ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مېنى ئۇزۇندىن بېرى قوللاپ كېلىۋاتقان ئەزىز قوللىغۇچىلىلىرىم ،ئەزىز قېرىنداشلىرىم ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن !
بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇزۇندىن بىرى مېنى قوللىغان قېرىنداشلىرىمغا ئۆزەم تەييارلىغان «ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەييارلاش»«ئۇيغۇر قورىمىلىرىنى تەييارلاش»«سوغوق سەيلەرنى تەييارلاش»«پىچىنە پىرەنىك ،تاتلىق تۈرۇم ۋە تورتلار »قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتاپ نەشىردىن چىقىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر ،قوللىغۇچىلارنىڭ ھۇزىرىغا سۇندۇم .
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىتاپنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ماڭا زور مەدەتلەرنى بەرگەن پىشقەدەم ئۇستازىم
يۇنۇس ھەمدۇللاغا ،نىياز تاش ئۇستامغا،ئالىمجان ئۇبۇلقاسىمغا(ئاشتۇزى)ئېزىز ھامۇلغا ،ئابدۇشۇكۇر كۈرەشكە
(خۇشتار) قاتارلىق ئۇستازلىرىم ۋە كەسىپداشلىرىمغا ۋە مېنى قوللىغان بارلىق تورداشلارغا چىن دىلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇ كىتاپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىنخۇا كىتاپخانىسى ۋە بارلىق كىتاپخانىلاردا قۇربان ھېيىتلىق بازارغا سېلىندى !
تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز مەرھەمەت:
http://axpaz.cn/bbs/read.php?tid=9286
ھەممىڭلارغا ساقلىق، شادلىق، ئىناقلىق، بەرىكەت، خاتىرجەملىك، خۇشاللىق، بەخت تىلەيمەن!
كامالى ئېھتىرام بىلەن: سەمەت راخمان