|
|
|
|
ئانىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان دوستۇم خاتىرسىگە.......!
ئانام يوق
ئەلى تۇرسۇن سىرلىق
شاتلىقىم يوق ئۆيۈمدە،ئاھۇ - زارىم كۆيۈمدە.
ھەممە كۈلگەن كۈنۈمدە،كۈلەي دىسەم ئانام يوق.
دوسلار كەلدى ئايەمدە،شۇنچە كەڭرى ئالەمدە.
ھەر كۈيۈمدە نالەمدە،كۈيلەي دىسەم ئانام يوق.
ئاياغىغا يىقىلىپ ، قوللارىغا ئېسىلىپ .
يوللارىغا تەلمۈرۈپ، كۈتەي دىسەم ئانام يوق.
ئاتام كەلدى تۇيۇمغا، ئانام كەلدى ئۇيۇمغا .
بىر تاشلىنىپ باغرىغا،قاناي دىسەم ئانام يوق.
كەتتى ئەجەپ مەڭگۈگە،تەشنا ئىدىم مىھرىگە.
يۈزلىرىگە مەڭزىگە،سۈيەي دىسەم ئانام يوق.
سېغىندىمغۇ جان ئانا، ئاھۇ - زارىمدۇر مانا.
كۆرسەم دەيمەن بىر يانا،كۆرەي دىسەم ئانام يوق.
ئاپتورى : سىرلىق 2014.10.05
مەجبۇرلاپ ئىنكاس يېزىپ قالايمىقانچىلىق چىقىردىغانلار ئايرىم ئالاقە قىلاسىلار مەن بىلەن.....؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ali1234 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-6 03:17 PM
|
|
|
|
|
|