تېلىفوندا ئانامنىڭ يىغىسى،
‹‹بالام،داداڭنىڭ مىجەزى يوق››.
پۇتلۇرۇم چوڭ ئۆي تامان يۈگۈردى.
كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمىدى .
ئۆيدە يىغا -زارە ئاۋازى،
دادام،پەرىشتىدەك دادام،
ئاپئاق لىباسقا ئورىنىپ،
جىمجىتقىنا ئۇخلاۋاتىدۇ.
چۈشىدە مېنى كۆرىۋاتىدۇ.
‹‹بالام››دەپ تاتلىققىنە كۈلىۋاتىدۇ.
دادام،ئاھ ،يۈرىكىم دادام.
ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغان،
بارلىقىنى ماڭا ئاتىغان،
مېنى مۇشەققەتتتە قاتارغا قوشقان،
شۇ سۆيۈملۈك دادام تۈگەپ كەتتى.
كارتامدىكى مۇئاش،
ئۆيۈمدىكى گۆش -ماي تۈگىگەندەك.
قارا تۇپراق ئاستىغا سىڭىپ كەتتى.
يۈرىكىمنى بىللە ئېلىپ كەتتى.
يىغا -زارەم پەلەككە يەتتى.
دادا،يىغلىدىم،قاخشىدىم،
كۆزلىرىم دادامنى ئىزدەۋاتىدۇ.
پۇتلۇرۇم دادام ھوجرىسى تامان سۆرەۋاتىدۇ.
دادام مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ.
‹‹ئوغلۇم ئۆزى تاماشىغا يۈگۈرمىسۇن››دەپ،
بالىلىرىنى بىر قوللۇق تەربىيلەپ،
قاتارغا قوشسۇن،مېھرىنى بەرسۇن››دەپ،
ئاۋارە قىلىشىمدىن قېچىپ،
يەر ئاستىغا مۆكىۋالغانمىدۇ؟
ياكى مېنى سىناۋاتامدىغاندۇ؟
دادام،ئاھ كۆيۈمچان دادام،
ئۇنى ئەمدى سۆيگىلى بولمايدۇ،
بوينىغا ئېسىلىپ ئەركىلىگىلى بولمايدۇ.
‹‹كەل ئوغلۇم››دەپ مەن بىلەن كۆرۈشمەيدۇ،
‹‹نەدە سەن ئوغلۇم ؟››دەپ تېلىفونمۇ ئۇرمايدۇ،
ئازاب يۈرىكىمنى ئۆرتەيدۇ،
قۇرۇت كەبى بەدىنىمنى غاجايدۇ،
ئىچ -ئىچىمدىن مىڭ يىغا قاينايدۇ.
تىلىم ‹‹دادا››دەپ ئۈنسىز توۋلايدۇ.
لېكىن دادام يېنىمغا قايتىپ كەلمەيدۇ.
دادام،قەدىرلىك دادام،
باشقا دادىلارغا ئوخشاشلا،
ئاددىي بىر ئىنسان ئىدى،
مېھرى -ۋاپا بابىدا تەڭداشسىز ئىدى.
ھاياتقا كۈلۈپ باقاتتى،
بىزلەر ئۈچۈن يۈرىكى سۇ بولۇپ ئاقاتتى.
بارلىقىنى بىزلەرگە ئاتىغان ئىدى.
ئەمدى ئۇ كېتىپ قالدى،
تېنچقىنا ئارام ئېلىپ يېتىپ قالدى.
ئەمدى ئۇ خاتىرجەم بولۇپ قالدى.
ئەلۋىدا ،سۆيۈملۈك دادام،
ئەمدى تۇرمۇش دوقاللىرىدا تەمتىرىمەيسەن،
مەندىن ئارتۇقچە ۋايىم يىمەيسەن.
غەملەرنى يەلكەڭگە يۈدۈپ يۈرمەيسەن،
رەزىللىكلەرگە غەزەپلىنىپمۇ يۈرمەيسەن،
دىتڭىغا ياقمىغانغا قاپىقىڭنىمۇ تۈرمەيسەن،
ئەمدى يۈرىكىڭ ئاغرىمايدۇ،
ھاياتقا ئاچچىقلاپمۇ يۈرمەيسەن.
ھەممىسى ماڭا مىراس بوپ قالدى.
ئىزىڭنى ئوغلۇڭ تېنەپ-تەمتىرەپ بېسىپ قالدى.
دادا،ئەلۋىدا دادا،
خاتىرجەم ياتقىن دادا،
ياتقان يېرىڭ جەننەت بولسۇن.
ھەر بىر ئىزىڭدىن گۈللەر ئۈنسۇن.
روھىڭ ھەرگىز قورۇنۇپ قالمىسۇن.
ئىزىڭدا ئوغلۇڭ يۈرىۋاتىدۇ،
سەن قىلغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.
يالغۇزسىرىما، مۇڭسىرىما دادا،
ئوغلۇڭنىڭمۇ پۇتلىرى تېلىۋاتىدۇ،
ئۇزاق قالماي كەينىڭدىن يېتىپ بارىدۇ.
مەنبە :ئۆز قەلىمىم
ئەسكەرتىش:بايام ئۈندىداردىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ‹‹دادام››دېگەن ناخشىسىنى ئاڭلىغان ئىدىم،گەرچە دادام ھايات بولسىمۇ ،بۇ ناخشىنى ھەر بىر ئاڭلىسام بىر يىغا باسىدۇ،شۇ ناخشىنىڭ تەسىرىدىن بۇ شېئىرنى يېزىپ چىقتىم،بولمىغان جايلىرى بولسا ،مۇنبەرداشلارنىڭ تۈزىتىپ بېرىشىنى ،پىكىر -تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن...
ئاخىرىدا جاپاكەش ،كۆيۈمچان،مېھرىبان ئاپام -دادامنىڭ ۋە شۇنداقلا بارلىق جاپاكەش ئاتا -ئانىلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى مۇنبەر يۈزىدە تەبرىكلەيمەن ،اللەھتىن ئۇلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-6 11:42 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-7 01:31 PM):
‹‹بالام،داداڭنىڭ مىجەزى يوق،ئۆيگە بىر كەلسەڭ بوپتىكەن...!››تېلىفوندا ئانامنىڭ يىغىسى ئاڭلاندى .
پۇتلۇرۇم چوڭ ئۆي تامان يۈگۈردى.كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمىدى .ئۆيدە يىغا -زارە ئاۋازى....دادام،پەرىشتىدەك دادام،ئاپئاق لىباسقا ئورىنىپ،جىمجىتقىنا ئۇخلاۋاتىدۇ. چۈشىدە مېنى كۆرىۋاتىدۇ. ‹‹بالام››دەپ تاتلىققىنە كۈلىۋاتىدۇ....!
دادام،ئاھ ،يۈرىكىم دادام.ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغان، بارلىقىنى ماڭا ئاتىغان، مېنى مۇشەققەتتتە قاتارغا قوشقان، شۇ سۆيۈملۈك دادام تۈگەپ كەتتى.
كارتامدىكى مۇئاش،ئۆيۈمدىكى گۆش -ماي تۈگىگەندەك.....!قارا تۇپراق ئاستىغا سىڭىپ كەتتى .يۈرىكىمنى بىللە ئېلىپ كەتتى. يىغا -زارەم پەلەككە يەتتى.بىراق بۇ يىغا -زارىلىرىمنى دادام ئاڭلىيالمايدۇ.....!
‹‹دادا...دادا....››ئاۋازىمنى بولىشىغا قويۇۋېىتىپ يىغلىدىم،قاخشىدىم. كۆزلىرىم دادامنى ئىزدەۋاتىدۇ.پۇتلۇرۇم دادام ھوجرىسى تامان سۆرەۋاتىدۇ.
دادام مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ. ‹‹ئوغلۇم ئۆزى تاماشىغا يۈگۈرمىسۇن ،بالىلىرىنى بىر قوللۇق تەربىيلەپ، قاتارغا قوشسۇن،مېھرىنى بەرسۇن››دەپ، ئاۋارە قىلىشىمدىن قېچىپ،
يەر ئاستىغا مۆكىۋالغانمىدۇ؟ياكى مېنى سىناۋاتامدىغاندۇ....؟
دادام،ئاھ كۆيۈمچان دادام...! ئۇنى ئەمدى سۆيگىلى بولمايدۇ،بوينىغا ئېسىلىپ ئەركىلىگىلى بولمايدۇ.
‹‹كەل ئوغلۇم››دەپ مەن بىلەن كۆرۈشمەيدۇ، ‹‹نەدە سەن ئوغلۇم ؟››دەپ تېلىفونمۇ ئۇرمايدۇ،ئازاب يۈرىكىمنى ئۆرتەۋاتىدۇ، قۇرۇت كەبى بەدىنىمنى غاجايدۇ، ئىچ -ئىچىمدىن مىڭ يىغا قاينايدۇ.تىلىم ‹‹دادا››دەپ ئۈنسىز توۋلايدۇ. لېكىن دادام ئاۋازىمنىڭ ئاڭلىيالمايدۇ .‹‹مەن كەلدىم ،ئوغلۇم ...!››دەپ يېنىمغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ.
دادام،قەدىرلىك دادام...!باشقا دادىلارغا ئوخشاشلا،ئاددىي بىر ئىنسان ئىدى،
مېھرى -ۋاپا بابىدا تەڭداشسىز ئىدى.ھاياتقا كۈلۈپ باقاتتى،بىزلەر ئۈچۈن يۈرىكى سۇ بولۇپ ئاقاتتى.
بارلىقىنى بىزلەرگە ئاتىغان ئىدى.
ئەمدى ئۇ كېتىپ قالدى، تېنچقىنا ئارام ئېلىپ يېتىپ قالدى.ئەمدى ئۇ خاتىرجەم بولۇپ قالدى.
ئەلۋىدا ،سۆيۈملۈك دادا...!ئەمدى تۇرمۇش دوقاللىرىدا تەمتىرىمەيسەن،مەندىن ئارتۇقچە ۋايىم يىمەيسەن. غەملەرنى يەلكەڭگە يۈدۈپمۇ يۈرمەيسەن، رەزىللىكلەرگە غەزەپلىنىپمۇ يۈرمەيسەن،ناھەقچىلىكلەردىن ئىچىڭ ئاچچىققا تولۇپ ،ئۆرتىنىپمۇ يۈرمەيسەن .دىتڭىغا ياقمىغانغا قاپىقىڭنىمۇ تۈرمەيسەن،ئەمدى يۈرىكىڭ ئاغرىمايدۇ.ھاياتقا ئاچچىقلاپمۇ يۈرمەيسەن.بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا مىراس بوپ قالدى. ئىزىڭنى ئوغلۇڭ تېنەپ-تەمتىرەپ بېسىپ قالدى...!
دادا،ئەلۋىدا دادا...!ئەمدى خاتىرجەم ياتقىن دادا،ياتقان يېرىڭ جەننەت بولسۇن.
ھەر بىر ئىزىڭدىن گۈللەر ئۈنسۇن.روھىڭ ھەرگىز قورۇنۇپ قالمىسۇن.ئىزىڭدا ئوغلۇڭ يۈرىۋاتىدۇ،
سەن قىلغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. يالغۇزسىرىما، مۇڭسىرىما دادا....!
ئوغلۇڭنىڭمۇ پۇتلىرى تېلىۋاتىدۇ،ئۇزاق قالماي كەينىڭدىن يېتىپ بارىدۇ.سەن كىرگە شۇ قارا تۇپراققا كىرىپ كېتىدۇ.ئوغلۇڭنىڭ بالىلىرى مەن سېنىڭ ئارقاڭدىن يىغلاپ قالغاندەك،‹‹ئاھ ،دادام...!››دەپ يىغلاپ قالىدۇ....
بۇ ھايات مانا مۇشۇنداق داۋام ئېتىدۇ...!
نەسرى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ يېزىپ باقتىم....