شىركەت ھەققىدە
شىركىتىمىز جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان مەخسۇس يېزىقچىلىق مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن بولۇپ، تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئىجادى ئەسەر يېزىقچىلىقى ۋە خەت-چەك يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شىركىتىمىزنىڭ خارەكتېرى، ئالاھىدىلىكى، خاسلىقى، سۈپىتى، تەسىرى باشقا ھېچقانداق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. باشقا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن شىركىتىمىزنى ئۆزگىچە، گەۋدىلىك ئورۇن دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە كىشىلەرنىڭ ئېڭى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى بىر مەدەنىيەت ئەندىزىسى شەكىللەندى. دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك يۈكسېلىشى، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم يېڭىلىنىشى، ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى بىلەن بازار ئىگىلىكى زور دەرىجىدە جانلىنىپ تۈرلۈك يېڭى كەسىپلەر مەيدانغا كەلدى. كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى، جەمئىيەتنىڭ تەلىپى جۈملىدىن بازار ئىگىلىكىنىڭ مەدەنىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى بىلەن شىركىتىمىز ئۇزاق ۋاقىت كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە نۆۋەتتە ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئۇزاقتىن بىرى قىيىن، سىرلىق دەپ قارىلىپ كەلگەن «يېزىقچىلىق» تىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئەمگەكنى رەسمىي كەسىپ سۈپىتىدە بازارغا يۈزلەندۈردى.
ھەممىگە ئايانكى، يازغۇچى-شائىرلار قەلەم ئارقىلىق باشقىلارغا مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كىشىلەرنىڭ ئىدىىيىسىنى يېڭىلايدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، قەلەم ئارقىلىق مەدەنىيەتنى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، قەلەم ئارقىلىق ئەجداتنى ئەۋلاتقا، تارىخنى تارىخقا ئۇلايدىغان، قەلەم ئارقىلىق ھەتتا دۇنيانى تەۋرىتىدىغان ئالاھىدە بىر ئەقىل ئىگىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئۆتكۈر قەلىمى تالاي يىللاردىن بىرى ئىنسانىيەتكە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىپ كەلگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئورنىمىزدىكى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئۆز قەلىمىنى نۆۋەتتە دەۋر قەدىمىگە، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ دەرتمەنلەرنىڭ، ھاجەتمەنلەرنىڭ خىزمىتىگە ئىشلىتىشى، ئۆز دەردىنى باشقىلارغا قانداق ئېيتىشنى، ئۆز ئارزۇ-خاھىشىنى قانداق روياپقا چىقىرىشنى، ئۆزىنى باشقىلارغا قانداق تونۇتۇشنى بىلەلمەيۋاتقان بۇ جەھەتتە توسالغۇغا، قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان كىشىلەر ھەم ئورۇنلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياخشى پۇرسەت. چۈنكى يازغۇچى-شائىرلار ئەزەلدىن تىل بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن، تىل بىلەن يېڭى ئىددىيە، يېڭى كۆز قاراش، يېڭى مەدەنىيەت يارىتىپ كەلگەن، شەخسنىڭ، كوللېكتىپنىڭ، مىللەتنىڭ، شۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، نەتىجىلىرىنى، شان-شەرەپلىرىنى باشقىلارغا تونۇتۇپ كەلگەن تەسەۋۋۇرى چوڭقۇر، تەپەككۇرى كۈچلۈك كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ تىلى ئۆتكۈر، جانلىق بولىدۇ. ئۇلار ئۆز مەقسىتىنى ئىپادىلەش، ئۆز ئىددىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر سۆز، ھەر بىر جۈملە ئۈستىدە قايتا-قايتا، چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. ھېچقانداق يازمىغا يەڭگىللىك قىلمايدۇ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمايدۇ. قىسقارتىپ ئېيتقاندا، شىركىتىمىز ساپا جەھەتتىن مۇئەييەن قابىلىيەت، ئىقتىدارغا ئىگە بولغان، جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئورنى ۋە تەسىرى بولغان قەلەم
ساھىبىلىرىنىڭ مەخسۇس «ئەقلىي ئەمگەك» ئارقىلىق باشقىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان «ھاجەتگاھىدۇر». شۇڭا بۇ جەھەتتە ھاجەتمەنلەر تولۇق خاتىرجەم بولسا بولىدۇ. شىركىتىمىز يېزىقچىلىق مۇلازىمىتىدىن باشقا يەنە نۆۋەتتە جەمئىيەتتە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن، يېڭىدىن كۆكلەپ چىققان، زامانىۋى ئالاھىدىلىككە ۋە روشەن خاسلىققا ئىگە بولغان، شەخس، كوللېكتىپ ۋە ئومۇمىي جەمئىيەت ئۈچۈن بەلگىلىك مەنپەئەت ۋە قىممەت يارىتىۋاتقان ئۆزگىچە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى. تۆۋەندە شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ.
关于公司
本公司根据社会发展、时代要求及人们需求,在新疆维吾尔自治区范围内头次开办的专门从事写作服务的私营公司,其主要提供创新作品写作及公文写作服务。公司性质、特点、独创性、质量的影响力与其他任何服务单位不同,从这个角度来看,本公司是一家较特殊的公司。
随着科学发展和现代文化日益深入到我们的生活,人们的意识不断提高,形成了一种新的文化模式。时代的飞跃发展、体制改革的逐渐更新、经济的快速增长使市场经济迅速发展,促进了各种新行业的产生。根据人们及社会迫切的需求,通过考察、分析并进行研究,长期以来被公众认为“神秘、难办”的写作这一特殊职业正式形成了市场。
众所周知,文学家通过写作促进文化发展的同时,也给予了他人精神食粮。他们是一群特殊的人,历来他们通过那支尖锐的笔为人类做出了巨大的贡献。从这个角度来看,本公司是为社会做出贡献的一座桥梁。总而言之,本公司是为公众提供各种写作服务,让他们得到实惠。除此之外,我公司还为个人、团体、社会提供新兴的,具有现代特色的服务项目。详情如下:
«شىركەتنىڭ مۇلازىمەت قوللانمىسىدىن ئېلىندى»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قايتماس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-5 03:22 AM