كۆكتاتچى
ئېڭىشىدۇ يېرىگە ئېرىنمەيدۇ كۆكتاتچى ،
ياۋا چۆپنى يۇلىدۇ تېنىمەيدۇ كۆكتاتچى ،
ئۇششاق ئىشنى قايتىلار زېرىكمەيدۇ كۆكتاتچى ،
قوبۇل قىلار زىياننى تېرىكمەيدۇ كۆكتاتچى .
چىن ياشايدۇ ئورۇنسىز مۆرىمەيدۇ كۆكتاتچى .
شوخلا بىلەن مۇچ تۇغقان بىر ئېتىزدا توي قىلار ،
تۇرۇپ بىلەن بەرەڭگە ئەيىپ ئىزدەپ < ھوي > قىلار ،
كۈدە بىلەن يىسلىۋەك شاماللاردا كۈي قىلار ،
يامغۇر ياغسا پۇرچاقلار چاچلىرىنى ھۆل قىلار،
سىڭىپ كېتەر ئېتىزغا كۆرۈنمەيدۇ كۆكتاتچى .
ئىجات قىلىپ پارنىكنى چاخچاق قىلدۇق پەسىلگە،
قايتۇرالماي ئاۋارە يىشىل تەمنى ئەسلىگە ،
رىئاللىققا يۈزلىنىپ قايتايلىمۇ يەسلىگە ،
ئېرىشەلمەي يۈرەمدۇق تەبىئەتنىڭ ۋەسلىگە ،
ئەمگىكىڭنى ئاددىي كۆز كۆرەلمەيدۇ كۆكتاتچى.
يېڭى تەمگە تۆت پەسىل تەگدى پۇقرا ئېغىزى ،
ئوقوپ داستان پوق بولدى ھورۇنلارنىڭ سېغىزى ،
ئىشتانسىزغا سانجىلار رىقابەتنىڭ بىگىزى ،
ھېسابىدا ئەلگە تەل ئىجات -مېھنەت مېغىزى ،
ئۆتەر ئاددىي ھاياتى بىلىنمەيدۇ كۆكتاتچى .
نۇر سانايدۇ دەقىقە بىلىنمەيدۇ كۈندۈزى ،
دىيانەتتە ئەڭگۈشتەر باراۋەردۇر ئەل كۆزى،
ئىپادىلەر ئابرۇينى پىشانىدىن تەر سۆزى ،
ئاقىۋەتتە ئەسقاتماس ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى ،
چىن ياشايدۇ سەۋەپسىز تىرىلمەيدۇ كۆكتاتچى.
بەرىكەتلىك بازاردا سېتىلىدۇ تاپقىنىڭ ،
تەمىنلىسەڭ تۇرمۇشنى مىڭ رېلىسنى چاتقىنىڭ ،
رازى بولسا ئالامان كۈيگە قوشاق قاتقىنىڭ ،
ئېسىلمامسەن كەسپكە خىيال سۈرۈپ ياتقىنىڭ !
ھالال تەردە ساپ ياشار كېرىلمەيدۇ كۆكتاتچى ،
پەرۋىش قىلىپ بارىنى تۇرمۇشىنى قامدايدۇ ،
يوغان قىلماي نىيەتنى ئۇششاق -ئۇششاق چامدايدۇ ،
ھەقەمسايە چار بازار تىرىشچاننى تاللايدۇ ،
شاۋقۇن -سۆرەن رەستىلەر مۈگدىگەننى شاللايدۇ ،
كاپالەتكە ئورۇنسىز يۆلەنمەيدۇ كۆكتاتچى .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت