2012-يىلى12-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ 08:30 ئاۋازلىق ئەسەر:
ئاباق غوجىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى
بىز تارىخنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە ، مەھمۇد كاشفەرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، خانىش ئاماننىساخانغا ئوخشاش مەدەنىي چولپانلىرىمىزنىڭ ئاجايىپتۆھپىلىرىدىن پەخىرلەنسەك ، مەختۇم ئەزەم ، ئاپئاق غوجىلارغا ئوخشاش جاھالەتپىرلىرىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن ئىختىيارسىز غەزەپلىنىمىز .شۇ سەۋەپتىن ،ئالدىنقىلارنىڭ ئىجابىي تەلەپلىرىنى ئەسلەش قانچىكى زۆرۈر بولسا ، كىيىنكىلەرنىڭئۇيغۇر مەدەنىيەت-تەرەقىياتىغا كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈشمۇ ئوخشاشلازۆرۈر بولماقتا . چۈنكى ئاللىقاچان تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرىكىگە مىخلىنىپ كەتكەن ئۇكىشىلەر ، مىللىتىمىز ئۈچۈن ئاچچىق ساۋاق ۋە سەلبى دەرسلىك .
تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، بۇندىن 370 يىلئىلگىرى قۇمۇلدا سۇپىزىم تەلىماتىنى تارقىتىۋاتقان بىر ئىشاننىڭ ئائىلىسىدە بىرئوغۇل دۇنياغا كەلگەن . ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە دادىسى بىلەن قەشقەرگە كۆچۈپكېلىپ ، 18 يېشىغىچە سۇپىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن . دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ دادىسىيۈسۈپ خوقا باشقىلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەچكە ، ئۇنىڭ ئامىتى كېلىپ ئىشقىيە سۈلىكىبويىچە پىرلىق ئورنىغا كۆتۈرىلگەن . مانا بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا ئېچىنىشلىقيوقۇتۇشلارنى پەيدا قىلغان ئەشەددى جاللات ، دىننى مۇناپىق ھىدايىتۇللا ئاپئاقغوجا ئىدى .
شۇ چاغدا جەنۇبىشىنجاڭ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كونتىروللىقىدا بولۇپ ، ئىسمائىلخان ھاكىمىەتبېشىدا ئىدى . سۇپىزىمنىڭ ئىشاقىيە سۈلىكىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بۇ خان ، ئاپئاقغوجىلارنىڭ قەشقەردىكى ئىشقىيە سۈلىكىنى چەكلەپ ، مىلادى 1671-يىلى يازدا ئۇلارنىچىگىردىن قوغلاپ چىقىرىلغان . قوغلانغان ئاپئاق غوجا ۋە ئۇنىڭ مۇرتلىرى قاتتىق ئۆچمەنلىك ئىچىدە كەشمىرگە بېرىپ ، ئۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانىغا يېلىنغاندا شىزاڭدىكى دالاي لاماغا تۇنۇشتۇرۇلغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئىسلام دىنىنىڭ مۇخلىسى ،ھىدايىتۇللا غوجام پىشىۋا ھەزىرەت ، پىر-ئىشان ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27-نەۋرىسىدەپ ئاتىۋالغان ھىدايىتۇللا غوجا ، بۇددا دىنىنىڭ لاما داھىيىسى ئالدىدا تىزلىنىپ، ئۇنىڭ ئېتەكلىرىگە سۆيۈپ ، زار-زار يىغلاپ ئىسمائىلخان ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. دالاي لاما شۇ چاغدا كۆزىنى شىنجاڭغا تىكىپ تۇرغاچقا ، ھىدايىتۇللاغا ‹‹ئاباق››نامىنى ئاتا قىلغان ھەمدە شىمالى شىنجاڭنى بېسىپ ياتقان جۇڭغارلارنىڭ باشلىقى ئاۋدان خۇنتەيجىگە لاما دىنىي نامىدىن ياردەم بۇيرۇقى ئەۋەتكەن .
ئاباق غوجا بۇبۇيرۇقنى ئېلىپ چىڭخەي ئارقىلىق قۇمۇلغا ، كېيىن جۇڭغارغا كەلگەن ۋە سىچۈەن ،چىڭخەي ، نىڭشىيا خۇيزۇلىرى ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەۋلادى چىڭخەيگە كەلگەن دېگەندەك رىۋايەتلەرنى قالدۇرغان . ئاۋدان خۇنتەيجى گەرچە مۇڭغۇل بولسمۇ لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا ، دالاي لامانىڭ كۆرسەتمىسىنى مۇقەددەس بۇيرۇق قاتارىدا كۆرەتتى . نەتىجىدە ئاپئاق غوجا جۇڭغارلارنىڭ قىلىچى بىلەن قەشقەر ،يەكەنلەرنى ئىشقال قىلىپ 170 يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن يەكەن سەئىدىيەخانلىقىنى تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان .
ئاپئاق غوجا جەنۇبىشىنجاڭدا قورچاخانلىق تىكلىگەندىن كېيىن ، بىر تەرەپتىن سۇپىزىم مۇرتلىرىنى يىتىشتۈرۈشنىتېزلەتسە يەنە بىر تەرەپتىن يوقىتىش خارەكتىرلىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان . ئۇيەكەن مۆتىۋەرلىرىدىن 81 كىشىنى تىرىك پېتى يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىش ئۇسۇلى بىلەنئۆلتۈرگەن . مەشھۇر بىلىم يۇرتلىرىنى چېپىۋەتكەن . ناخشا-ئۇسۇللارنى چەكلەپ ،تارىخى ، ئەدەبىي كىتابلارنى كۆيدۈرگەن . ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنى تۇتۇپجۇڭغارلارغا سوۋغا قىلغان . ئىسمائىلخاننىڭ كىچىك قىزىنى قايناۋاتقان ياغقا تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئىشاقىيەچىلەرنى تۇخۇمىدىن قۇرۇتۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن . مەشھۇر شائىربابارەھىم مەشرەپنى ئاتالمىش دەھلىلىكتى ئەيىپلەپ بەلىفتە دارغا ئاستۇرغان .ئاسىقلىق ، مازارچىلىق ، مۆمىنچىلىك ئىدىيىسىنى كەڭ تارقىتىپ رېئاللىقتىن چەتنىگەنسۇپىزىمنى ئەۋجى ئالدۇرغان .
مۇسۇلمانلارنىڭداھىيسى دەۋالغان ، ئادەمنى ئەقلىدىن ئازدۇرىدىغان ئىدىۋى ئەپسۇنى ۋە قانلىققىلىچى ئارقىلىق خەلقىمىزگە مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى سالغان جاھالەت پىرى ئاپئاقغوجا 68 يېشىدا يەنى 1694-يىلى ، يەكەن شەھىرىدە ئىشاقىيە سۈلىكى تەرەپدارلىرىتەرپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇنىڭ ناپاك جەسىتى ، ئۇ ئۆلۈشتىن 7 ئاي ئىلگىرىياسىتىپ قۇيۇلغان قەشقەردىكى «مازارى شاھەن» يەنى بۈگۈنكى «ھەزەرەت» كە دەپنە قىلىنىپ، چوڭ ئوغلى يەھياھ غوجا تەرپىدىن گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇلغان . شۇنىڭدىن ئىتىبارەنئاپئاق غوجىنىڭ خوتۇن-باللىرى ئارىسىدا تەخىت تالىشىش يۈز بېرىپ ، ئاخىرى مۆھتىرەمخېنىم ئۇتۇپ چىققان . مۆھتىرەم خېنىم ئۈچ يىل ئىچىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىئۆلتۈرۈپ ، جاللات خېنىم دەپ ئاتالغاچقا 1699-يىلى دولانلىق سۇپىلار تەرپىدىنپىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن .
ئاپئاق غوجاھاكىمىيتى سۇپىزىمنى قانۇن ۋە ئەخلاق قىلغاچقا پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭنى خۇراپاتلىق، زۇلۇم ، نامراتلىق ، نادانلىق ، جەڭگى-جېدەل ، ئاچارچىلىق قاپلاپ كەتكەن . بۇھال ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەرەقىياتىنى بىر نەچچە ئەسىر كەينىگە چىكىندۈرۋېتىشكەسەۋەبچى بولغان .
ئەزىز قېرىنداشلار، تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ . خەلقىمىز ئاپئاق غوجا ۋەكىللىكىدىكىسۇپى-ئىشانلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى پەقەت يېقىنقى يىللاردىلا بىلىپ يەتتى ۋەيەتمەكتە . بۇ ئەقىل-ئىدرىكىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ ، ساپايىمىزنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنىڭمەھسۇلى . شۇنداقتىمۇ ئاشۇ ئېچىنىشلىق تارىخنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى ئۈستىدە دائىمپىكىر يۈرگۈزۈپ تۇرشىمىز كېرەك .
بۇ مېنىڭ تەسىرات كونسىپىكىمنىڭ ئۈنچىلىرى ، بىلىدىغانلار ،ئاڭلاپ بولغانلار بۇ يەردە ماڭا رەدىيە بېرىشنن قۇيۇپ ، ئاڭلىمىغان ،بىلمەيدىغانلارغا يول قويساڭلار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-1 10:04 PM