مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1005|ئىنكاس: 10

مەخەت ئابدۇرېھىم:غايىپتىن كەلگەن سادا(چاچما شىئېر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 04:51:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                   غايىپتىن كەلگەن سادا
                                   مەخەت ئابدۇرېھىم

                          دىدى بوۋام ئۇيقۇدا ياتسام،
                         -تۇر بالام ئورنۇڭدىن تۇر!
                           ئۇخلاپ چۈشۈڭدە،
                          سۈرمە خام خىيال.
                           بەختتىن بىشارەت،
                             تاڭ سەھەردىكى،
                            ئىزغىرىن شامال.
                           غەپلەت ئۇيقۇدىن،
                              ئويغانمىساڭ،
                             ھايات يولوڭدا،
                           روناق تاپمايسەن،
                            ئۆزەڭ تىرىشىپ،
                             تاپمىساڭ ئامال.

                       -تۇر بالام ئورنۇڭدىن تۇر!
                        دېرىزەڭنى ئېچىۋەت،
                      ئۆيۈڭگە كىرسۇن ساپ سالقىن ھاۋا.
                      سەھردىن باشلاپ قىلغان ئىشلىرىڭ،
                       زور بەخت بايلىق يۈرەككە داۋا.

                    شىرىن ئۇيقۇدىن دەرھال ئويغۇنۇپ،
                     ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتراپقا باقسام،
                       يوقتۇر يېنىمدا ھۆرمەتلىك بوۋام.
                        ھويلىغا چىقىپ باقتىم ساماغا.
                       كۆرۈندى قوياش سېخىلىق بىلەن ،
                        ئىللىق نۇر چېچىپ تاغ ۋە دالاغا.

                      بوۋامنى ئىزدەپ قوياش نۇرىدىن،
                      بۇلبۇلدەك سايراپ ساماغا باقسام،
                      قوياش نۇرىدىن بوۋام كۆرۈندى،
                     مىنى ئويغاتقان روھلۇق بوۋامغا،
                      خۇشاللىق بىلەن كۆڭلۈم سۆيۈندى.
                     دىدىم ئۆزۈمگە پىچىرلاپ شۇنداق،
                      ياش تۇرۇپ ماڭا ياراشماس ئۇيقۇ،
                        ئاڭلاپ بوۋامنىڭ ھېكمەت سۆزىنى،
                        مەنمۇ قوياشتەك ئەلگە نۇر چاچاي،
                       كىچە ۋە كۈندۈز چەكسەممۇ جاپا.
                        شۇ چاغدا بەلكىم بولۇدۇ خۇشال،
                         مىنى ئويغاتقان بوۋامنڭ روھى؛-
                       غايىپتىن كەلگەن ھېكمەتلىك سادا.

                                         مەخەت ئابدۇرېھىم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-4 05:02 AM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 11:36:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر سۆز خاتا يېزىلىپ قاپتۇ ،توغرا چۈشەنگەيسىلە؛تۈزۈتۈپ قويدۇم.

                       -تۇر بالام ئورنۇڭدىن تۇر!
                        دېرىزەڭنى ئېچىۋەت،
                      ئۆيۈڭگە كىرسۇن ساپ سالقىن ھاۋا.
                      سەھەردىن باشلاپ قىلغان ئىشلىرىڭ،
                       زور بەخت بايلىق يۈرەككە داۋا.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 01:41:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ئاكا .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 02:10:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ،ئېسىل چىقىپتۇ شېئىرىڭىز....

يازمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن....


شېئىرىڭىزنىڭ ماۋزۇسى تالانلانتلىق دىكتورىمىز غالىپ نىيازنىڭ ‹‹مەركەزدىن كەلگەن سادا››دېگەن ئاۋازىنى ئەسلەتتى........

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TAXNAI2 + 10 ئوخشاپتۇ،،

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 06:24:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-10-4 02:10 PM
تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ،ئېسىل چىقىپتۇ شېئىرىڭىز....
...

قىززىق ئىنكاس يېزىپسىز ،كۈلۇپ  كەتتىم

شېئىرىڭىزنىڭ ماۋزۇسى تالانلانتلىق دىكتورىمىز غالىپ نىيازنىڭ ‹‹مەركەزدىن كەلگەن سادا››دېگەن ئاۋازىنى ئەسلەتتى........دەپ،،

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 06:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخەتكا  سىزدە  ياشلاردىنمۇ  كۈچلۇك  ئىجتىھات ۋە رۇھ باركەن،،،،داۋاملىق يېزىپ تۇرغايسىز...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1010
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2789
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 02:20:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجداتلىرىغا مەنپەئەتلىك ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئۈلگە قىلىپ،ئەۋلاتلىرىمىزغا نۇرلۇق ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتسەك بولاتتى...

ئۈمىدۋارلىققا تولغان شىئېرىڭىزدىن سۆيۈندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 11:51:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورغان يوللىغان ۋاقتى  2014-10-5 02:20 PM
ئەجداتلىرىغا مەنپەئەتلىك ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئا ...

ئىلھام بەرگەنلىرىگە رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 06:22:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالامنامە

دۇئايى بىئەدەد ،خوجام،نەزەر مۇفتىمغا ئەلۋەتتە،
تەھەيياتۇ سالىمىم ئانچىنان ئاھۇ-نادامەتتە،
دۇئا بىرلەۋسال ئۇلغاي سالىمىم ياخشى سائەتتە،
سېنى ياد ئەيلىگۈم ھەركۈن سەھەر تائەتتە،
كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.

ساڭا مەن نامە يازدىم ،نامۇناسىپ لاۋزىدىن ئەي يار،
بىھەمدۇللاھ،تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار،
بىلىشنى ئىستىسەڭ ،مۇندا شۈكۈركىم،بىز ئەمەس بىمار،
تىنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ،ئاندا نە ھالىڭ بار،
مۇشەققەتلىكتىنمۇ ،يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ پاراغەتتە؟

قېرىلىق ھالىدىن سورىسام،يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ،
سېنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ،
ئايال ،ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ ،يەنە قەۋمۇ قېرىنداشىڭ،
سىڭەمدۇ ئىشتاھا قانداقكى ھەر ۋاق يېگەن ئاشىڭ،
ئۆزەڭ ئوبدان،چىرايىڭ تازىمۇ ھۆسنى مالاھەتتە؟

ئاڭلىغىن ،ئەي رەپىقا،سۆزنى ئەھمەدشاھ قاراقاشتىن،
بايان ئەيلەيكى ھالىمنى ساڭا ئەمدى يېڭىۋاشتىن،
ئەقىدەم بار ئىدى شۇنچە يېقىن تۇغقان-قىرىنداشتىن،
سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قاراتاشتىن،
كۆرۈپ مەن ،بىلگىنىم يوق ئۇنى ئەينى زۆرۈريەتتە.

سېنى مەن دوستۇ -يارىم دەپ،كۆڭۈلدە ئېتىقاد ئەتكەچ،
مۇھەببەت رىشتىسىدىن ھەر زامان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ،
سۈپەتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىگە،ياد ئەتكەچ،
ئەۋەتتىم ساڭا ئاتمىش تەڭگىنى،ساڭا كۆپ ئىتمات ئەتكەچ،
ئەۋەتكەي بىر ياخشى ئات دەپ،ھامان ئۆتتۈم خىيالەتتە.

پۇلۇمنى توختىتىپ بىر يىل ،ئەۋەتىپسەن ماڭا بىر ئات ،
ئېشەكچە يوقتۇر رەپتارى ،بۇ ئاتنىڭ ھەرمىجەزىدۇر يات،
كى يولدا توختىۋالدى قامچا بىلەن ئۇرمىسام پات-پات،
كۇلا-ئارغامچىنى ئۈزدى قوزۇققا باغلىسام قات-قات،
ئۇلاپ ئارغامچىنى ھاردىم،كۈنى قالدىم ھىلاكەتتە.

بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى،ئاڭقا،
قىڭىر قۇيرۇق ،سىڭا سۆڭگەچ،پۇتى مايماق ،بويى لاڭقا،
بىرى تەپكەك،بىرى مۆڭگەك،بۇ ئەيىپلەر ئۈستىگە ماڭقا،
ساماندىن بەش كۆشۈك يەپ ،قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،
تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەتتە كەبى بىر ئات بۇ قىياپەتتە.

مىنىپ چىقسام ئېلىپ ئۇردى،يىقىلدىم ،نەچچە كۈن ياتتىم،
قويۇپ بەرسەم،بۇزۇپ باغنى،ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم،
سۇغارغاندا قېچىپ سۆرەپ،ئاران ھارغاندا توختاتتىم،
تېگىشتىم ئۇي بىلەن بەش رەت،ئون قېتىم ساتتىم،
قىلىپ دەۋا كېلىۋەردى ،ماڭا ياندى شەرىئەتتە.

ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام،تۈزۈك يۈگۈرۈپ چاپالمايدۇ،
ۋە يا ئۇي ھارۋىسى بىرلە باراۋەرمۇ ماڭالمايدۇ،
مۇبادا توختىۋالغاندا ئۇرۇپ قويسام چىچاڭلايدۇ،
مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بىرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ،
خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كاساپەتتە.

ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام ،سوكۇلدايدۇ ئىشەك ئوخشاش،
قورساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ، كېتەر گويا زىڭىلداپ باش،
يەنە بىر ئەيىبى شۇدۇر چىرقىراپ سەت، يولدا تاپ توختاش،
زېرىكمەي مىنسە ،بىر سائەت بېرەلمەس ھېچ كىشى بەرداش،
شەھەر-يېزا ئارا قىلغان سەپەر ،سەيلە-ساياھەتتە.

ئېرىقنى كۆرسە ياندى ئارقىسىغا ،ئۆتمىدى ئاتلاپ،
ئەگرى يولغا كىرىپ ئالسا ئەگەر كىم ،ھارمىدى قاتراپ،
غۇلاپ بوينىدىن چۈ شتۈم ،قاترىغاننىڭ زەربىدىن چاچراپ،
ئىچىم سانجىق بىلەن تولدى،قوۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ،
ساقايدىم ھەر زامان پارپى يالاپ مەجۇنى شەربەتتە.

جاھان بازارىدا ھېچكىم بۇ ئاتقا تەڭنى تاپماسلەر،
يىقىلسا گاھىدا مۈدۈرۈپ،تېپىپ-ئۇرمىسا قوپماسلەر،
زورىدىن بىر يۈگۈرسۇن دەپ ھەر نېمە قىلسا،چاپماسلەر،
سالاملاشسام،تۇرۇۋېلىپ ،تاياقسىز زادى ماڭماسلەر،
ئوسال ئات كۆپ قېتىم قويدى مېنى شۇنچە خىجالەتتە.

ئېغىلنى توختىماي بۇزدى ،ئىشىىكنى كۆپ قىتىم چاقتى،
بوغۇپ تەخەينى ئۆلتۈردى،موزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى،
قېچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي،تالاي كۈن باشقىلار باقتى،
تۆلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ ،ھامان ھەركىمگە خۇشياقتى،
تالاپەتتىن بۆلەكنى كۆرمىدىم،قايغۇ-نادامەتتە.

مېنى زاڭلىق ئېتىشتى خەلق،بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ،
ئېلىپ چىقماسقا بەند قىلدىم،ئۇنى تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ،
قومۇردى- يۇلدى تۈۋرۈكنى ،كىچە كىرسەم مۆڭۈپ قۇتراپ،
كاسەپەتنى ئېغىل باسقاچ توكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ،
دېدىم مەن :ئۆلسىمۇ ئۆلسۇن،خۇدا قىلغان ئىرادەتتە.

ئۇرۇق -تۇغقانلىرىم قانچە قېشىمغا ئات سوراپ كەلدى،
بۇ ئاتنىڭ ئەسلىي خۇي-پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى،
باھانە ئەيلىسەم نەچچە،ئۇلار يامان قاراپ كەلدى،
ئىلاجىم يوق بېرىپ تۇردۇم،مىنەلمەي ياندۇرۇپ كەلدى،
بۇ جىىنىم چىققىلى تۇردى كۈنى يۇزمىڭ خىجالەتتە.

ئەۋەتكەن بۇ ئېتىڭغا ھېچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس ،
قەلەندەر بىلەن ئابدالدىن بۆلەكلەرگە غولى ياقماس،
كۆتۈرۈپ گەز بويى ھېچ ئات ساغرىنى ئۇنىڭدەك چاقماس،
كىشىكىم ئات بالاسىدىن بۇنىڭدەك بھېساپ قورقماس،
ئېلىشتىم ،غەم بىلەن قايغۇ بېسىپ تائەت- ئىبادەتتە.


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2821
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 06:43:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 06:22 PM
سالامنامە

دۇئايى بىئەدەد ،خوجام،نەزەر مۇفتىمغا ئەلۋە ...

ئاخىرى باردۇر ئۇستاز غەيرەت قىلىڭ...‹‹سادا››مۇ ياخشى چىقىپتۇ،شېئىر شەكلىنى ھېساپقا ئالمىغاندا...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش