ھېيتلايلى
ئايەم كەلدى جامائەت ، ئىزدىشەيلى، ھېيتلايلى ،
يۈرەكتىكى گەپلەرنى سۆزلىشەيلى ، ھېيتلايلى .
خەتمە ئارا ئامانلىق تىلەپ ئۆينىڭ رىزقىغا ،
تاتلىق -تۇرۇم ، گۆشلەردىن يىيىشەيلى ، ھېيتلايلى .
دەستۇرخاندا يېيىلغان ساھىپخاننىڭ تىلىكى ،
كۆپكە يايغان كۆڭۈلنى بىلىشەيلى، ھېيتلايلى .
ئۇرۇق -تۇغقان ، قوشنىلار ، ناتونۇشلار بىر گەۋدە ،
چوڭ كىچىكنى ھۆرمەتلەپ <سىز>لىشەيلى ، ھېيتلايلى .
مېھرى ئىللىق ھويلىدىن بەرىكەتلەر كەتمىسۇن ،
چاخچاقلشىپ ئۆز -ئارا كۈلىشەيلى ، ھېيتلايلى .
يىل ئۆرۈلسە ئۇنتۇلار كۆڭۈلدىكى ساناق سان ،
ئۆتنە -يېرىم ھېسابات تۆلىشەيلى، ھېيتلايلى .
تورغاي بىلەن سۈزۈلسۇن مەھەللىنىڭ سەھىرى ،
كۆپكە چۈشسە موھتاجلىق بۆلىشەيلى، ھېيتلايلى .
رىشاتكىدىن بويۇنداپ شاد ئېچىسۇن قىزىلگۈل ،
ئەلگە ساقلىق -ئامانىلىق تىلىشەيلى ھېيتلايلى .
ئۇقۇشماسلىق ھەممە ئىش ،دىل ئازارلىق تۈگىسۇن ،
مىجەزىدىكى ئويماننى تۈزلىشەيلى، ھېيتلايلى .
ناخشىلارغا جۈر بولسۇن زوكام بولماي سايىمىز ،
مۇھاببەتتە ئالتۇن كان كۆزلىشەيلى ،ھېيتلايلى .
جۈپ يۈرەكتىن گۈل ئېسىپ رەڭلىك ھايات چېچىغا ،
ئىپادىلەپ ئاق تىلەك ،يۈزلىشەيلى ،ھېيتلايلى ..
سائىللارغا سۇ بېرىپ ، سۇنۇق دىلغا تەسەللىي ،
يىقىلغاننى ئاۋايلاپ يۆلىشەيلى ، ھېيتلايلى .
رىئاللىققا يۈزلىنىپ ،ئىزدەپ ساۋاپ قەدەمدىن ،
ئۇسسىغانغا ماسلىشىپ مۆرىشەيلى ،ھېيتلايلى .
يېتىپ كەلدى قۇربان ھېيت ئالتۇن كۈزنىڭ پەسلىدە ،
ئەل جامائەت نىيەتتە بىرلىشەيلى ، ھېيتلايلى .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-3 10:47 AM