ھېيت ھارپىسىدىكى خىياللار
ھېيت كەلدى، ھەممە كىشى خۇشاللىق ئىلكىدە ئالدىراش ھېيتقا تەييارلىق قىلىشماقتا ؛ ئەمما مېنىڭ يەلكەمگە بىر تاغ يىقىلىپ بېسىپ تۇرغاندەك ئىدى. چۈنكى ئائىلەمدىكى بەش جاننىڭ ھەممىسى بىر مېنىڭ قولۇمغا قاراشلىق ئىدى. ئۆزۈمگە ئالمىسام تېخى، خوتۇن-بالىلارغا ئالمىسام تېخى. باشقا ۋاقىتلاردىغۇ كىرلەشكەنلىرىنى يۇيۇپ، يىرتىلغانلىرىنى ياماپ كىيگىلى بولىدۇ، ئەمما «ھېيت»نىڭ ئېتى ئۇلۇغ، خاسىيىتى ھەم چوڭ، ھەم كۆپ بولغاچقا، دولامنى چىقىرىپ قاراپ تۇرسام بولمايدۇ-دە !
ھېيت كەلدى، تازىمۇ قاملاشمىغان ۋاقىتتا ھېيت كەلدى. كەچ كۈز بولغاچقا، قىشنىڭ غېمىنى قىلىشىم ـــ ئوتۇن-كۆمۈر، كۆكتات، ئۇن-ياغ... قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېسىۋېلىشىم كېرەك ئىدى، چۈنكى «گال»نى ئاسما قوزۇققا ئېسىپ قويغىلى بولمايدۇ-دە ! يەنە ھەممىمىزگە قىشلىق كىيىم-كېچەك ئېلىشىم لازىم تېخى...
«بوداق بوداققا، ئارقىدىكى يەر قوناققا توغرا كەلمىدى» دېگەندەك، ئەتىياز قۇرغان «پىلان بىنايىم تېزلا ئۆرۈلۈپ» كەتكەنىدى. يەنى يېزىچە تاۋىم تازا ساز بولالمىغاچقا، تاپقان پۇلۇممۇ تايىنلىقلا ئىدى.
قۇربان ھېيت دېگەندە، سەل قول-ئىلكىدە بارلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قوي، كالا، ئات، تۆگە... ئۆلتۈرۈپ ـــ قان قىلىپ ھېيت ئۆتكۈزىدۇ؛ ھېچ بولمىسا، باشقىلار ئۆلتۈرگەن چوڭ ھايۋانلارغا شېرىك بولۇپ، گۆش يەيدىغان گەپ، گۆش بولمىسا، ھېيت دېگەننىڭ قانداق مەزىسى بولسۇن ؟
ھېيت كەلدى، ھېيت ۋاقتى يېقىنلاپ كەلگەنسېرى تۇرمۇش تېغى، يەلكەمنى بېسىپ، غەم تۇمانلىرى بېشىمدا سايىدەك ئەگىپ مېنى ماكچايتىپ باراتتى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلۇممۇ تېلېفون قىلىپ :
ـــ دادا، بۇ ھېيتتا ھەممە ساۋاقداشلىرىم ئۆيلىرىگە كېتىدىكەن، مەنمۇ ئۆيگە بېرىپ-كېلەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن، شۇ پۇل...، ــ دەپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى. يۈرەكلىرىم قوقاستا پۇچىلانغاندەك ئىچىشىپ كەتتى... يەنە پۇل كېتىدۇ پۇل، ماشىنىنىڭ چاقىغا پۇل يۆگىمىسە، ئۇ جانىۋار ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ قانداق ماڭىدۇ؟ ئۇنى ئۆيگە قانداق يەتكۈزەلەيدۇ؟ ھەي... پۇل، ئەجەب ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ كەتتىڭ -ھە !
ھېيت كەلدى، بىردىنلا بالىلىق چاغلىرىم خىيال ئېكرانىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى: ئەجەب غەمسىز چاغلار ئىدى ئۇ-ھە ! ھېيتقا نەچچە كۈن قالغاندا، خۇشاللىقتىن قىن-قىنىمغا پاتماي، ئانام تىكىپ بەرگەن يېڭى ئەگىن - ئاياغلىرىمنى كىيىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە كۈن ساناپ ھېيتنى كەلتۈرۈپ بولالماي ئاۋارە ئىدىم. ئەمدىچۇ؟ «ھېيت بولمىسىكەن، ئىلاھىم !» دەپ تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم. كىچىك چاغلىرىمدا، ھېيتنىڭ ھارپىسى كەچتە پاكىز يۇيۇنۇپ، كىيىملىرىمنى كىيىپ يېتىپ ئۇخلايتتىم ۋە ئەتىسى سەھەردە ئاكىلىرىم بىلەن ھېيت نامىزىغا باراتتىم، نامازدىن كېيىن ئۇدۇل مازارغا بېرىپ، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان چوڭ ئانا، چوڭ دادىلىرىمىز، دادىمىز ۋە باشقا ئۇرۇق-يۇغقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەبرىسىنى بىر-بىرلەپ يوقلاپ، دۇئا قىلىپ، ئانام ئېلىپ كەلگەن قۇيماقلارنى تۇپراق بېشىدا ئاجىز - ئورۇقلارغا تارقىتىپ بېرىپ، قايتىپ كېلەتتۇق-تە، ئۆيگە كېلىپلا، ئاكىلىرىم دادا خوۋلىقى كۆرمىگەن مەن «كەنجى تاي»غا ھېيتلىق بېرەتتى...ئاندىن قۇربانلىق قىلىشقا ئاتاپ باققان مالنى سويۇپ، ئالدى بىلەن مەھەللىمىزدىكى قۇربانلىق قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغان ـــ ئىگە-چاقىسىز يېتىم-يېسىرلارغا خامتالاش قىلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ، ئېشىپ قالغان قىسمىنىڭ يەنە بىر قىسمىنى قازانغا سالاتتۇق... ئانام رەھمەتلىك دەرھال ئۆلتۈرگەن مالنىڭ ئۆپكىسىنى قانسېرىتىپ، تاتلىق ئۈچەينى يۇيۇپ ئادالاپ، قۇيۇپ بېرەتتى. ۋاھ ! ئۇ چاغدىكى خۇشاللىقلارنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولامدۇ ؟!
كونىلارنىڭ : «ئۆي تۇتساڭ بالادا قالىسەن، ئۆي تۇتمىساڭ تالادا قالىسەن» دېگىنى ئەجەب ئورۇنلۇق ئېيتىلغان گەپ ئىكەن-ھە !» دەپ ئويلاپ كېتىمەن بەزىدە. راست، ئۆي تۇتقاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ بارلىق خۇشاللىقلىرى ئاللاقاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كەتتى. بالىلارنىڭ ۋە ئۆينىڭ غېمىدە ھەر بىر ھېيتتا مانا مۇشۇنداق قوقاستا پۇچۇلىنىمەن. يەنە ئويلاپ قالىمەن : بۇ ئەزەلدىن ئۆزگەرمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە-يوسۇن بولۇپ، بىزنىمۇ ئاتا-ئانىمىز ئاشۇنداق جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان، قاتارغا قوشقان، ھەر قېتىملىق ھېيتتا بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز ئۈچۈن ئۆزى بەرھەم يېگەن، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ شۇنداق قىلغان، ئەلۋەتتە !
ھېيت يېقىنلاپ كەلدى، چىدىشىم كېرەك، بالىلارنىڭ ھېيتى، خۇشاللىقى ئۈچۈن قەرز ئالساممۇ، بۇ ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈزۈشۈم، چوڭ ئوغلۇمنىمۇ «كەل» دېيىشىم كېرەك. ئۇلارنىڭ مەندىن باشقا نېمىسى بار؟ مۇشۇ ھېيت خۇشاللىقىدىن باشقا خۇشاللىقى بارمۇ ؟ مۇشۇ ھېيتتا خۇشال بولۇپ، يايرىۋالسۇن !
بۇ مەن تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 50- قېتىملىق قۇربان ھېيت ئىدى. «دادا بولغانلىقىم ئۈچۈن ھەممىگە چىدىشىم، قەرز ئېلىپ بولسىمۇ، بالىلارنىڭ ھېيتىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈپ بېرىشىم، ئۇلارغا ھېيتلىق بېرىشىم كېرەك، كىمدىن قەرز سورارمەن» دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، بېشىمنى سالغىنىمچە ئاستا-ئاستا ئالدىمغا قەدەم تاشلىدىم، كېتىپ بارىمەن. خۇددى بىر تاغنى يۈدىۋالغاندەك ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئالغا تاشلانماقتامەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-2 11:54 AM