ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ! يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! كەمىنە سىرداش تېۋىپ تۆۋەندە
ئانانىزىم بىمارلىرىدا ئورتاق كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى ئەرلىك ئەزا يىگىلەش مەسىلىسىگە ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇر تېبابەت ۋە باشقا تىبابەتلەرنىڭ ماي دورىلىرى توغرىسىدا قىسقىغىنە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن !!!
ئانانىزىم بىمارلىرىنىڭ تۇنۇشىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ بىر نەرسىگە قارىغۇلارچە چوقۇنىدىغان يەنى مۇشۇ ئەرلىك ئەزادىكى يىگىلەش(كىچىكلەش) مەسىللىرىگە پەقەت ماي بىلەن مايلىساقلا بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدىغان خاتا قاراشلارمۇ كىشىنى ئەجەپلەندۈرمەي تۇرالمايدۇ !!!ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا قارىتا ئىشلىتىدىغان ماي دورىلارنىڭ قىممەتلىكى تېخى ...........
مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ بىمارلارنى بىر نەرسە بىلمەمدىكىن دىسە بىلىدىغاندەكلا تۇرىدۇ يەنە بىر تەرەپتىن قارىسا ئانانىزىمنىڭ ئەگەشمە ئاسارەتلىرىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ يەنىلا دوگما ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ سەزمەيلا قالىدۇ!!!
ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز دېھقان ئەۋلادى ، بىر تۈپ مايسىغا يىلتىزىدىن ئۇزۇق بەرمەي پەقەتلا سىرتىدىن ئۇغۇت، ئۇزۇقلۇق خارەكتىردىكى ماددىلارنى پۈركۈپ بېقىڭ، سىزچە قانداق بۇلار ؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!!! بۇنى ئويلاپمۇ باقتىڭىزمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ مايسا ئازراقلا تاشقى جەھەتتىن تەسەللىگە ئېرىشكىنى بىلەن يەنىلا ئاجىز مايسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، يەنى دىمەكچى بولغىنىم سىز ماي ئىشلىتىپ ئەرلىك ئەزانىڭ يىگىلەش مەسىللىرىدىن قۇتۇلدۇم دەپ ئويلايسىز يۇ لېكىن ئۇزاققا قالماي يەنە شۇ ئەزانىڭ كىچىكلەپ ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز! (بۇ ماڭا مۇشۇ خىل بىمارلارنىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتقان سۆزلىرى ) ......
يەنى ئاشۇ ماي خارەكتىرلىك نەرسىلەرنى سىرتقى قىسىمدىنلا ئىشلىتىپ ، يەيدىغانغا دورا قىلماي تۇرۇپ سىز ئەرلىك ئەزا يىگىلەش(كىچىكلەش) كېسىلىدىن قۇتۇلالىدىڭىزمۇ؟ مانا بۇ مەسىلىنى تولۇق بىر ئويلاپ باقسىڭىزلا نۇرغۇن پۇللارنى سەرىپ قىلىپ ماي قوغلىشىپ، ماينىڭ پەقەت يۈزەكى ھالەتتىكى بىر داۋالاش شەكلى ئىكەنلىكىنى، يىگىلەش مەسىللىرىگە قارىتا يەيدىغان يەنى يىلتىزىدىن بارىدىغان دورىلار بىلەن بىللە سىرتىدىن مايلايدىغان دورىلارنى بىللە ئىشلەتكەندە ئاندىن ئانانىزىم ئاسارەتلىرىدىكى يىگىلەش مەسىللىرىنىڭ توغرا داۋالاش ئۇسۇلىغا ئىرىشكەنلىكىنى چۈشىنىپ مۇشۇ توغرىسىدا سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىزغا ئاز-تۇلا پايدىسى بولۇپ قالسا، مىڭ بىر جاپادا تاپقان تەرگىنىڭىز ئەرزىمەس نەرسىلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشكە قارىتا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن چۈشەنچىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلالىسىڭىز، يۇقارقى ئەمەلىي تەجىرىبەمگە قارىتا ماڭا ئاز تولا دۇئا قىلىپ قويالىسىڭىز كەمىنە سىرداش تېۋىپ بەخىتلىكمەن !!!
ئالدىراشلىقىم تۈپەيلى يازغان خەتلىرىم قولاشماي قالغان بولسا ئەپۇ قىلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!!!
مەنبە : ئەلداۋا ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى سىرداش تېۋىپ www.aldawa.cn