيۇنغان نۇرلۇق بىر ئىدىيەلەر سىستىمىسىدۇر. بۇ ئىدىيەلەر زامان سىياسىيسىدىن يىراق ھالدا ئۆزگىچە چوڭقۇرلۇقلارغا ئىگە.

مەن تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتچىسى ئەمەس، ئەمما، شۇنداق ئويلايمەنكى، ئۇلۇغبەگ پاجىئەسى بىلە ئاپاق خوجا پاجىئەسى دەل تەسەۋۋۇپ ئەھلىلىرىنىڭ ھوقۇق چۈشىدىن كېلىپ چىققان، يەنى ھازىرقى زامان تىلى بۇيىچە ئېيتقاندا تەسەۋۋۇپ ئۆلىمالىرىنىڭ ئەينى دەۋرنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىغا كۆز ئالايتىشىنىڭ قانلىق شاھىتى بولۇپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى، تەسەۋۋۇپ بۇرۇندىنلا زاھىتلىق بىلەن مەنەداشلىققا ئىگە ھادىسە. ئۇنى نۇرغۇن ھادىسەلەرگە ئوخشاش تىللاپ-تىللاپ تۈگىتىۋەتكىلى بولمايدۇ ياكى ماختاپ-ماختاپ كۆككە كۈتۈرۈۋەتكىلى بولمايدۇ. بىر جەمئىيەت بولغان ئىكەن ئۇنداق كۆز قاراشلارنىڭ مەلۇم دەرىجەدە مەۋجۇد بولۇشى تەبىئىي ئىش ئىدى،  مەن يەنە شۇنداق ئويلايمەنكى، ھەممە ئىش ئۆزىنىڭ كاتىڭىدا (يولىدا) بولغىنى ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. ئۇبەيدۇللا خوجا ئەھرار بىلەن ئاپاق خۇجا دەۋرلىرىگە كەلگەندە تەسەۋۋۇپ ئۆز ئوربىتاسىدىن چىقىپ كەتكەن، خالاس. ئەسلى ئۇلار شاھانە تەختلەرنى چۈشەشنىڭ ئورنىغا زىكر تەسبىھلىرىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ غېرىبانە كۈلبەلىرىدە ياكى مازار-ماشايىخلاردا ئېتىكاپلىرىنى جايىدا قىلىپ ئاخىرەتنىڭ ھۇزۇر ھالاۋىتى ئۈچۈن ئىشلەپ ئۈتۈپ كەتكەن بولسا بەلەن بولاتتى، تەسەۋۋۇپ ئەھلىلىرىنىڭ بېشىغا شاھانە تاج ياراشمايتتى، مانا بۇنى بىز بۇ قەۋمنىڭ باشلىرىدىكى غايەت چوڭ سىناق دېمەي ئامال يوق، شۇڭا بىز ئاپاق خوجىنىڭ يىرگىنىچلىك ئوبرازى تىكلىنىپ بولغاندىن كېين ئۇنى ۋاقتىمىزنى زايە قىلىپ ئوشۇقچە تىللاپ يۈرۈش ئۆزىمىزگە نىسبەتەن قورساق بوشىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، خالاس. تىخى ئۇنى ھازىرقى زامانغا سۆرەپ كېلىپ چاغداش سوپىلارغا تىل ھائانەت ياغدۇرۇشنىڭ نىمە زۈرۈرىيەتلىرى باركىنتاڭ، «ئاللاھ ساڭا بىر يامانلىقنى ئىرادە قىلغان بولسا پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپمۇ ئونى توسۇپ قالالمايدۇ، ئاللاھ ساڭا بىر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان بولسا پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپمۇ تارتىۋالالمايدۇ» بۇ سىناققا بەرداشلىق بەرمەي ئامال يوق.

ئەمدى ھازىرقى كۈزىمىز بىلەن كۈزىتىپ بىر ئاۋاز بىلەن ئاپاق خۇجىنى ئىنكار قىلىۋەتسەك بولمايدۇ، ياق دەرسىز، ھەماقۇل، ئاپاق خۇجىنى پۈتۈن ئۇيغۇر سەپ تارتىپ تۇرۇپ يىللاپ تىللاپ باقايلىكى، نىمە ئىش بولىدۇ؟ ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئۇ قەبرىسىدە يېتىۋېرىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ قەبرىسىنى، مازارىنى تۈزلىۋېتىپ باقايلى، نىمە ئىش بولىدۇ، بۇچاغدا زىيان بىزگە يەنە مۆلچەرلىگۈسىز چوڭ بولىدۇ، ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كاتتا نامايەندىسى يوق بولىدۇ، شۇڭا ئۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس، خالىسىڭىز سىزمۇ بېرىپ چۆرگۈلەپ قويۇڭ، تاۋاب قىلىپ ئەمەس ساياھەت قىلىپ قويۇڭ، ئاندىن ئاپاق خوجامغا دوزاق، ئاشۇ مازاردىكى ئاللاھنىڭ باشقا ئازىزلىرىگە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىپ قويۇڭ، ئەمما، ئوشۇقچە تۈكۈرۈكلەرنى چاچرىتىپ تىللاپ-ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئىستۇدىنت بولسىڭىز كەسپىڭىزدىن سىرت ئىنگىلىزچە ئۈگىنىڭ، سودىگەر بولسىڭىز تىجارىتڭىزگە كۈڭۈل بۈلۈڭ، تاپقان پۇللىرىڭىزدىن خەير- ساخاۋەتكە خەجلەپ قويۇڭ، قىيىنچىلىق ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا مەدەد ۋە ياردەم بېرىڭ، باشقا كەسىپتىكىلەردىن بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى ئۇبدان قىلىڭ، بىلىش كېرەككى، تىللاشنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، مۇھىمى ئىشلەشتۇر.

ئەمدى يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز نۇرغۇن مۇنبەر مۇلاھىزەلىرىدە «ئاپاق خوجا باشچىلىقىدىكى سوپىلار» دەپ بەك جۇۋاپ كېتىپتۇ، ئۇلارنى تىللاپ يۈرۈش نىمە ھاجەتكىنتاڭ، بىلمىدىم، سىز ئاۋۋال تەسەۋۋۇپ- سوپېزم توغرىسىدا يۈزەكىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ باققايسىز، ئاپاق خوجا سوپېزمدىكى بىردىنبىر ئەمەس، قۇرئان ۋە ھەدىس ئىسلام دىندىكى بارلىق شاخچە ئىدىيەلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىدۇر، سىز قۇرئان كەرىمدىكى تەسەۋۋۇپنى ياقلايدىغان قاراشلارنى ئىنكار قىلىشقا ئامالىڭىز يوق، ھەدىس شىرىپتىكى شۇخىل قاراشلارنى ياق دىيەلمەيسىز، سىز يەنە جالالىددىن رومىينى چۈشىنىپ بېقىڭ، ئەھمەد يەسسەۋىينى چۈشىنىپ بېقىڭ، ئەقەللىيسى، قۇتادغۇبىلىكتىكى سۇپىستىك قاراشلارنى چۈشىنىپ بېقىڭ، ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنى، بولۇپمۇ «قۇشلارتىلى» دىگەن ئەسىرىنى كۈرۈڭ، چۈشىنىڭ،ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز بىزدە ھۆرمەتجان ئابدۇراھمان فىكرەت دەيدىغان بىر تەسەۋۋۇپشۇناس ئالىم بار، ئۇنىڭ بىرقانچە ئەسىرىنى كۈرۈپ بېقىڭ.

تەن ئېلىش كېرەككى، ئادالەت ئاجىزلاشسا جاھالەت كۈچىيىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئاسمىنىدىكى بۇ خىل چۈشكۈنلۈك ئۇلۇغبەگ پاجىئەسىدىن باشلىنىپ ئاباخ خوجا پاجىئەسى ئارقىلىق ۋايىغا يەتتى. بىزنىڭ پاجىئە پېتى نەچچە ئەسىرلەپ ساقلانغان كىرىزىسلىرىمىزنىڭ بۇ ئىككى قانلىق پاجىئە بىلەن مەڭگۈ ئۆڭمەس باغلىنىشى بارلىقىنى چوقۇم تەن ئېلىش كېرەك، ئەمما، بۇلارنى مەڭگۈ تىللايمىزمۇ؟ ياكى باشقا ئىشلىرىمىزمۇ بارمۇ؟ ئەزىز دوستلار، سوغۇققان پىكىر قىلايلى، يەڭگىلتەك كۈپۈك ھاياجاندىن ساقلىنىش بەك مۇھىمدۇر.

يىقىنقى مەزگىللەردە «جوڭگۇ خۇش ئاۋازى» دا شان قۇچقان پەرھات خالىقنىڭ ئەينى نەق مەيداندا «مەندە ئۇلۇغۋار غايىلەر يوق، مەن ئۆز ئىشىمنى پۇختا قىلىشنى ئويلايمەن» دىگەندەك بىر جۈملە سۆزى نۇرغۇن ئويلىنىشلىرىمغا تۈرتكە بولدى.

يەنە بىر مەسىلە شۇكى، بىز كىنۇلاردىن كۈرىمىز، بۇددا مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى بىرەيلەن جەمئىيەتتە چىقىش يولى تاپالماي قالسا ئۇ خالىسىلا ئۇنى راھىب ياكى راھىبەلىك تۇرمۇشى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ، بۇتخانا ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ، خرىستىيان مەدەنىيەت قاتلىمىدىكىلەرنى بولسا چىركاۋ قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ يىمەك- ئىچمىكى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتى زاھىدلىق ئىچىدە ئۈتىدۇ، بۇيەردە، ھەجەبا، مۇسۇلمان دۇنياسىدا بۇنداق چىقىش يولى تاپالمايدىغانلار پەقەت يوقمۇ؟ ھېچبولمىسا دىيارىمىزدا پۈتۈنلەي يوقمۇ؟ مەنچە، يوق ئەمەس، ئۇلار مەۋجۇد، ئەمما، ئۇلارغا جەمئىيەت قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ مەنچە، ئۇلار ناۋادا ئايال كىشى بولسا پاھىشە، ئەر كىشى بولسا جىنايەتچى بولىدۇ، ئۇلارنى گۇناھخانا ياكى تۈرمە كۈتۈپ تۇرىدۇ، ھەجەبا، مۇشۇنداق ئىشلاردا ئاشۇنداق «مەن ئۇرۇق-سەن سىمىز» دەپ ئالىجاناب پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەتلىرى يوقمۇدۇ؟ ئەسلىدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ماددىي دۇنيادا يول تاپالمىغان ياكى ھاياتتىن رايى قايتقان ئازساندىكى كىشىلەرنى خانىقالار ئۆز قوينىغا ئالالىغان بولسا، ھېچبولمىسا ئۇنىڭ يىمەك-ئىچمىكىگە ئىگە بولالىغان بولسا بىزدە يەنە مەلۇم ساندا جىنايەت ياكى زىناھ ئازلىغان بولار ئىدى، ئەيدىز بىزلەردىن بىر قەدەم يىراقلىغان بولار ئىدى. بۇمۇ مۇنازىرە قىلغۇچىلار تالىشىپ كۈرىدىغان بىر مەسىلەدۇر.

ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى بىر ئەسىرىدە ئىنىق قىلىپ :«جاھالەت دېۋىلىرىنىڭ قودرىتى ئۇنىڭ سۈر-ھەيۋىسىدە ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭغا تىز پۈكىدىغان روھىيەتتە» دەپ ئېيتقان ئىكەن. بىز ئاباخ خوجا پاجىئەسى ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا ئاباخ خوجىنىڭ سۈر-ھەيۋىسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك، بىز ئاباخ خوجىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن ۋەلىخان تۆرىنىڭ قىزىل دەريا ۋادىسىدا بەڭ تارتىپ ئولتۇرۇپ ئادەم باشلىرىدا مۇنار ياسىغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەرگىچە ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ئويلاپ باقىدىغان بولساق كىشىنىڭ ئەقلى لال بولىدۇكى،  بۇيەردىكى نىمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاب تېپىشقا ئامال قىلالماي قالىمىز. روھى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆلگەن ئاشۇ مىڭلىغان بوۋىلىرىمىز بەلكىم ئۆزىنىڭ نىمىشقا ئۆلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاشقا جۈرئەت قىلالىغان بولسا بەلكىم ئاباخ خوجا ئۇنداق كاتتا ھۈر-ھەيۋە پەيدا قىلالماس بولغىيدى، ۋەلىخان تۆرە ئادەم بېشىدا مۇنار ياسىشى تېىىمۇ مۇمكىن بولالماس ئىدى. بىز بۇنى نادانلىق، جاھالەت دىمەي ئامالىمىز يوق، نادانلىق ۋە جاھالەت تەپرىقىچىلىق ۋە پىنتە-پاسات ئارقىلىق ئاندىن غايەت زۇر بوران چىقىرالايدۇ، سۈرھەيۋە تىكلىيەلەيدۇ ۋە بازار تاپىدۇ. تور مۇلاھىزەلىرىدە بىر- بىرلىرىنى قاۋاپ- تالاپ، تىللاپ تۈكۈرۈكلىرىمىزنى چاچرىتىۋاتقانلارنىڭ، مەن پالانچى-سەن پالان دەپ بىر-بىرلىرىگە ئاھانەت ياغدۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھېلىقى جاھالەت پىرىلىرى بولمىش ئاق تاقىيلىقلار-قارا تاقىيلىقلارنىڭ جاھىل ھەم نادان سوپىلرىدىن قانچىلىك پەرقىمىز باردۇر؟ ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىشنىڭ ئورنىغا مېنىڭلا توغرا ئىدى دەپ ئاللىكىملەر بىلەن ئاللىنىمىلەرنى تالىشىۋاتقانلار ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ قايسى ئۈنۋېرستىتنىڭ ماجىستىرلىق، دوكتۇرلۇقىنى تاماملىغانلىقىنى ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويسا، بولمىسا قوڭنى قىسىۋالسا نۆۋەتتىكىدەك تورنىڭ پىتنە-پاساتنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى ئەمەسمۇ.

ئاباخ خوجا ئىدىيەسىنىڭ قۇربانلىرى بىزدە رېئال ھالەتتە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇپتۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزىگە زامان بەلگىسى تاقىغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەن سەلەفچى مېنىڭ راست دەيدۇ، بىرلەر يەنە بىرنىمە دەيدۇ، مانا بۇلارنى زامانىۋىي جاھالەت دىمەي نىمە ئامالىمىز بار؟

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا دىيارىمىزدا جۇغراپىيەلىك يۇرتۋازلىقنى سۈكۈش مۇدا بولدى، ھەرخىل مېدىيالارنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن بۇخىل مەھەللىۋىي يۇرتۋازلىق ئومۇمەن يۇقىدى. لېكىن، شۇنىڭغا ئۇلاپلا دىنىي تۈس ئالغان مەھەللىۋازلىق دىيارىمىزنىڭ جاي-جايلىرىنى قاپلىدى، ئەسلىدە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال ئىدى، لېكىن، ئۇ پىكىرلەرنىڭ مۇنازىرىسى چېكىدىن ئېشىپ بارا-بارا بىر يۇرت جامائىتى بىر مەسجىدكە سىغمايدىغان بىريۇرت جامائىتىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان، ھەتتا، بىر-بىرلىرىنى كەمسىتىپ چەتكە قاقىدىغان ئىشلاردىن كىشىلەر ھەيران قالمايدىغان بولۇشتى، (ناۋادا دۆلەت قانۇنىنىڭ سۈر-ھەيۋىسىدىن ئەيمەنمىسە ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئىتتەك بوغۇشۇپ كېتىشەرمىدىكىن- تاڭ) مانا بۇلارنىڭ ئاشۇ ئاباخ خوجىچە ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدىن قانچىلىك پەرقى باردۇر؟

ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر ئاسترونۇمى(ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ) قوياش مەركەز تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغىنى ئۈچۈن دىنىي سوت ئونى دەھرىيلىكتە ئەيىپلەپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىپتۇ، ئوت تازا كۈيۈۋاتسا بىر ساددا مۇماي ساۋابلىق ئۈچۈن بىرقۇچاق ئوتۇننى ئەكىلىپ كۈيۈۋاتقان ئاشۇ ئوتقا تاشلاپتۇ، مانا مۇشۇنداق تەۋەررۈك ساددىلىق بىزنى يىڭىچە زامانىۋىي جاھالەتكە باشلاپ سالمىسىلا بولاتتىغۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-8 06:24 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 \5 D) c+ L& s  u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! K/ y# |$ j/ X4 H

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Kerammusic + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك
yollar + 300 ئېسىل...
salkin8u8 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
saltanat + 10 مۇنمۇ شۇ قاراشتا.......ق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 359   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 04:36:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر دىيارنىڭ تەرەقىياتىنى ۋە تارخنى كۆيدۇرۇپ تاشلغان بۇ ئادەم توغۇرلۇق. رومانلارنى ئوقۇغان چاغدا موللا ئۆلىملارنىڭ نەقەدەر پەس رەزىل ئىكەنلكىنى. كۆرۋالىغنى بولىدۇ، ھىلمۇ دىن تونىغا ئورنىۋلىپ ئادەملەرنى ئالداپ يۇرگەنلەرمۇ بار.يەكەن خاندانلقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلغانلىق ۋەقەلىكنى ئوقۇغاندا يىغلاپ تاشلغان كۈچۈم يەتسە قەبرسىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋەتسەم دەيمەن. تورداشلارغا جالات خىنىم تۇرغاق خوجىلار قاتارلىق كىتاپلارنى ئوقۇپ قويۇشنى تەۋەسىيە قىلىمەن. شۇڭا سەلىسى با يەكتەك كەيگەن ئادەملەرگە بەك چوڭ ئۈمۈد باغلاپ كەتمەيلى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 686
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 04:42:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aa0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 04:36 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 i- e' J( O9 e& w: hئۇيغۇر دىيارنىڭ تەرەقىياتىنى ۋە تارخنى كۆيدۇرۇپ تاشلغ ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; e, C: _( H% ^4 J1 |! \8 t0 \- ^. ]
سۇپى بىلەن موللا ئۆلىما ئىككىسى 2گەپ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 686
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 04:44:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق بۇ ئاباق....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4706
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 05:36:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يىرى جەننەتتىن بولسۇن.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100267
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 478
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2013-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 05:50:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەننەتمۇ -دوزاخ ئاللىبۇرۇن مەنزىلىگە يېتىپ بولدى.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1455 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 06:18:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر دانا پارتىيمىز ياريۈلەك بولمايدىغان بولسا ھازىرىقى ئۇيغۇر جەمىيتىدە  جاھالەتلىك دەۋىردىكى ئاباق غۇجىدەكلەردىن بىرەر يۈزى ھەتتا بىرەر مېڭى چېقشىغا ئېشەنچىم كامىل     ئۇيغۇرتوپىنىڭ كېچكىنە بىر رۈجىكى بولغان مىسرانىم تورىدا ئۇنىڭ مەستانىللىرى قەدەمدە بىر پۇتلشېپ يۈرۈشىدۇ جەمىيەتتە ئاز بۇلامتى ..         بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kudiratjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-8 07:06 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 N& p5 t( ^% {0 F# {

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- ~, I/ L. b( Y9 H- m

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aa0998 + 10 سەنمۇ شۇ تۈف

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1455 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 06:20:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاباق غۇجنىڭ ئەتمېش قېلمىشلىرى ئېچرە ئۇنىڭ ئاتالمېش ئېسل تەرەپلىرىنى تەرىپلەيدىغانلار   توغرۇسى ئۇنى ئاقلايدىغانلار   چۇقۇمكى ھازىرقى ۋەزىيەت تۇرمۇش تەقدىردىن ئاغېرنىدىغان  .. شۇ ئارقىلق نارازلىقىنى غۇمىنى يۇشۇرۇن ئىپادىلەيدىغان كېشلەردۇر   ئۇنداقلار مىللەت غېمى مىللىيى مەدەنىيەت دېگەنلەرگە زەرچە كۈڭۈل بۆلمەيدىغانلاردۇر   ئەنە شۇنداق جاھالەت پېرلىرىنى كۈتۈرۈش ئارقىلىق قۇساق كۈپىكىنى چىقارماقچى شۇ ئارقىلىق ئاللا كىملەرگە نارازلىقىنى ئېپادىلمەكچى خالاس ..    يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىنى ئۇيغۇر قەدىمكى زامان  تارىخنى بېلشمەيدۇ  ئەمما ئاباق غۇجىنىڭ ئېش ئېزلىرىدىن بىز ئاڭلاپ باقمىغان ھىكايەتلەر شۇدەۋىردە تۇرۇپ سۆزلىگەندەك سۆزلىشدۇ  ..       بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kudiratjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-8 07:09 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, P8 U7 r8 ^3 `* H% H

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! U5 I( v- [9 G+ p

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 06:32:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 06:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش