مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1875|ئىنكاس: 2

قۇربان ھېيت توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 10:40:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇربان ھېيىت توغرىسىدا

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" U6 J; G) ]6 V) F" a. C

قۇربان ھېيىت ئىسلام دىنىدا روزا ھېيىت بىلەن قوشۇلۇپ ئىككى چوڭ ھېيىت – ئايەمنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

قۇربان ھېيىت ئەرەبچە «ئەيد ئەزھا» دېيىلىدۇ، «ئەيىد قۇربان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «قۇربان» سۆزى «قۇربانلىق قىلىش» مەنىسىدە بولۇپ ھەج قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى. قۇربان ھېيىت ھىجىرىيە بويىچە زۇلھەججە (12 – ئاي) نىڭ 10 – كۈنى، يەنى ھەج تاۋاپنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ. قۇربان ھېيىتتا قۇربانلىق قىلىش قەدىمىي پەيغەمبىرىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى رىۋايەتكە مۇناسىۋەتلىك. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يالغۇز ئاللاھقىلا سۆيىنەتتى ۋە چەكسىز سادىق ئىدى. ئۇ دائىم ئاللاھقا ئاتاپ نۇرغۇن قوي، كالا، تۆگىلەرنى قۇربانلىق قىلاتتى. ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭ خالىس قىلىۋاتقان بۇ ئىخلاسمەنلىكىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەي ئەجەبلىنەتتى. شۇڭا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام جامائەت ئالدىدا: «ئەگەر ئاللاھتىن ئەمر چۈشسە ئامراق ئوغلۇم ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىشقىمۇ تەييارمەن» دەپ دەبدەبىلىك جاكارلىغان ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ياشىنىپ قالغان ئايالى سارەدىن بالا يۈزى كۆرمەي، ئاللاھ تائالادىن: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنىت ئاتا قىلغىن!» دەپ تىلىگەندە، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سارە ئۇنىڭغا ھاجەر دېگەن خىزمەتچىسىنى ئەمرىگە ئېلىشنى ئېيىتقان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھاجەر دىن بىر پەرزەنىت كۆرگەن. بۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ياشانغاندا كۆرگەن بۇ پەرزەنتىگە تولىمۇ ئامراق ئىدى. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ساداقىتىنى سىناش ئۈچۈن، ئىسمائىل ئىشقا يارىغۇدەك چوڭ بولغاندا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: «بالاڭنى قۇربانلىق قىلغىن!» دېگەن بۇيرۇقنى چۈشۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ئادا قىلىشنى نەچچە قېتىم ئۇنىڭ چۈشىگە سالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن جانىجان ئوغلى ئىسمائىلغا بۇ ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى. ئىسمائىل قەتئىي نىيەت بىلەن: «ئىي ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجىرا قىلغىن، خۇدا خالىسا ئۇنىڭغا مېنى سەۋىر قىلغۇچى تاپىسەن.» دېدى. [سۈرە «ساففات» ( 37 – سۈرە )، 102 – ئايەت]. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەككە شەھرىنىڭ يېنىدىكى مىنا جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى. يولدا، شەيتان ئىبلىس نەچچە قېتىم كېلىپ ئىسمائىلنى بۇ بۇيرۇققا قارشىلىق قىلىشقا ۋە قېچىپ كېتىشكە قۇتراتتى. ئىسمائىل شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىنى رەت قىلىپ غەزەپ بىلەن قولىغا تاش ئېلىپ شەيتانغا تاش ئاتتى ۋە ئاخىرىردا ئىتائەتمەنلىك بىلەن يەردە يېتىپ بېرىپ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ۋە ئاتىسىنىڭ خەيرىلىك ئىشىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پىچاقنى كۆتۈرۈپ ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پىچاقنى سالغاندا پىچاق كەسمىگەن، قايتا – قايتا سالسىمۇ پىچاق زادى ئۆتمىگەن، دەل مۇشۇ چاغدا جەبرائىل پەرىشتە ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشۈپ قارا باشلىق بىر قوچقارنى ئىسمائىلنىڭ ئورىنىدا قۇربانلىق قىلىشقا ئەكىلىپ بەرگەن، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا: «ئىي ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ). بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر. بىز ئۇنىڭ ئورىنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق» [ سۈرە «ساففات» ( 37 – سۈرە)، 104 _____107 – ئايەتلەر ] دەپ ۋەھىي قىلدى. قەدىمقى ئەرەبلەر مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ھەر يىلى قۇربانلىق قىلىپ تۇرغان ئىدى.

مانا مۇشۇ ۋەقەنى خاتىرىلەش ۋە ئاللاھ تائالاغا شۈكىرى قىلىش ئۈچۈن، مۇھەممەد  ئەلەيھىسسالام مۇشۇ  ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، قۇربانلىق قىلىشنى ھەج  ئەمەللىرىنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلىگەن. شەرىئەتتە بەلگىلىنىشىچە،  ئومۇمەن ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى بولغان مۇسۇلمانلار ھەر يىلى قۇربان ھېيىتتا قۇربانلىق قىلىشى كېرەك. ھاجىلار ھىجرىيە 12-  ئاينىڭ (زۇلھەججە نىڭ) 10–كۈنى باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلار 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە ئۈچ كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ، بۇ مۆھلەت ئۆتۈپ كەتكەندە قىلىنغان قۇربانلىق ئىناۋەتسىز بولىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمەدە ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلاتقان چاغدا ئاللاھ تائالادىن: «بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقىغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن» [سۈرە « كەۋسەر» (108 – سۈرە)، 1 ، 2- ئايەتلەر ] دېگەن ۋەھىي نازىل بولغان ئىدى. مۇھەممەد  ئەلەيھىسسالام  ئاللاھنىڭ  ئەمرىگە  ئەمەل قىلىپ ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلىش  ئىبادىتىگە تەقلىد قىلىپ ھىجىرىيىنىڭ 2– يىلى (مىلادىيە 623 – يىلى) 12– ئاينىڭ 10 – كۈنىنى قۇربان ھېيىت قىلىپ بەلگىلىگەن، قۇربانلىق قىلىش ھەج قىلىشقا ئوخشاش ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ،  ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ ۋە كىشىلەر ئاخىرەتتە مۇشۇ كۈندە قۇربانلىق قىلىنغان مالغا مىنىپ پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتۈپ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

قۇربان ھېيىت كۈنى مۇسۇلمانلار جامە مەسچىتلەرگە ياكى دالىغا يىغىلىپ ھېيىت نامىزى ئوقۇيدۇ . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بۇ كۈنى ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن تاماق يەيدۇ. ھەج قىلغۇچىلەر ھىجرىيە 12- ئاينىڭ 10 – كۈنى سەھەردە شەيتانغا تاش ئېتىپ بولۇپ، مىنا جىلغىسىدا قۇربانلىق قىلىدۇ (ھازىر ھاجىلار كۆپىرەك سەئۇدىي ئەرەبىستانىدىكى ئىشەنچىلىك بانكىلارغا قۇربانلىق پۇلىنى تاپشۇرۇپ، قۇربانلىق قىلىشنى ھاۋالە قىلىدىغان، بانكىلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئارقىلىق بۇ قۇربانلىقنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نامراتلارغا بۆلۈپ بېرىدىغان بولدى). دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ھېيىتنىڭ ئالدىدا قۇربانلىق مال تەييارلايدۇ. قۇربالىق مال قوي، كالا، تۆگە دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ساغلام، تىمەن مال بولۇشى كېرەك، مال بەك ئورۇق، ناكا بولسا ھەتتا بىر پۇتى ياكى بىر كۆزى قۇلىقىنىڭ  ئۈچتىن بىرىدىن كۆپىرەكى ناكا بولسىمۇ قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس ئەمەس.

ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشىلار بىر ئادەمگە بىر قوي، يەتتە ئادەمگە بىر كالا ياكى بىر تۆگە قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ، يەتتە كىشى بىرلىشىپ كالا، تۆگە قۇربانلىق قىلغاندا، ھەممىسى بۇ قۇربانلىق ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىنى نىيەت قىلىشى كېرەك، يەتتە كىشىنىڭ بىرەرسى مۇسۇلمان بولمىسا ياكى پەقەت گۆش يېيىشنىلا مەقسەت قىلسا، يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇربانلىق ئىبادىتى بىكار بولىدۇ. نامرات، يوقسۇللارغا، قۇربانلىق مال ھازىرلاشقا قۇدىرىتى يەتمەيدىغانلارغا قۇربانلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى چۈشمەيدۇ. قۇربانلىق مالنىڭ گۆشى ئۈچكە تەقسىم قىلىنىپ بىر قىسمى ئۆزىگە قالدۇرىلىدۇ، بىر قىسمى ئۇرۇغ – تۇققان، دوست – يارەنلەرگە ئاتىلىدۇ، بىر قىسىمى نامراتلارغا سەدىقە قىلىنىدۇ. قۇربانلىق مالنى زەبىھ قىلغاندا ئاۋازلىق «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيىتىش كېرەك.  ئاندىن قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ، بولمىسا قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ . شۇنداقلا بوغۇزلىنىدىغان مالنى سىلاپ–سىپاپ، سىلىقلىق بىلەن يىقىتىپ  ئىتتىك پىچاق بىلەن بوغۇزلاش لازىم، مالنى ئۇرۇپ – تېپىپ يىقىتىپ، گال پىچاق بىلەن بوغۇزلاپ جېنىنى قىيناش گۇناھ بولىدۇ.  مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچىكىرى رايونلىرىدىكى خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر قۇربان ھېيىتنى «كىچىك ھېيىت» (ئەيىت سەغىر) ھېسابلايدۇ. (بەزى رايونلاردا مۇسۇلمانلار زۇلھەججە <12 – ئاي> نىڭ بىرىنچى كۈنىدىن 9 –كۈنىگىچە يەنى قۇربانلىق ھېيىتتىن ئىلگىركى 10 كۈندە روزا تۇتىدىغانلىقى، بۇ 10 كۈن رامىزان روزىسىدىن 20 كۈن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن قۇربان ھېيىتنى كىچىك ھېيىت دەپ ھېسابلىغان). شۇڭا  ئۇلار قۇربانلىق ھېيىتلىق پائالىيەتنى روزا ھېيتتىكىدەك داغدۇغىلىق ئۆتكۈزمەيدۇ. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا جۈملىدىن مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردە قۇربان ھېيت «چوڭ ھېيىت» (ھېيىت كەبىر) ھېسابلىنىپ ھېيىتلىق پائالىيەتلەر ناھايىتى داغدۇغىلىق  ئۆتكۈزىلىدۇ .

ئۇيغۇرلاردا روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت، بولۇپمۇ قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇراسىم ۋە ئادەتلەردىن سىرىت، نۇرغۇن ئېسىل ئەنئەنە ۋە ياخشى ئادەتلەر شەكىللەنگەن:  ھېيىتتىن بۇرۇن ھەممە ئائىلىلەر چوڭ تازلىق قىلىدۇ،  ئۆينىڭ تام – تورۇسلىرىن تازلايدۇ، زۆرۆر تېپىلغاندا ئۆينى ئاقارتىدۇ، ھويلا – ئارامنى پاكىزلايدۇ، كىر – قات يۇيىدۇ،  ئائىلە ئەزالىرى يۇيىنىپ تارىنىدۇ؛  ئائىلە ئەزالىرى ئىمكان بار بىرەر قۇردىن يېڭى كىيىم كىيىدۇ ياكى يېڭىراق كىيملەرنى يۇيۇپ ھېيىتلىق كىيىم قىلىدۇ، بولۇپمۇ كۆپىرەك كىچىكرەك بالىلارغا يېڭى كىيىم قىلىپ بېرىدۇ،  ئۇلارنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ قويىدۇ؛ ئاياللار ھېيىتلىق ساڭزا، قېيىقچە، باقالى ۋە تۈلۈك پىچىنە–پىرەنىك، قۇرۇق–ھۆل مېۋە–چېۋە قاتارلىقلارنى تەييارلايدۇ، يەنى ھېيىتلىق داستىخان ناھايىتى مول راسلىنىدۇ؛ ھېيىت نامىزى  ئوقۇش  ئۈچۈن جامەگە ياكى ھېيىتگاھقا بارغۇچىلار غېرىب – غۇرۋالارغا ئالاھىدە سەدىقە ئاتايدۇ؛ ھېيت – ئايەم كۈنلىرى ئۆزئارا ھېيىتلىشىدۇ، بۇ ئۇزاققىچە كۆرۈشۈش، سىردىشىش، يوقلىشى پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سالاملىشىپ سىردىشىش، ھېسىيات ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇرۇغ–تۇققان،  ئەل– ئاغىنە ۋە قۇلۇم–قوشنىلار ئارىسىدا ئازارلىشىپ يۈرگىچىلەر ھېيىت– ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن بىر–بىرىنىڭ  ئۆيىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېيىتلاپ كىرىپ،  ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇپ تاشلايدۇ ھەمدە ياخشىلىشىپ قالىدۇ، بۇ ھېيىت – ئايەمنىڭ  ئەڭ  ئېسىل خاسىيەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ .  ئۇنىڭدىن باشقا، ھېيىتلاپ كىرگۈچى يېقىنلار بولۇپمۇ  ئۇرۇغ – تۇققانلار شۇ ئائىلىدىكى كىچىك بالىلارغا ھېيىتلىق تۇتقۇزۇپ قويىدۇ؛  ئادەتتە  ئۈچ كۈن ھېيىتتا  ئەرلەر ھېيىتلىشىپ  ئاياللار مېھمان كۈتۈش بىلەن بولىدىغانلىقى  ئۈچۈن،  ئۈچ كۈن ھېيىت تۈگىگەندىن كېيىن، ھېيىتنىڭ داۋامى سۈپىتىدە  ئاياللارنىڭ ھېيىتلىشىشى جۈملىدىن ھېيىت چېيى باشلىنىپ تا ھېيىت  ئاي تۈگىگىچە داۋاملىشىدۇ.

روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت  ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،  ئەمما ھازىر بۇ ھېيىتلار مەملىكىتىمىزدىكى 10 مۇسۇلمان مىللەتنىڭ مىللىي بايرىمىغا ئايلىنىپ قالدى، شۇڭا ھېيىت كۈنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشھال–خۇرام ھېيىت  ئۆتكۈزىۋىلىشى  ئۈچۈن ھېيىتلىق  ئارامغا قويۇپ بېرىش قانۇنلۇق بولۇپ قالدى.

قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى

بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، رەببىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ تائالاغا بولسۇن! ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا باشلىغۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن!

قۇربان ھېيت نامىزى ھىجرىيەنىڭ بىرىنچى يىلى نەھر (قۇربانلىق قىلىدىغان) كۈنىدە يولغا قويۇلغان. ئۇ كۈن بولسا زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنىدۇر. قۇربان ھېيت نامىزى شەھەرلەردە ياكى چوڭ كەنتىلەردە ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇ شەھەر ۋە كەنتلەرگە كېلەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ۋاجىپتۇر.چۈنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ھاياتى بويىچە داۋام قىلدى ۋە كىشىلەرنى بۇ نامازغا چىقىشقا بۇيرىدى. بۇ ھەقتە ئۇممۇ ئەتىيە مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىككى ھېيت كۈنلىرى (ناماز ئوقۇلىدىغان يەرگە) چىقىشقا بۇيرۇلدۇق. ھەتتا بىز قىزلارنى ئۇلار پۈركىنىپ تۇرىدىغان پەردىلەرنىڭ ئىچىدە ئېلىپ چىقاتتۇق ھەتتا ھەيزدار ئاياللارنىمۇ ئېلىپ چىقاتتۇق. ئۇلار ئۇ كۈننىڭ بەرىكىتىنى ۋە پاكلىقىنى ئۈمىد قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ كىشىلەر ئېيتقان تەكبىرنى ئۇلار بىلەن بىللە ئېيتاتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە دۇئا قىلاتتى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]

ئەمما مۇساپىرغا، ئايال كىشىگە، كېسەل ئاجىز كىشىگە، قۇلغا ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىغا قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس. قۇربان ھېيت نامىزى چاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ. قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن ئۇپۇقتىن نەيزە بويى كۆتۈرۈلىپ ئاقىرىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاكى قۇياش چىڭ چۈشتىن قايرىلغانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئەگەر قۇياش ناماز ئوقۇپ تۇرغان ۋاقىتتا قايرىلىپ قالسا، ناماز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. قاتتىق يامغۇر ياغقانغا ياكى ئىمامنىڭ كەلمىگىنىگە ئوخشاش بىرەر ئۆزرىنىڭ سەۋەبىدىن ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ئۈچ كۈنگە قەدەر كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىنا كۈنلىرىنى: ”ھەقىقەتەت بۇ كۈنلەر ھېيت كۈنلىرىدۇر“ دېگەن. ئۇنى بىرەر ئۆزرە يوق تۇرۇپ ئۇنداق كېچىكتۈرۋېتىش مەكرۇھى تەھرىمە (ھارامغا يېقىن مەكرۇھ) دۇر.

ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى

قۇربان ھېيت نامىزىمۇ جۈمە نامىزىغا ئوخشاش ئىككى رەكئەت بولۇپ جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. لېكىن، قۇربان ھېيت نامىزىدا ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس ۋ جابىر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) مۇنداق دېدى: رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىغا ئەزان ئوقۇلمايتتى. [بۇ ئەسەرنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى چىقىپ ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇماستىن ھېيت نامىزىنى باشلاپ ئوقۇپ بەردى. [بۇ ھەدىسنى نەسەئىي رىۋايەت قىلغان]

قۇربان ھېيت نامىزىنى قازا قىلىۋەتكەن ئادەم ئۇنى ئۆزى يالغۇز ئوقۇمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا باشقا مەسچىتكە بېرىش مۇمكىن بولسا، نامازنى شۇ مەسچىتكە بېرىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ھېيت نامىزىنى ھەممە كىشىلەر بىر يەردىلا ئوقۇماي بىر نەچچە يەردە ئوقۇسىمۇ توغرا بولىۋېرىدۇ.

ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى ئېيتىش ۋاجىپتۇر. ئۇ تەكبىر ھەر بىر رەكئەتتە ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدۇ. بىرىنچى رەكئەتتە ئىمام تەكبىرنى نامازنى باشلاپ ”سۇبھانەكەللاھۇممە“ نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئايەت ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئېيتىدۇ. ئىمامغا ئىقتىدا قىلغانلارمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ تەكبىر ئېيتىدۇ. ھەر قېتىم تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى قۇلىقىنىڭ يۇمشۇقىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدۇ ۋە تەكبىرنى ئېيتىپ بولۇپ قوللىرىنى ئىككى يانغا تاشلاپ تۇرىدۇ. ئىمام ھەر ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا ئىقتىدا قىلغان ئادەملەر تەكبىرنى ئېيتىپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرىدۇ. ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا: ”سۇبھانەللاھ ۋەلھەمدۇلىللاھ ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر“ دېيىش خاتا ئەمەستۇر.

ئىككىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھە ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر سۈرە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىلىدۇ. تەكبىرنى بىرىنچى رەكئەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئىككى رەكئەتتە ئوقۇلغان ئايەتلەرنىڭ ئارىسىغا بىر پاسىل چۈشمىسۇن دېگەنلىك ئۈچۈندۇر. ئەگەر تەكبىرنى ھەر بىر رەكئەتنىڭ بېشىدا ئېيتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئېيتىش لازىم.

بۇ تەكبىرنى بىرىنچى رەكئەتتە ئۈچ قېتىم ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە ئۈچ قېتىم بولۇپ جەمئىي ئالتە تەكبىر ئېيتىش بولسا ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ ساندىكى ساھابىلارنىڭ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) تۇتقان يولىدۇر.

ئەگەر ئىمام بىرىنچى رەكئەتتە ئېسىدە يوق تەكبىرنى ئېيتماي ئايەتلەرنى باشلاپ كەتكەن ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تەكبىرنى ئېيتمىغانلىقى ئىسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرنى  ئېيتىدۇ. ئاندىن ئايەتلەرنى قايتا ئوقۇيدۇ. ئەمما تەكبىرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرنى ئېيتماستىن نامازنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۋېرىدۇ ۋە سەھۋە سەجدىسى قىلىدۇ.

ئەگەر بىر ئادەم بىرىنچى رەكئەتتە ئىمامغا، ئىمام تەكبىرلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن يېتىشكەن بولسا، ئۇ ئادەم ئېيتىشقا تېگىشلىك تەكبىرلەرنى ئىمام ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلاپ بولغان بولسىمۇ شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ھەتتا ئىمام رۇكۇ قىلغانغا قەدەر ئېيتالمىغان بولسا، ئىمام بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىدۇ ۋە تەكبىرلەرنى رۇكۇدا تۇرۇپ قوللىرىنى كۆتۈرمەستىن ئېيتىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ھېيت نامىزىنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا، ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ئۇ رەكئەتنىڭ قازاسىنى قىلىشقا تۇرغاندا ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىدۇ.

قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ خۇتبىسى

ھېيت نامىزىنىڭ كەينىدىن ئىمامنىڭ ئىككى خۇتبە ئوقۇشى سۈننەتتۇر. ئىمام ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىلىقىدا بىر قېتىم قىسقا بىر ۋاقىت ئولتۇرۋالىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام (ھېيت كۈنلىرى) ئەۋۋەل ناماز ئوقۇيتتى. ئاندىن كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەيتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبىنى سۆزلەپ بولۇپ مۇنبەردىن چۈشۈپ ئاياللارنىڭ قېشىغا كېلەتتى ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلاتتى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېتىكىنى يېيىپ تۇراتتى. (شۇ چاغدىكى پېقىرلارغا سەدىقە قىلماقچى بولغان ئاياللار) سەدىقىسىنى ئۇنىڭ ئېتىكىگە تاشلايتتى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]  

ئىمام مۇنبەرگە چىققان ۋاقتىدا خۇتبە ئوقۇماستىن ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى، ئەسلىدە مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىنلا مۇنبەردە ئولتۇرۇش مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇپ بولۇشىنى كۆتۈپ تۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئەمما ھېيت نامازلىرىنىڭ خۇتبىسىدە ئەزان ئوقۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام مۇنبەرگە چىقىپلا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. بىرىنچى خۇتبىدە خۇتبىنى باشلاشتىن ئىلگىرى توققۇز قېتىم ۋە ئىككىنچى خۇتبىنىڭ بېشىدا يەتتە قېتىم ئاخىرىدا ئون تۆت قېتىم  تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەبتۇر.

ھېيت كۈنلىرى قىلىش سۈننەت بولغان ئىشلار

قۇربان ھېيت كۈنىدە تاكى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغانغا قەدەر بىر نەرسە يېيىلمەيدۇ. ھېيت كۈنىدە يۇيۇنۇش، مىسۋاك قىلىش، خوش بوي نەرسە ئىشلىتىش، چىرايلىق كىيىم ـ كىچەك كېيىش، نامازغا كەلگىچە يولدا ئىچىدە تەكبىر ئېيتقاچ كېلىش ۋە خوش چىراي بولۇش سۈننەتتۇر.بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى قىزىل تون كىيەتتى. [بۇ ھەدىسنى تەبرانى رىۋايەت قىلغان]. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى ھېيت كۈنلىرى ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كېيەتتى، دېدى. [بۇ ھەدىسنى بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى ھېيت كۈنلىرى تاكى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە كەلگەنگە قەدەر يولدا تەكبىرنى ئاۋازلىق ئېيتىپ كېلىدىغانلىقى ۋە (ئۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ) تاكى ئىمام كەلگەنگە قەدەر تەكبىر ئېيتىپ تۇرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى. [بۇ ئەسەرنى دارى قۇتنىي ۋە بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان]. ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تاكى ئۆيگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر نەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزى ھېيت كۈنى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە چىقىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بەردى. بۇ ئىككى رەكئەت نامازدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ناماز ئوقۇمىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىلالمۇ بار ئىدى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان]

ھېيت كۈنى نامازغا بارغان ئادەم نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن، كېلىشتە باشقا يول بىلەن ماڭىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنىدە يولنى ئالماشتۇراتتى. (يەنى نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن، كېلىشتە باشقا يول بىلەن ماڭاتتى). [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىى رىۋايەت قىلغان] . ھېيت نامىزىغا بارغىچە يولدا تەكبىرلەر ئاۋازلىق ئېيتىلىدۇ ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدىن باشلاپ تاكى ئون ئۈچىنچى كۈنىنىڭ (يەنى زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈندىن ئون ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئۈچ كۈن)ئەسىر نامىزىغا قەدەر ھەر پەرزنامازىنىڭ كەينىدىن تەكبىر ئېيتىش بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر كىشىگە ۋاجىپتۇر. بۇ تەكبىرلەرنى ئېيتىش ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ”ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار) ”[سۈرە بەقەر 203 ـ ئايەتنىڭ بىرقىسمى]

[كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋىي) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) اللە ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى اللەنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) اللەنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن. سىلەر قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار](سۈرە ھەج 28 ـ ئايەت)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ (ھەر نامازنىڭ كەينىدىن ئېيتىلىدىغان) تەكبىرنى قۇربان ھېيت كۈنىنىڭ بامدات نامىزىنىڭ كەينىدىن باشلاپ تاكى ئون ئۈچۈنچى كۈنىنىڭ ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بولغانغا قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى. [بۇ ئەسەرنى ئىبنى ئەبۇشەيبە رىۋايەت قىلغان]

تەكبىر مۇنداق ئېيتىلىدۇ: ئەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر. لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىل ھەمدۇ.

يەنى ئىككى قېتىم «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم «لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ» دېيىلىدۇ. ئاندىن يەنە ئىككى قېتىم «ئەللاھۇ ئەكبەر» دېيىلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا «ۋە لىللاھىل ھەمدۇ» دېيىلىدۇ. بۇ تەكبىرنى جاراڭلىق ئېيتىش ۋاجىپتۇر. شۇنداق قىلىشنى سۈننەت دېگەن قاراشمۇ بار. ئەمما ئايال كىشى تەكبىرنى ئىچىدە ئېيتىدۇ. تەكبىرنى بۇ شەكىلدە ئېيتىش ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر.

مەنبە: نۇرۇز مۇنبىرى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 01:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارغا مەلۇم پايدىسى بولغۇدەك دەپ ئەكەلدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109707
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 309
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 02:02:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم، ناھايىتىمۇ ۋاقتىدا ئەھمىيەتلىك بىلىملەرنى يوللاپسىز، بىلىدىغانلار تىخىمۇ بىلۋالالايدۇ، بىلمەيدىغانلار  پايدىلنالايدۇ،،، ئاللاھ ئەجرىڭىزنىزىيادە قىلسۇن.  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش