جۇڭگۇدىكى چاتاق مائارىپتىن چىقىدۇ
خۇاڭچىڭ
(«ئايلىق فىلىيەتۇنلارژورنىلىنىڭ 2013يىللىق 4-سانىدىن )
تەرجىمىدە : تۇنيۇقۇق
بارغانسىرى رۇشەنلىشىۋاتقان پىكىرلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى،جۇڭگۇدىكى چاتاق مائارىپتىن چىقماقتا.قالايمىغانئەھۋاللارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولىشى ،ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ چۈشكۈنلىشىشى،جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ مەنبەسىنى يىغىنچاقلىغاندا ھەممىسى مائارىپقا بېرىپ تاقىلىدۇ .
نەنخۇەيجىڭ مۇنداق دېگەن:«ھازىرقى كىشىلەر ئاۋارىچىلىققا يۇلۇقسىلا ھۆكۈمەتنى تىللايدۇ ،مىنىڭچە ،بۇ توغرائەمەس،چۈنكى بۇ ئىشتا ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىقى يوق. ئەمەلىيەتتە،ئاتالمىش«ھۆكۈمەت»دېگىنى پەقەت يېزىق بىلەن ئىپادىلەنگەن بىر بەلگە،خىش ۋە سىمۇنىتتىن ياسالغان بىنا،خالاس. ئۇنى تەشكىل قىلىدىغىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمەلدارلار.ئۇنداقتاا بۇ ئەمەلدارلار نەدىن كەلگەن؟ئەلۋەتتە،ئۇلارنى ھۆكۈمەتتۇغمىغان.بىزگە ئوخشاش ئاۋامنىڭ پەرزەنىتلىرىدىن ئوقۇپ چىققانلاردىن تەشكىل تاپقان.ئۇلارنىڭ خاتا قىلغىنى ھۆكۈمەتنىڭ خاتا قىلغىنىدىن دىرەك بىرىدۇ .شۇنداق بولغان ئىكەن ھۆكۈمەتنى تىللىماي ،ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتمىغان ئۆزىمىزنى تىللىشىمىزكېرەك».
نەن ئەپەندىنىڭ بۇ پىكرى شەخىسنىڭ ئۆزىگە قارىتا دىيىلگەن.مەن بۇ پىكىرگە تۇلۇق قۇشۇلمىساممۇ ،بىراق تەربىيەنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى پىكرىگە تامامەن قۇشۇلىمەن.
ئادەتتە، ئارىمىزدىكى كۆپچىلىكىمىزبالىلىرىمىزنىڭ كۆيۈمسىزلىكىدىن ،ۋاپاسىزلىقىدىن ئاغرىنىمىز. بۇ يەردىكى ئىككى مەسىلە بىزنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بىرىنچىسى، پەرزەنت بىزئاتا-ئانىلارنىڭ شەخسى مال-مۈلكى ئەمەس . شۇنداق بولغان ئىكەن گەپ ئاڭلىمىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئوي-خىيالىمىزبويىچە ئىش كۆرمىگەنلىكىنى «كۆيۈمسىزلىك» دەپ قارىساق بولمايدۇ . ئىككىنچىدىن ،ئۆزىمىز ئۆلگە بولۇپ بالىلىرىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلىمەي ،بولۇپمۇ پەزىلەت جەھەتتىكى پەرۋىشنى يىتەرلىك قىلماي بالىرىمىزنىڭ ئاغرىنساق تەبىئىي ھالدائۆزىمىزگە ئۆزىمىز بالا تېپىۋالغانلىقىمىز بولۇپ قالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە،ئائىلىدىكىبۇ مەسىلىنى جەمئىيەتكە تەدبىقلىساقمۇ ئوخشاش نەتىجە چىقىدۇ .ئىجتىمائىيئەخلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ، قائىدە –تەرتىپكەبويسۇنمايدىغان پۇقرالارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدە دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ پۇقرالارنىتەربىيەلەش جەھەتتىكى مەسئۇلىيتى بار.
يولداش دېڭشىياۋپىك مۇنداق بىر گەپنى قىلغان:«بىزنىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بويانقىتەرەققىياتىمىز ناھايىتى ياخشى.ئەڭ چوڭ كەمچىلىك تەربىيەلەش جەھەتتە ،سىياسىئىدىيەۋى خىزمەتنىڭ ئاجىزلىقىدا،مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يىتەرلىكبولمىغانلىقىدا.سۇغۇق قانلىق بىلەن ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ جەھەتتە كەتكۈزۈپقويغىنىمىزنىڭ تاۋار ئوبۇرىتىدا كەتكۈزۈپ قويغىنىمىزدىنمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلماقتىمىز .ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى ، نۆۋەتتە ئىتىسادى تەرەققىيات كىشىنى خۇشالقىلىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسى بارغانسىرى ئۆسىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، پۈتكۈلخەلق ئامىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا شۇنى ئېيتىش كىرەككى،چۇقۇم جاپاغا چىداپ كۆرەشقىلىش ئەنئەنىسىنى ساقلاش كېرەك .بۇ ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرغاندىلا ئاندىنچىرىكلىشىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ».
چىرىكلىشىشمەسىلىسى تىلغا ئېلىنسا،چىرىكلىشىش ھازىر ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى چىرىكلىشىشتىنئېشىپ كەتتى.ھەتتا ناھايىتى نۇرمال بولغان سودائالاقىسىمۇ« سوۋغات»تىن ئايرىلالمايدىغانھالغا يەتتى .
ئاڭلاشلارغاقارىغاندا ،بىر مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى مەلۇم بىر مەكتەپكە باھالاپ تاپشۇرىۋېلىشقاكەلگەندە ،ئارىدىن بىر مۇتەخەسىس ئۇدۇللا« خانقىز»تەلەپ قىلغان.شۇنىڭغا قارىغانداچىرىكلىشىش كىرمىگەن بىرەر جايمۇ قالمىغانئوخشايدۇ .
بىر ئائىلەباشلىقى شەرق تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىسىدا غەزەپلەنگەن ھالدا، كۆپ قېتىم بالىسىنىڭ ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا بارغانلىقىنى ، ھەرقېتىمىقى يىغىندا سىنىپمەسئۇلىنىڭ ھەدىگەندە بالىلارنىڭ نەتىجىسى توغرىلىق ۋالاقلاپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتائاتا-ئانىلاربالىلىرىنىڭ ئەخلاقى توغرىلىق سورىغانلىرىغا قارىتا خۇددى بۇ تىلغا ئېلىشقائەرزىمەيدىغاندەك ئىرەنسىزلىك بىلەن يا ئۇنداق يا مۇنداق دەپلا گەپنى تۈگەتكەنلىكىئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.
شۇنداق،پەقەتلانەتىجە بىلەن ھېسابلىشىدىغان مۇشۇنداق مائارىپ تۈزۈلمىسىدە«مەكتەپتىكى بالىلارقانداق ئادەم؟ بىز ئۇلارنى تەربىيەلەپ قانداق ئادەم قىلماقچى ؟»دېگەندەك مەسىلەر«ئارتۇقچە گەپ»تەك ھېچ كىشى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنمايۋاتسا بۇنداق مائارىپ قورقۇنىچلىق ئەمەسمۇ؟بۇنداق مىللەت قۇرقۇنىچلىق ئەمەسمۇ ؟
مەن بىرئوقۇتقۇچىغا ھازىرقى مائارىپ ئەينى ۋاقىتتىكى كېجۇ ئىمتىھانىدىن پەرىقلەنمەيدىكەن،ئوخشاشلا بىر ۋاراق قەغەزگە ئاساسەن ئادەمنىڭ ئىستىقبالى بەلگىلىنىدىكەن.بۇ بالىلىرىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقكەن دېگەن ئىدىم .
ئۇ شۇڭا ئالىي مەكتەپكە كېرىش ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئۆزگەرتتۇق دەيدۇ،
مەن ئۇنىڭغا:قانداق ئۆزگەردى؟ مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تۈزۈمى پۇلى،ھوقۇقىبارلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۇدۇل ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن قۇبۇلقىلىنىپ جەمىئەتتە تېخىمۇ تەڭسىزلىك كۆرۈلۈشتىن باشقا ئىش بولمىدى دىدىم.
ئۇنداقتا،قانداققىلىش كېرەك؟
ھالقىلىق مەسىلەبىز ئاۋامنى ئوبدان تەربىيەلىشىمىز كېرەك.مۇنداق دىيىلسە بۇ پىكىر ئىنىقكىدېموكراتىك زاتلارنىڭ (ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ)قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.شۇنىڭبىلەن ئۇلار خەلقنى تەربىيەلەشنىڭ زۈرۈرىيتى بارمۇ؟خەلق بىزنى تەربىيەلىسە توغرابولىدىغاندۇ،دىيىشى تۇرغانلا گەپ .
ئەمما ،كىممۇئاۋام تۇغۇلىشىدىنلا ئەقىللىق ،دانا توغۇلغان دىيەلىسۇن؟ خەلق دېگەن سىز،مەن،ئۇبولماي نىمە ؟ھەر بىر پۇقرا خەلقنىڭ ئۆزى شۇ .مىسالەن،بىرئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئۇئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەش بىلەن بىللە ئۆزىنىمۇ ياخشى تەربىيەلىسە،باشقىلارغا ۋە جەمئىيەتتكە پۇتلىكاشاڭ بولۇشتىن ساقلىنالايدۇ .مۇبادائۆزىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىسا قانداقمۇ باشقىلارنى ياخشى تەربىيەلىسۈن؟
بۇيەردىكىئىپادەئالدى بىلەن قانداق ئادەم بولۇش مەسىلىسىگە قارىتىلغان .ئۇندىن قالسا قانداقئۆگىنىش مەسىلىسىگە ،قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارىتىلغان.
ئەگەر قانداقئادەم بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنسا ،باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلماق شۈنچە تەسمۇ؟
بىز قايتىدىنئويلاپ كۆرسەك،ئادەمنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش جەريانىنىڭ ئۆزى تەربىيەلەش ۋەەتەربىيەلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت .مائارىپ ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا باشتىنئاخىرى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ .نەنخۇەيشىڭ ئەپەندى ئادەمنىڭ شەخسىيتى نوقتىسدىن باھابەرگەن بولسا ،يولداش دېڭ شىياۋپىڭ پۈتكۈل ئاۋام نوقتىسدا تۇرۇپ ياخشىتەربىيەلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن .بۇنىڭدىن شۇنىى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكىتەربىيەلىنىش شەخىس ۋە جەمئىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە بولۇپ ئۇبىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن .
ئۇنداقتا بىزقانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟
بىرلا چىقىشيولىمىز بار:ئۇ بولسىمۇ پايدا-ئۈنۈم قوغلىشىدىغان مائارىپنى تاشلاپ ،ئىسمى-جىسمىغالايىق بولغان كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش يولىغا قايتىش .
تەرجىمە قىلغۇچى:لوپ ناھىيلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى :ئوبۇلقاسىم كېرەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tunyukuk1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-6 05:59 PM