|
|
|
|
ئۆتنە ئالەم
(چاچما شېئر)
ئۆتنە ئالەم بۇ،
ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ھىچكىمنىڭ قالمايدۇ ھىچكىمدە ھەققى،
ئەگەردە قەستلىسەڭ بۈگۈن بىراۋنى.
كىم بىلىدۇ؟
ئەتە كېلىپ قالامدۇ ساڭا نۆۋىتى.
شۇڭا،
قەستلىمە بىراۋنى،
ئاسرا ئۆزۈڭنى.
ئۆزۈڭنى شىر بىلسەڭ،
ئۆزگىنى شىر بىل.
بوزەك قىلما ئاجىزنى،
قورقما كۈچلۈكتىن.
رەھىمدىللىك بابىدا،
كامالەتكە يەت.
شۇ چاغدا ھەركىشى ھۆرمەتلەر سېنى.
مەنبە:ئۆز ئىجادىيىتىم(ئۆزۈم ئەمدىلا13ياشقا كىرگەن بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن شېئىرىمدا خاتالىقلاردىن ساقلىنالمىدىم،ھەرقايسى ئاكا-ھەدىلەرنىڭ تەنقىد ـ پىكىرلىرىنى ئايىماستىن بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.)
|
|
|
|
|
|