|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك!
مۇبارەك ئايەم كۈنلەردە ئاتۇش دىيارىدا بىر خوشاللىق ئىش بولدى، يەنى ئاللاھنىڭ رەھمەت قىلىشى، مەلۇم بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن 2يىلدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلىنغان ئاتۇش شەھەر ئىچى چوك جامەسىنى قايتىدىن سېلىش قۇرۇلىشى پۈتۈپ ،مۇشۇ جۈمە كۈنى تۈنجى جۈمە نامىزى ئوقۇلدى ھەمدە ئۈلۈشكۈن تۈنجى ھېيت نامىزى ئوقۇلدى…
مەسچىتكە كىرگەنلىكى كىشىنىڭ تۈنجى سۆزى 《مەسچىتنى سالغۇچىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن》بولدى، ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرگەن مەسچىتنىڭ كۆرگەم ،ھەشەمەتلىك بىزىلىشى ھەممەيلەننى قايىل قىلدى ھەمدە ھەممەيلەننى ھاياجانلاندۇردى…
مەسچىتنى سالغۇچى قېرىندىشىمىزدىن ھەمدە مەسچىت قۇرۇلىشى ئۈچۈن 2يىلدىن ئارتۇق ئەجىر سىڭدۈرگەن ھۆنەرۋەن ئۇستاملاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن،تىجارەتلىرىگە ھەسسىلەپ بەرىكەت بەرسۇن!
مەسچىتتىن كۆرنۈش
|
|
|
|
|
|