مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3577|ئىنكاس: 19

تاكسى تالاشقان تىلەمچى ( ھىكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110231
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 10:07:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نەچچە كۈن مىجەزىم بولمىغاچ ئۆيدىن تالاغا چىقماي ياتق ئىدىم ،چىش ئاغرىقى دىگە غەلىتە بولىدىكەن ،ئادەمغۇ ئۆلمەيدىكەن لىكىن ئاغرىقىغ چدىماق بەكلا تەس ئىكەن ،21گە كىرەي دىگەندە ئاران چىقتى بۇ ئەقىل چىشمۇ ،ئاغرىقىنى بولدى سورىماڭ ،بىر مەڭزىم ،تىلىم ،كۆزۈم قۇلىقىمدىن قوشولوپ دەھشەت ئاغرىيدۇ ،بەزىدە ئۆلۈپ قالارمەنمۇ دەيمەن،«چىش ئاغرىقىدا ئۆلۈپ قاپتۇ »دىسە نىمىدىگەن سەت ھە ؟؟«ئەقىل چىش چىقىپ ئۆلۈپتۇ »دىسە تىخىمۇ سەت ئەمەسمۇ دەپمۇ ئويلايمەن ،كىچىدە ئۇخلىيالماي ئۇياققا ماڭىمەن ،بۇياققا ماڭىمەن ، بىردەم كىنو كۆرۈپ باقىمەن ،بىردەم چ چ ئىچىپ باقىمەن ،يا گەپ قىلالمايمەن ،يا نان يىيەلمەيمەن، ئىككى كۈن بىرنىمە يىمەي ،ئاز قالدىم رەھمەتلىك بولوپ كەتكىنى .



       ئەتىگەن ئۆي تازلاپ بولوپ سىرىتقا قارىسام شۇنداق چىرايلىق قار يىغىۋىتىپتۇ ،ۋاھ.... قارنى كۆرۈپ گۈل قەقەلىرىم ئىچىلىپ كەتتى ،كىيىملىرىمنى كىيىپ ياسىنىپ تارىنىپ قار سەيلىسىگە ماڭدىم ، بەخىت ئولتۇراق رايونى دىگەن تاغ تۇرادىن ئىككى سەكرەپلا چوڭ كۆۋرۈك بازىرىغا باردىم .ئاسمانغا- قاسقانغا قاراپ مىڭىپ يەرئاستى بازىرىغا كىرىپ ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ماڭدىم، چىقىش ئىغىزىغا كەلگەندە بىر «تېلەمچى» ئايالغا دىققىتىم قوزغالدى ،سوغۇقتا بىر يىڭىنى تۈرۈپ قويغان بۇ ئايال يىغا ئارلاش ئاۋازدا بىر نىمىلەرنى دەپ پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشكەن ئادەملەرنىڭ ئالدىغا قولىنى سوزىماقتا ئىدى ، ئۇنىڭ سول قولى نورمال كىشىلەرنىڭكىدەك بولمىغاچ ئىچىم ئاغرىپ قالدى ،يانچۇغۇمغا قولومنى سالسام ئون يۈەن چىقتى ، مەرتلىك بىلەن بىرىۋەتتىم، ئۇياق بۇياققا ئايلىنىپ زەپەر يان تېلىفۇن مەيدانىغا  كىلىپ قالدىم ، يان تېلفۇنىمغا زەرەتلىگۈچ ئېلىۋالاي دەپ ئۇيەرگە كىردىم ،ئەمدى كىرىشىمگە ئالدىمغا بىر ئەما بۇۋاي ئۇچرىدى ،بۇۋاينىڭ تۇرىقى شۇنداق بىچارە ئىدى ،ئالدىدا 9~10 ياشلاردىكى ئوماق بىر قىز ،بىھوش ياتاتتى ، قاراپ ئىچىم سېرىلدى .نەچچە كۈندىن بۇيان تولا قارا بىسىپ ئاپامغا دىسەم تىلەمچىلەرگە سەدىقە بىرىۋەت دىگەن ئىدى ،بەلكىم بۇمۇ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇر دەپ ئۇلارغا يەنە ئون يۈەن بىرىپ ماڭدىم .  

      ھەي....!~  قارنىڭ خوشاللىقىدا چىشىمنىڭمۇ ئاغرىقى ئۇنتۇلغان ئىدى . سىرىتتا بىر ئاز ئايلىنىپ قوشنىلىرىمنىڭ دۇككىنىغا كەلدىم ،ئەتىگەنلا  بىللە قايتىشقا دىيىشىپ قويغان ئىدوق ، ئۆيگە گۆش ،كۆكتاتلارنى ئىلىپ كوچا ئاپتوبوسى بىكىتىدە ئاپتوبوس ساقلاپ تۇردۇق،بۈگۈنكىدەك تولا ئادەمنى كۆرمىگەن ئىدىم ،كەلگەن كوچا ئاپتوبوسىدىكى ئادەملەر دەرىزە ئاينەكلىرىگە چاپلىشىپ دىگۈدەك مىڭىشىپتۇ ....  

__ بولدىلا ئاچا ،تاكسى تورايلى ._دىدىم مەن چىداپ بولالماي .
ئۇلارمۇ ماقول بولوشوپ ماشىنا توراپ كەتتۇق ، بۇ تاكسىلارمۇ ھىچ توختاي دىمەيدۇ ، ئۆيگە ئالدىراپ يىرىم سائەتتى ئارتۇق ۋاقتىمىز تاكسى توسوش بىلەن ئۆتتى ،بىر چاغدا بىر ئايالنىڭ« ھەي تاكسى...~ ھەي تاكسى ...~»دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ، كەينىمگە قانداق قارىغىنىمنى بىلمەيمەن ،داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالدىم ، بۈگۈن ماڭا ئۇچرىغان ئايال تىلەمچى بىلەن ،ھىلىقى ئەر تىلەمچى ۋە ھىلىقى ھوشسىز ياتقان قىزنى كۆرۈپ ئاز قالدىم كەينىمگە تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ كەتكىنى ، قولىدا مىۋە -چىۋە ، يەنە قارىسام توخو كاۋىپىدەك تۇرىدۇ ،شۇنداق نەرسىلەرنى كۆتۈرگەن ئايالنىڭ  ھىلىقى قولى بىر ئوبدانلا تۇراتتى ، ھىلىقى ئەما ئەر بولسا توختىماي ئاۋۇ ماشىنىنى توسا! ماۋۇ ماشىنىنى توسا دەپ تۇراتتى ، يۇمۇلغان كۆزلەر ئوچوق ، توۋا ھىلىقى بىھوش ياتقان قىزمۇ بىر ئوبدانلا مىڭىپ تۇرىدۇ ،يەنە تىخى توختىماي ،دادىسىغا بىرنىمىلەرنى دەۋاتاتتى ... بۇلارغا قاراپ نىما قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرساق ئاچام توسىغان تاكسى ئالدىمىزدا توختىدى ، تاكسى توختىشىغا بۇ «تېلەمچى » ئىتىلىپ كىلىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىگە ئىسىلدى ، ھەممىمىزنىڭ كېلىشى تەڭ بولوپ قالدى ،ھىلىقى ئايال بىر ئوبدانلا ،بىز توسىغان تاكسى تۇرسا  سىلەر چىقامتىڭلار دەپ كاسىلداپلا كەتتى ، ياقامنى تۇتۇپلا قالدىم ،بايام گەپمۇ قىلالمايۋاتقان بۇ «تېلەمچى» ئايال ئەمدى ئەجەپ ئوچوق پاراڭ قىلىۋاتىدۇ دىسە ...  
راست گەپنى قىلسام بەك ئاچچىقىم كەلدى ،مۇشۇنداق بىچارە ھالەتكە كىرىۋېلىپ ،كىشىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىدىن پايدىلىنىپ جان بىقىۋاتقان بۇ «تىلەمچىلەر» كۆزۈمگە باشقىچىلا كۆرۈندى ،ھۆرمەت دىگەننى قايرىپلا ،ھازازۇل تىرەمنى كىيدىمدە مەنمۇ چالۋاقىدىم.




    __ ھويىت ! ئاچا ... بىزگە توختىغىنى ئىنىق بۇ ماشىنىنىڭ ،ئىشەنمىسىلە شوپوردىن سورايلى كىمگە توختىدىكىن دەپ شوپۇرنى شەرەت قىلدىم .  
     ئاكا !~كىمگە توختىدىڭىز بى دەڭە ، يەنە ئۇقۇشماسلىق بولوپ باشقىلارنىڭ قاغىشىغا كەتمەيلى دىگەچ ھىلىقى «تېلەمچى» ئايالغا چەكچەيدىم .



   __ تىزراق ماشىنىغا چىقىڭلار ئۇكام ، ساقچىلار كىلىپ قالمىسۇن : دىۋىدى ،سەت خۇشال بولوپ كەتتىم .  
  __ئاچا تىز چىقىڭلا ، تىز بىرىپ تاماق ئەتمىسەك بالىلارنىڭ قورسقى ئىچىپ كىتىدۇ ، ماۋۇ ئاپپايلارغا ئوخشاش توخو كاۋىپى ئېلىۋدلمدپتۇق يا ...!   
دەپلا ماشىنىغا چىقتىم  دە ...ئىشىكنى گۇپپىدە قىلىپ يىپىپ «بەخىت گۈللىكى »گە ھەيدەڭ ... دەپلا ھىلىقى «تېلەمچى»لەرنىڭ ئالدىدىن ۋىژژىدە ئۆتۈپ كەتتۇق ...


    توۋا دەيمەن ،بۇ زاماننىڭ «تىلەمچى»لىرىگە ھەقىقەتەن گەپ توغرا كەلمەيدىكەن ، قايسى كۈنىلا «كومىدېيە» دىگەن ئىتوتتا ھىلىقى «تېلەمچى »نىڭ «بۈگۈن بالدۇرراق ئىشتىن چۈشەي » دەپ ئەسكى چاپاننى سالغىنىغا كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم بۈگۈن بۇ ئىشقا يولوققىنىمغا ھەيرانمەن ...  
ئەزەلدىن «تېلەمچى»لەرگە ئىچ ئاغرىتىدىغان مەن ،بۈگۈنكى ئىشنى قانداق قوبول قىلىشنى بىلەلمەيلا قالدىم ،توۋا دەي ...!   
     اللا ئىگەم ھەر كىشىنىڭ ئىنسابىنى بىرىپ ،ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھالاللاپ جان بىقىشقا دالالەت قىلغاي .





ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ahter + 300

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

gamkin

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86694
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 10:58:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىلى تۇرمۇشتا راستنلا مۇشۇنداق تىلەمچىلەر بەك كۆپ، بىر قېتىم پاھىشەخانىغا ھاسا تاياق بىلەن كىرىپ كەتكەن تىلەمچىنى كۆرگەنمەن.
ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، بىلتاپ تورىغا ئۇلىنىش ئادرىسىنى قوشۇپ قويارسىز. www.biltap.com

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 11:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنڭ مەنبەسىمۇ ئەسكەرتىلمەپتۇ،باشقۇرغۇچىمۇ تەستىقلاۋېرىپتۇ.....


بۇ تېمىنىمۇ ئۆتكەندە ئىپتىخار مۇنبىرىدە ئوقۇغان ئىدىم.....


مانا بۇ ئادرېسى....


http://www.hatirem.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=1985

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1640
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1900 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 11:13:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  كونىلار   « كۆرگەندىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ،  كۆرمىگەنى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ »  دەپ  بەك توغرا دەپتىكەن   .         ھەقىقەتەن ئامالسىزلىقتىن تىلەمچىلىك قىلىپ جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقانلارمۇ    ،    شۇلارنىڭ قاتارىغا كىرىپ  قوي تىرىسىگە ئورۇنۋالغانلارمۇ    كۈر مىڭ   .   قارىسا  ساپساقلام تۇرغان   ،    ئۆزىنى ئۇنداق خار قىلغۇچە ،  ھالال ئىشلەپ پۇل تېپىپ كۈچىنى خار قىلسا بولمامدۇ   ؟           بىر كۈنلەردە،  ئۇنداقلار خەلىقنى ئالدىمايدۇ  ئۆزىنى ئالدايدۇ خالاس .  

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4333
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 11:15:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 11:09 PM
بۇ تېمىنڭ مەنبەسىمۇ ئەسكەرتىلمەپتۇ،باشقۇرغۇچىمۇ تەست ...

ھەي..... بۇ قانداق ئىش ‹‹دەز كەتكەن يۈرۈك›› نىڭمۇ ئاپتۇرى مۇشۇ تورداشمىدۇ؟  ئەمدى بۇ ھېكايىنىڭچۇ؟

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102167
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 11:29:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۇرتتىمۇ تىلەمچىلەر بەك كۆپ ، پۇل تېپىش ئۈچۈن كىچىك باللارنىڭ يۈز كۆزلىرىگە سەت نەرسىلەرنى سۇۋاپ ، ساق پىشانىلىرىنى تېڭىپ ، يالغاندىن تۇكا بولۋېلىپ يۈرۈپ كېتىشلىرى
توۋا دەپ كېتىمەن   …

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 11:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvlbargi0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 11:15 PM
ھەي..... بۇ قانداق ئىش ‹‹دەز كەتكەن يۈرۈك›› نىڭمۇ ئا ...

تېما ئىگىسى جاۋاب بەرسە بولاتتى بۇ سوئاللارغا....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 494
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 12:22:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانىڭغا ئوخشاش مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار تەستىقلىنىدىكەن....

مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن تېمىلار غايىپ بوپ كېتىدىكەن....

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2319
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3127 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 12:59:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزەلدىن «تېلەمچى»لەرگە ئىچ ئاغرىتىدىغان مەن ،بۈگۈنكى ئىشنى قانداق قوبول قىلىشنى بىلەلمەيلا قالدىم ،توۋا دەي ...!   
     اللا ئىگەم ھەر كىشىنىڭ ئىنسابىنى بىرىپ ،ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھالاللاپ جان بىقىشقا دالالەت قىلغاي .
ئاپتۇرى؛دىلفۇناز

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1405
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1012 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 01:21:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلەمچىلەرنىڭ ئارسىدىمۇ ھەققىي قىيىن ئەھۋالدا قالغانلار بار ئەمما راست يالغان ئارلىشىپ كەتكەن بۇ جاھاندا قايسى ئىھتىياجىلق قايسى سۇنئىي بىلگىنى بولمايدۇ.
مەنچە ھەققىي ئىھتىياجلىقى ئاز ساندا.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش