مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5249|ئىنكاس: 29

ئىبراھىم تاغا ۋە7ياشلىق يەھۇدى بالا جادنىڭ ھېكايىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باھار ھامان ئىللىق!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77760
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4334
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2012-3-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 01:27:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبراھىم تاغا ۋەيەھۇدى جادنىڭ ھېكايىسى  (ھەقىقى ۋەقەلىك)
باشلىنىش
بۇنىڭدىن ئەللىك  يىللارمۇقەددەم ، يەنى 1957- يىللىرى فرانسىيەنىڭ مەلۇم بىر  شەھرىدە يېشى ئەللىكلەردىن  ھالقىغان ، ئىبراھىم ئىسىملىك تۈركىيەلىك كىشى يىمەكلىك دۇكىنى ئاچاتتى ، بۇ دۇكان ئورۇنلاشقان بىنانىڭ مەلۇم قەۋىتىدە بىريەھۇدى ئائىلىسى بولۇپ ئۇلارنىڭ جاد ئىسىملىك يەتتە ياشقا كىرگەن بىر ئوغلى بارئىدى.
  بۇ يەھۇدى بالا كۈندە ئىبراھىم تاغىنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجلىقلىرىنى سېتىۋېلىشقا كۆنۈپ قالغان ئىدى . ئۇ ... ھەرقېتىم نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىپ دۇكاندىن چىققۇچە ئىبراھىم تاغىنىڭ دىققەتسىزلىگىدىن پايدىلىنىپ بىرپارچە شاكىلات ئوغۇرلىۋالاتتى . قايسىدۇر بىر كۈنى ، جاد دۇكان ئىشىگىدىن چىققۇچەئالدىراشلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر ، شاكىلات ئوغۇرلاشنى ئۇنتۇپ قالدى ،
  ‹شاكىلات  ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ ... › كەينىدىن ئىبراھىم تاغىنىڭ بۇ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغانداجادنىڭ بەدىنىگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى ، يۈزى خىجىللىقتىن شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى ، چۈنكى ئۇ ھەرقېتىم شاكىلات ئوغۇرلىغىنىدىن ئىبراھىم تاغا بىخەۋەر دەپ ئويلايتتى .
  ئۇخىجىللىقتىن كېكەچلەپ تۇرۇپ ئىبراھىم تاغىدىن ئەمدى ئىككىنچىلەپ ھەرگىز شاكىلات ئوغۇرلىمايدىغانغا ۋەدە بېرىپ ئۆتۈنۈشكە باشلىدى ،
‹كەچۈرۈم سورىما بولدى ، پەقەت ماڭا ئەمدى ھاياتىڭدا ھەرگىز بىرنەرسە ئوغۇرلىماسلىققا ۋەدە بەرگىن ، كۈندە دۇكاندىن چىققۇچەبىر پارچە شاكىلات ئال ، ئۇ سېنىڭ  ›دىدى ئىبراھىم تاغا . جاد خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى .
يىللار ئۆتۈۋاتاتتى ، تۈرك بوۋاي ئىبراھىم  يەھۇدى بالا جادقا ئاتا ، دوست ۋە ئانا ئورنىدا بولۇپ قالغان ئىدى : ھەر قېتىم جاد مەلۇم ئىشتىن  ئىچى سىقىلغاندا ياكى بىرەر مۈشكۈلاتقا يولۇققاندا ئىبراھىم تاغىنىڭ قېشىغا كېلەتتى ۋەئۇنىڭغا ئۇچرىغان مۈشكۈلاتلىرىنى شىكايەت قىلىپ بېرەتتى ، ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلاشقاندا ئىبراھىم تاغا دۇكاندىكى شىرەنىڭ تارتمىسىدىن بىر كىتاپنى چىقىراتتىدە ئۇنىڭغا ئازراق ئوقۇپ بېرەتتى ، بۇنىڭ بىلەن جادنىڭ كاللىسىدىكى غەم-غۇسىسى ھەل بولاتتى  ۋە دۇكاندىن يېنىك ۋە خوشال ھالدائايرىلاتتى .  

....يىللار  يەھۇدى بالا جاد ۋە  مەخسۇس تەربىيە كۆرمىگەن تۈركىيەلىك مۇسۇلمان ئىبراھىم تاغا ئوتتۇرىسىدا مۇشۇ تەرىقىسىدە ئۆتتى . 17 يىلدىن كېيىن جاد 24ياشلىق بىر كېلىشكەن يىگىت بولۇپ قالدى ، ئىبراھىم تاغىمۇ 67 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى . ئىبراھىم تاغا ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا بالىلىرىغا جاد ھەر قېتىم دۇكانغاكىرگەندە كۆرىدىغان ھېلىقى كىتاپ سېلىنغان بىر ساندۇقنى تاپشۇردى ۋە ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ساندۇقتىكى كىتاپنى يەھۇدى ياش جادقا ھەدىيە قىلىشىنى ۋەسىيەت قىلدى.   

  پەرزەنتلىرى بۇ ساندۇقنى جادقا يەتكۈزگەن ۋاقىتتا ، جاد ئىبراھىم تاغىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلگەن ئىدى ۋە قەلبىدە بەكمۇ ئازاپلاندى ، چىرايىدا تەشۋىش ئالامەتلىرى بارغانچە كۈچىيىۋاتقاندەك ئىدى ، چۈنكى ئىبراھىم تاغا ئۇ ھەرقېتىم بىرەر مۈشكىلات ياكى غەم-غۇسسىگە گىرىپتار بولغاندا ئۇنى مېھرىبانلىق بىلەن داۋالاپ چىگىشلىرىنى يېشىپ بېرەتتى ئەمەسمۇ ؟!

كۈنلەر ئۆتتى ، شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە جاد يەنە بىرمۈشكۈلاتقا يولۇقتى ۋە ئىبراھىم تاغىنى ۋە ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى ساندۇقنى ئېسىگە ئالدى ، ئۇ ھېلىقى ساندۇقنى تېپىپ ئۇنى ئاچتىدە ھەرقېتىم ئىبراھىم تاغىنى زىيارەت قىلغاندا كۆرىدىغان ھېلىقى كىتاپنى بايقىدى . كىتاپنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى ۋاراقلاشقا باشلىدى ، لېكىن كىتاپ ئۇ چۈشەنمەيدىغان ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان ئىدى . ئۇ كىتاپنى ئېلىپ تۇنىسلىق ساۋاقدىشىنى تېپىپ ئۇنىڭدىن بىرنەچچە ۋاراقنى ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتۈندى ، ئۇ ئوقۇپ بەردى !
  ئۆزى يولۇققان مۈشكۈلاتنى تۇنىسلىق ساۋاقدىشىغا سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا چىگىشنى يېشىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوقۇپ بەردى .
  ئەجەپلىنىش ۋە ھەيرانلىق ئىلكىدە جاد ساۋاقدىشىدىن سورىدى :‹ بۇ نېمە كىتاپ ؟؟؟›
‹بۇ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى مۇبارەك قۇرئانى كەرىم بولىدۇ ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالانىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھى ۋەسەللەمگە چۈشۈرگەن كىتابى › دىدى ھېلىقى تۇنىسلىق .
جاد :‹ قانداق قىلغاندا مۇسۇلمان بولغىلى بولىدۇ ؟›
تۇنىسلىق :‹كەلىمە شاھادەتنى ئېيتساڭ ۋە شەرىيەتكەئەگەشسەڭ› .
جاد :‹ ئەشھەدۇ ئەللە ئىلاھە ئىللاللاھ ،مۇھەممەدەن رەسۇلىللاھ !‹ .

مۇسۇلمان جادۇللاھ

جاد مۇسۇلمان بولدى ۋە ئۆزىگە  `جادۇللاھ قۇرئانىي  ` دىگەن ئىسىمنى تاللىۋالدى ، ئۇ بۇئىسىمنى قەلبكە چوڭقۇر ئىز قالدۇرالايدىغان بۇ كىتاپنى چوڭ بىلىش ئۈچۈن تاللىۋالدى ۋە قالغان ئۆمرىدە بۇ كەرىملىك كىتاپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى قارار قىلدى.ئۇ قۇرئانى كەرىمنى ئۆگىنىشكە باشلىدى ، كېيىن  چۈشىنىدىغان بولدى ، ئۇ يەنە ياۋروپادا ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن كىشى مۇسۇلمان بولدى ، ياۋروپادا ئۇنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغان يەھۇدى  ۋە ناسارالارنىڭ سانى 6 مىڭدىن ئاشاتتى  ...

  بىركۈنى ئۇ كونا كىتاپلىرىنى رەتلەۋاتقاندا ئىبراھىم تاغا ھەدىيە قىلغان ھېلىقى كىتاپنى ئۇچراتتى ۋە ئۇنى ئاچتى ،  كىتاپنىڭ باش ۋارىقىدا بىر دۇنيا خەرىتىسىنى كۆردى ، خەرىتىدە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئۈستىگەئىبراھىم تاغىنىڭ ئىمزاسى بېسىلغان ۋە تېگىدە « رەببىىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت ۋەچىرايلىق ۋەزلەر بىلەن دەۋەت قىلغىن » دىگەن ئايەت يېزىلغان ئىدى . جاد بۇنىڭدىن بىر شەپىنى سەزگەندەك بولدى ۋە بۇ ئايەتنىڭ ئەمىلىيەتتە ئىبراھىم تاغىنىڭ ئۇنىڭغاقالدۇرغان ۋەسىيىتىدەك ھېس قىلدى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى ... ئۇ ياۋروپانى تەرك ئېتىپ كېنىيە ، جەنۇبى سۇدان ، ئۇگاندا ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە دەۋەت قىلىشقا باردى ۋە شۇ يەرلەردە 10 يىلدىن ئارتۇق تۇردى . ئۇنىڭ قولىدا پەقەت زۇلۇ قەبىلىسىدىنلا بولۇپ 6 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان مۇسۇلمان بولدى !

جادنىڭ ۋاپاتى

  جادۇللاھ قۇرئانىي ، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان بۇ ھەقىقى مۇسۇلمان 30 يىللىق ھاياتىنى ئىسلامدا ئۆتكۈزدى ۋە بارلىغى بىلەن ئاللاھ يولىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى، ئافرىقا ئورمانلىقلىرىدا مىليونلىغان كىشى ئۇنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولدى ، 2003يىلى جادۇللاھ ئافرىقىدا دەۋەت جەريانىدا يۇقتۇرىۋالغان يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى . ۋاپات بولغاندا ئۇ 55 ياشقا كىرگەن ئىدى .

ھېكايە تېخى ئاياقلاشمىدى

  ئۇنىڭ ئاپىسى ، مۇتەئەسىپ يەھۇدى مۇرىتى بولمىش ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە مائارىپچىسى ،دەۋەتچى ئوغلىنىڭ ۋاپاتىدىن ئىككى يىل كېيىن  2005-يىلى مۇسۇلمان بولدى ، بۇ چاغدا ئۇ 70 ياشقا كىرگەن ئىدى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئوغلى ئىسلامدىكى 30 يىل جەريانىدا ئوغلىنى بۇ دىندىن يەھۇدى دىنىغا  قايتۇرۇش ئۈچۈن توختاۋىسىز كۈرەش قىلغان ، ئۇ مائارىپشۇناسلىق تەجرىبىسى ۋە قۇدرىتىگە تايىنىپ  ھەتتامەخسۇس تەربىيە كۆرمىگەن ياشانغان مۇسۇلمان تۈركىيەلىك كىشى ئىبراھىم تاغا قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىپ قويغان ئوغلىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئىدى ! ئەمما  ئۇھەقىقەتەن توغرا دىن ئىدى ...

جادۇللاھ مۇنداق دەيدۇ :« ئىبراھىم تاغام 17يىلدىن بېرى بىرمۇ ئېغىز ` ۋوي كۇففار` ` ھوي يەھۇدى ` دەپ باقمىدى ، ھەتتا ماڭا  بىرمۇ ئېغىز ئىسلامغا كىر دەپ باققان ئەمەس ئىدى ... » خىيال قىلىپ بېقىڭ ، 17يىلنىڭ مابەينىدە نە دىن توغۇرلۇق  نە ئىسلام توغۇرلۇق  نە يەھۇدىيلار توغۇرلۇق گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى ، ياشانغان ۋە مەخسۇس تەربىيە كۆرمىگەن بوۋاي قانداق قىلىپ بۇ ياشنىڭ قەلبىنى قۇرئانغا مايىل قىلىشنى بىلگەن ئىدى  .
  مەلۇم بىر ئۇچرىشىشتا بىر دەۋەتچى ئۇنىڭدىن مىليونلىغان كىشى  ئۇنىڭ دەۋىتىدە  ئىسلامغا  كىرگىنى توغۇرلۇق ھېس قىلغىنىنى سورىغاندا  ئۇ ھېچقانداق پەخرلىك ياكى پەزىلەتلىك ھېس قىلمىغان ھالدا « مەن پەقەت ئىبراھىم تاغامنىڭ گۈزەللىكىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇردۇم » دىگەن ئىدى .
  دوكتۇرسەفۋەت خەججازىي مۇنداق دەيدۇ ، ئۇ لوندوندىكى بىر يىغىندا دارفوردىكى مۇسۇلمانلارتېمىسىدا ۋە قانداق قىلىپ مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش، خىرىستىيانلاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ خەتىرىدىن قانداق ساقلاش  توغۇرلۇق ئىزدىنىۋاتقاندا دارفوردا تۇرىدىغان زۇلۇ قەبىلىسىدىن بولغان بىر قەبىلە شەيخى بىلەن كۆرۈشىدۇ ، سۆھبىتىدە ئۇ شەيختىن سورايدۇ :
‹جادۇللاھ قۇرئانىينى تونۇمسىز ؟›
  شەيخ تۇرۇپ كېتىپ دوكتۇر خەججازىيدىن سورايدۇ :
‹سىز تونۇمسىز ؟›
‹شۇنداق ، مەن ئۇنى تونۇيمەن ، ئۇشۋېتسارىيەدە داۋالىنىۋاتقاندا كۆرۈشكەن ئىدىم›.
شەيخ دوكتۇر خەججازىينىڭ قولىنى تارتىپ قىزغىنلىق بىلەن سۆيۈپ كەتتى ...
‹نىمە قىلغىنىڭىز ، مەن تېخى ئەرزىگۈدەك بىرئىش قىلمىسىام ؟ ...‹
‹مەن قولىڭىزغا سۆيگىنىم يوق ، پەقەت ئۇنىڭ قولى  بىلەن كۆرۈشكەن قولغا سۆيدۈم .‹
دوكتۇر خەججازىي سورايدۇ :« ئۇنىڭ قولىدا ئىسلامغاكىردىڭىزمۇ ؟ ‹
‹ياق ، بەلكى ئۇنىڭ قولىدا ئىسلامغا كىرگەن بىر كىشىنىڭ قولىدا كىردىم ...‹
  سۇبھاناللاھ! جادۇللاھنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ قولىدا يەنە قانچىلىغان كىشى ئىسلامغاكىرەر !؟ ئۇنىڭغا ئەجىرلەر بولغاي ، ئاللاھتىن كېيىن ئىسلامغا سەۋەپچى بولغۇچىلارغا ئەجىرلەر بولغاي ! ئاللاھ ئىبراھىم تاغىغا ۋە جادۇللاھ قۇرئانىيغارەھمەت قىلغاي !

  ئەگەرئىبراھىم تاغىنىڭ قەلبى قاتتىق كىشى بولسا ئىدى بۇ ياشنى مۇسۇلمان قىلىشتامەقسىدىگە يېتەلمەيتتى ،  ئەگەردەسلەپتىلا ئۇنىڭغا :« يوقال ئوغرى ، ۋۇ لەنەتتەككۇر يەھۇدى ! سىلەر مايمۇننىڭ ۋەچوشقىنىڭ نەۋرىلىرى ... ئوغۇرلۇق قىلىش سىلەرنىڭ ئەسلىڭلار ، يېرىمىزنى ئوغۇرلىدىڭلار، پۈتۈن يەردە ئوغۇرلۇق قىلىۋاتىسىلەر ، ھەتتا دۇكىنىممۇ سىلەردىن ئامان قالمامدۇ؟! » ۋە ياكى باشقا ئېھتىماللىغى بار ئىبارىلەرنى دىگەن بولسا قانداق بولاتتى ؟ ..لېكىن ئىبراھىم تاغا بۇ بالىنىڭ فاسادنىڭ قۇربانى ئىكەنلىگى ۋە دەۋەتنىڭ دائىرىسىدە تۇرغانلىق ھېكمىتىنى چۈشەندى .
  بۇھېكمەت بولسا جادنىڭ ئىسلامغا كىرىشىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى ئىدى ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ :«كىتاپنىڭ سىرى ئېچىلغاندىن كېيىن ئىسلامغا كىردىم ، چۈنكى ئىبراھىم تاغا بىرقېتىممۇ ماڭا ئىسلام توغۇرلۇق پاراڭ قىلمىغان ۋە  ئېغىزىداماڭا دەۋەت قىلغان ئەمەس ، ئۇ پەقەت پەزىلەتلىك ئەخلاقى بىلەن مېنى قايىل قىلدى ،ئۇ بىرەر قېتىممۇ مېنىڭ غۇرۇرۇمغا تەگكىنى يوق ۋە بىرەر قېتىممۇ مېنىڭ يەھۇدى دىنىدا ئىكەنلىگىمنى تىلغا ئالغىنى يوق ، ئۇ مۇشۇ تەرىقىدە 17 يىل سەبىر قىلدى ،زامانىمىزدىكىلەردىن مۇشۇنداق سەبىر قىلالايدىغانلار بارمۇ ؟ ئىبراھىم تاغا ئۆزىگەخاس ئالاھىدە ئادەم ، ۋە شۇنى بىلىپ يەتتىمكى ئۇ بىر قىممەتلىك كىشى ...

‹گويا دەرەخ بولغۇنكى باشقىلار ساڭا تاش ئاتقاندا سەن ئۇلارغا ئەڭ ئېسىل مىۋىلىرىڭدىن تاشلاپ بەر› .

(دوكتۇر سەفۋەت خەججازىينىڭ ئەسلىمە ماقالىسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى  2014- يىلى 9 - ئاينىڭ 24-كۈنى

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 03:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

亚伯拉罕先生
http://www.56.com/w35/play_album-aid-8827934_vid-NTc5NTMwMjk.html


كىنوسىمۇ بار ئىكەن........

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 03:14:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزدىنىشتا ئوقۇپ بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم.....


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 03:21:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 03:14 PM
ئىزدىنىشتا ئوقۇپ بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم.....

راست دەيسىز،ئىزدىنىشتىكى مۇنۇ تېما توغىرلىق يېزىلغان ئىنكاسلارنىمۇ ئوقۇپ قويسا بولغۇدەك

http://bbs.izdinix.com/thread-59988-1-1.html

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110088
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2014-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 03:28:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققەتەن ياخىشى تىمكەن !پايدلىنىش  ئەھىميىتى زور !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45858
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3238
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 03:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جوڭگودەك زىمىنى،نوپۇسى زىيادە كۆپ دۆلەتتە بىزنىڭ مەۋجۇد بۇلۇپ تورىشىمىزنىڭ ئۆزىدىمۇ بەلكىم بىر ھىككمەت بولۇشى مۇمكىن.

çok sevmek hataysa, ben büyü

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25578
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 03:37:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىمدە ساقلىۋالدىم

باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلغۇدەك ياشا!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 03:53:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنوسىدا قۇرئان كەرىمنى قولغا ئېپلا تۈگەپ قاپتىغۇ؟؟؟

ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104918
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1013
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 03:56:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بۇنداق ئېسىل سۈپەتلىك ئادەملەر بەك ئاز . ئۇشبۇ دەۋرىمىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى پەقەت يازمىلاردىلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئىنكاسىمنى نەقىل ئالماقچى بولغانلار نەقىل ئالماي ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەيسىلەر ، رەنجىمەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 04:44:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزدىل يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 03:56 PM
ھازىر بۇنداق ئېسىل سۈپەتلىك ئادەملەر بەك ئاز . ئۇشبۇ دە ...

سىزگە دېسەم قېرىندىشىم ھازىر بۇنداق ئېسىل سۈپەتلىك ئادەملەرنىڭ بەك ئاز بولىشىدىكى تۈپكى سەۋەپ شۇكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان،بەش ۋاق ناماز ئوقۇپ ،روزا رامىزان تۇتقانلىقى بىلەن پەخىرلىنىدىغان نۇرغۇن موللا بار..لېكىن ئۇلار مۇسۇلمانمۇ ياكى ئەمەسمۇ  بۇنى ئىگىسى بىلگۈچىىدۇر .
       بۇ ئىنكاسىمنى كۆرۈپ مېنى ھاقارەت قىلماقچى بولغانلامۇ مۇسۇلمانمۇ ياكى ئەمەسمۇ ئۆزى ئويلاپ باقسۇن.چۈنكى بىر مۇسۇلمان باشقىلارغا تىلى بىلەن ھەرىكىتى بىلەن ئازار بەرمەيدۇ.

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش