مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: زۇبەييا

ئازغۇن يوللاردىكى قىسمەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاپام مىنى ئاي دەيدۇ... ئەپيۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 12:06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى...........


           دىكابىرنىڭ يەرگە تۈكۈرسە تۈپۈرۈك مۇز بولۇپ چۈشىدىغان جاڭ - جاڭ قىش كۈنلىرى .زامانغا لايىق چىرايلىق بىزەلگەن ، كىشىگە ئازادە تۇيغۇ بېرىدىغان پارۋايلىق چاققانغىنە ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدە زىۋىدە يەڭگىل دەسسەپ  يۈرۈپ تاكچىدىكى ھۈپپىدە ئىچىلىپ كەتكەن گۈللەرگە سۇ قۇيماقتا .  ئۇ بەدىنىڭە  چىپپىدە چاپلىشىپ تۇرىدىغان  ئويما ياقىلىق يەڭسىز ئاق كوپتا، تىزىنىڭ سەل يۇقىرىسىدا كەلگەن قارا رەڭلىك  تار يوپكا كىيگەن بولۇپ بۇ كىيىملەر ئۇنىڭ زىلۋا بەدىنىنى تولۇق نامايەن قىلىپ ئۇنى كۆرگەن ھەر قانداق ئەر زاتىنىڭ ئىختىيارسىز شەھۋىتىنى قوزغايىتتى . ئۇ ئېران نۇسخىلىق گىلەم ئۈستىدە نازۇك قەدەم تاشلاپ مىڭىپ ياتاق ئۆينىڭ تىمىدىكى چوڭ سائەتكە قارىدى . ئابدۇكىرىمنىڭ كىلىشىگە يەنە يىرىم سائەتچە ۋاقىت قالغان ئىدى . ئۇ گىرىم جازىسى ئالدىغا كىلىپ خۇددى ئۇ يەر - بۇيەرلىرىگە ئاق كىرىپ كەتكەندەك سارغۇچ  بويالغان تەبىئىي بۈدىرە چاچلىرىنى تاراپ چوققىسىغا ئاچىقىپ بوشقىنە تۈرمەكلىدى . تۈجۈپىلەپ تۇرۇپ سۇس گىرىم قىلدى . ئابدۇكېرىم  تۇنجى قىتىم تاماققا تەكلىپ قىلغاندا سوۋغا قىلغان نەپىس ئالتۇن زەنجىرىنى تاقىدى ۋە ئالدىدىكى تىكلىمە ئەينەكتىن ئۆز قىياپىتىنى كۆرۈپ تولۇق رازى بولغاندىن كىيىن  كىرىسلودا قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرۇپ بۈگۈنكى ئەڭ  مۇھىم مەسىلە ، يەنى بويىدا بارلىقىنى  ئابدۇكېرىمگە دىيىش ياكى دىمەسلىك توغرىسىدا ئويلاندى . . .
     
ئاچقۇچنىڭ شاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئىشىكتىن  قولىدا ئېغىر سۇلياۋ خالتىلارنى كۆتۈرگەن ئابدۇكىرىم كىرىپ كەلدى  ۋە قولىدىكى نەرسىلەرنى يەرگە قويۇپ تۇرۇشى زىۋىدە يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇنىڭغا ئىسىلدى ....
ئابدۇكىرىم زىۋىدەنى قۇچىقىغا ئولتۇرۇرغۇزىۋىلىپ ھە دەپ ئۇنىڭغا توخۇ كاۋىپى يىگۈزمەكتە ئىدى . ئۈستەل ئۈستىگە  ئۇ بايا ئىلىپ كەلگەن مىۋە - چىۋە ، ھەرخىل  ئىچىملىكلەر، ئۆپكە -ھىسىپ  كاۋاپ  دىگەندەكلەر  تىزىلغان ئىدى . زىۋىدە ئۇنىڭ يىرىك چاچلىرىنى سىلىغاچ ئەركىلەپ تۇرۇپ :
__بۈگۈن كىچىكىپ قالدىڭىزغۇ ؟ __دەپ سورىدى .
__پەرىدە بۈگۈن كەچرەك قايتىدىكەن ، شۇڭا بالىنى يەسلىدىن ئۆزۈم ئەكەلدىم . ئۆيگە ئەكىلىپ  بولۇپلا  مېھمانخانىغىمۇ قايىتماي يىنىڭىزغا ئۇچتۇم جىنىم .
__ھە ،مۇنداق دەڭ.  قىزىڭىز ئۆيدە ئۆزى يالغۇز قالدىما ؟
__ھەئە.
__يالغۇز قورقۇۋاتقاندۇ بىچارە ، ھازىر بالدۇرلا قاراڭغۇ چۈشىدۇ ئەمەسمۇ ؟__دېدى زىۋىدە كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتتە .
__ ۋاي ياقەي، ئۇ قورقۇپ بولغۇچە ئاپىسىمۇ ئىدارىدىن  قايتىپ كىلىپ بولىدۇ . __ئۇ شۇنداق دەپ ئالدىدىكى  ئىچىملىكتىن  بىر يۇتۇم  ئىچتى.
‹‹سەن بۇنداق يۈرگەن يەردە شۇتاپتا ئايالىڭمۇ كىمدۇر بىرىنىڭ قوينىدا ياتقاندۇر تايىنلىق›› دىگەنلەركاللىسىغا  لىپپىدە سايە تاشلاپ ئۆتكەن زىۋىدە چاندۇرماي مىيىقىدا سوغۇق كۈلۈمسىرەپ قويدى .
ئابدۇكېرىم ‹‹ماڭا ھەممىدىن بەك سىز قورۇقمىسىڭىزلا بولدى تاتلىق ››دىگىنىچە ئۇنى  كۆتۈرۈپ   ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى ...
كەچ سائەت ئونلاردىن ئاشقاندا ئابدۇكېرىم ئۆيىگە قايتىپ كەتتى . زىۋىدە بايا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندىن كىيىن قەتئىيلا بىر نىيەتكە كەلدى . ‹‹بالىنى چۈشۈرىۋىتىش كېرەك  .قارا دەۋاتقان گىپىنى، مۇشۇ قارا قىشتا ئەمدى ئالتە ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان قىزىنى ئۆيدە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ئاشنىسىنىڭ يىنىغا  كەلدى .بۇنداق ئادەمدىن كىشىگە ۋاپا كىلەمدۇ ؟ ھالۋىنى يەۋەرسە ماز تىتىيدۇ دەيدىغان گەپ بار. ئۇنىڭ مۇشۇنداق مىنىڭ ئاغزىمدىن چىققاننى قىلىپ بىرىپ رايىمغا بېقىشلىرى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ئەگەر بۇ بالا تۇغۇلۇپ ياخشى كۈننىڭ يامىنى بوپ قالسا مەن بۇ بالىنى كۆتۈرۈپ يەنە قايسى سەرسانچىلىقلاردا يۈرىمەن ؟ئارىمىزدا قانۇنلۇق توي خىتى تۈگۈل نىكاھمۇ بولمىسا يە ؟ ئىشەك جىنىدا بىر قىتىم پۇتى سىپىلغان پاتقاققا ئىككىنچى دەسسىمەيدۇ . ئەمدى  ئەر خەقنىڭ يالغان -ياۋىداقلىرىغا گول بولۇپ قاپقانغا چۈشۈپ يۈرىدىغان زىۋىدەخان يوق. ››دىگەنلەرنى  خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن زىۋىدە ئۈستەلنى يىغىشتۇرىۋەتكەندىن كىيىن ، بىردەم تىلىۋىزور  كۆرۈپ ئۇيقۇغا كەتتى . . .      
  زىۋىدە مىھمانخانىدىكى   خىزمىتىگە تىزلا  كۆنۈپ قالدى . كەچلىك كۇرۇسلاردا ئوقۇپ يۈرۈپ ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كىتەيلا  دەپ قالغان خەت ساۋادىنى چىقاردى ۋەئاز تولا  خەنزۇچە سۆزلشىشنى ئۈگەنگەندىن كىيىن  مىھمانخانىنىڭ   ياتاق - كارىدورلارنى تازىلاش خىزمىتىدىن ئۆستۈرۈلۈپ ئايدا 3000 يۈەن مائاش بېرىلىدىغان تازىلىق قىلىدىغانلارنى  باشقۇرۇشقا ئورنىغا چىقتى. ئەلۋەتتە،  بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابدۇكېرىمنىڭ ‹‹يىقىندىن قوللاپ غەمخورلۇق قىلىشى ››ئارقىسىدا  بارلىققا كەلدى .  بىر كۈنى كەچتە ئابدۇكىرىم  زىۋىدەنى تاماققا تەكلىپ قىلدى . ئۇلار ياۋروپاچە ۋە مىللىيچە ئۇسلۇپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ئالىي بىزەلگەن تىز تاماقخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا بىللە تاماق يىيىشتى. ئابدۇكىرىم تۇنجى كۆرۈشۈش خاتىرىسى سۈپىتىدە زىۋىدەگە 26 گىراملىق بىردانە ئالتۇن زەنجىر سوۋغا قىلدى . بارا - بارا  بۇنداق كۆرۈشۈشلەرنىڭ سانى ئاۋۇپ ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە يەتتى ھەمدە ئابدۇكېرىم  زىۋىدەگە شەھەرنىڭ چەترەك تەرىپىدىكى مەلۇم ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئۈچۈنجى  قەۋىتىدىن ئايرىم ئۆي ئىجارە ئىلىپ بەردى .  
ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇنداق خۇپىيانە مۇناسىۋىتى بىر يىلدىن ئاشتى . زىۋىدەمۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ نازۇ - كەرەشمىلىرى ۋە يۈرەكلەرنى ئىرىتىۋىتىدىغان جاننى ئىلىپ ياندا قويغۇدەك تاتلىق ئەركىلەشلىرى بىلەن ئابدۇكېرىمنى كۆرۈنمەس يىپ بىلەن ئۆزىگە باغلاپ سىزغان سىزىقىدىن چىقالماس قىلىۋەتتى . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ زىۋىدە ئابدۇكېرىمنىڭ ۋاقتى كەلسە ھەرگىزمۇ ئايالى ۋە قىزىدىن كىچىپ ئۆزى بىلەن تۇرمۇش قۇرمايدىغانلىقىنى ،  ئىككىسىنىڭ پەقەت بىر ئۆتكۈنچى مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى ، ئابدۇكېرىمگە نىسبەتەن ناھايىتى خەتەرلىك بۇ مۇناسىۋەتنىڭ  ھەرۋاقىت ئاياغلىشىش ئىھتىماللىقى بارلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتى . شۇڭا ئۇ ھازىردىن باشلاپ ئابدۇكىرىمدىن پايدىلىنىپ يانچۇق توملاشنىڭ  كويىغا چۈشتى .  ئۇ ئابدۇكىرىمگە كىيىم -كىچەكتىن كۆرە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى كۆپىرەك ئالدۇردى . ئابدۇكىرىممۇ  بۇ نازۇ - كەرەشمىلىك گۈزەل جاناننىڭ  ئىشقىدا مەستۇ-مۇستەغرەق بولۇپ  ئىغىزىدىن چىققانلىكى تەلىۋىنى يەردە قويمىدى . ئۇ ھازىرقى خىزمىتىدە قول ئاستىدىكى كۈتكۈچى ۋە تازىلىق قىلىدىغانلارنىڭ خىزمەتلىرىنى بىرەرقۇر كۆزدىن كەچۈرۈۋىتىپ ئانچە -مۇنچە بويىنى كۆرسىتىپ قويۇپلا  مېھمانخانىدىن  قاچان قايىتقۇسى كەلسە شۇ چاغدا قايتالايتتى . ئۇ ئالغان ھەر ئايلىق مائاشىنى ئۇدۇل ئاپىرىپ بانكىغا قويدى ، چۈنكى ئابدۇكىرىمنىڭ قايسىدۇر بىر كىيىم - كىچەك ياكى داڭلىق سومكا ۋە ياكى زىبۇ - زىننەتلەر ئۈچۈن   بەرگەن پۇللىرى ئۇنىڭ خىراجەتلىرىگە يىتىپ ئاشاتتى .




داۋامى بار ......      



دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام ./static/image/smiley/Uyghur/misranim1 (18).gif

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 01:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىمىن ھېلىمۇ شۇنچە بۇزۇقچىلىقلارنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. زىۋىدە دىگەن بۇ ئايالغا لەنەت ئوقۇشمۇ ئارتۇقچىدەك قىلىدۇ. نىكاھ ئوقۇتماي بىر ئۆيدە بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرۇش دىگەن نېمە گەپ ئۇ؟ ئىسىت ئىسىت......

داۋامىنى ساقلاۋاتىمەن.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93529
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 839
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2013-3-18
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 02:17:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاۋاتىمەن

ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى ئادەملەر ياخشى ئادەملەر ،
ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن ئەسكى  ئادەملەر ئەسكى  ئادەملەر؛
ئەسكى  ئادەملەر ئۈچۈن ئەسكى  ئادەملەر ياخشى ئادەملەر،
ئەسكى  ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى ئادەملەر ئەسكى  ئادەملەر.

ئاپام مىنى ئاي دەيدۇ... ئەپيۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 02:54:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى .......



        خۇدا زىۋىدەگە ئامەت -تەلەينى ئايىماي  بەردى . بەرگەندىمۇ ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇ ئابدۇكىرىمنىڭ بىشىغا دەسسەپ تۇرۇپ كۈندىن - كۈنگە يۇقىرى ئۆرلىدى . زىۋىدە ھازىر مىېھمانخانا  مائالىيە بۆلىمىنىڭ كاسسىرى. ئۇ كەچلىك كۇرۇسلاردا كومپىيوتىر ۋە خەنزۇتىلى بويىنچە بىر يىل ئوقۇپ بەلگىلىك سەۋىيەگە ئىگە بولدى .  مېھمانخانىنىڭ بىر تازىلىق ئىشچىلىقىدىن  مائالىيە بۆلۈمىنىڭ كاسسىرىغا ئايلىنىش  تۆت يىل  ئىلگىرى ئۇ چۈشىدىمۇ ئويلاپ يىتەلمەيدىغان ئالەمچە بىر  ئىش ئىدى . ئۇ كاسسىرلىققا ئۆستۈرۈلگەندىن كىيىن ئەسلىدىكى كاسسىر مېھمانخانا ئارقا سەپ بۆلىمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى . ھىچبىر خاتالىق ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ مۇئاشى ئەسلىدىكىدىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ خىزمەت قىلىشقا ئۇنىڭ قورسىقى كۆپتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ  زىۋىدە بىلەن ئىيتىشىپ قالدى . نىمىلا دىمىگەن بىلەن بۇ ئايالنىڭ خىزمەت تەجىربىسى بار ئىدى . ئېغىزى يامان ، ئەمما كۆڭلىدە باشقىلارغا  ھىچ يامانلىق قىلمايدىغان بۇ ئايال داۋاملىق زىۋىدەنىڭ خاتالىقلىرىنى ئادەم بار- يوق دىمەي بىۋاستىلا يۈزىگە سالاتتى . ‹‹پاكىت ئالدىدا پىل ئوسۇرۇپتۇ ››دىگەندەك زىۋىدەمۇ بىر نەچچە قىتىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالدى ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئىچىگە سىلىپ  ئۆچ ئىلىش پەيتىنى ئىزدەپ يۈردى .
                 كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئۆتۈۋەردى . قۇياش كۈلۈپ چىققان بىر كۈنلىكى سەھەردە مېھمانخانىغا 50 ياشلارئەتراپىدا، تەمبەل ،ھاجىم سۈپەت  سودىگەر قىياپىتىدە ئىسىل كىيىنگەن بىر كىشى 40 ياشلار چامىسىدىكى يەنە بىر ئادەم  بىلەن بىللە كىردى ۋە بىر كىچىلىگى 780 يۈەنلىك ياتاقنى ئىلىپ 15 كۈنلۈك پۇلنى بىراقلا ئالدىن تۆلىۋەتتى .  بۇ چاغدا زىۋىدە مۇلازىمەت سۇپىسى ئالدىدا تۇرۇپ مىھمانخانىنىڭ بىر ھەپتىلىك ھىسابات خاتېرىسىنى تەكشۈرىۋاتاتتى .خېرىدار  15 كۈنلۈك ياتاق ھەققىنى بىراقلا تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيىتقاندا ئۇنىڭ ئىتتىك  بىشىنى  كۆتۈرۈپ قارىشى  خىرىدار بىلەن كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى .خېرىدار ئۇنىڭغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن دەقىقە تىكىلىپ قاراپ قالدى .  ھوشيار زىۋىدە بۇ  تىكىلىپ قاراشلارنىڭ ئارقىسىدىكى قانداقتۇر ئۆزىگە نىسبەتەن قىزىقىش ۋە ئەمدىلەتىن قوزغالغان باشقىچە بىر خىل ھىسىياتلارنى سىزىپ پىسىڭڭىدە بىرنى كۈلۈپ ئۈلگۈردى .
               ئابدۇكىرىمنىڭ زىۋىدەنىڭ يىنىغا بارىدىغان قەدەملىرى يىقىندىن بۇيان سەل ئازلاپ قالدى. بىر كۈنى كەچلىگى ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان  ناھايىتى ھارغىن بىر قىياپەتتە زىۋىدەنىڭ  يىنىغا كەلدى . زىۋىدە ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ سەۋەبىنى سورىدى .
__پەرىدە مەندىن گۇمان قىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ . __دېدى ئۇ .
__قانداقسىگە ؟ ئۇ سىزگە بىرەر نەرسە دىدىمۇ؟
__ئالدىنقى قىتىم سىنىڭ يىنىڭدىن كەتكەندىن كىيىن نەگە بارغىنىمنى سورىۋىدى ، مىھمانخانىدىن ئەمدى كىلىشىم دىسەم  مىھمانخانىغا تىلىفۇن قىلسام سىزنى سائەت ئالتىلەر ئەتراپىدا چىقىپ كەتكەن دىدى ، يانفۇنىڭىزغا تىلىفۇن ئۇرسام ئىتىككەن ، زادى نەگە باردىڭىز دەپ ئاسماقچىلاپ سوراپ تۇرىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن بىر كىچە جىدەللىشىپ  چىقتۇق .__دېدى .
زىۋىدە بۇ يوشۇرۇن مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدى. ئىشنىڭ مۇشۇنچىلىك ۋاقتىدا  ئۆزى دۆڭگە چىقىپ قالماي تۇرۇپ بۇ ئىشلانى قانداق يىغۇشتۇرۇش كىرەك ؟ ئۇ مۇشۇ مەسىلىلەرگە جاۋاپ تىپىش ئۈچۈن ئويلىنىپ يۈرگەندە يەنە يېڭى بىر ئىش يۈز بەردى .










                                               (       3       )                                

  تۇرمۇشتىكى ھەربىر خاتالىقىڭ قىرىق يىلدىن كىيىنمۇ  يەنە سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ
                                                                                         _______خاتىرەمدىن .




               پەرىدە ئىشخانىدا ماتىرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تىلىفۇنىغا ناتونۇش بىر   نۇمۇردىن قىسقا ئۇچۇر كەلدى . ‹‹ ساڭا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ . تۆت يىلدىن بۇيان يولدىشىڭنىڭ سىرىتتا ئاشنا ئويناپ يۈرگەنلىرىنى ، ھەتتا ئايرىم ئۆي تۇتۇپ بەرگىنىنى بىلمەي يۈرگەندىكىن ھەقىقەتەن دۆت نىمىكەنسەن .  بىر ئەركىشىنى ئۆزۈڭگە قارىتىپ ئەر قىلىپ  ئولتۇرالمىغاندىكىن  ئەمدى ئورۇننى بوشات . ئەگەر ئۇنىڭدىن ئاجراشمايدىكەنسەن  قوسۇغۇمدىكى بالامنى ئىلىپ  سوتقا ئەرىز قىلىمەن ›› . ئۇ ئۇچۇرنى ئوقۇپ يۈرىكىگە بىرى غاسسىدە پىچاق تىققاندەك  بىئارام بولۇپ كەتتى .  شۇ كۈنى كەچتە ئابدۇكىرىمنىڭ ئۆيىدە قىيامەت كۆتۈرۈلدى .پەرىدە ئۇنىڭدىن قەتئىي  ئاجىرشىشنى تەلەپ قىلدى  . ئەتىسى ئابدۇكېرىم زىۋىدەگە  بولغان ئشلارنىڭ ھىممىنى  يىپىدىن - يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ بەردى . زىۋىدە ‹‹بۇ چوقۇم ھىلىقى مەن بىلەن قىرىشىپ يۈرىدىغان ئايالنىڭ قىلغان ئىشى ››دىدى . بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇكىرىم پەرىدەگە ئۇچۇر ئىۋەتىلگەن نۇمۇرنى تەكشۈرۈپ   ئۇ نۇمۇرنىڭ راستىنلا  زىۋىدە ئىيىتقان ئايالنڭ ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىقتى ۋە  شۇ كۈنىلا ئۇنى ئىشتىن بوشاتتى . ئەسلىدە زىۋىدە ئۇ ئايالنىڭ ئىشقا كىلىپلا خىزمەتچىلەر كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە خىزمەت كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تىلىفۇنىنى چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سىپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتە ئۇنىڭ  تىلفۇنىدا پەرىدەگە يۇقارقى ئۇچۇرنى يازغان ۋە يوللاپ بولۇپ ئۆچۈرىۋەتكەن ئىدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى تەڭ سوقۇپ  ئۇ ئايالدىن ئۆچ ئىلىش ھەم ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ  قالمىغان ئاساستا  ناھايىتى ئاسانلا ئابدۇكىرم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاياقلاشتۇردى ....






داۋامى بار .....  

  

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام ./static/image/smiley/Uyghur/misranim1 (18).gif

ئاپام مىنى ئاي دەيدۇ... ئەپيۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 05:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ............

   نەپىس تىكىلگەن قاردەك ئاپئاق ئۇزۇن گەبەردۇن  پەلتو ئىچىگە  ئوچۇق شاپتۇل چىچىگى رەڭلىك يىپەك كۆينەك كىيىپ     تۈركىيەنىڭ چۇچىلىرى يەلپۈنۈپ تۇرغان سېرىق  شارپىسىنى  ئارىتقان ،ئىگىز پاشنىلىق ئاياق بىلەن داداجىمنىڭ بويىغا تەڭلىشىپ قالغان زىۋىدە  ھاجىمنى قولتۇقلىغىنىچە يەڭگىل قەدەملەر بىلەن ئايروپىلاندىن چۈشتى . ئايرودرومدا ئۇلارنى كۈتىۋالغىلى  چىققان ھاجىمنىڭ چوڭ ئوغلى سەمەر خان تاجى ماشىنا يىنىدا تاقەتسىزلىك بىلەن ئايروپىلاننىڭ چۈشۈش پەلەمپىيىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ  تۇراتتى .  ئۇ نېرىدىن ئەللىك نەچچە ياشلارغا كىرىپ ئىككى ئوغۇل  ئالتە قىزغا دادا بولۇپ قالغان تۇرۇقلۇق ئۆزىنى بىلمەي  ئەڭ كىچىك  قىزىدىن تۆت ياشلا چوڭ ئايالنى  ئىككىنچى خوتۇنلۇققا نىكاھىغا ئالغان دادىسىغا ، شۇنچە چىرايى بىلەن خۇددى جاھاندىن ئۆزىگە ئەر تىپىلمىغاندەك  پەقەت مال - دۇنيا ئۈچۈنلا دادىسىدەك ئادەمگە كىچىك خوتۇن بولغان زىۋىدەگە نەپرەتلىك كۆزلىرىنى تىكەتتى . ئۇ زىۋىدەنىڭ سىپايىلىك بىلەن يەڭگىل قەدەم تاشلاپ دادىسىنىڭ بىلىكىگە  ئىسىلىپ مىڭىشلىرىغا قاراپ ‹‹ئانامنىڭ تارىتقان ئازابىنى نەچچە ھەسسىلەندۈرۈپ ساڭا ، ساڭا قىلالمىسام بالا- چاقىلىرىڭغا بولسىمۇ كۆرسەتمىسەم ھىساپ ئەمەس ›› دىگىنىچە يەرگە شالاققىدە تۈكۈردى .  داداجىم بىلەن زىۋىدە ياق ، زىۋىدە ھاجى خىنىم ماشىنا يىنىغا كىلىپ تۇرۇشى سەمەر ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋال  سورىدى .      
__ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا، قانداق ئەھۋاللىرى ؟ __دىگىنىچە ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى .
__ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . __داداجىم سوغۇقلا جاۋاپ قايتۇردى .
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن زىۋىدە سەمەرگە  قاراپ سوغۇق كۈلۈپ قويدى ۋە ‹‹كۆردۈڭمۇ›› دىگەندەك قىلىپ قەستەن گىلىنى قاقتى . سەمەر زىۋىدەنىڭ تەپ تارتماستىن  تىخىچە دادىسىنىڭ بىلىكىنى قويۇپ بەرمەي  تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئىچىدە ‹‹ئۆلسەڭمۇ سۇئال -سوراققا  تارتىلىپ يۈرمەي ئۇدۇل دوزاققا تۇتۇرۇق بولغۇدەك ھاياسىز خوتۇنكەنسەن . ئىسىت سىنىڭ ھەرەمگە بىرىپ ھەج قىپ كەلگىنىڭ !! ئانام  جىنىدا ئوتتۇز يىل دادامنىڭ تەرىتىگە سۇ قۇيۇپ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىش تۈگۈل ماۋۇ قەشقەرنىڭ بوسوغىسىدىن پۇت ئاتلاپ باقمىدى . خەپ سىنىڭمۇ كۆرىدىغانلىرىڭ بار ››دەپ ئويلىدى ۋە ئۇنىڭ بۇ بىزەڭلەرچە قىلىقىدىن  نىجاسەتكە دەسسىۋالغاندەك سەسكىنىپ كەتتى .
ئۇلار ماشىنىغا چىقىشتى ۋە تىزلا داداجىمنىڭ ياۋاغدىكى ئىگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ 20- قەۋىتىدىكى  ئۆيى ئالدىغا كەلدى . داداجىم سەمەرگە :
__چۈشتىن كىيىن ئاكاڭ بىلەن دۇككاندىن نېرى بولماڭلا ر ، مەن پىشىمدىن يىنىپ  دۇككانغا بارىمەن .__دەپ تاپىلىغاندىن كىيىن  قوروغا كىرىپ كەتتى .
ماشىنىدىن چۈشۈپلا يەنە داداجىمنىڭ بىلىكىگە ئىسىلىۋالغان زىۋىدەنى كۆرۈپ  سەمەر  ئاچچىقىدا ئۇنى پاسكىنا ، بۇزۇق !!دەپ تىللىغان ئاۋازىنىڭ سىرىتقا چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالدى . . .

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام ./static/image/smiley/Uyghur/misranim1 (18).gif

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 08:12:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىۋىدەنىڭ ئەرلەرنى كەلتۈرۈش ھىيلىسى ئۇنى ئەنە شۇنداق كاتتا مەئىشەتكە ئىگە قىلغان دەيلى.......ھىم......

داۋامىنى ساقلايمەن. تېزراق يوللاڭ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12729
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31735
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4658 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 08:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىك ياخشى داۋاملىشىۋاتاتتى......


غەيرەت قىلىڭ.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئاپام مىنى ئاي دەيدۇ... ئەپيۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 09:08:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ..........




ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن زىۋىدەنىڭ تۇنجى بولۇپ قىلغان ئىشى داداجىم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دۈبەينىڭ چىيىنى ئۇنىڭغا دەملەش بېرىش بولدى . ئۇلار بىرلىكتە  ھوزۇرلىنىپ چاي ئىچىشكەندىن كىيىن  داداجىم ئۇيقۇغا كەتتى  . زىۋىدە  يۈك - تاقلارنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن  كىيىن  ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئاپئاق كىرلىك سىلىنغان  كارىۋات ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ  خىيالغا كەتتى . . .

           زىۋىدە بىلەن ئابدۇكىرىمنىڭ  4 يىلدىن ئارتۇق  داۋاملاشقان نىكاھسىز  مۇناسىۋىتى  بىر تال قىسقا ئۇچۇرنىڭ كۈچى بىلەن  ئۆزىگە ھىچبىر دەخلىسىز ھالدا ناھايىتى ئاسانلا ئاياقلاشتى . ئۇ داداجىم بىلەن ئۇچراشقان كۈنى كەچتە گىرىملىرىنى بىرەر قۇر يىڭىلىۋەتكەندىن كىيىن  ئالاھىدە دەملەنگەن زەپە چاي ، ئايرىم - ئايرىم تەخسىلەردە  پىستە، قارىغاي ئۇرۇقى، ئالىي دەرىجىلىك قەغەز بادام ، ئۈچكە قاتارلىقلار  تىزىلغان پەتنۇسنى كۆتۈرۈپ ھاجىمنىڭ ياتىقىغا كىردى . بۇ كۈتۈلمىگەن مىھماننى كۆرۈپ داداجىم تەمتىرەپ  قالدى. ئۇنىڭ دەل مۇشۇ ھالىنى كۈتكەن زىۋىدە تارتىنمايلا ياتاققا كىردى ۋە شوخلۇق بىلەن :
__بۇ مىھمانخانىمىزنىڭ ، شەخسەن مىنىڭ مىھمانخانىمىزغا  كەلگىنىنىڭىزنى قارشى ئىلىپ ئەكىرگەن ئازغىنە سوۋغام  . __دەپ ئاپئاق چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرىدى .ۋە پەتنۇسنى ئۈستەلگە قويۇش باھانىسىدا كۆكسىنى ھاجىمنىڭ دۈمبىسىگە ئوبدانلا سۈركەپ ئۆتۈپ كەتتى . شۇ تاپتا ھاجىم    پۈتۈنلەي تۈگەشكەن ئىدى ....
              شۇنداق قىلىپ زىۋىدە ئۆزىنىڭ بارلىق نازۇ- كەرەشمىلىرىنى ئىشقا سىلىپ يۈرۈپ داداجىمنى ئۆزىگە ئۆگىتىۋالدى . داداجىم يىۋۇ، گۇاڭجۇلاردىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا مەخسۇس  شارپا  بىلەن گىلەم يۆتكەپ ئۇ جايلاردىن ئەكەلگەن جەيناماز بىلەن ئابايىنى ئۈرۈمچى ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا  توپ تارقىتىدىغان چوڭ سودىگەر ئىدى . ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىسەمەر بىلەن ئاتاۋۇللا  ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەردە زەنجىرسىمان دۇكان ئىچىپ  دادىسىنىڭ تىجارىتىگە ياردەملىشەتتى . قالغان ئالتە قىزلىرىنىڭ  ھەممىنى تۇماق تەگسە يىقىلمىغۇدەك بولغاندىلا كەينى -كەينىدىن ياتلىق قىلىۋەتكەن بولۇپ  ئاللىقاچان نەۋرە كۆرۈپ بولغان ئىدى .
زىۋىدە داداجىم بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەندىن كىيىن  مىھمانخانىدىن ئىستىپا سوراپ چىقىپ كەتتى . ھاجىم شۇ قىتىمدا  قەشقەرگە كەلگەندە  ئىككى  ئايچە تۇرۇپ ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كىيىن  تونۇشقىلى ئىككى ئاي بولغان زىۋىدەنى ھەرەمگە بىللە ئىلىپ ماڭدى . . .
داداجىمنىڭ ھەرەمدە ئۆزىدىن 26 ياش كىچىك ئايالنى نىكاھىغا ئالغانلىقى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئۇچۇپ بېرىپ  قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدىكى يىقىن -يورۇقلار ئارا  پۇر كەتتى .






داۋامى بار.......

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام ./static/image/smiley/Uyghur/misranim1 (18).gif

ئاپام مىنى ئاي دەيدۇ... ئەپيۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 10:49:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ............



         داداجىمنىڭ  ئۆيلەنگىنى  قىزلىرىنىڭ  ئىناۋىتىنى ئەرلىرى ۋە قۇدا تۇققانلىرى  ئالدىدا ئىككى پۇڭغا ئەرزان  بەش پۇڭغا قىممەت قىلىۋەتتى . ئوغۇللىرى بولسا بىراقلا توقۇمىنى قارنىغا ئىلىپ ‹‹ھە ، دادام دىگەن ئەر كىشى ، شەرىئەتتىمۇ ئەر كىشىگە تۆت خوتۇن راۋا دەپتىكەن . خەقنىڭ يۇرتىدا بويتاقچىلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرمەي ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغۇدەك ئادەم بىلەن بىللە ئۆتسە نىمە بوپتۇ؟ھىچكىمنىڭ بۇ ئىشتا بىر نىمە دىيىشكە ھەققى يوق ››دەپلا ئاياللىرىنىڭ زۇۋانىنى بىسىقتۇردى . ئەمما قىزلارغا ئۇۋال بولدى ، قىينىئانىللىرى ھە دىگەندىلا بۇ ئىشنى دارىتمىلاپ دىمىقىدا پىننە سورۇشتى . ئەلۋەتتە بۇ گەپلەر ئۇدۇللۇق  داداجىمنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ تۇردى . ئەمما ئۇ ھىچقاچان بۇ نىكاھنى قىلغىنىغا پۇشايمان قىلمىدى، پۇشايمان قىلدى دىيىشكە توغرا كەلسىمۇ  بالدۇرراق ئۆيلىنىپ كىشىنىڭ يۇرتىدا بىكارلا دۈم يىتىپ دۈم قوپۇپ جاپا چىكىپ ئۆتكۈزگەن ئۆمرىگە پۇشايمان قىلدى . ئۇنىڭ دىلى يۇرتىدىن، راستىنى دىگەندە  ئائىلىسىدىكىلەردىن رەنجىدى . ئۇ ئۆزى توغۇرلۇق دىيىلگەن ‹‹پىتنە -پاسات››لارنى بىسىقسۇن دىگەن نىيەتتە بىر مەزگىل يۇرۇتقا قايىتماي تۇرۇشنى قارار قىلدى . شۇ تەرەزدە ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنىدە شەھىرىدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالدى . بۇجەرياندا  زىۋىدە داداجىمنىڭ پوستىغا كىرىپ بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ پۈتۈنلەي ئۆز كېچىكىگە  كىرگۈزىۋالدى  . زىۋىدە  داداجىم بىلەن  دەسلىۋىدىكى  ئىككى ئاي ئارىلىشىپ  يۈرۈش جەريانىدىلا  بۇ ئادەمنىڭ پىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى . ئەمما ئۇ   كەلگۈسىدە داداجىمنىڭ نىكاھلىق ئايالى بولۇپ مال - مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئارىدا بالا بولۇشى كىرەكلىكىنى ئويلىدى . ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىتىم يۇرىتقا قايىتقاندا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىنى يەرگە قاراتماي كەلگەن  ئەڭگۈشتەرنى ئالدۇرىۋىتىشنى قارار قىلدى . . .   

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام ./static/image/smiley/Uyghur/misranim1 (18).gif

ئاپام مىنى ئاي دەيدۇ... ئەپيۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 11:25:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ............................







          دوختۇر زىۋىدەگە ئەمدى تۇغۇشى مۇمكىن ئەمەس دەپ دىئاگىنوز قويدى .  ئۇ خىيالىنىڭ بەرباد بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىنتايىن ئازاپلاندى .  ئەگەر ئۇ داداجىمدىن ئايرىلىپلا قالسام ئۇنىڭ بالىلىرى مىنى بىر كىچىدىلا  قاق سەنەم  قىلىپ  قويىدۇ دەپ ئەنسىرەيتتى . شۇڭا ئۇ باشقىچە يول تىپىشنىڭ كويىغا چۈشتى . . .
داداجىم  كۆپىنچە ھاللاردا سودا ئىشلىرى بىلەن سىرىتلارغا چىقىپ كەتكەندە زىۋىدە  ئۆزى  يالغۇز قالاتتى .دەسلىۋىدە ئۇ  بۇنداق ئايلاپ يالغۇزلۇق تارىتقان چاغدا  ئىنتايىنن زېرىكىشلىك ھىس قىلاتتى . ئەمما ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئۇ  شەھەرنىڭ يۈز - ئابرويلۇق تىجارەتچى ، سودىگەرلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن تەڭ ئىتى تۈگۈمەس چاي  - ئولتۇرۇشلارغا  بېرىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ يۈردى .ئارىدىن ئىككى ئايچە ۋاقىت ئۆتۈپ داداجىم يىۋۇدىن مال بۇيرۇپ قايتىپ كەلدى .كەلگەن كۈنىلا ئۇدۇل زىۋىدەگە تۇتۇپ بەرگەن ئۆيىگە يۈگۈردى . زىۋىدەنى نىكاھىغا ئالغاندىن بېرى ئۇ  ھەر قىتىم قايتىپ كەلگىنىدە ئۇدۇل زىۋىدەنىڭ قىشىغا باراتتى  . بۇ  قىتىم  داداجىم قەشقەردە ئۇزاقراق تۇرۇپ قالدى مۇشۇنداق بىر پەيىتنى كۈتۈپ كەلگەن زىۋىدە بىر كۈنى كەچلىكىكى  ئۇنىڭغا ئەركىلەپ تۇرۇپ  ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ زىرىكىپ كەتكەنلىكىنى ، مۇمكىن بولسا  بىرەر دۇككان ئىچىپ بەرسە  تىجارەت قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيىتتى . ئەمما داداجىم ‹‹مەن سىنى تالاغا چىقىپ تىجارەت قىلىغۇدەك قايسى نەرسىلىرىڭنى  كەم قالدۇردۇم ›› دەپ پەقەتلا ئۇنىمىدى . ئەمما زىۋىدە بۇنى قانداقتۇر پۇل تىپىشنى مەقسەت قىلىپ  ئەمەس  پەقەتلا تىجارەتكە مەشغۇل بولۇپ زىرىكىشنى  تۈگىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تالاي قىتىم ئەركىلەپ  ، باتناپ ، يالۋۇرۇپ يۈرۈپ مىڭ تەسىلىكتە ماقۇل كەلتۈردى .      

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام ./static/image/smiley/Uyghur/misranim1 (18).gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش