مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7570|ئىنكاس: 57

(ھېكايە)- خەير، ئوغرى چىشلىق قىز! (مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نەگە كېتىپ بارىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66783
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4813
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 483 سائەت
تىزىم: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 10:54:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇختار مەمەتئىمىن نەزەرى

خەير، ئوغرى چىشلىق قىز!

(ھېكايە)

       مەن ئۇنى توساتتىن ياخشى كۆرۈپ قالدىم! ئەسلى ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى، لېكىن بۇنداق بولۇش مېنىڭ ئىختىيارىمغا باقمىدى. مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى سەزگىنىمدە ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدىم. ھەممىنى باشتىن باشلىغىلى بولغان بىلەن تۇيغۇنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدىكەن. ئەمدى مېنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ. ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش بىلەن تەڭلا بىرمۇنچە ئازابنى يۈدۈۋالىدىغانلىقىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن. كونىلار دېگەندەك راستتىنلا ياخشى كۆرۈپ قېلىش بىلەن ئازاب قوشكېزەكمىدۇ؟...

     شۇ چاغدا مەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەمدىلاپۈتتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتىھانىدىنمۇ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈپ، شەھەرمەركىزىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشكەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىۋېرسىتېتتىمۇ نەتىجەم ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، خېلى-خېلى كىشىلەرگىمۇ كىرىش تەسلىكتە نېسىپ بولىدىغان بۇ مەكتەپنىڭ ئىشىكى ماڭا قۇچىقىنى كەڭ ئاچقان ئىدى. شۇچاغدىكى خۇشاللىقىمنى گەپ بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتىم. لېكىن شۇنى ئويلىمىغان ئىكەنمەنكى، مېنىڭ خىزمەتكە چىققاندىكى خۇشاللىقىمنىڭ ئارقىسىغا كېيىنكى ئازابلىرىمنىڭ باشلىنىشى يوشۇرۇنغان ئىكەن!

     -مەكتەپ رەھبەرلىكى سىزگە، سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىزگەئىشىنىپ سىزگە تولۇق 3- يىللىق ئۈچ سىنىپنىڭ ئەدەبىيات دەرسىنى بېرىشكە بەلگىلىدى. مەكتىپىمىز شەھرىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئالدى. سىزنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.

     كېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىنلا مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرىنىڭ شۇ سۆزى بىلەن دەرسلەرگە كىرىشىپلا كەتتىم. دەسلەپ دەرسكە كىرگەندە ئۆزۈمچىلا بىرخىل قورۇنۇش ھېس قىلدىم، چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن مەن دېمەتلىك بولۇپ، دەرس ۋاقتىدا مۇنبەردە تۇرىدىغانلىقىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئوقۇغۇچىلىرىمدىن جىق پەرقىم يوق ئىدى. ئەمما مىجەزىمدىكى ئوچۇق- يورۇقلۇق، ياش- قۇرامىمىزدىكى يوق ھېسابتىكى پەرق، تەلەپچانلىقم، چىقىشقاقلىقىم تۈپەيلىدىن بىرەر ئايغا قالمايلا بالىلار بىلەن ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ كەتتىم. لېكىن شۇنى ئېسىمدىن چىقارمىدىم، دەرس ۋاقتىدا ئۆگىنىشتىن تاشقىرى ھەرقانداق مۇناسىۋەتكە قاتتىق چەك قوياتتىم.

     ھەش-پەش دېگۈچە بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش ئاخىرلىشىپ،يېڭى مەۋسۈملۈك ئوقۇش باشلاندى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار تولىمۇ ئالدىراش ئىدۇق. لېكىن بۇ مەۋسۈمدە مەن دەرسكە ئاۋۋالقىدەك يۈرەكلىك كىرەلمەيدىغان، نېمىشقىدۇر ھودۇقىدىغان، تەمتىرەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. بۇنىڭ ھەممىسى مەن دەرسكە كىرىدىغان شۇ سىنىپتىكى ئۇ تەرىپىدىن بولىۋاتاتتى.

     ئۇ- زىلۋا، كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدىغان، كۈلگەندەزىنىقى تۈۋىدىلا «مەنمۇ بار» دېگەندەك كىچىككىنە بىر ئوغرى چىشى مارىلاپ قالىدىغان، تولىمۇ يېقىملىق قىز ئىدى. يېڭى كىرگەنلەردە ئانچە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن. ئۇنى-بۇنى سوراپ يېنىمغا تولا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن دىققەت- نەزىرىمگە ئىلىنگەن ئىدى. ئۆزىمۇ دەرسلەردە ناھايىتى ياخشى ئىدى. گاھىدا دەرس سۆزلەۋېتىپ كۆزۈم تاساددىپىي ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالغۇدەك بولسا، ئىتتىكلا كۆزلىرىمنى ئېلىپ قاچاتتىم، ئەمما ھايال ئۆتمەيلا كۆزلىرىم يەنە ئۇنى ئىزلەيتتى. ئوقۇتقۇچى بولۇپ باقمىغان كىشى ھېس قىلالماسلىقى مۈمكىن. ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەممە جەھەتلەردىن ياخشىئوقۇغۇچىسىغا ئامراقلىق قىلىشى تەبىئىي ئىشقۇ؟ تەدرىجىي ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالدىم. سىنىپقا كىرسەملا كۆزلىرىم ئۇنى ئىزلەيتتى. گاھىدا ئۇ ئۆزى يازغان شېئىرلارنى كۆرۈپ بېقىشىم ئۈچۈن يېنىمغا ئېلىپ كېلەتتى.

      -ئىمتىھانغىمۇ ئاز قالدى، ئاساسىي دىققىتىڭىزنى ئۆگىنىشكە قارىتىڭ، بۇلارغا زېھنىڭىزنى بەك چېچىۋەتمەڭ،- مېھىر بىلەن تىكىلىپ ئۇنىڭغا شۇنداق دەيتتىم.

     - چارچاپ قالغانلىرىمدا يېزىپ قويدۇم، بۇمۇ بىر خىلدەم ئېلىشقۇ؟- ئۇنىڭ كىچىككىنە لەۋلىرىدىن بۇلاقنىڭ شىلدىرلىشىدەك يېقىملىق ئاۋازلار تۆكۈلەتتى،- لېكىن مەن سۆزلىرىنى چوقۇم ئەستە تۇتىمەن،- ئۇ كۈلەتتى، بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ ھىلىقى ئۆزىگىلا تەئەللۇق بەلگىسى- كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغايدىغان ئوغرى چىشلىرى ۋىللىدە كۆرۈنۈپ، تېخىمۇ بەك مەسلىكىمنى كەلتۈرەتتى. ئۇنىڭ يازغانلىرى بىر شېئىر، ئۆزىمۇ بەجايىكى شېئىرنىڭ ئۆزى! بارا-بارا مەن ئۆزۈمدىكى ئۇنىڭغا بولغان ئامراقلىقنىڭ تەدرىجىي باشقىچە تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇنى ھېس قىلغىنىمدا چۆچۈپ كەتتىم! مەن ئوقۇتقۇچى، ئۇستاز، ئۇ ئوقۇغۇچى ، شاگىرت ئىدى. ئۇستازىنىڭ شاگىرتىغا باشقىچە خىياللاردا بولۇشى ئەلمىساقتىن ھازىرغىچە ۋە بۇندىن كېيىنمۇ ھېچكىم تەرىپىدىن توغرا چۈشىنىلمەيدىغان ئىش. ئۇمېنىڭ خىياللىرىمدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر. خۇددى بىر تۇغقىنى، خۇددى ئاكىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتەك نورمال مۇناسىۋەتتە. ئۇنىڭغا قارىغانچە ئىچىم كۆيىدۇ، ئۇنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ۋاقتى بارغانچە ئاز قالدى. مۇشۇنى ئويلىساملا ئىچىمنىڭ بىريەرلىرى ئېچىشىدۇ. ئۇنى كۆرەلمەيدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلىساملا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالىمەن. ئەمما يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىرىدىكى بۇ سىرىمنى ئۇنىڭغا ئاشكارا قىلىشقا ئامالسىزمەن. بىر ئوت، تەسۋىرلىگۈسىز بىر ئوت مېنى تۈگەشتۈرمەكتە، مەن بارا – بارا ھالىمدىن كېتىۋاتاتتىم. دەرىخا، بەش يىللىق ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىمدا نى قىزلارغا قىيا بېقىپ قويمىغان كۆڭلۈمنىڭ ئەمدىلىكتە مۈمكىنسىز بۇ مۇھەببەتكە ئەسىر بولۇپ قالغىنى! بۇ تەقدىرنىڭ مېنى جازالىغىنىمۇ يا ئادىمىيلىكىمنى، پەزىلىتىمنى سىنىغىنىمۇ؟ خۇدا، بۇ ئۆتكەلدىن مۈدۈرۈلۈپ كەتمەي ئۆتۈپ كېتىشىمگە نېسىپ قىلغايسەن!

      ئون نەچچە يىللىق ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى چىقىدىغان، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرىنى ئۇيان- بۇيان قىلىدىغان ئالىي مەكتەپئىمتىھانىمۇ ئاخىرلاشتى. ئۇ مەكتەپ بويىچىلا ئەمەس، شەھرىمىز بويىچىمۇ ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەتتى. ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتە خۇشاللاندىم، لېكىن ئۇنىڭ ئەمدى بۇ مەكتەپتە مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىدىن، ئۇنى كۆرەلمەيدىغانلىقىمدىن شەكىللەنگەن بىئاراملىق ھېسسىياتى مېنى چۇلغىۋالغان ئدى. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن: «مۇشۇ مەكتەپتىن باشقىراق يەردەئىشلىگەن بولسام، بەلكىم بۇ ئازابلارغا دۇچار بولماسمىدىممىكىن». لېكىن تەقدىرنى ئۆزگەرتىۋالغىلى بولمايدىكەن. ئۇ كەتتى، قەلبىمگە بىر ئوتنى سېلىپ كەتتى. ئەمدى بۇيەردە ئۇنىڭ خىيالى بىلەن ياشاشقا مەجبۇرمەن. گاھىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش خاتىرە سۈرىتىدىكى رەسىمگە قاراپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن خىياللارغا چۆكىمەن. ئەنە، قاتارتىزىلغان ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى ئۇنىڭ نۇرانە، يارقىن سىيماسى. سۇس كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئالدىغا تىكىلگىنىچە تۇرىدۇ. مېنى مەھلىيا قىلغان، ئۇنى تېخىمۇ ئوماق كۆرسىتىدىغان ئۆزىگىلا خاس ئوغرى چىشلىرى شۇنچىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغدائۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى دەسلەپ سەزگەن چاغلاردا ئۇنىڭغا بېغىشلاپ يازغان شېئىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن:



سۆھبەت ئارا كۈلدۈڭ ئېچىلىپ ،

كۈلسەڭ ئوغرى چىشىڭ كۆرۈندى .

شۇ بىلەن تەڭ سېزەلمەي قالدىم ،

ئەسلى تىنچ قەلبىم بۆلۈندى .


بىر ئاغرىققا بولۇپ گىرىپتار ،

شۇندىن بېرى قالدىم ھالسىراپ .

توۋا دەيمەن ،كېتەلەيدىكەن ،

ئوغرى چىشمۇ يۈرەك ئوغرىلاپ .



        شۇ رەسىمگە چۈشكەن چاغدا مەن مەقسەتلىك ھالدا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىۋالغان ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەكلىرى بىلىكىمگە تەگكەن چاغدىكى ئوتلۇق سېزىم، ئۇنىڭدىن تاراۋاتقان تولىمۇ يېقىملىق پۇراق، شۇ چاغدىكى ھېسسىيات ھازىرمۇ يۈرىكىمنى مەستخۇش قىلىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ھەممىسى ھازىر ئۆتمۈشكە ئايلانغان، كەلمەسكە كەتكەن! يۈرىكىمدىكى مېنى چىرمىغان بۇ دەردلىرىمنى كىشىگە دېيەلمەيمەن، بۇ دەرد يۈرىكىمنى خۇددى قۇرتتەك توختىماستىن يەيدۇ. نېمە دىگەن ئازاب بۇ ماڭا!سالاھىيەت جەھەتتىكى پەرق، جەمئىيەتنىڭ قوبۇل قىلىشى نۇقتىسىدىن ئەسلى ئۇنى ئۇنتۇشۇم كېرەك ئىدى ۋە جەزمەن ئۇنتۇشۇم كېرەك! ئۇنىڭغا بولغان، باشقىلارغائاشكارا قىلالمايدىغان پىنھان سۆيگۈم ئۇنى ئۇنتۇماسلىققا باھانە بولماسلىقى كېرەك! خەير، مەن سۆيگەن، ئەمما قەلبىمنى ئاشكارا قىلىشقا مۈمكىن بولمايدىغان ئوغرى چىشلىق قىزچاق، ماڭا يۈز ئاچمىغان بەختنىڭ ساڭا مەڭگۈلۈك يار بولۇشىنى تىلەيمەن!...



باي ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتىن:  مۇختار مەمەتئىمىن نەزەرى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-7 01:27 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qaxmazulal + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108846
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 11:40:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يازغان ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئوقۇپ چىقتىم ،ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ،كەسىپدەش ئىكەنمىز،يەنىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن، كەسىپداشلىرىمىز ئارىسىدىن سىزدەك مىللەت سۆيەرلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا تېلەكداشمەن!

ئۇيغۇرۇم سېنى سۆ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9555
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10227
تۆھپە نۇمۇرى: 608
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 12:14:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن،مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن

ئەي ئۇيغۇرۇم، ئەرك ئۈچۈن دۇلدۇلدەك چاپالمىساڭمۇ ،قۇلۇلىدەك بولسىمۇ ئۆمىلەپ قوي!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12508
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32530
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4542 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 01:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹مەن››نىڭ ھېسياتى ياخشى ئىپادىلىنپىتۇ.....

ئۇزۇن بوپتىكەن مۇ بەردە يازمىلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3564
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 02:49:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس،  جىق ئىش بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 07:40:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاملاشمىغان ھىكايىكەن. بەش يىل ئالى مەكتەپنى ئوقۇپ كەلگەن ئادەم قانداقسىگە تولۇق ئوتتۇرىدىكى بالىلار بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولىدۇ؟ بەك لاۋزىكەن. ئوقۇتقۇچى دىگەن ئوقۇتقۇچىلىقىنى قىلمامدا؟ بەش يىل ئالى مەكتەپتە قىزلارغا قارىمىغان ئادەم «ماۋۇ مىنىڭ ئوقۇغۇچۇمغۇ » دەپ ئويلىماي قالغىنى قىززىق. ھىكايە دەپ ساپلا ئەخلەتلەرنى يىزىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان.

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6214
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 08:07:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bagdowlat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-5 07:40 PM
قاملاشمىغان ھىكايىكەن. بەش يىل ئالى مەكتەپنى ئوقۇپ كەل ...

مەنچە بولسا ،  ئۇ ،  ئۇقۇتقۇچىنى  5 يىللىق  ئەخلاق  دەرىسى  ئۆگۈنۈشكە    ئۇرۇنلاشتۇرسا  بولغۇدەك ،  مۇشۇنداق  ئەخلاقسىز    ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ  دەردىدە   شۇ  بىچارە  قىز ئۇقۇغۇچىلار   كوچىغا  چىقىپ  كەتكەن قىزلاردەك   كىيىنىپ   يۈرۈشىدۇ .

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

نەگە كېتىپ بارىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66783
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4813
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 483 سائەت
تىزىم: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 09:20:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىم ھەرنىمە دەيدۇ، تەنقىدلەرگە تەشنامەن.
ئويگۇرۇم، بەگدوۋلاتلەرگە رەھمەت. يەنە بارمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 482
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 12:05:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ياخشى كۆرۈش››يۈرەككە تالىق ئىش،ئۇنى تۇتىۋالغىلى،توسۇۋالغىلى ‹‹سەن پالانىنى ياخشى كۆر،پۇستانىنى ياخشى كۆرمە››دەپ بۇيرۇق سوققىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس،ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن ئىشلار ھەم رىئال تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرايدىغان ئىشلاردۇر.....

ساختا ئالىجاناب قىياپەتكە كىرىۋالغان بىلەن رىئاللىقنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ....

ئەسىرىڭىز ئەمەلىيەتچىل چىقىپتۇ......

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110349
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-10-3
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 12:39:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئشلار ھەقېقەتەن رېئال تۇرمۇشېمېزدا كۆپ.مەن ئوقۇغان تولۇق ئۇتتۇرا مەكتەپتېكې بېر پېشقەدەم مۇئەللېممۇ ئۆزېدېن خىلىلا كېچېك بولغان ئوقوغوچېسنې ياخشې كۆرگـەن ئېكەن،ھازېر ئۇلارنېڭ تېخى مەكتەپ يېشېغا توشمېغان ئوماق بېر قزى بار.....‹مەن ئۇلار بېلەن قوشنا بولغاچقا بۇ لارنى يېزېپ قويدۇم...›


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش