ئادەتتىكى ئەزا
ئەبجەش خىياللار
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
ئەي قەدىرىمنىڭ تاجۇ تەختىمگە قىلغان نېمەتلىك ھەدىيەسى، ئەي كۆڭۈل قەسرىمنىڭ سۆيگۈلۈك ئەسراسى ، ئەي قەلب قامۇسلىرىمنىڭ ھاياجانلىق شائىرانە مىسراسى، ئەي تەقدىر پۈتۈكلىرىمگە يېزىلغان بەختىمنىڭ چىن مەناسى، ئەي قەسىدىلىك تىللىرىمنىڭ راۋان پايەسى، ئەي ۋىسال شەربىتىدىن دىل خۇمارىمغا مەلھەملىك ئەنجۈمەسى،ئەي ھايات قاراڭغۇلۇقلىرىمدا يارىشىپ چاقنىغان كۆز گۆھىرىمنىڭ يورۇق يۇلتۇزى، ئەي سەنسىز تۇيغۇلاردا چىدىماس تاشقىنلىقىمنىڭ مەنبەسى، ئەي مۇھاببىتىدىن ئۆڭمەس قىرانىلىقىمنىڭ تىلسىم رىتسىپى ، ئەي گۈزەللىك سەتھىدە ھوزۇرلۇق تۇيغۇ گۈلزارىم ... ئەي تېگۈشكىسىز قادىر دۇر كانىم، ئەي ئەقىدىلىك يۈرۈكۈمنىڭ مەڭگۈلۈك مۆھۈرلەنگەن ئاداققىي ھەمراھى،ئەي ساداقىتىمنىڭ ئۆمۈرلۈك خېرىدارى، ئەي تۇيغۇسىز ئارزۇلىرىمنىڭ دولقۇنلۇق ھۇجۇمچىسى، ئەي لاتاپەت نازۇ خۇلقىمنىڭ يەكتا يىتىلدۈگۈچىسى، ئەي ئەبجەش چەشمە قايناملىرىدىكى خۈنۈككەن روھىمنىڭ رايىش سۈزۈلدۈرگۈچىسى، ئېزىققان قايمىشلىرىمنىڭ بىشارەتلىك توسقۇچىسى،مەنزىلسىز كارۋانلىرىمنىڭ باتۇر يول ئاچقۇچىسى، يۈرىكىدىن يۈرۈكۈمنىڭ يالقۇنلۇق گۈلخانلىرىغا تۇترۇق بولغۇچىسى، ئارمان يىقىلمىللىرىمنىڭ كۆكسى بىلەن تىرەپ سۆيگۈسىدە يۈلەپ مەدەتلەندۈرگۈچىسى، سەنسىز بۇرۇختۇم چىگىشچىلىكىمنىنىڭ تىرەن يەشكۈچىسى... ئەي بىنەپشە جادۇنەزەر سېھېرلىرىدىن قوغدىغۇچى ھېكمەت قالقانىم....
باغرىڭغا ئاماتلىك يىقىلغاندىن بېرى ھېسلىرىمدا شىرنىلىك ئېرىپ ، شىكەر چاچمىلىرىدەك لەۋلىرىڭگە چېچىلدىم .چېھرىمدە يىڭىلا ئېچىلغان ئەتىرگۈل جۇلاسى بىلەن ئېچىلدىم ، جەننەت تۇيغۇسى قىزىلگۈل خۇلقى بىلەن ھېدلىنىپ ،ئاپئاق بارماقلىرىمنى قاپقارا چاچلىرىڭ ئارىسدىن ئىزدىدىم ، مۇشۇ ئائىلە ئۈچۈن تىرىكچىلىك غېمىدە چارچاپ چىڭقالغان نېرۋىلىرىڭنىڭ ئارامىدا يېشىنىشىنى ئىزدىدىم! نە سەۋەپلەردىكىن جىمغۇرلىقىڭنىڭ كۈيچى مۇغەنى بولۇپ سۆيۈنگەن ھېسلىرىڭگە قوشۇلۇپ ۋۇجۇدۇڭغا سىڭىشىپ كىرىپ، قانلىرىڭ تەپتىدىكى ھارارىتىڭدىن ئىللىشنى كۆزلىدىم. پاكىزە قەترىلىك پاكلىقىم بىلەن ئۈستى باشلىرىڭدىكى مېھنەت تۇمانلىرىڭنى تارقىتىپ ، ئائىلە مېھرىنىڭ نۇرانە نۇرلىرى تەپتىدە ھەر دەقىقە گۈزەل تۇيغۇلاردا رەڭلىنىشىڭنى ئۆزۈمنىڭ ئوقلانغان مەسئۇلىيىتىم سۈپىتىدە كىرسىز ئورۇنداشقا تىرىشتىم. سەندىن نەمۇنە ، سەندىن يادىكار، سەندىن ئىنئام، سەندىن ئاپىرىدە بىر جۈپ غۇنچىمىزنىڭ ھۆسنىلىك، خۇشپۇراق، ئىنساپ،ۋاپا، ئەقىدە، پاراسەت ،قەيسەر ،دىيانەت بىلەن قەيسەر قاناتلىنىشىنى ئىككىمىزنىڭ ھايات كۆرىشىدىكى ئەڭ قاتتىقسىنالما سۈپىتىدە بىلىپ پۈتۈن زېھنىم بىلەن پەرۋىش قاينىمىدا قاينىدىم. باھارنىڭ ئېزىققان توپا تۇمانلىرى، يازنىڭ كۆيدۈرگۈ قاقشىق ئاپتىپى،قىشنىڭ جۇتلۇق زىمىستانلىرى، كۈزنىڭ خازىنى يەتكەن سوغۇق ئۈشۈكلۈك كۈنلىرىدىمۇ سېنىڭ تۆكمە- تۆكمە مۇھاببەتلىك مەدەتلىرىڭ بىلەن ئىتىقاد، نىشانە يوللىرىدا قىلچە ئىسەنكىرىگەن ،زەررىچە تەمتىرىگەن ئەمەسمەن. ئەي مېنىڭ بارلىقىم، مېنىڭ بارىم ساڭا بېغىشلانغان، ھايات مەشئىلىم سەندە يېقىشلانغان...ئۆچمە...ئۆچۈرمە!... بىباھا لەئىللەر سەنزىز كېرەكسىز تاش...نەغمىچى بۇلبۇل تىللىرىدىن كېكەچ!ئۆچۈردۈڭ شەكسىز توزىغان تۇماندۇرمەن، تارقىدىم ھېچ شەكلىم بولماس...ئۆچۈردۈڭ سەنلىك رەڭدار جۇلالىقىم ھېكمىتىدىن غايىپتۇر!
پاش قىلىش
مەستانە ئـــەزا
yollar يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 02:47 PM ماۋزۇنى ئالماشتۇرۇپ باقسىڭىز بۇ يازمىڭىز تېخىمۇ مۇكەم ...
ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان
دائىملىق ئــەزا
مەخەتجان
تەجىربىلىك ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ