|
|
|
|
ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى 2 – ئۆكتەبىر كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىغاجايلاشقان " مۇقام " رېستۇرانى ئاۋاتلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، گۈزەل ئالتۇن كۈز پەسلىگە قەدەم قويغان لۈكچۈن بازىرى بۇ يۇرتقا قەدەم باسقان ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارغاكۈلۈپ باقماقتا ئىدى . يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار رېستۇران ئالدىغا توپلاشقىنىچە ئۆزئارا قۇچاغلىشىپ، يىغا–زارە قىلىشىپ كۆرۈشىۋاتقان كىشىلەرگە تىكىلگىنىچە ھەيرانلىق ئىلكىدە سەپىرىنى داۋام قىلاتتى. ھەتتا بەزىلەر موتوتسىكلىتلىرىنى توختىتىپ قۇيۇپ ، توپ ئىچىدىن تۇنۇش چىرايلارنى ئىزدەپ ، ئۇلاردىن بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئۇلارغا مەستلىكى كەلگەن ھالدا چىرايلىرىغا كۈلكە قوندۇرۇپ ئۆز ئارا پىچىرلىشاتتى . – توۋا ، ئادەم ئادەم بولۇپ ئاڭلاپ باقمىغانلا بىر مەرىكە بوپتۇغۇ بۇ، دىيىشەتتى ئۇلار، ئۇرۇق – تۇغقانلار مانا مۇشۇنداق خوشال – خورامجەم بولسا نەقەدەر ياخشى – ھە ؟. ئۇنداقتا ، پۈتۈن لۈكچۈن خەلقىنى ھەيرەتكە سالغان ، تويمىكىن دىسە قىز – يىگىتى يوق، ئۆلۈممىكىن دىسە ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق نۇرلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ مەرىكە زادى قانداق مەرىكە ؟. ئەگەر سىز بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ كۆرۈڭ . مىلادى 19 – ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە پىچان ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى دىغار يېزىسىدا بىر باھادىر يىگىت ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ كارىز چېپىشتىن باشقا يەنە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ساز چېلىشنى ۋە تۇرپان مۇقاملىرىنى ئېيتىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگۈنۈپ ،ئەل – يۇرتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئۆز دەۋرىگەنىسبەتەن ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن بولغاچقا ، ئۇلار بۇ يىگانە ئوغلىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى تەربىيەلەپ خەت –ساۋادلىق قىلغان ئىكەن . بۇ ئوغۇل ياشلىق دەۋرىگە قەدەم باسقان مەزگىللەردە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىپ، ئەلىشىر ناۋايى ھەزرىتىمنىڭ بىر دىۋانىنى ئوقۇپ ياتقا ئالغاندىن باشقا يەنە دىۋاندىكى غەزەللەرنى مۇقام ئاھاڭلىرىغا سېلىپ ئېيتىدىغان بوپتۇ . كارىز سۇلىرىدەك يېقىملىق ۋە تاڭشاماللىرىدەك سۈزۈك ئاۋاز بىلەن ئوقۇلغان ناۋايى ھەزرىتىمنىڭ غەزەللىرىنى ئاڭلىغانلىكى كىشى بولسا ئىختىيارسىز ھالدا قىلىۋاتقان ئىشىنىمۇ قۇيۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالىدىغان بوپتۇ .كۈنلەردىن ئايلار ياسىلىپ ، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ غەزەللىرىنى ئۈنلۈك ھەم يېقىملىق ئوقۇيدىغان بۇ يىگىتنى كىشىلەر "...ناۋايى " دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ، ئاخىرى بۇ نام بۇ يىگىتنىڭ ئەۋلاتلىرىغا لەقەم بولۇپ قاپتۇ. مانا بۈگۈن مۇقام رېستۇرانىغا يىغىلغان كىشىلەر دەل شۇ يىگىتنىڭ زامانىمىزدىكى ئەۋلادلىرى بولۇپ ، ئارىدىن 2ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بۇ مەھەلدە ئۇلار ئۆزلۈك ئىزدەپ بۇ سورۇنغا جەم بولۇشقان ئىدى. يىغىلىشقا كەلگەنلەر ئىچىدە پىچان ناھىيىسىنىڭ چىقتىم بازىرى، لۈكچۈن بازىرى ، دىغار يېزىسى، دالان كارىز يېزىسىدىكى " ناۋايى "جەمەتلىرىدىن باشقا يەنە ئۈرۈمچى ، قاراماي ، توققۇزتارا ، غۇلجا ، سانجى ، ماناسۋە تۇرپانلاردا ياشاۋاتقان "ئۇرۇق" لىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق ئادەم بار بولۇپ، بۇ جەمەتنىڭ لوپنۇر ، فۇكاڭ...قاتارلىق يۇرتلاردا ياشاۋاتقان ئۇرۇقلىرى يولنىڭ يىراق بولۇشى سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشالمىدى . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, V+ n) k ]0 Q$ c" A& f8 f7 u
كىشىنى خوشال قىلىدىغان يېرى شۇكى ، بۇ جەمەت ئىچىدىكى ئەلگە تونۇلغان زىيالى ، پىچان ناھىيىلىك پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ پېنسىيونېرى ھەبىبۇللا سەيپۇل ئاكا ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ " ناۋايىلار جەمەتى نەسەبنامىسى" ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان بولۇپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا – تېلىگىراف مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرىشىت ئاخۇن ناۋايىكى تابنىڭ مۇھەررىرلىك ، بەت ياساش ، كوررىكتورلۇق ،مۇقاۋا ۋە گۈزەل – سەنئەت لاھىيىسى شۇنداقلا ھەبىبۇللا سەيپۇل ئاكىنىڭ قوليازما ھالەتتىكى كىتابىنىڭ رەسمى كىتاب شەكلىگە كېلىپ نەشر قىلىنىشىغا ( ئىچكى نومۇر بىلەن ) كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن .بۇ كىتابقا مىلادى 1830 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چەتئەللەردەۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ۋەياشاۋاتقان 3000 دىن ئارتۇق ناۋايى جەمەتى ئەزالىرىنىڭ سۆرىتى ۋە قىسقا تەرجىمھالى بېرىلگەن . (ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتكەچكە ، ئاپتور مىلادى 1830 – يىللىرىدىن ئىلگىرى ياشىغان ھىلىقى ناخشىچى يىگىتنىڭ تەپسىلى تەرجىمھالى ۋە ئىسمىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان .) بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 Q: H' L. d7 V# v! ?) I
2 – ئۆكتەبىر كۈنىدىكى بۇ يىغىلىشمۇ ئەنەشۇ كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ئاندىن روياپقا چىققان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆز ئارا تاشلىشىپ كەتكەن تۇغقانلار قايتا تۇنۇشتى . بۇ جەمەتتىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق رەڭلىك مىتال ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، كاتتاساخاۋەت ئىگىسى ئابدۇرىھىم كېرەم ناۋايى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئىبراھىم كازىم ناۋايى، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2 – دەرىجىلىك ئىنژىنىر دەپ ئەنگە ئېلىنغان داڭلىق ساپال ئۇستىسى مەرھۇم سەيدۇل پازىل ناۋايى ، ئېلىمىز ئۇيغۇر ساپالچىلىقىنى ئالمائاتادا جۇلالاندۇرغان ئاخۇن پازىل ، ساۋۇق پازىل ناۋايىلار ، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ئىدارىسىنىڭ پىنسىيۇنىرى ، كۆزگە كۆرۈنگەن رەسسام بايىز سەيدۇللا ناۋايى ، تۇرپان دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنىڭ پېنسىيۇنېرى ، كەشپىياتچى ئەختەم سەيدۇل ناۋايى، ھەبىبۇللا سەيپۇل، ئابدۇرىشىت ئاخۇن ناۋايىدەك مەرىپەتپەرۋەر زىيالىلار، ئېلىمىز تەنتەربىيە ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازانغان نازىلە ئاللايار ، نەزەر ئاللاياردەك تەنتەربىيە چولپانلىرى ، ئامىرىكا بوكلىي مۇزىكا ئۇنىۋرسىتىتىنىڭ مۇزىكا كەسپىنى ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن پۈتتۈرۈپ ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پەيزۇللا ناۋايى ، ئاپتونۇم رايونلۇق سېرىك ئۆمىكىنىڭ تۇنۇلغان ۋېلسىپىت مىنىش ماھىرى بىلالجان بايىز ناۋايى ، لوپنۇر ناھىيىلىك توغراق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئالى مەسلىھەتچىسى تۇردى نىياز لازىم ، لوپنۇر ناھىيىلىك توغراق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى نۇرنىساگۈل ناۋايى ، پىچان ناھىيىلىك كىرورەن ناخشا –ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ تالانتلىق ناخشىچىسى غۇنچىگۈل داۋۇت ، پىچان ناھىيىسى دالانكارىز يېزىسىدىكى داڭلىق دېھقان مۇقامچى مەخمۇت ئىبراھىمغا ئوخشاش داڭلىق سەنئەتكارلار، ۋە ئىمننىياز خۇشال ناۋايىغا ئوخشاش داڭلىق ساز ياساش ئۇستىلىرى، رېزىن كۆنچى ، مۇقىيىت كۆنچى ، قۇربان كۆنچى، نياز كۆنچى، ئابلىز ئارزى ۋە ئابلىمىت ئارزىغا ئوخشاش قولى گۈل ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر ، خالىق كامىلغا ئوخشاش ئىگىلىك تىكلەش ماھىرلىرى كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان بولۇپ، سورۇندا يەنە ھەبىبۇللا سەيپۇل ئاكا ۋەئابدۇرىشىت ئاخۇن ناۋايىلارغا تون كەيگۈزۈلدى. 4 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان سورۇن ئاخىرى تۇنۇلغان ناخشىچى غۇنچىگۈل داۋۇتنىڭ " پىچانغا كەل " ناملىق ناخشىسى بىلەن غەلىبىلىك ئاياقلاشتى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) { Q# E0 S: u1 ~; n% x
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 @/ p1 D! N$ @$ N$ k; {8 N بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-3 08:11 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ b' M- m+ V# R) A
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- b% u. `6 V( _' A1 q4 G. ?* B0 \( G
|
|
|
|
|
|