مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2954|ئىنكاس: 37

ئەلەملىك تەبەسسۇم (مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائاليىىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 04:45:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                      مۇھاكىمىلىق نەسىر

دائىما ئۆزۈمگە سوئال بىلەن باقىمەن،روھىيتىمدىكى مەن بىلەن خىيال ئىكرانىمدا پاراڭ قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغان مەن ھەمىشە  ھايات مۇساپەمدە كۆز ئالدىمدىكى جاپا-مۇشەققەتلەرنى دادىللىق بىلەن يېڭىپ كەلگنىمگە كۈلۈمسىرىسەم يەنە تۇرۇپ شۇ قىسقىغىنا ئەمما ئەگرى-توقايلىققا تولغان ھايات مۇساپەمدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن گاھ  كەمسىتىلىپ گاھ بولمىسا ئاللىقانداقتۇ ئالاھىدە ئۇسۇللار بىلەن ماختىنىپ كەلگىنىمدە ئاچىىق ئەلەم بىلەن ئېغىر خۇرسىنىپ قويىمەن.
  دەل مۇشۇنداق چاغلاردا بىراۋنىڭ ئىنساننىڭ دۇنيا ھاياتىدا كۈلكىسىدىن يىغىسى كۆپ دېگەن سۆزىگە چىن پۈتۈپمۇ قالىمەن.دېمىسمۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ تاكى كۆزىمىز يۇمۇلغانغا قەدەر بۇ تۇرمۇشىمىز كۈلكە بىلەن يىغىنىڭ ئارلاشمىسىدىن ئىبارەت ئەبجەش ھاياتنىڭ بىرىكمىسى ئىكەن.پۈتۈن ئۆمرىدە يىغلاپلا يۈرىيدىغان ۋە ياكى بولمىسا كۈلۈپلا يۈرۈيدىغان بىراۋنى ھەرگىزمۇ ئۇچىرىتالمايدىكەنمىز.پۈتۈن ئۆمرى ئازاپ ئىچىدە ئۆتكەن ئىنساننىڭ دەقىقە ئىچىدىكى خۇشاللىق ئەسلىمىلىرى بولىدىكەن ھەم يەنە توققۇزى تەل ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان بىراۋلارنىڭمۇ قانداقتۇ ئاچچىق تىنىقلارغا ئەلەملىك خۇرسىنىشلارغا تولغان شەخسى بوشلىقى بولىدىكەن........ئەسلى بىلسەم بۇ ھايات ئەلەملىك تەبەسسۇملارغا تولغان رەڭدار بىر ھايات ئىكەن.بىراق ئۆتمۈشكە قانداق باھا بېرىش ۋە كەلگۈسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش يەنىلا بىز ئادەملەرنىڭ تاللاش ئىختىيارى ئىكەن!!!
  ئەمما مۇشۇنداق خىياللارنى قىلالىغان مەن دائىما ئۆز ئوربىتامغا قايىتىپ  كەلگىنىمدە بولسا بېسىپ ئۆتكەن مۇساپەمگە قانداق باھا بېرىشكە دائىما ئاجىزلىق قىلىپ قالىمەن...شۇنداق، قوللىرىم تىتىرەۋاتىدۇ،يۈرەكلىرىممۇ ھەم......
  بىراۋلارنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە بولغان مەن ھايات مۇساپەمدىكى بېسىشقا تېگىشلىك يوللارنى بېسىپ،قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمىگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى قالتىس،گىگانىت ئادەم قىلىپ تەسۋىرلەيمۇ ۋە ياكى بولمىسا باشقا نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش گۈزەل كېلەچەكلەرنى يارىتىش ئۈچۈن ھاياتتىكى ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە دادىللىق بىلەن ۋە بەزىدە مەجبۇرى دېگەندەك يۈزلىنىۋاتقان ئاددى بىر ئىنسان سۈپىتىدە تەسۋىرلەيمۇ؟
  بەزىدە پالانى مېيىپ پالانى نامرات ھاياتقا كۈلۈپ باقتى ۋە مۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلىۋەتتى،ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلارنى ياراتتى دېگەندەك تېتىقسىز پاراڭلارنى ئاڭلاپ قالىمەن.
   خاتا كۆرىۋالمىدىڭىز قېرىندىشىم،مەن شۇنداق تېتىقسىز دېدىم،مېنى ئەيىپلەشنى ئويلاۋاتامسىز؟ئۇنداقتا خوش،تۆۋەندىكى بايانلىرىمغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقسىڭىز بەلكى بايامقى ئويلىرىڭىزدا بۇرۇلۇش بولۇپ قېلىشمۇ مكىن.
  ئىنساننىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى،ئۆز مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن كۆرۈش قىلىشى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىپ ئۆلۈمگە يول ئېلىشى بۇ بىر مۇقەررەرلىك.كاللامدا سوئال:نېمە ئۈچۈن بىراۋ ئاجىز،مېيىپ ۋە ياكى نامرات بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ھاياتقا كۈلۈپ باقتى ئاتلىق ئالاھىدە ئۈنۋاندىن بەھرىمان بولىشى كېرەك؟ئاتالمىش بېجىرىم ۋە بېجىرىم ئەمەسلەر ئۈچۈن بۇنداق پاسىل تام سوقۇش بىزگە نېمە سەۋەپتىن زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ئەجىبا مېيىپلار ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆزگىچە نامدا ئاتالغان كىشىلەر ھاياتقا ئاتايىن كۈلۈپ قاراپ باشقىلار ئەكسىچە يىغلاپ ياكى ھومىيىپ ۋە ياكى بولمىسا تېلىقىپ كۈلۈپ قاراۋاتقانمىدۇ؟؟؟ئۇمۇ ياشاش ئۈچۈن،ئۆز قەدرى-قىممتى ۋە مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا ئوخشاش،باشقا ئاددى ئىنسانلارغا ئوخشاش تىنىمسىز كۈرۈش قىلىۋاتىدىغۇ؟ئەجىبا ئاجىز بولغانلىقى ،ئاجىز ئاتالغانلىقى ئۈچۈن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىشى كېرەكمۇ؟؟
  سىز ۋە سىزلەر بۇ خىل ئاتالغۇغا قانداق ئىزاھات بېرىشنى ئويلىشىۋاتىسىلەر بۇنىسى ماڭا نامەلۇم،بىراق مەن ئويلايمەن،يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئادەملەر ۋە جەمىيىتىمىزدىكى  باشقا (نورمال) ئادەملەر قىسقىسى ئەتىكى قۇياشنىڭ پارلاپ چىقىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان  جىمى ئىنسانلار مېنىڭ نەزىرىمدە شۇ ھاياتقا ئەلەم بىلەن كۈلۈمسىرەپ ئوتلۇق يۈرىكى بىلەن كەلگۈسىگە ئىنتىلىۋاتقانلاردۇر.
  ئەگەر ئاشۇ (ئالاھىدە) ئادەملەرنى ئالاھىدە ئىزاھلاش زۆرۈرۈيتى تۇغۇلۇپ قالسا مەن پەقەت ئۇلارنى قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان،ھەقىقى ئىنسانغا خاس تۇيغۇ بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يولىغا ئۆزى يولباشچى بولىۋاتقان  ئادەتتىكى بىر ئىنسانلار توپى دەيمەن خالاس!!!
  شۇنداق،دىققەت بىلەن قارايدىغان بولسىڭىز بارچە ئىنساننىڭ  دۇنياغا ئەلەملىك بىر تەبەسسۇم بىلەن  قاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز...ئۇنداقتا تەپەككۈر قانىتىڭىزنى كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرۇڭچۇ؟ تۈجۈپىلەپ ئەتكەن تامىقىڭىزغا ئاۋال نەچچە قوشۇق ئاچچىق تۇز سالسىڭىز تامىقىڭىزغا ئاندىن تاتلىق تەم كىرىدۇ. سىزنىڭچە بۇ تىمسال بولالىدىمۇ يوق؟
  يەنە ئويلاڭ،ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ھەر قېتىم قەدىمىڭىزنى يۆتكەش ئۈچۈن قانچىلىك ئەلەم يۇتىسىز؟قانچىلىك قىينىلىسىز؟ئەمما قەدەملىرىڭىز تېزلىشىپ مەنزىلگە يېقىنلاشقاندىچۇ؟ئەلۋەتتە كۈلۈمسىرەيسىز،تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىڭىزنى ۋە شۇ چاغدا ئېرىشكەن مول-ھۇسۇللىرىڭىزنى مۇشۇ تەبەسسۇمغا تېگىشىۋېتىسىز،ئەلەم بىلەن باشلانغان تەبەسسۇم بىلەن تەڭ ھاردۇقىڭىز چىقىدۇ،شۇ ئەلەملىك تەبەسسۇم كاللىڭىزدا نۇرغۇن جاۋاپسىز سوئاللارنىڭ پەيدا بولىشا ۋە تەپەككۈر قىلىپ ئىزدىنىشىڭىزغا سەۋەپ بولىدۇ...شۇ ئەلەملىك تەبەسسۇم بىلەن سانسىزلىغان ھارغىنلىقلار،ئىچىڭىزدىكى تىنىمسىز چوقانلار،ئۇيقۇسىز تۈنلەر،غېرىپلىق كۈنلەر،كۆز قارىچۇقىڭىزدا لىغىرلاپ قالغان ئاچچىق ياشلار نەلەرگىدۇ غايىپ بولىدۇ؟!.........ئىشىنەمىسز؟؟؟
  مەن ئىشىنىمەن،چۈنكى مەن دەل شۇ ئەلەملىك تەبەسسۇم ئىچىدە ياشاۋاتقان ئاددى بىر ئىنسان،ياراتقۇچىنىڭ سىناقلىرىغابەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ئاشۇ ئەلەملىك تەبەسسۇمنى ئۆزۈمگە ھەر دائىم ھەمراھ قىلىپ بەرگەن نىممەتلەرگە،ئېرىشكەن ھەر بىر خۇشاللىق مىنۇتلارغا شۈكرانە رەھمەت ئېيتىۋاتقان ئاددى بىر ئىنسان.
  بىر كۆزلۈك دۇنيارىمدىكى مەن ھەمىشە كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ ئۈمىد بىلەن كۆككە قارايمەن بىراق بالىلىقتىكى تىنىق كۆكنىڭ ئەسلى رەڭگىنى ئەمدى كۆرەلمەيمەن.دائىما ئەتراپىمغا نەزەر سالىمەن،  رىقابەت كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان بۇ دەۋىردە  ئۆز مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلىۋاتقان كوچا-كويلاردىكى مەسۇم چىرايلارنىڭ يۈزلىرىدىكى زىناقلارنى،كۆزلىرىدىكى خۇشاللىق،قايغۇ ئارىلىشىپ بىلىپ بولمايدىغان تەشۋىشلىك قاراشلىرىنى،ياپيېشىل باغلارنىڭ،ھۆپپىدە ئېچىلغان خىلمۇ-خىل گۈللەرنىڭ ئەسلى رەڭگىنى،سارغىيىپ خازان بولۇشقا باشلىغان مۇنۇ كۈزدىكى يۇپۇرماقلارنىڭ لەيلەپ چۈشكەن ھالەتلىرىنى ئەمدى پەرق قىلالمايمەن.
  مۇشۇنداق چاغلىرىمدا مەنمۇ ھەم سىزگە ئوخشاش ئەلەم بىلەن تەبەسسۇم قىلىپ قويىمەن،چۈنكى تەبەسسۇم تەنگە پايدا دۈشمەنگە زەربە،دوستقا ھەدىيە،دۈشمەنگە سەدىقە ....ئۇنداق ئەمەسمۇ يە؟؟
  ئويلىدىڭىز نېمىدىگەن ئاچچىقى قىسمەت ھە؟بىراق بۇنداق ئاچچىق قىسمەتلىك تەقدىرگە دۇچ كەلگەن مەنلا ئەمەسقۇ دەيمەن،دىققەت بىلەن قارايدىغان بولسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى جىمى ئىنسانلار دەل مۇ ئاچچىق قىسمەتلەرنى قۇربانى ھەم شاھىدى .
ئۇنداقتا سىز مەن ۋە مەنلەرگە ئوخشاشلارغا ئىچ ئاغىرىتامىسز؟ھېسداشلىق قىلامسىز؟سىزنىڭچە مەن ۋە مەنلەر باشقىلاردىن پەرقلىقمۇ؟
  مېنى ۋە مەنلەرنى قەيسەر ۋە ياكى باشقا ئاتالغۇلار بىلەن ئالاھىدە سۈپەتلەپ مەدىھلەشكە تەمشىلىۋاتقان بولسىڭىز سىزنى شۇنداق دەپ توختىتىپ قويغۇم كېلىدۇ قېرىندىشىم:
  مەن ۋە مەنلەر سىلەرگە ئوخشاشلا ئاددى بىر ئادەم،بىزمۇ سىز ۋە سىزلەرگە ئوخشاش ھاياتلىق ھاياتلىق...دەپ تىپىرلاۋاتىمىز،ئۆز مەۋجۇتلىقىمىز ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز،قانداقتۇ بىر زەئىپ ئاۋازدا ئىڭىراۋاتقىنىمىز يوق،سىزلەرگە ئوخشاش ئەلەم بىلەن مۇشكۈللەرنى تەبەسسۇم بىلەن كۈلكىلەرنى كۈتىۋاتقان،ياراتقۇچى تەقدىر قىلغان خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلارنى بىزگە بېرىلگەن سىناق ھەم نىئمەت دەپ بىلگەن ئاددى بىر ئىنسان.
شۇنداق بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش ھاياتلىققا ئەلەملىك تەبەسسۇم بىلەن بېقىۋاتقان،چوقانسىز ئەمما ئىرادىلىك ئاددى بىر ئىنسان.

  مەنبە:ئۈمىدۋار يۈرەكلەر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurjahan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 04:58 PM  


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zubayda0997 + 100 چىن سۆز
saprayi + 300 چىن كۆڭلىڭىز دىكى گەپ.
kudiratjan + 500 ھەممىسى شۇكەن
yultuzay0997 + 30 ماختاشقا تېگىشلىك
TAXNAI2 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
musilina + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1180   باھا خاتىرىسى

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102693
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 05:46:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ چىقاي

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 06:48:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالغۇدەك،يۈرەكنى تىترەتكۈدەك يازما بوپتۇ.....

مەيلى كىم بولىشدى ۋە قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى اللەھ ياراتقان بەندىدۇر.......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110231
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 07:02:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

gamkin

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110231
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 07:03:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

gamkin

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 07:28:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مۇھاكىمىلىق نەسىرنى چۇشەنمەيتىم. ئەمدى خېلى بىلگەندەك قىلىمەن.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 07:40:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئۇزۇن بوپتىكەن سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى كۆرمىگىلى...ئويلانغۇدەك ئەسەر ئەكەپسىز ،،،ھارمىغايسىز  قېرىندىشىم..

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1316 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 08:19:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز جىسمانىي جەھەتتىن مىيىپمىدىڭىز؟
مىيىپلارنى كەمسىتىش جەمىئەتتە خىلىلا ئىغىر؟
دەپ كەلسەم بەزى خەقنىڭ چىشىنى تۆكىۋىتىشتىن يانمايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 08:21 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108589
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-7-19
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 08:38:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك تىما بوپتۇ .

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1287
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21393
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1201 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 10:44:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 08:19 PM
سىز جىسمانىي جەھەتتىن مىيىپمىدىڭىز؟
مىيىپلارنى كەمسى ...

بۇ بىر ئەخلاق مەسلىسى، قايسى كۈنى ئەلى مۇئەللىم بەرگەن پىسخىكا مەسلىھەتىدىمۇ بۇ ئىشنى تىلغا ئىلىپ ئۆتتى، كىشىلەردىكى ئەخلاق قانداقتۇر چوڭ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئەمەس، يېنىڭدىكى روھى، ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئاجىزلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىشىڭ.

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش