مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1214|ئىنكاس: 5

ئىككى يۈزلۈمىچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109491
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2014-8-26
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 04:27:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككى يۈزلۈمچى



( ئەدەبى ئاخبارات )

  

                    <<  مىسىرانىم مۇكاپاتلىك سەھىپىسى >>گە يوللانغان ئەسەر


ئايشەم سادىر


بۇ ۋەقە دەل 1992 -يىلى 6 ــ ئاينىڭ 10 ــ كۈنى پىژ ــ پىژ ئىسسىقتا ، يەرگە يالاڭ ئاياق دەسسىسە پۇتى خۇددى چوققا دەسسىگەندەك ئىسسىقتىن پۇتلىرى كۈيۈپ تۇرىدىغان،ئادەمنى ئىسسقتىن  قاچۇردىغان كۈنلەردە يۈز بەرگەن .
دەرسىتىن چۈشۈپ 10 مىنۇتلۇق ئارامدا، ئەدەپكە بېرىپ كىلىۋېتپ، مەكتەپنىڭ ئەتىراپىنى  بىر قۇر ئايلىنىپ چىقتىم . سىنىپلار نىڭ ئارلىغى بوش ئىدى ، ئاشۇ ئارلىقتىكى تامدا   شەرەپ تاختىسى بار بۇلۇپ . شەرەپ تاختىسىغا كۈندۈلۈك ياخشى ئىش ، ياخشى   پائالىيەتلەر، بالىلارنىڭ ئىسمى بىلەن يىزىلاتتى . بۈگۈنمۇ ئەتىگەن كىلىپ  ئۆزلۈگىدىن سىنىپ ــــ مەيدانلارنى تازلىغان ، بالىلار ۋە ئۆزلۈگىدىن ئۆگۇنىشكەتەشكىللەنگەن پىئونېر بالىلار نىڭ ئىسىملىگى ، رەڭلىك بور بىلەن يىزىلغان ئىدى .يانلىرىغا ئوغۇل ــ قىزنى تەقلىت قىلىپ سىزغان رەسىملەر ،يېقىملىق كۈلۈپ تۇرغان ھالداجىلۋىلىنىپ تۇراتتى .رەسىمدە بەزى بالىلارنىڭ بېشىغا دوپپا كىيگەن، قۇلىدا سۈپۈرگەتۇتقان ھالىتى ، بەزى بالىلارنىڭ سىنىپتا ۋە سىرتتا ئۆزلۈگىدىن دەرس تەكرار قىلغان چاغدىكى  ھالىتى، كۆزگە ئۇچۇق چېلىقىپ تۇراتتى . ئاشۇ ئارلىقتا ماڭغانلا ئادەم ئۇ رەسىم ۋە خەتلەرنى كۆرمەي قالمايتتى .
مەنمۇ ھەر بىر سىنىپ ئارلىغىدىكى شەرەپ تاختايلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى خەتلەرنى ئوقۇپ، بىر باشتىن كۆزدىن كۈچۈرۈپ كىتىۋېتىپ
تاختاينىڭ بوش بېكار جايلىرىغا، ئەگىرى ــ بۈگرى جىجىلاپ يېزىلغان مۇنۇ خەت :(<< ئىككى يۈزلۈمچى ! >> .<<لوپ ــ لوپ !>> .<< دوڭغاق ! >> . << ئوقوقۇمىغان ساۋاتسىز خۇتۇن ،سىنىپتىن يوقالسۇن! >> ، بىزگە ئىلمى ھەقىقى بىلىم بىرىدىغان . چىرايلىق سۆز قىلىدىغان، تىلى  گۈزەل مۇئەللىم كېرەك ! ...>> دىگەن سۆزلەر يېزىلغان . يەنە باشقىسىنى تىلغا  ئېلشقا تىلىم كۈيۈدۇ ، ئۇ سۆزلەرنى ئەينەن سۆرەتكە
تارتىۋالدىمدە،ئۇ خەتلەرنى دەرھال ئۈچۈر گۈچ بىلەن ئۈچۈ رۋاتتىم .
يەنە ئارلاپ كىتىۋاتىمەن ــ كىتىۋاتىمەن . ئايلىنىپلا يۈرۈيمەن ، بۇ خەتنى چۇقۇم ئوقۇغۇچى  يازدى ، قانداق قاپ يۈرەك بالىدۇ ؟ ئۇستازىنى تىللاشتا چۈقۇم بىرەر غەرىزى بار .بولمىسا بۇنداق تىلغا ئالغۇسىز سۆزلەرنى ئاشكارا ھالدا تاختايغا ، تېخى شەرەپلىك
ئىشلارنى يازىدىغان جايغا يازالامتى ؟! دىگەنلەرنى ئويلاپ كىتىۋېتىپ ،مەكتىۋىمىزدە چۇقۇم بىر مەسىلە بارلىغىنى ھىس قىلىپ ئېنىقلىماقچى بولدۇم . ۋەئۇسساپ قالغانلىغىمنى ھىس قىلىپ ، باسما قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ سۇ ئىچمەكچى بۇلۇپ
يېنىمدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان قاچامنى ئېلىپ قارىسام باسما قۇدۇققا چوڭ تاھارەتنىسۇلىيو خالتىغا ئېلىپ تۈكۈپ قۇيۇپتۇ . تېخى ھېلىقى سۇلىيو خالتىنىمۇ ئېلۋەتمەيسۇچىقىدىغان ئېغىزغا كەپلەپ تۈكۈپ  قۇيۇپتۇ. بۇ ئىشقا مەنلا سەپ سالمىغاندىمە ؟ ، باشقىلارنىڭمۇ كۈزى بولغاندىكىن كۆرگەندۇ؟!
ـــ دەپ غەزىپىم تېشپ ، خۇددى ئىشت قوغلاپ كەتكەندەك، يۈرۈكۈم گۈپۈلدەپ سېلىپ ،ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپلا قالدى . مەكتەپتە
ئىككىلا  قۇدۇق بار بۇلۇپ ، بىرسىدە بالىلار ، بىرسىدە ئوقۇتقۇچىلار سۇ ئىچەتتى .بالىلار سۇ ئىچىدىغان قۇدۇق ساق تۇرۇپتۇ ، پەقەت ئوقۇتقۇچى سۇ ئىچىدىغان قۇدۇققاچوڭ تاھارەتنى چېچىپ تۈكۈپ قۇيۇپتۇ ، شۇنىڭدىن ئىش ئايدىڭلاشتىكى، بالىلارنىڭھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆش بولمىسمۇ ، قىسمەن بالىلار ئوقۇتقۇچىغا ئۆچلۈك قىلىپ ،ئۈچىنى ئالغىلى باشلاپتۇ ــ دە ، بۇ ئىش بەك غەلىتە ، ھەم بەك خەتەرلىك تۇرىدۇ ،قانداق قىلىش كېرەك ؟ ھېلىقى سەت ھاقارەتلىك سۆزلەر كاللامدىن كەتمەيۋاتسا ، بۇئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىغان قۇدۇققا تەرەت تۈككەن چىقسا ، قايسى ئىشنى ئالدىدا ھەلقىلىپ ، قايسىسىنى كىيىن بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلاپ، ، ھىچكىمگە بىلدۈرمۈدۈم ،ئۆتكەن قىشتىمۇ بەزى سىنىپلارنىڭ مۇرىسىغا لازا ئۇرۇغىنى ، كېسەك ، داڭگاللارنىتاشلاپ بىركۈن دەرس ئۈتەلمەي ، بالىلار ئىس تۈتەك ۋە ئاچچىقتا ئولتۇرالماي نەچچەكۈن يۆتۈلۈپ چىققانتى ، بۇ ئىشقا سەل قارىغانلىغىمىز ئۈچۈن بۈگۈن بۇئىش چىقىپتۇ ،بۇ ئىشقا بەك سەل قاراپتىكەنمىز بۈگۈن ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىش چىقىپتۇ ، شۇڭا بۇئىشقامەخسۇس بىر ئىشەنچىلىك ئوقۇتقۇچىنى قۇدۇققا قاراشقا قويسام بولغۇدەك ــ دەپ ئويلاپ، دەرىزىدىن قارىسا كۈرۈنۈدىغان جايغا بىر ئوقۇتقۇچىنى كۈزەتچىلىككە قۇيۇپ قويدۇم، قايسى بالا ئىشخانىنىڭ يېىنىدىكى قۇدۇقنى كۈزەتسە ، ياكى يېنىغا كەلسە ، شۇنىڭداچاتاق بارلىغىنى بىلەلەيمىزغۇ ، دەپ ئويلۇدۇمدە ئىشخانا ئىچىدە تۇرۇپ كۈزەتتۇق.قۇدۇققاقارايدىغانغا  مەخسۇس كۈزەتچى قۇيغانبولساممۇ لىكىن ھىچقايسى بالىلار قۇدۇق يېنىغا  كەلمەپتۇ . ئاندىن خوشنا دېھقاننىڭ ئۈيىدىن بىرچېلەك سۇ ئېلىپ چىقىپ ،
قۇدۇققا قۇيۇپ سۇ تارتىپ قۇدۇقنى تازىلىدىم . بەش ئون چېلەك سۇ تارتىپ بولدۇم ،يەنىلا ئىچىشكە كۆڭلۈم تارتمىدى ، بالىلار سىنىپتىنمۇ چىقىپ ، يەنە دەرسكە كىرىشكەباشلىدى ، شۇجەرياندا بەزى بالىلار تارتقان سۈيۈمنى مەيدانغا چاشتى ، ھەمدە سوراپتۇرۇۋالدى ، مەن جاۋابەن : بۈگۈن باھالاش كىلىدىكەن شۇڭا مەيدانغا سۇ چاچايلى بالىلاردەپ ئىككى بالىنى ئېپ قالدىم . ئوقۇتقۇچىلار نىڭ كۆپۈنچىسى دىققەت قىلمىغانبولسىمۇ ، ئەستايىدىل ئىشلەيدىغانلار يەنىلا نېمە ئىش بولدى ؟ ئۆزلىرى سۇ تارتىپ ،ئۆزلىرى مەيدانلارغا سۇ چېچىپ كەتلىغۇ ؟ دىدى ،بىز بىرەر جايدىن تەكشۈرەش كىلىدىغاننى  ئاڭلىساقلا  ، تازىلىق قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان بولغاچقا
تولا ھاللاردا بالىلار بىلەن بىللە مەيدانغا سۇ چاچاتتىم،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كۆپۈنچەبالىلارمۇ ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ بەك ھەيران قالمىدى ھەمدە پەرۋا قىلىپمۇ كەتمىدى .
شۇنداق قىلىپ قۇدۇقنىمۇ تازلاپ سۇ ئىچكىدەك قىلدىم ، لىكىن كۈزۈم بىلەن چوڭتاھارەتنى كۆرگەنلىگىم ئۈچۈنمۇ ، ھېلىقى يۈرەكنى ياشارتىپ تۇردىغان كۈندەئىچىۋاتقان بۇ مۇزدەك تاتلىق سۇ گېلىمدىن زادىلا ئۆتمىدى . بىركۈننىڭ ئىچىدە ھەجەپ  ئىككى ئىش بىراقلا يۈز بىرىپتۇ ..... مەن كۆپ ئويلاندىم ، ئاراممۇ ئالماي مەكتەپئايلىنىپ ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك ئۈزەمنى بىلپ ،ـ بىلمەي ئايلىنىپ يۈردۈم .ئوقۇتقۇچى سىنىپتا سۆزلىسە ياز كۈنلىرى دەرىزىلەر ئۇچۇق بولغاچقا، يىراق ـــ يىراقجايلارغا ئوقۇتقۇچىلارنىڭدەرس سۆزلىگەن جاراڭلىق  ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
چوڭ يولدىن ئۇدۇل دەرۋازا ، دەرۋازىدىن كىرسە ئىشخانىغىمۇ ئۇدۇل كىرگىلى بۇلاتتى ،مەكتەپ ئىچىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە غورو باغ ، ھەر ئىككى سىنىپ ئارقىسىدا باغپاك ــ پاكىز تۇراتتى . باغ ئارلاپ سېلىنغان سىنىپلار خۇددى ياڭخو قېپىنى تىزىپقويغاندەك كۈرۈنۈدىغان
خىش بىلەن سېلىنغان ئادەتتىكى سىنىپ بۇلۇپ ، ئاساسەن ئوقۇتۇش ئەسىھەلىرى ، ۋەتۇرمۇش بۇيۇملىرى شۇ شارايىتتا تۇلۇق ئىدى.
سىنىپلارنىڭ غەربى چوڭ ئاسپالىت يۇلىغا تۇتاش كىچىك يول ، شەرقىدە دېقانلارنىڭئولتۇراق ئۆيلىرى ، شىمالىدا كەڭ كەتكەن دېھقانلار نىڭ باغلىرى ، جەنۇپ تەرپىدەچوڭ ئاسپالىت يۇلىغا چىقىدىغان دەرۋازا ، بۇدەرۋازىدىن ئۇدۇل ئوقۇتقۇچىلار  ئىشخانسى كۈرۈنۈپ تۇراتتى . ئاشۇ سەت ھاقارەتلىك سۆزلەرنى مەندىن باشقائوقۇتقۇچىنىڭ كۆرمەي ئۈتۈپ كىتىدىغىنىغا ھەرگىز ئىشەنمىدىم ،
چۈنكى مەكتەپكە كىرسە ئۇدۇل مېڭىپ سىنىپلار ئارلىغىدىن ئۈتۈدۇ ، سىنىپ ئارلىغىدىكىيۇلدىن ئۆتمەي تۇرۇپ ھەرگىز ئۇجايدىن
ئاتلاپ ئۈتۈش مۇمكىن ئەمەس ، ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىلار بۇ خەتنى چۇقۇم كۆردى ،كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئېنىقلاپ چىقىدىغان ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپتۇ ....، دەپئويلۇدۇم ئىچىمدە ، ئوي ـ ئويلاپ كىتىۋېتىپ بۇ ئىشتىنمۇ چوڭ يەنە بىر ئىشنىڭ يۈزبىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن
جىددى تەدبىر قوللۇنۇش قارارىغا كەلدىم، مەكتەپتىكى يەتتە ھەيئە تلەرنى ۋە ئاكتىپھەمدە مەخپىيەتلىكنى چىڭ ساقلىيالايدىغان
ئاكتىپ ئوقۇتقۇچىلاردىن بەش نەپەر ئوقۇتقۇچىنى بىر يەر گە يىغىپ بۈگۈن بولغان بىرتالاي ئىشلارنى ھەممەيلەنگە ھېلىقى تارتىۋالغان سۆرەتنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ دوكىلاد
قىلدىم . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمىگەندەك ، خۇددى مەن يوتامغا غائۇرۇپ گەپ تاپقاندەك بىر ــ بىرىگە قاراپلا قالدى، ھەمدە ئالدىغا قۇيۇلغان چاينىئىچكەنلىرى تۈف ــ تۈف قىلىشىپ تۈكۈرشۈپ كەتتى. شۇ ئەسنادا بىر ئوقۇتقۇچى :<< مۇدىرىمىز
ئەتىگەندە قۇدۇقنى نەچچە چېلەك سۇ بىلەن يۇيۇپ ، يەنە نەچچە چېلەك تارتىپ سۇنىمەيدانلارغا چېچىپ پاكىلاپ بولدى >> ـ دىدى .
ھەممەيلەن ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراىشتى ،: << دۈشەنبە كۈنى بولسىلا مۇدىرئۈزىلا مەيدانغا سۇ چاچاتتى، شۇڭا بۈگۈنمۇ دۈشەنبە كۈن بولغاندىكىن بىز بەك چۇڭقۇرئويلاپ كەتمەيلا ،سىنىپلارغا كىرىپ كىتىپتىمىز ،ــ دىسە ؟! مەكتىۋىمىزدە مۇنداقمۇئىشلاربارئىكەندە يلى ... >> ئەمدى بىز خاتىرجەم سۇ ئىچەلمىگىدەكمىز ــ دە ؟
ــ << بۇ ھەرگىز كىچىك ئىش ئەمەس ، بۇ ئىشنى تىزدىن ئېنىقلىمىساق قۇدۇققايەنە نىمىلەرنى تاشلايدۇ ؟ ئەجىبا بۇ ئىش سىلەرگە غەلىتە تۇيۇلمىدىما ؟ بالىلار سۇتارتىپ ئىچىدىغان قۇدۇققا ھىچنەرسەتاشلانماي ، مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ    ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۇ ئىچىدىغان قۇدۇغىغا تاھا رەت تاشلاپتۇ ، ئويلاپ بېقىڭلار چۇ ؟ئىككىسى ئوخشاش قۇدۇق تۇرسا ! بۇ ئويلاندۇردىغان ئىشكەن >> دىيىشىپ،    ھەممىسىنىڭ بېشى چۈشۈپ ئولتۇرۇپلا قالدى.
بۇئىشنى ھەمەيلەن بىر ئىككىدىن سىنىپقا كىرىپ بىرلا ۋاقىتتا تۇيۇقسىز تەكشۈرمەكچىبولدۇق . ھەممەيلەن بىر ئاز ئارام ئېلىشتى ، منىڭ يۈرۈكۈم بىر ئىشنى سەزگەندەك   ئىشخانىدىن چىقتىم ـ دە ، يەنە دەر س ئۈتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى سىرتتا  تۇرۇپ ئاڭلاپ چىقتىم ، كاللامدىكى ھېلىقى خىياللار بىلەن كىتىۋاتقان پەيتتە&&& مۇئەللىم ھەي قاپاقۋاش ! كاللاڭ نەگە كەتتى ؟ ناننى دۈمبىسىگەيەيدىغان
كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ساراڭ! شورۋىچىنىڭ بالىسى ! ئاتا ـــ ئانىسى ھاراق ئىچىپ ،سۇيۇق ئاش ئىچىپ تاپقان شۇملىمىكىن بۇ ؟ .... << ئەتەي >> دىگەن ئاددىبىر گە پنىڭمۇ ،مەنىسىنى يىشىپ بىرەلمىدىڭ دۆت قاپاق ... بۇ ھاقارەتكە چىدىيالمايمەن ئاچچىغىمدا سىنىپقا يۈگۈرۈپ كىرگىلى تاسلا قالدىم ، مانا شۇنداق ئېغىزغائالغۇسىز گەپلەر بىر ئوقۇتقۇچى قىلىدىغان گەپما ؟
بۇ سەت گەپلەر جاراڭلىق ھەم قوپال چىقىۋاتاتتى تېخى بەزى گەپلەرنى ئېغىزغا ئالغىلىبولمايتتى . ئىشنىڭ ئۈستىگە ئىش چىقىپ
جايىمدا بۇغۇلۇپلا قالدىم ، دەرھال ھېلى بىللە يېغىنغا قاتناشقان، ئىككى  ئوقۇتقۇچىنى چاقىردىم ، شۇ ئارلىقتا سىپنىڭ بۇرجىگىگە ئۈزەمنى دا لدىغا ئېلىپ  ،بولغىچە بىر بالا مىنى تەساددىبىلا كۈرۈپ قېلىپ
بوينىنى سۇزۇپ ،مەن تەرەپكە قارىۋېلىپ چااندۇرۇپ قويدى ـ بولغاي ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى  قىلىۋاتقان ئەپسانە گىپىنى دەرھال توختۇتۇپلا :<< چىرايلىق قىزىم ، ئومۇغۇم، ئوماق قۇزام، تاتلىق بالام نىمىشقا ياخشى ئۈگەنمەيسىز ؟ .. >> غا چۈشتى .ئاندىن بالىلارنى نىڭ ياخشى ئىش ــ ياخشى پائالىيەتلىرىنى يىزىپ ماڭىدىغان شەرەپتاختىسىغا يىزىپ قويغان ، بۇ ئۈچىنچى ئىش مۇشۇ سىنىپتىن چىقىپتۇ ـدە دىگەنلەرنىئويلۇدۇم . ۋە شەرەپ تاختىسىغا
يىزىلغان : << ئىككى يۈزلۈمچى ، ھىلىگەر تۈلكە ، لوپ ــ لوپ ، تىلى گۈزەل ،ئىچى زەھەر بىلىمسىز خۇتۇن ، بىزگە ئۇنداق بىلىمسىز ساۋاتسىز لازىم ئەمەس


... >> دەپ يازغان خەتنىڭ   جاۋابىنى تاپقاندەك بولدۇم . بىر مەسىلە بولسىمۇ ھەل بۇلدى ، دىسەممۇ بۇلىدۇ ،جايىمدا جىم تۇرۇپ ، ھېلىقى مىنى كۈرۈپ قالغان بالىنى جىم دىگەننى ئىپادىلەپ،قۇلۇم بىلەن ئېغىزىمنى بىر با رمىغىم بىلەن ھىما قىپ ئىشارەت قىلدىم ، بىر بالاقول كۆتەردىمۇ قانداق ؟ مۇئەللىم ! : << ئەتەي >> دىگەن سۆزنىڭمەنىسىنى زادىلا تاپالمىدۇق . ھىچقايسىمىز بىلمەيمىز مۇئەللىم !
بىزمۇ قاپاق باش بۇپكەتتۇق ، سىلە دەپلا ۋەتسىلە بىزمۇ جاۋابىنى تاپالمىغىلى بىرنەچچە كۈن بولدى ، بىلەلمەيۋاتىمىز >> دىدى .
بەلكىم مۇئەللىم ئۈزى قاپاقۋاش بولسا كېرەك ، بۇسوئالغا جاۋاپ بىرەلمەي تۇرغانداسائەت توشقانلىق قوڭغۇراق چېلىنىپ كەتتى .
مەن سىلەرگە ماتىريال كۈرۈپ ئاندىن دەپ بىرەي ، كىيىنكى ئۈتۈلۈدىغان تېكىستنى  ئوقۇپ كىلىڭلار دىدى ــ دە ، ئارامغا چىقىپ كەتتى .
مەكتەپتە مۇشۇنداق بىلىمى يوق ،قاپاقۋاش مۇئەللىمنىڭ دەردىدە ،مەكتەپتەئوقۇمايمەن  دەپ،  چىقىپ  كەتكەنلەرمۇ، مانا شۇنداق ساپاسىزلارنىڭ قۇلىدا ۋەيران بۇپتۇ ــ دە ، ...


ئىچىم  تېخىمۇ ئاچچىق بۇلۇپ كەتتى ، ئەينى يىللاردا ئۆز ئەۋلادلىرىنى ، تۇققانلىرىنى  ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرالمىسا ، مەكتەپنى تۆۋەن چاغلاپ ، ھىچ بولمىسا مەكتەپتە بولسىمۇئىشلىسە ! دەپ ،ھۇقۇقى بارلار قارا قوللىرىنى مەكتەپكىچە سۇنغان، شەخسىيەتچى ،ئۈزىنىلا ئويلايدىغان ، خەلق مەنپەتىنى قىلچىمۇ ئويلىمايدىغان ، ئەۋلادلارنىڭ  كەلگۈسى ئىستىقپالىنى ئازىراقمۇ ئويلىيالمايدىغان مەسئولىيەتسىز كاللىسى ئاددى  كاتىۋاشلىرىمىزنىڭ مائارىپقا ، ئەۋلادلىرىمىزغا كەلتۈرۈپ بەرگەن ئاپىتى
دىيىشكە بۇلىدۇ . ئۈچىنچى سىنىپىنى چالا ئوقۇغان ، ھۇقۇقىدىن پايدىلىنىپ ،&&&نى
مەكتەپكە ئەكىرۋالغان دىسە مەن زادىلا ئىشەنمىگەنتىم . بىز بارلىق سىنىپلارغاكىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈڭۈل سۆزىنى كەڭ ــ كۇشادە ئېيتىۋىلىش پۇرسىتى بەردۇق .
بەزى بالىلار ئاشكارلىسا ، بەزەنلرى يېپ تۇۋاقلاپ تۇردى ، بەزەنلىرى ئايرىمسۆزلەشتى، ئاخىرىدا ئاشۇ مۇئەللىمدىن ھەركۈنى سەت گەپ ئاڭلايدىغان بالىدىن ئايرىمسورىغاندا ، باشقا بالىلارمۇ ھاقارەتلەنگەن بالىنىڭ مۇئەللىمدىن كۈندە سەت تىلھاقارەت ،تىل ئاڭلايدىغانلىغىنى ئېيتقان ، شۇڭا دادىسىمۇ بۇئىشتىن خەۋەر تاپقاچقا،چوڭ تاھا رىتىنى سۇلىياۋ خالتىغا ئېلىپ بېرىپ دۈشەنبە ئەتىگەن ناماز ۋاقتىدىنكىيىن ھىچكىم كۆرمەستە
ئوقۇتقۇچىلار سۇ ئىچىدىغان قۇدۇققا چوڭ تاھارەتنى تاشلىغان ، ھېلىقى سەت گەپلەرنىمۇشۇ بىرلا ئادەم يازغانلىغى ئېنىقلاندى . ئوقۇتقۇچىنى تەكشۈرگەندىمۇ ، بالىلا ر نىڭ  ئېيتىشىچىمۇ ھېلىقى قىزنى،مۇئەللىم   كۈندە دەرس ۋاقتىدا شۇنداق سەت تىللار بىلەن تىللايدىغانلىغى راست  بۇلۇپ چىقتى ، ھەمدە ئاشۇ بالىنىڭ ئاتا ـ ئانىسى بالىسىنى تىللاپ ھاقارەتلىگەن  ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇمىغانلىغىنى ، ئۈچىنچى سىنىپنىمۇ تۇلۇق ئوقۇماي چىكەتكەن  ساۋاغدىشى ئىكەنلىگىنى ، شۇڭا بالىسى مۇئەللىمنىڭ دەرسنى چۈشەنمىگەنلىگىنى ئېيتقان  ئىكەن.
شۇڭا  ئاشۇ بىر سىنىپ باللىرىنىڭ ھەممىسى ،بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئىكەن . مۇئەللىمنىڭ  سىرىنى ئاشۇ تىل ئاڭلىغان بالا ، بىر سىنىپتىكى بارلىق بالىلارغا ئېيتىپ  قويغانلىغى ئۈچۈن ،ھەركۈنى سەت گەپ بىلەن تىللاپ ئۆچ ئالغانلىغى ، ئۇنىڭغا ئاتا ــ ئانىسىنىمۇ قۇشۇپ تىللايدىغانلىغى ئاخرى ئايدىڭلىشىپ &&& نى قاتتىقتەنقىت ـ تەربىيە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىپ
سىنىپ مەسئوللىغىدىن ئېلىپ تاشلاندى ، ھېلىقى ئازار يىگەن ئوقۇغۇچىنىمۇ باشقاپاراللىل سىنىپقا يۆتكەپ تىنىچلاندۇرۇلدى . ھېلىقى مەدەنىيەتسىز ، ساپاسىز  ئوقۇتقۇچىنى دەرۋازىۋەن قىلىپ قۇيۇلدى ، ھېلىقى بالىنىڭ ئاتىسىغىمۇ   تەنقىت تەربىيەۋە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىلدى .
شۇڭا ئوقۇغۇچى قاپاقۋاش ئەمەس ، ئوقۇتقۇچى قاپاقۋاش دەيمەن ئەمەسمۇ ؟ ئوقۇتقۇچىدايىتەرلىك بىلىم بولمىسا ،ساپاسى تۆۋەن بولسا ، ئىلمى بولمىسا ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداقمۇئىناۋىتى بولسۇن ! ئوقۇتقۇچىدا چۇقۇم يىتەرلىك بىلىم بۇلىشى لازىم . يەنە بىلىم  بۇلۇپلا قالماي ئەخلاق جەھەتلەردە ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىغا ئۈلگە بۇلىشى : <<ئوقۇتقۇچى ھەممىنى بىلىدۇ ، ئوقۇتقۇچىدا ھىچقانداق نوقسان يوق >> دىگەن ،ئىشەنچىنى تۇرغۇزا لىغاندا ، ئاندىن بالىلار ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەيدۇ . ئىشىنىدۇ ،ئۇستازىدىن ئەيمىنىشنى بىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى سىرتقى گۈزەللىگىنى نامايەن قىلماي ، ئىچكى  گۈزەللىك بىلىم ،ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشى لازىم ، : << كىيىم بىلەن بوياغىچە تېشىڭنى ،بىلىم بىلەن بوياغىن ئىچىڭنى >>. << تېشى پال ـ پال ، ئىچى غال ــ غال>> .<< قۇرۇق تۈڭ كولدۇرلايدۇ >> بۇنىڭ ھەممىسى دانارا ئېيتقان  سۆزلەر ، مانا مۇشۇ نداق بىلىمى يوق ئوقۇتقۇچىلار ، بىلىملىك ، قابىلىيەتلىك  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈزنى تۈكۈدۇ . بىزنىڭ مائارىپ فا ڭجىنىمىز : <<تەربىيلەنگۈچىلەرنى ئەخلاقى ـ ئەقلى ۋە جىسمانى جەھەتلەردىن ئۆستۈرۈرۈپ ،سوتسىىيالىستىك ئاڭغا ئىگە مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچىلەر دىن قىلپ ،چىقىشتىن ئىبارەت>> دىىگەن سىياسەت فاڭجىننى ،يولداش ماۋزېدوڭ ئوتتۇرغا قويغان . بۇ ئىش بۇرۇنقى سىياسەت بولسىمۇ ، ھازىرقى مەدەنى ـ مائارىپ ئىشلىرىدا چوڭ رول ئوينايدۇ .مائارىپ ئىشلىرىمىزنى ماۋزېدۇڭ ئېيتقاندەك ئېلىپ بارساق، ئاندىن مائارىپنى  زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ، كەلگۈسىگە ، ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرەلەيمىز ، ھېلقدەك ساپاسىزلىقنى  يوقاتمىساق ،بالىلارنىڭ كەگۈسى ئىستىقپالى يوققا چىقىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار كەڭئاممىنىڭ ئشەنچىسىگە ئىرىشەلمەيدۇ . خەلق ئاممىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆمرىنى بىھۇدەئۈتۈشىگە سەۋەپچى بۇلىدۇ . بۇ نداقلاردىن تەربىيلەنگەن ئەۋلادلار بىر ئۆمۈرئۇستازىدىن نەپىرەتلىندۇ . ئېشۇ ساپاسىز ئوقۇتقۇچىسدىن بىر ئۆمۈر قاخشاپ ئۈتۈدۇ .
كۆپۈنچە ئاتا ـــ ئانىلار ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلىگەن بولسىمۇ ، بىلىم سەۋيەسى سەللايا  خشىراق، ئاتا ــ ئانىلار يۇقارقىدەك ئاددى سۆزنىڭ مەنىسىنىمۇ يىشەلمىگەن  ،ئوقۇتقۇچىدىن رازى بولمايدۇ . ئوقۇتقۇچىنى كۆزگە ئىلمايدۇ ،ئۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئەھۋالى  ئامما ئارسىدا، قىزىق نوقتىغا سۆزــ چۆچەككە ئايلىنىپ قالىدۇ ،شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار نىڭ بىلىم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە،مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى زۈرۈر. خالاس
2014 . 3 ــ ئاينىڭ 24 ــ كۈنى ـ كورلا
كورلا شەھەر يېڭىشەر مەركىزى مەكتەپ


"مىسىرانىم مۇكاپاتلىق سەھىپىسى "گە يوللانغان ئەسەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-2 11:49 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-6 01:33 AM):
بەزى خەتلەر زەنجىردەك ئۇلۇنۇپ كىتىپتۇ،تۈزەشكە بۇلامدۇ؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-6 01:35 AM):
ئىملانى تۈزۈسەم بۇلامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109491
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2014-8-26
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 04:55:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى مۇقۇملاشتۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3873
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 01:15:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققەتەن ياخشى يىزىپسىز بەزى گەپلەرنى نەق جايىغا تەككۈزۈپسىز مۇكاپاتقا ئىرششىڭزنى ئۈمۈد قىلمەن

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7460
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2014-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 05:09:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرغۇ بولىدىكەن،لېكىن ئوقۇتقۇچىدەكرەك يازماپسىز.ئىملا مەسىلىسىمۇ ئا ز ئەمەس.مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭزگە تىلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110190
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2014-9-25
ئاخىرقى: 2014-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 10:48:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملاغا دىققەت قىلىڭ قېرىندىشىم؛لىكىن ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ،رەخمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31474
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 09:52:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا ئوقۇغۇچى قاپاقۋاش ئەمەس ، ئوقۇتقۇچى قاپاقۋاش دەيمەن ئەمەسمۇ ؟ ئوقۇتقۇچىدايىتەرلىك بىلىم بولمىسا ،ساپاسى تۆۋەن بولسا ، ئىلمى بولمىسا ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداقمۇئىناۋىتى بولسۇن ! ئوقۇتقۇچىدا چۇقۇم يىتەرلىك بىلىم بۇلىشى لازىم .

قوي سويسا ئۆز ئەھلى قاسساپ ياخشىراق،ھەر ئىشتا ھىساپ بىل ئىنساپ ياخشىراق.
يېقىنقى تىللاردىن بۇيان مائارىپقا غەيرى سىفەندىن كۆپلەپ ئوقۇتقۇچى قۇبۇل قىلىنىپ كەتتى.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش