|
|
|
|
قۇربانىڭ بولاي سۆيگۈ يولۇڭدا
(ناخشا تېكىستى)
ئاپتۇرى :مەرىپەت ئوغلى
تەنھا يۈرىمەن تىمتاس كېچىدە،
يار سىنى ئەسلەپ ئازاپ ئىچىدە.
ئۆتەر ھەر مىنۇت پىراقىڭ قىيناپ،
باغرى تاشكەنسەن يارىم ئەسلىدە.
قىلدىم سەن ئۈچۈن بارىمنى تەقدىم،
ئەيلىدىم سىنى ھاياتىم-تەختىم.
سەن بولغاچ گۈزەل بىلىنگەن ھايات،
يۈز ئۆرۈپ كەتتىڭ،خار قىلىپ بەختىم.
يۈرۈكۈم بولدى سەن ئۈچۈن قەسىر،
ئەس خىيالىمنى قىلىپسەن ئەسىر.
سۆيگۈڭدە ماڭا كۈلۈپ باقمىدىڭ،
زەپمۇ قىينىدى كاج پەلەك-تەقدىر.
يار ۋاپاسىزلىق قىلساڭمۇ ماڭا،
يەنىلا يۈرەك گۈلخاندۇر ساڭا.
ئېنتىزار بولدۇم ئوتلۇق قولۇڭغا،
قۇربانىڭ بولاي سۆيگۈ يولۇڭدا.
2014-يىلى6-ئاينىڭ16-كۈنى.
شىنجاڭ مائارىپ ئېنىستىتۇتىدا يىزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-2 02:06 PM
|
|
|
|
|
|