قۇربان ھىيىتتا كىچىك بالا بولغۇم بار
قۇربان ھىيىتتا كىچىك بالا بولغۇم بار،
ھىيىتلىق تىلەپ ئۇرۇغ تۇغقان،چوڭلاردىن.
يىڭى كېيىم غەلۋىسىدە شۈمشىيىپ
يەردە يېتىپ راسا يىغلاپ ،يالغاندىن.
قۇربان ھىيىتتا كىچىك بالا بولغۇم بار،
ھىيىتلاپ يۈرۈپ ئاتاـ ئانام كەينىدىن.
يانچۇقۇمغا ئالما ، ئۈزۈم تولدۇرۇپ
قايىتقۇم يوق گوياكى باغ سەيلىدىن.
قۇربان ھىيىتتا كىچىك بالا بولغۇم بار،
ھىيىتلىقنى ئايىماڭلا دوستلىرىم.
بولدى بىر كۈن بولاي ئۇكاش سېلەرگە
ھىيىتلىقتىن تومپايسۇنچۇ پورىتمىلىم.
ئۆچمەس
2014-09-30
تېلفۇندا يوللاندى، نۇرمال بولمىسا تەھرىرلەپ قويارسىز،
رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-1 12:54 PM