ئاتۇش مەسجىدى
رۇستەم قاراسۇ
قەد كۆتۈردى ئاتۇشۇمدا ئاتۇش مەسجىدى،
ھەيرانلىقتا قالدى ئاۋام ئەلنىڭ ھەممىسى.
ئاللاھ بەرگەن مال-دۇنيانى ھەققە خەجلىگەن،
سېخى بايغا رەھمەت قىلسۇن ھەقنىڭ ئىگىسى.
شۇنچە گۈزەل بېزىلىپتۇ كۆرگەنلەر گۇۋاھ،
قەسىر-ساراي دەپ قالماڭ ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆيى.
ۋۇجۇدۇمنى ھاياجانلىق بىر تۇيغۇ ئالدى،
ياڭرىغاندا ئاشۇ ئۆيدىن قۇرئاننىڭ ئۈنى.
پالۋان ھاجىم سىماسىنى ئىسىمگە ئالدىم،
پەخىرلەندىم يۇرتىمىزنىڭ شۇ سەردارىدىن.
قارى بولماي قالغىنىمغا پۇشايمىنىم كۆپ،
ئۆتمەسمىدىم بۇ مەسجىدتە ئوتتۇز پارىدىن.
ئىسمى مەڭگۈ ئەل قەلبىگە مۆھۆرلەنگۈسى،
ئۇنتۇلدۇرۇپ بولالمايدۇ ياخشىنى زامان.
ئاللاھ بەرسۇن بىر ئورنىغا مىڭلاپ تۈمەنلەپ،
پالۋان كەبى سېخىلارغا مۇھتاج بىز ھامان.
رۇستەم قاراسۇ : ئاتۇشتا ئاتۇش مەسجىدىدەيېزىلدى
2014.يىلى 10.ئاينىڭ 4.كۈنى