مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5222|ئىنكاس: 33

ئازاپ كوچىسى ( پوۋسىت) مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1644
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 11:21:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                    ئازاپ كوچىسى                        

                        (پوۋسىت)                             

             مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پالىيىتىگە      



            ئاپتور : مۇھەمەتتۇرسۇن بەگ ئالىپ    ( b1a2g)         


                           بىرنچى قىسىم:  ئازغۇن نالەن                  


    ئىچىمدە خەيىر دەپ پىچرلىغىنىمدا ئېغىر بىر ئۇھ يۈرۈكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن چىقىپ ھاۋاغا تارالدىيۇ، ئەلشىر  چىقىپ كەتمىدى .بەلكىم ئاجىز ھەم يۈلەكسىز قالغان يۈرۈكۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇردىكى ئۆزۈممۇ تاپالمايدىغان پىنھانلىرىغا يۇشۇرۇنىۋالغاندۇ . لېكىن شۇنداق بولسىمۇ  كۆزلىرىمدە كۈلۈپ تۇرۇپ خەيىر دېدىم.

        ئادەم  كەچۈرمەك ئەڭ تەس بولغىنى  ئۆزى سۆيىدىغان ئادىمى ئىكەنۇ ئەڭ كەچۈرىشكە تېگىشلىكىمۇ  دەل شۇ  ئىكەن،چۈنكى سۆيگۈنىڭ ئوتتەك تەپتى  نەپرەتنىڭ مۇزلىرىنى ئېرىتىپ تاشلايدىكەن .  لېكىن بۇ قېتىم يۈرۈكۈم ئۇنىڭغا   شۇنچىلىك مۇھتاج تۇرۇپمۇ  كەچۈرەلمىدىم . ئۇنىڭغا  بولغان ئۈنسىز نەپرەتلىرىم ، نەس باسقۇر ئەقلىم  ۋە ئالدىدا بەكمۇ بىگانە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان  قىزلىق غۇرۇرۇم ئۇنى كەچۈرۈشكە ئەسلا   يول قويمىدى.

  خەيىر دېدىم،  يېنىدىن كەتتىم.  يۈرۈكۈم  ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىش  ئۈچۈن تىپپىرلاۋاتقان كىچىك بالىدەك شۇنچە تەلپۈنسىمۇ تالاي قېتىم ئازار يېگەن قەلبىم،پايخان قىلىنغان غۇرۇرۇم  جىسمىمنى يېنىدىن  جاھىللىق بىلەن مۇدھىش قاراڭغۇلۇققا سۆرەپ ئېلىپ كەتتى .

كۇتۇپخانىدا كىتاپ كۆرىۋاتىمەن، لېكىن بىر سائەت ئولتۇرۇپمۇ ئىككى قۇر نەرسىنى ئەسكە ئالامىدىم،  چۈنكى  قارشى تەرپىمدىكى كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدىلا تۇرۇدىغان ئورۇندا ئەلشىر   يوق .   بولسا ئىدى ، خىياللىرىمنى يىغىپ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئۆگۈنۈش قىلالايتتىم.كۇتۇپخانىدىكى يۈرەك سىقىدىغان جىمجىتلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي سىم-سىم يامغۇر بەخىش ئەتكەن نەمخۇش  ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتىم، دەل شۇچاغدا بىر جۈپ قىز يىگىت كۈنلۈك تۇتۇپ ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى . قىزنىڭ بۇلبۇلدەك شوخ ھەم ياڭراق  ئاۋازىنى ئاڭلاپ  يۈرۈكۈمنىڭ جاراھىتىغا تۇز قۇيغاندەك تولغۇنۇپ كەتتىم ، ئاندىن ئۆرۈلۈپلا كۇتۇپخانىغا يېنىپ كىردىم . لېكىن بىر بالا مېنىڭ قارشى تەرىپمىدىكى ئورنۇمنى يەنى ئەلشىرنىڭ ئولتۇرۇدىغان جايىنى ئىگەللىۋاپتۇ. ئۇ كالۋانى   ئۇ ئورۇندا ئولتۇرۇۋالغىنى ئۈچۈن بېرىپلا تىللىماقچى ، كۇتۇپخانىنى بېشىمغا كىيىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشماقچى بولدۇميۇ جانسىز  قەدەملىرىم بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتىم.  ئوخچۇپ چىقىۋاتقان ياشلىرىم كۆزۈمنى  توسۇۋالغان بولسۇمۇ قەدەملىرىنى توختاتمىدىم . ياتاققا كىرگىم يوق ئىدى،  چۈنكى ئۇلار كۆز يېشمنى كۆرسە يەنە ئەلشىرنى تىللاپ قارغايدۇ،  مەن ھېچكىمنىڭ  ئالدىمدا ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىشقا يول قويالمايمەن .

   قاتتىق  يامغۇر بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن  مەكتەپ ھويلىسىدا قانچىلىك ماڭدىم ئۇخمايمەن، ئاخىرى بىز  مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇدىغان ئائىلىكلەر قۇرۇسۇنىڭ يېنىدىكى يوغان دەرەخنىڭ قېشىغا كېلىپلا دەرەخكە يۆلۈنۈپ تۇرۇپ كۆزۈمگە پاتماي قالغان ياشلىرىمنى ئەركىگە قۇيۇۋەتتىم، ئاچچىق ياشلىرىم شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇر بىلەن قۇشۇلۇپ كەتتى ، گېلىمدىن بۇغۇلۇپ چىقىۋاتقان يىغامنى  قاراڭغۇ ئاسمان گۈمبىزىنىڭ قەھرىدىن كەلگەن گۈلدۈرماما ئاۋازى بېسىپ كەتتى .

- قولۇڭنى مىدىرلاتما ، بولمىسا ئۇكۇل چىقىپ كېتىدۇ.  چۈشۈمگە ئوخشاش غۇۋا ئاڭلانغان ئاۋاز بىلەن كۆزلىرىمنى ئاچتىم،  بېشىمدا  يېنىك تەۋرىنىپ تۇرغان ئاسما ئۇكۇل خىرە ھالەتتە كۆرۈندى، ئېلىشاڭغۇ كۆزلۈرۈم  ئاشۇ دائىملا كۈلۈپ تۇرىدىغان ئەلىنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشقىنىدا ئاندىن سەل روشەنلەشتى.

ئۇ مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتمەيلا ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:

- ئاخشام سىرتتىن كىرىۋاتسام دەرخنىڭ تۈۋىدىكى ئورۇندۇقتا يىقىلىپ قاپسەن ....


                    *                                     *                      *   


     -سىرلىق نەرسىلەر گۈزەل بولۇدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا سىرلىق ھالىتىڭنى ساقلا ، سېنى بەك چۈشنىۋالمىسۇن بولمىسا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالىسەن،-دېگەن ئىدى مېنىڭ يازغۇچى دوستۇم . لېكىن دەل ئەكسىچە قىلدىم. ئۇنىڭ ئاشۇ كۆز ئەينەك ئىچىدىكى سىرلىق كۆزلىرى، ھېچقاچان پېتىدىن چۈشمەيدىغان  سالماق قىياپىتى، كەم سۆزلۈكى،  ئادەمگە بىلىندۈرمەيدىغان  ئىش ھەركەتلىرى مېنى بارا -بارا رام قىلىۋالدى..

گەرچە ئۇنىڭدىن ھېيىقىپراق تۇرساممۇ  ئالدىدا شۇنچىلىك ئۇچۇق ئىدىم، كۆڭلىمدىكىنى ئۇنۇڭغا يۇشۇرماي دەپ بىرەتتىم ، ئارىمىزدا قىلچىلىك ئۇقۇشماسلىق چىقسىلا ئۇنى بىلىشكە ئالدىرايتتىم ، ئاغزىمنىڭ بىر قەۋەت تېرىسى چۈشۈپ كەتكۈچە چۈشەندۈرەتتىم ، مۇشۇچۈشەندۈرۈشلىرىمگە  ئاشۇ سىرلىق كۆزلىرىدىكى سۇس كۈلكىسى بىلەن جاۋاپ بىرەتتى. بەزىلەردە نەچچە كۈنلەپ يۇقاپ كەتسە ئەنسىرەپ پۇتۇم كۆيگەن تۇخۇدەك بولۇپ قالاتتىم ،لېكىن مۇشۇ ئەنسىرەشلىرىمنىڭ جاۋابى يەنىلا سۈكۈت ياكى،«سەن بىلمىسەڭمۇ بۇلۇدۇ، قالغان ئىشلارنى كېيىن دەپ بىرەمەن...» دېگەن جاۋاپلا ئىدى .


    ئەلشىر  مېنى قوغلىشىشتىن بۇرۇنلا مەن ئەلى بىلەن خېلى يېقىن ئۆتۈۋاتاتتىم ، ئۇنىڭ ئەلشىرنىڭكىدىن بەستلىكرەك كەلگەن مەزمۇت گەۋدىسى،  ئۇلىما قاشلىرى ئاستىدىكى دائىملا كۈلۈپلا تۇرۇدىغان مۇلايىم كۆزلىرى ماڭا بىر خىل يېقىنلىق تۇيغۇسى بەخىش ئەتكەن ئىدى . ئۇ ئالدىمدا ئەلشىردەك  قېتىپ تۇرۇۋالمايتتى بەلكى كىچىك بالىنىڭ ئۆزىلا ئىدى، ھەر دائىم مېنىڭ دېگەنلىرىمنى قىلىپ بېرىشكە تىرىشاتتى ، كۆڭلىم يېرىم  ۋاقىتلىرىمدا ئۆزى ھەرقانچە ئالدىراش بولۇپ قالسىمۇ يېنىمغا كېلىپ تەسەللى بېرەتتى .ئىشقىلىپ ئۇنىڭ مېنى خاپا قىلغان ۋاقىتلىرى بولمىغان ئىدى.

ئاشۇ خۇشال كۈنلىرىمدە  ئەلشىر تۇيۇقسىزلا پەيدا بولدى .  

-ئىسمى ئەلشىر ،مېنىڭ ئەڭ يېقىن  ئاغىنەم ، سېنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قالغۇسى باركەن، ئۈندىدارىڭغا قاچىلىۋال ،- دېدى ئەلى .

- ناتۇنۇش ئادەم بىلەن دوست بولۇپ قېلىشقا خوشۇم يوق ،-دېدىم مەن دومسۇيۇپ .

-  مېنىڭ يېقىن ئاغىنەم تۇرسا ،خاپا بولۇپ قالمامدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە  مېنى ئىزدەپ تاپالماي قالساڭ ئۇنىڭغا دېسەڭ مېنى تېپپىپ بېرىشى مۇمكىن ،  ئۆزىمۇ بەك ئېسىل بالا ،مەن بولماي قالغان چاغلاردا يۈزۈمنى قىلىپ  سېنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپمۇ قالىدۇ تېخى .

ئەلشىرنى ئۈندىدارغا قاچىلاپ تۇنجى كۆرگۈنۈم قۇرئان ئۇقۇپ تۇرغان بالىنىڭ باش سۈرىتى بولدى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق باش سۈرەتلەرنى چىقىرىۋېلىپ ئۆزىنى تەقۋا كۆرسۈتۈپ ئىچىپ -چىكىپ ئويناپ يۈرۈيدىغانلارنى كۆپ كۆرگەچكە ئۇنىڭغا بولغان سەۋەپسىز بىزارلىقىم  تېخىمۇ كۈچەيدى.

دوستلارچەمبىرىكىگە كۈندە نەچچە قېتىم  چىقىرىپ تۇرىدىغان، ئىمان ، ئەخلاق تېمىسىدىكى نەرسىللىرىنى ئۇقۇپ ئەلشىرگە  بولغان بىزارلىقىم سۇس ھۆرمەتكە ئالماشقاندەك  بولدى  ،ھەر كۈنى  ئەلى بىلەن بىللە يۈرەتتى، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سالاملىشىىپ بولغاندىن كېيىن  ئەلشىرنىڭ  كۆز ئەينەك ئاستىدىكى سۇس كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىلەن مۇنداقلا سالاملىشىپ قۇياتتىم . لېكىن يالغۇز ئۇچىراپ قالسا كۆرمىگەن بۇلۇپ ئۆتۈپ كېتەتتىم.

- ئەلشىرنى كۆرمەسكە سېلىىپ ئۆتۈپ كېتىدىكەنسەنغۇ، ئۇماق يۈزلۈرۈڭ ھەر قانچە نىپىز بولسىمۇ مېنى دەپ بولسىمۇ ئۇنداق قىلما،- دېدى ئەلى.

ئەلشىرنىڭ  چېقىمچىلىقڭنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بولغان بىزارلىقىم قايتىدىن كۈچەيدى، لېكىن جۈمە كۈنى ئەلى بىلەن پاكىز كىيىنىپ جۈمە ئوقۇۋاتقىلى  كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بولغان غايىۋانە ھۆرمىتىم قايتىدىن قوزغالدى .شۇ كۈنى ئۇنىڭغا  تىلفۇن قىلسام ئۇلانمىدى . ئەلشىر  يادىمغا كەلدى  ، ئامالسىز ئۇچۇر يوللۇدۇم: ئۆيدىكىلەر نەرسە ساپتىكەن ، ئەلىگە تېلفۇن قىلسام ئۇلانمىدى، يېنىڭىزدا بولسا دەپ قويسىڭىز نەرسىللىرىمنى ئەكلىشىپ بەرسۇن.بىر مىنۇت بولمايلا ئۇچۇر قايتۇردى : ئەلى يوق ئىدى، مەنلا ئەكىلىشىپ بېرەي . نىمىشقىمۇ دېگەندىمەن دەپ پۇشايمان قىلغان بولساممۇ يەنىلا پەسكە چۈشتۈم، ئەلشىر  يەنە ئاشۇ سالماق قىياپىتى بىلەن تۇراتتى، بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل قىزغىنراق سالاملاشقاندىن كېيىن بېكەتكە ماڭدۇق،ئۇنىڭ كۆڭلىمدىكى ناچار ئوبرازى  ئۆزگەرگەن بولسىمۇ غايىۋانە ھۆرمەت تۇيغۇسى سەۋەبىدىن ئەيمىنىپ تۇراتتىم، شۇڭا ئۆزۈمنى پەقەتلا ئەركىن قۇيۇۋېتەلمىدىم. بېكەتنىڭ نەرسە تاپشۇرىۋالىدىغان يېرىدە ئادەم بەكلا كۆپ ئىدى، پىژغىرىم ئىسسىقتا ئىككى سائەتكە يېقىن ئۆچرەت ساقلاپ يەشىكنى ئېلىپ چىقتى. تەرنىڭ دەستىدىن كىيىملىرى چاپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ سالاپتى تېخى پىچىتى بىلەن تۇراتتى .

ئەلشىرگە  نەچچە ئېغىز ئارتۇق گەپ بىلەن رەھمەت ئېيتماقچى بولدۇميۇ يەنىلا خىجىل بولۇپ ئېغىز ئاچالمىدىم، ئاخىرى كەچ بولغاندا ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاپ رەھمەت ئېيتتىم . ئۇمۇ ئۇچۇر قايتۇرۇپ ،بۇنداق تەكەللۇپ قىلىپ كەتمىسەممۇ بولىدىغانلىقنى بىلدۈردى، خوشلىقۇمدىنمۇ ئاغزىم قىچىشىپ تاماق يېدىڭىزمۇ دەپ سالدىم، شۇنداق قىلىپ ئۈندىداردىكى پاراڭلىرىمىز باشلاندى...ئەلشىر دائىم دىن ياكى  ئەخلاق توغرىسىدىكى ياخشى يازمىلارنى ماڭا ھەمبىرلەپ بېرەتتى،مەنمۇ جاۋابەن رەھمەت ئېيتىپ قۇياتتىم ،  پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىمىز باغانسىرى ئۇزىراشقا باشلىدى...

ئەلى بىلەن ئۇچۇرغان ۋاقتىڭدا بۇرۇنقىدەك ئەلى بىلەن  چاقچاقلىشىپ قويغاندىن سىرت ئەلشىر  بىلەنمۇ بىر نەچچە ئېغىز ئەھۋال سورۇشۇپ قويۇدىغان بولدۇم..

ئاشۇ قېتىم مەنمۇ ئەلشىرمۇ نمۇ تەڭلا ئەلىگە يۈزسىزىك قىلدۇق، مۇھاببىتىڭىز بارمۇ دەپ سورۇدى ،گەرچە ئەلى ماڭا  ئۇچۇق تەلەپ قۇيۇپ باقمىغان بولسىمۇ  مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان بىشارەت بېرىپ ئۇقتۇرغان ئىدى. بۇ  ئەلشىرگىمۇ ئايان ئىدى ، لېكىن ئۇ بىلىپ تۇرۇپ سورۇدى.  مېنىڭ ئاللىقاچان ئەلشىرگە  ئېغىپ بولغان كۆڭلۈم ۋە ئەقلىمگە  ئاسىي ئېغىزىم« يوق »دەپ جاۋاپ بەردى .ئاشۇ« يوق» دېگەن ئازغۇن جاۋاپ بىلەن تۈگۈمەس دىلغۇللۇق  ۋە كۆڭۈل دىشۋارچىلىقلىرى بىلەن تولغان ئازاپ كوچىسىدىكى  تۇنجى قەدەمنى باستىم .

ئاشۇ كۈندىن تارتىپ ھەممە نەرسە ئاشكارە ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئۈندىدارمنى ئاچقىنىمدا ئىككى ئادەمدىن كەلگەن ئۇچۇر جاۋابىمنى ساقلاپ تۇراتتى، لېكىن مېنىڭ كۆزۈم  ئۇزاقتىن بېرى خۇشاللىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ ئادەتلەنگەن ئەلىنىڭ ئۇچۇرنى  كۆرمىگەندەكلا قىلىپ ئەلشىرنىڭ قىسقىغىنە قىلىپ يازغان ئۇچۇرىغا جاۋاپ قايتۇرشقا  ئالدىرايتتى.

قۇرسىقىڭىز ئاچتىمۇ  ئۇماق، تاماق يەمدۇق؟ بۇ ئەلىنىڭ ئۇچۇرى ئىدى.

چۈشۈڭە تاماق يەيلى .بۇ ئەلشىرنىڭ ئۇچۇرى ئىدى.

ئەلىگە كەچتە چىقىدىغانلىقىمنى دەپ قۇيۇپ   ئەلشىرنى ساقلاتمايلا پەسكە چۈشۈپ بۇلاتتىم .

(ئەلۋەتتە ئەلى بىلەن تۇلۇقتىن تارتىپ ياخشى ئۈتەتتۇق، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن تۇيۇقسىزلا ياتلىشىپ كېتەلمەيتتىم، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ماڭا ئىلگىرى قىلغان ياخشىلىقلىرىغا ۋە ئەقدىسىگە  بىراقلا يۈزسىزلىك قىلىشقا پېتىنالمايتتىم.شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئەلشىر  بىلەنمۇ يۈرۈدىغان بولۇپ قالدىم..)مەكتەپ بەكمۇ چوڭ بولمىغاچقىمۇ تولا ئۇچرىشىپ قالاتتۇق، ئەلى بىزنڭ بىللە تاماق يەپ ئولتۇرغۇنىمىزنى كۆرسە ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا تامىقنى يېنىمىزغا ئەكىلىپ ئولتۇراتتى، لېكىن ئەلشىر  ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يەپ ئولتۇرغۇنىمزنى كۆرسە ماڭا يىراقتىن قاپىقىنى تۈرگەندەك قىلىپ قاراپ قۇيۇپلا كېتىپ قالاتتى ، دېمەك ئۇ بىزنىڭ خائىنلىق قىلغىنىمىزنى سەزمىگەندەك قىلاتتى.

   ئاشۇ كۈنى ئەلشىر  بىلەن كېتىۋاتسام يۇقۇرى يىللىقتىكى مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق مەرھابا مېنى سوقۇپ ئۆتۈپ كەتتى .شۇنداقلا قارىشىمغا ئۇ ماڭا يەۋەتكۈدەك ئالىيىپ تۇرۇپ : ھۇ شاپاقچى قارايسەنغۇ دەپ تىل سالدى.

ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان ئاھانىتىنى تاپىنىمدىن كىرىپ مېڭەمدىن چىقتى :

-كىم شاپاقچىكەن ؟!!!

- سەن بولماي كىم بۇللاتتى !؟ ، كۈندۈزى بىرنى كەچتە بىرنى ئوينۇتۇپ يۈرۈيسەن، خەخنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ  يۇرتلىقلارنىڭ يۈزۈنىمۇ تۆكۈپ بولدۇڭ!...

ئۇنىڭ ھاقارەتلىرىگە چىدىماي پۇت قوللۇرۇم تىترەپ تېنىمدە ماغدۇر قالمىدى ، لېكىن ئەلشىر  مەندىن نەچچە قەدەم نېرىدا ئىپادىسىزلا تۇراتتى. دەل شۇ چاغدا ئەلى كەلدى. ئۇ  ئۆزىدىن چوڭ دېمەتلىك مەرھابانى قاتتىق بىر سىلكىۋېتىپ مېنىڭ قولۇمدىن تارتىپ ماڭدى.

-ئەلى دېگەن لاتا ،بىردەم جىم تۇرە ! ساڭا دەيدىغان گېپىم بار.

ئەلى مەرھابانىڭ قۇپال ئاۋازىنى ئاڭلاپ شىپپىدە توختاپ قالدى:

-نېمە گېپىڭىز بار ؟

_ سېنىڭ كاللاڭ بارمۇيا؟ ماۋۇ شاپاقىچى سېنى ئوينىتىۋاتقىنىنى سەزمەيۋاتامسەن، چۈشتە سەن بىلەن يۈرسە كەچتە باشقا بىرى  بىلەن يۈرۈيدۇ...

ئېغىزىڭغا بېقىپ گەپ قىل!-دېدى ئەلى،-  نالەننى تىللاشقا ھەققىڭ يوق   ...

ئەمدى مەرھابا ئېغىزىنى راستنىلا قۇيۇۋەتتى، ئۇ بىردەم مېنى بىردەم ئەلىنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتتى . ئەلىنىڭ مۇشتلىرى غەزەپتىن تىترەپ تۇراتتى، لېكىن ھەرگىزمۇ قىز بالىغا قول ئۇزتالمايتتى، خۇداغا شۈكۈر،  شۇ چاغدا ئەلشىر  ياقتۇرمايدىغان دوستۇم  ئېھسان  كەلدى، ئۇنى كۆرۈپ مەرھابانىڭ ئېغىزىمۇ بېسىقتى  ۋە  تەلەپپۇزنى يۇمشىتىپ ئەزھەرگە  مېنىڭ ئۈستمدىن داتلاشقا باشلىدى. لېكىن ئەزھەر ئۇنى شەرەت بىلەنلا  گەپتىن توختۇتۇپ قويۇپ ئارقىسىغا قارىماي  كېتىپ قالدى، ئەلىمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە مېنى ئېلىپ كەتتى.

-خاپا بولما نالەن،-  دېدى ئەلى مېنىڭ ياشلىرىمنى سۈرۈتۈپ تۇرۇپ ،-ئىت دېگەن قاۋايدۇ ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئۆزۈڭگە ئالما ، ساڭا ئىشىنىمەن...

كەچتە ياتاققا كىرىپ قارىسام ئۈندىدارىم ئەلشىردىن  كەلگەن ئۇچۇرلار بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ: نالەن ، بايام سېنى بەكلا قوغدۇغۇم ئۇ قىز بىلەن ئۇرۇشقۇم بار ئىدى، لېكىن ئۇ سېنىڭ بىر يۇرتلۇقۇڭ ھەم قىز بالا بولغاچقا ئۆزۈمنى بۇ  زىدىيەتكە ئارلىشىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم، لېكىن ماڭا قارپمۇ قويماي ئەلىنىڭ كەينىدىن كەتكىنىڭ كۆڭلۈمگە بەكلا كەلدى . مېنىڭ سېنى ئەمدى ئەلى بىلەن تۇرغۇنىڭنى كۆرگۈم يوق، ھەم تەسرىمۇ ياخشى بولمايدۇ ، بۈگۈنكى ئىش دەل بۇنىڭ مىسالى .

ئەلشىرنىڭ كىچىككىنە تەسەلىيىگە   باياتتىن ئەلىنىڭ ئېغىزىنىڭ بىر قات تېرىسى چۈشۈپ كەتكۈچە قىلغان ياخشى گەپلىرىدىن بەكرەك مۇھتاج ئىدىم ، لېكىن ئۇنىڭ تەسەللىنىڭ ئورنىغا بەرگەن  بۇيرۇقىنى كۆرۈپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. .ئەلشىردىن كۆڭلۈم قاتتىق ئاغرىدى! بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئىزدىمە،- دېدىم  . ئەسلى  ئەلشىرنى كەچۈرۈم سورايدۇ، ھېچ بولمىسا سەۋەبىنى بولسىمۇ سۇرايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم  ، لېكىن ئۇ  « ماقۇل » دىن ئىبارەت بىر ئېغىزلا ئۆزىگە ئوخشايدىغان سۇغۇق ھەم رەھىمسىز جاۋاپنى بېرىپلا گەپنى  تۈگەتتى. مەن پەقەتلا قۇبۇل قىلالمىدىم، ئۇنى ئىچىمدە نەچچە مىڭ قېتىم قارغىدىم. ..

ئەلشىرنى ئۈندىدارىمدىن يۇيۇۋەتمەكچى بولدۇم ، لېكىن نېمىشقىدۇر ساراڭ كۆڭلۈم پەقەتلا ئۇنىمىدى .دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئىككى كۈن سىرتقا چىقماي ياتاقتا ياتتىم،چۈنكى مەكتەپ بەكلا كىچىك بولغاچقا چىقساملا ئۇچىراپ قېلىشى  مۇمكىن ئىدى.  ئۇ چاغدا  ئەلشىرنى  ئۇچراتقۇم يوق ئىدى .

ئۈچ كۈن ئۆتتى ،  ئەلشىر بىر تالمۇ ئۇچۇر قىلىپ قويمىدى ، ئۇنىڭغا  بولغان ئۆچلۈكۈم بارا- بارا تەگسىز سېغىنىشقا ئالماشتى، ئۇچۇر يوللاپ باقماچى بولدۇم ، لېكىن قىزلىق غۇرۇرۇم قولۇمنى تۇتۇۋالدى.

ئەلشىر  «ماقۇل » دېگەن ئۇچۇرنى يوللاپ دەل بەش كۈن بولغاندا ئاخىرى تېلفۇنۇم تىتىردى، يۈرۈكۈم قارتلا قىلىپ ئۇچۇرنى ئاچتىم. ئۇ مەن ئۆلگۈدەك تەشنا بولغان ئەلشىرنىڭ  ئۇچۇرى ئىدى: ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ، نەچچە كۈندىن بېرى يۇقاپلا كەتتىڭ ، ئاغرىپ قالدىڭمىكىن دېسەم ئۇنداق ئەمەسكەن. ئاچچىقىڭ ھېلىغىچە يېنىپمۇ قالغاندۇ، پەسكە چۈشكىن ...

ئەلشىرگە  توڭ تېگىپ ئۆچ ئېلىۋالماقچى ، بىردەم يالۋۇرتماقچى بولدۇم، لېكىن يەنىلا جۈرئەت قىلالمىدىم ، ئۇنىڭ يەنە ماڭا يالۋۇرمايلا « خوش » دەپ گەپنى ئۈزۈۋېتىشىدىن قورقتۇم.

ئاشۇ قېتىمقى تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئەلشىر بىر دەستە گۈلنى تۇتۇپ مېنى ساقلاپ تۇراتتى .  ئەلىمۇ  بىر دەستە  گۈلنى قۇچاقلاپ مېنى پەستە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، گۈلنى مەن تەرەپكە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئەلىنىڭ قەدەملىرى توختاپ قالدى، چۈنكى ئۇ ئەلشىرنىڭ  قولۇدىكى گۈلنى سۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدى، گەرچە ئەلشىر  ئالدىمدا تۇرسىمۇ كۆزلىرىم ئۇتەرەپكە يۈگۈرۈپ كەتتى، ئۇ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك قىلىپ بېشىنى چايقىدى، بىز تەرەپكە كېلىپ قولۇمۇمغا گۈلنى تۇتقۇزۇپ:  مېنىڭ نالەنىم،تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن دېدى -دە، ئەلشىرگە  باشتىن ئاياق بىر قارىۋېتىپ كېتىپ قالدى. ئەتىسى ئۇنى ئەزھەر بىلەن بىللە كۆردۈم ، ئەلى قوشمىللىرى تۈرۈگىنىچە ئېھسانغا  بىر نەرسىنى دەۋاتاتتى...

كەچتە ئەلى  ماڭا پەسكە چۈشكىن دېدى، بۇنداق بۇلىشىنى ئاللىقاچان بىلگەن، ھەتتا ئۇنىڭ نىمە دەيدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلىپ بولغان ئىدىم .

-مەن سېنى ياخشى كۆرۈمەن نالەن، سەن بەكلا چىرايلىق ھەم ياخشى بولغاچقا ھەممە ئادەمنىڭ ساڭا كۆزى چۈشىدىكەن ،لېكىن مەن شۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچىسى، ھەم ھەممىدىن يامىنى ، مەن چۇقۇم رەقىبلىرىمدىن سېنى تارتىۋالىمەن.

بۇ ھەرگىزمۇ مەن كۈتكەن جاۋاپ ئەمەس ئىدى.ئەلىنىڭ  مېنى ۋاپاسىز ، شاپاقچى دەپ تىللاپ ئىچىنى بوشىتىۋېلىشىنى ، ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى ئۈمۈد قىلغان ئىدىم.شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئەلى ماڭا تېخىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى ، كۈندە نەچچە رەت تىلفۇن قىلاتتى . بەزىدە  ئەلشىرنىڭ  قېشىدا تۇرغان ۋاقتىمدا تېلفۇن كېلىپ  قالاتتى، ئۇنىڭ خاپا بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە قەستەن بېسىۋېتەتتىم، كېيىن ئەلى مېنى تېخىمۇ كۆپ ئىزدەيدىغان بۇلىۋالدى، ئۇرغان تىلفۇنلىرى ، يوللىغان ئۇچۇرلىرى جاۋاپسىز قالسىم پەرۋا قىلماستىن مېنى دائىم پەستە ساقلاپ تۇراتتى. ئاشۇ كۈنى ئۇ ماڭا كۆڭلىدىكىنىڭ ھەممىنى تۆكۈۋەتتى،مېنى ئۇزاقتىن بېرى ياخشى كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى ،  ماقۇل دېسەملا مېنىڭ قولۇمنى مەڭگۈ قۇيۇۋەتمەسلىككە، ئۇقۇش پۈتۈرگەندىن كېيىن  ئۈرۈمچىدە قېلىشقا ياكى  ئاتا -ئانام ماقۇل بولسا ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كېتىشكە ،ئەگەر ماقۇل بولمىسا مېنىڭ يۇرتۇمغا كېلىپ ئائىلە قۇرۇشقا  ۋەدە بەردى .مەن ئۇنىڭغا ئىشىنەتتتىم، ئۇ مېنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى ،قولىدىن ئىش كېلىدىغان، دېگىنىنى قىلالايدىغان يىگىت ئىدى. ئەقلىم ئۇنى چىڭ تۇت دەپ تۇرسۇمۇ ئەلشىرگە  ئاللىقاچان قۇل بولۇپ بولغان يۈرۈكۈم جاۋاپ بېرىشتىن تۇسۇپ قويدى.            

       بىر نەچچە كۈنگىچە قاتتىق دىلغۇل بولدۇم  ، ئاخىرى  «جىگوڭ» غا ئوخشايدىغان  ئېھسان  يادىمغا كەلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەلشىر  ئۇنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمىگەچكە   گېپىنى ئالدىدا كۆپ چىقارمايتتىم .

ئەزھەر مېنىڭ تۇلۇقسىزدىن تارتىپ بىر سىنىپتا ئۇقۇپ كەلگەن ساۋاقدىشىم ھەم 12 يىللىق يېقىن سىرداش دوستۇم ئىدى. ئۇ ياز بويى، يۇيۇۋېرىپ رەڭگى ئۆچۈپ كەتكەن گاڭسەر ،تالىپقا ئوخشاش ھۇشىقىنىڭ  ئۈستىگە كېلىدىغان  قارا شىم    ،ساپما كەش  كىيىۋالاتتى .(ھەتتا سىنىپقۇمۇ ساپما كەش بىلەن چىقاتتى).

   ئەزھەر دائىم كىتاپ ئوقۇپ،بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئولتۇرىدىغان ، «خىلۋەتخانام » دەپ ئاتىۋالغان مەكتەپنىڭ خىلۋەت بىر بۇلۇڭىدىكى گۈللۈككە باردىم . ئۇ قېلىن بىر كىتاپقا قاراپ قېتىپ قالغاندەك ئولتۇراتتى.  

-بۇنداق ۋەيرانە يۈرمىسەڭ بولمامدۇ؟ -دېدىم  ئۇنىڭىغا،- يا سان گۈزەلىكنى سۆيمەمسەن  ؟

-مەن سەندىن سۇراي نالەن ،ئەگەر دۇنيادا سەندىن باشقا ئادەم مەۋجۇت بولمىسا ،سەن يەنە مۇشۇنداق ياسىنىپ ، گىرىم قىلىپ يۈرەمسەن؟

- بۇ ....بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن .

_ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ  توزدەك ياسىنىشلىرىڭنىڭ  سېنىڭ باشقىلار كۆزىدىكى ئاتالمىش گۈزەللىك ئۇقۇمى ئاستىدا  ياشاۋاتقانلىقڭنىڭ بىر ئىپادىسى،سەن ئۇلارنىڭ باھاسىغا، كۆز قارشىغا تاينىپ ياشايسەن . ئۆزۈڭنى دۇنيادا مەندىن باشقا ھېچكىم يوق دەپ ئويلا، مۇشۇ ۋاقىتتىكى ھالىتتىڭ دەل پەقەت ئۆزۈڭگىلا تەۋە بولغان   گۈزەللىك قارشىڭ .

يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا بۇ بىر قۇرامىغا يەتكەنلەردە تەبىي پەيدا بولىدىغان يات جىنىسقا بولغان ئىنتىلىشنىڭ  غۇۋا  كۆلەڭگۈسىنىڭ بىر قىسىمى، بۇ خۇددى توزنىڭ ئۆزىنىڭ چىرايلىق قۇيرۇقىنى نامەيەن قىلىپ جۆرىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانغا ئوخشايدۇ.

_ سەن ئۇنداق ئەمەسما،ئەزھەر  ؟

_مەن باشقىلارنىڭ كۆزىدە ياشاشنى خالىمايمەن، شۇڭا ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان «ۋەيرانە »ھالىتىم بىلەن ئىپادە قىلىنغان گۈزەللىك ئۇقۇمۇم ئىچىدە  ياشايمەن. يات جىنىسقا بولغان ئىنتىلىشكە   كەلسەك ، نورمال  ئىنسان بولغاندىكىن مەندىمۇ بولۇدۇ، پەقەت شۇ ئىپادىلىمىگەن يېرىملا بار .

-بولدى ،بۇ توغرۇلۇق پاراڭلاشمايلى،ماڭا بۇ قېتىم چوقۇم ياردەم قىل،مەن زادى كىمنى تاللىشىم كېرەك ؟ -دېدىم ئۇنىڭغا.

ھا ھا ....ئۇ بىر  مىنۇتقا يېقىن  توختىماي كۈلۈپ  مېنى بەكلا ئوڭايسىز ھالەتتە قالدۇردى.

-نالەن، سېنىڭ كۆڭلۈڭ ئالىقاچان كىمنى تاللاشنى بەلگۈلەپ بولدى.

- لېكىن ئەلىگە  قىيالمايمەن، ئۇنىڭغا مۇشۇنداقلا يۈزسىزلىك قىلىشقا پېتىنالمىدىم.

-بۇ پەقەت سېنىڭ ئازراق ئنسابىڭ بارلىقىنىلا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

- مەن ئىككسىنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم، ئەلشىر قابىليەت جەھەتتە  ئەلىگە يەتمەيدۇ.  لېكىن ئەلشىر بىر تەقۋا، دىندار بالا ، مىجەزىمۇ  بەك ناچار ئەمەس...

-بۇ   ئەقلىي تەپەككۇرۇڭنىڭ مېۋىسى، مۇھەببەتنى   قەلىبنىڭ تەبىي سەزگۈسى بەلگۈلىگەندىلا ئاندىن ساپ بولىدۇ،ئەگەر  ئەقىل ئارلاشسا ئۇ ئەسلىي ساپلىقىنى يوقۇتۇدۇ.

- شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ، مەن بەكلا ئىكلىنىپ قالدىم، ئۆتۈنۈپ قالاي ماڭا ياردەم قىل.

ماڭا قارا ،گۈزەل قىز ،-دېدى ئۇ باياتتىن بېرى ئىزچىل ئىپادىسىز تۇرغان كۆزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ،- سەن مېنىڭ يېقىن دوستۇم، شۇڭا بۇنداق بىچارىلەرچە يالۋۇرۇشڭنىڭ ھاجىتى يوق .مەن سەندىن سۇئال سۇرايمەن چۇقۇم راست گەپ قىل بولمىسا ياردەم قىلالمايمەن.

-بولىدۇ خاتىرجەم بول، چۇقۇم راست گەپ قىلىمەن .

- ئەگەر سېنى ئەلىنى تاللا دېسەم ، ئىكلەنمەي تالىيالامسەن؟


- بۇ...ئۇنداق قىلالمايمەن.

-نالەن ،ھەر نىمە بولسا راست گەپ  قىلدىڭ .سەن مېنىڭ ئالدىمغا ياردەم سۇراش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت كۆڭلۈڭنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا كەلدىڭ. سېنىڭ مەخسىدىڭ ماڭا ئەلشىرنى تاللا دېگۈزۈپ  دېلغۇلۇقڭنى سۈپۈرۈپ تاشلاشقا؛ ئەلىگە قىلغان يۈزسىزلىكىڭ سەۋەبىدىن بولغان ۋىجدانىڭنىڭ سوراق قىلىشىدىن قۇتۇلۇشقا  ئۇرۇنۇش.  بۇ خۇددى تارىختا ئۆتكەن  پادىشاھلارنىڭ  قىلماقچى بولغان خاتا   ئىشلىرىغا  قول ئاستىدىكى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خاھىشىغا بويسۇنىدىغان  ئۆلىمالاردىن «قىلغىنىڭ توغرا »دەپ پەتىۋا ئېلىش ئارقىلىق ،كۆرۈنىشتە بولسىمۇ گۇناھ تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇپ   ئۆز كۆڭلىنى ياسىغىنىغا  ئوخشايدۇ .ئەگەر مەن سېنىڭ كۆڭۈل خاھىشىڭغا بويسۇنماستىن بارلىق توغرا بولغان پاكىتلارنى ئالدىڭغا تاشلاپ ئەلىنى تاللا دېسەممۇ  ھەرگىز قايىل بولمايسەن.. چۈنكى ھازىر  قەلبىڭنى پۈتۈن ئىگەللەپ بولغان ئەلشىرنىڭ سايىسى ئەقىل كۆزۈڭنى توسۇۋالغان....

-دېگەنلىرىڭنى ئېتىراپ قلىمەن ، لېكىن ئەزھەر...

ئۇ قولىغا كىتابىنى ئېلىپ بايام كەلگەن يەرنى ئىزدەشكە باشلىدى، بۇ ئۇنىڭ « گەپ تۈگۈدى، كەتسەڭ بولىدۇ »دېگىنى ئىدى.ئامالسىز ئېغىزىمنىڭ ئۇچچىغا كەلگەن گېپىمنى يۇتۇۋېتىپ  ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتىم، دەل شۇ چاغدا ئەلشىر  ئۇچراپ قالدى ،لېكىن كۆرمىگەن بولۇپ كېتىۋەردىم.

ئەزھەر  گەپلىرىدىن ئازراق ئەقىل تاپتىم ھەم بىر ھەپتىگىچە ئەلشىر  بىلەنمۇ ئەلى بىلەنمۇ ئالاقىلاشماي كاللامنى سەگىتىپ  ئەستايىدىل ئويلانماقچى بولدۇم.  بەش كۈن ئويلىنىپ ئاخىرى  ئىككىلىسى  بىلەن ئۇچۇق يۇرۇق سۆزلۈشۈپ باقماقچى بولدۇم، باشتا كىم بىلەن سۆزلىششنى بىلەلمەي قالدىميۇ،  ئەلشىرنى سېغىنىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ  بىلەن باشتا كۆرۈشۈشنى تاللىدىم.

-ئەلشىر ،ئېيتىپ باقا ، مۇھەبەتلىشىشتىكى مەخسەت زادى نىمە؟- دېدىم مەن ئۇدۇللا .

-ئۆزۈم  ياخشى كۆرىدىغان  نالەن بىلەن توي قىلىش.

خۇشالىقىمدا سەكرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم ، بۇ دەل مېنڭ نەزىرىمدىكى ئۆلچەملىك جاۋاپ ئىدى.

-ئەگەر بىر كۈنلەردە ئاتا -ئانام مەندەك بىر تاللا قىزىنىڭ شىمالدا قېلىشىغا قوشۇلمىسىچۇ؟

-ئۆزۈم سېنىڭ يۇرتۇڭغۇ كېتىمەن.  

-لېكىن مېنىڭ ئۈرۈمچىدە قالغۇم بار .

-بۇمۇ بولۇدۇ ،-دېدى  ئەلشىر قولۇمنى  ئوتتەك تەپتى بار ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ  ،-پەقەت مېنى تاشلىۋەتمىسەڭلا ئۈرۈمچىدىن خىزمەت تېپىپ، سېنى مۇشۇ يەردە باقىمەن.

يۈرۈكۈم يېرلىپ كېتەيلا دېدى. ئەمدى ئەلى بىلەن كۆرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىدىم، چۈنكى ئۇ بەرگەن ۋەدىلەرنى ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭمۇ ئېغىزىدىن ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم. دېمەك ھازىر مەن بەخىتلىك ئىدىم.ئەمدىكى مەسىلە ئەلىگە قانداق چۈشەندۈرۈش ۋە ئەزھەرنى ھازىرقى تاللىشىمنى قۇبۇل قىلغۇزۇشتا قالغان ئىدى. لېكىن ئەلىگە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمىگەچكە ،ئاۋال  ئېھسان  بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇم.   

مەن توختىماي ئەلشىرنىڭ ياخشى گەپلىرىنى ، ماڭا بەرگەن ۋەدىللىرنى،ۋە مۇئامىلسىنى ئېھسان  ئالدىدا تەرىپلەشكە باشلىدىم.   

  -سەن يەنە كونا ئۇسسۇل بىلەن ئۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپسەن نالەن، مەن ساڭا دېگەن، سېنىڭ  كۆڭلۈڭ ئەلشىرگە ئېغىپ بولدى، ئۇنىڭ ئوتى ئاللىقاچان ئەقلىڭنىڭ تىزگىنىنى كېسىۋەتتى . بايام ئەلشىر توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىڭدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ،  ھازىر ئەلشىرنىڭ ئۇسۇرىقىمۇ ساڭا ئىپار پۇرايدۇ.ئەلىگە تارتىشىشىڭنىڭ سەۋەبى ئۇ ساڭا بەك كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلغان،ھەم يېقىن دوستۇڭ ،(ئۆزىمۇ ئىۋەن تاپقۇسىز بالا ) شۇڭا ئىنسابىڭ تەلۋە  قەلبىڭ ئالدىدا ئاجىز بولسىمۇ قارشىلىق قىلىپ سېنى ئەلى تەرەپكە تارتىۋاتىدۇ .

ئەمدى مەن ئۇ ئىككىسىگە بولغان شەخسىي كۆز قاراشلىرىمنى سۆزلەپ باقاي: ئەلى سېنىڭلا ئەمەس مېنىڭمۇ يېقىن دوستۇم، ئۇ  خۇددى سەن دېگەندەك مەرد ، ئۇچۇق- يۇرۇق، قولىدىن ئىش كىلىدىغان بالا ، لېكىن ئاجىزلىقى ھەممە ئادەمنى ئۆزىدەك ،تۈز -ساددا دەپ چاغلايدۇ،شۇڭا  ئۆزىنىڭ ساددا قارشى بويىچە ساڭا توختىماي ياخشىلىق  قىلسام، قىزغىن مۇئامىلىدە بولساملا سېنىڭ ياخشى كۆرۈشىڭگە ئېرىشەلەيمەن دەپ ئويلايدۇ. ئەلشىرنىمۇ ئۆزىدەك ساددا چاغلاپ  ئېچىنىشلىق يېڭىلىپ قالدى.

ئەلشىرگە كەلسەك بەزى گەپلىرىم بەلكىم قۇلۇقۇڭغا ياقماسلىقى مۇمكىن . باشتا ئۇ شىماللىق مەن جەنۇپلۇق بولغاچقا بەك يېقىن ئارلىشىپ ئۆتمىگەن، لېكىن كېيىن ئەلىنىڭ سايىسىدا ئازراق يېقىن بولۇپ قالغان،ئەلۋەتتە ماڭا باشتا ئېغىر بېسىق ، بىلىمدار ھەم تەقۋا كۆرۈنگەن ، لېكىن ئۆز ئاغىنىسى ئەلىنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ساڭا باشقا نىيەتتە بولغانلىقىغا، ھەم دىندار تۇرۇپ كەچلىرى سېنىڭ قولۇڭنى تۇتۇپ  سىرتلاردا پىرقىرتىپ يۈرگىنىگە قاراپ ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم ،ئاندىن سەن ھەم ئەلى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىپ ئىچىنى تىڭشاپمۇ ئۈلگۈردۈم. ھەقىقەتەن دىننى بىلىمى  چوڭقۇر بالىكەن،ھەم خېلىلا تەقۋاكەن، لېكىن  ئوتۇڭ بەكلا يامان كېلىپ قالدىمۇ،   ساڭا كەلگەندە ئۆزى سۆزلىگەن ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلالماي قالدى.

لېكىن ئېھسان ، ئۇ يەنىلا باشقا ئوغۇللارغا قارىغاندا مىڭ ياخشى، مەنمۇ چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرۈمەن، ھەتتا قولۇمنى چىڭ سىقىپ   تۇرۇپ كەلگۈسىدە ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

_ نىمە دېدىڭ نالەن؟ قولۇمنى چىڭ سىقىپ  تۇرۇپ كەلگۈسىدە ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشقا ۋەدە بەردى ؟! سەن ئۇنىڭ نىكاھلاپ ئالغان خۇتۇنى بولمىساڭ ، قولۇڭنى تۇتسا نامەھرەم بولىدىغىنىنى ئويلۇمىغانمىدۇ.

-بۇ....مەن بىلىمەن ، سەن مېنىڭ  ئەلىنى تاشلىۋەتمەكچى بولغۇنۇمغا نارازى، شۇ ئەلشىردىن توختىماي قۇسۇر چىقىرىۋاتىسەن.

  ئۇ ماڭا ھەيران بولغاندەك لاپپىدە قارىدى. شۇ تاپتا گەپنى قايتۇرۇۋالغىلى بولسىدى، چۇقۇم بايام ئازغۇنلۇقتا دەپ سالغانلىرىمنى قايتۇرۇۋالاتتىم.

ئېھساننى  مەن بەك ھۆرمەت قىلاتتىم، ئۇمۇ مېنى ئۆز سىڭلىسى ئورنىدا كۆرۈپ كۆيۈنەتتى، مەكتەپتە ئۇ بولغاچقىلا مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى بىخەتەر ھېس قىلاتتىم. لېكىن بۇ قېتىم ئەلشىرنى  دەپ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا گەپ ياندۇردۇم. ئېھسان  مېنىڭ ئوڭايسىز ھالەتتە قالغىنىمنى دەر ھال سىزىۋالدى ، كۆزلىرىگە مۇلايغىنە كۈلكە يۈگۈرتۈپ:

-نالەن، بەكلا ئۇماق ھەم پەرىدەكلا چىرايلىقسەن . لېكىن  گۈزەل قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دۆت كېلىدۇ.

سەن ئەلشىرنى بەكلا ياخشى كۆرۈسەن ئۇمۇ سېنى ياخشى كۆرۈدىكەن، ھەتتا ساڭا كەلگۈسىڭلار توغرىسىدا ۋەدىمۇ بېرىپتۇ، بەلكىم ئاشۇ ۋەدىللىرى راستۇر، لېكىن نالەن،  ئەلشىر  پۇزۇر كىيىنپ  ئاتا ئانىسىنىڭ بەرگەن پۇلىنى كەڭ تاشا خەجلەپ يۈرىيدىكەن. جاھاندىن بىخەۋەر ، زاھىد مىجەز بالىكەن. ئۆزى دىندار بولسىمۇ ،  ئىش خوشياقمايدىغان ھۇرۇن ھەم چۈشكۈنكەن.  كومپىيوتىر ، ئېنگىلىزتىلى دېگەنلەردىن  ھازىرغىچە بىرەر   كىنىشكىمۇ ئالماپتۇ، مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئوننەچچە پەندىن دەرىس قېلىپ بوپتۇ . بۇنداق  كېتىۋەرسە دېپلومنىمۇ ئالالماسلىقى ھەتتا مەكتەپتىن ھەيدىلىشى مۇمكىن . مۇشۇنداق تۇرسا دېگەنلىرى  راست بولسىمۇ  ئاشۇ بىر پاتمان ۋەدىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا  چامى يېتەمدۇ. تېخى سېنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ قېلىپ باقىمەن دەپتۇ. ئۈرۈمچى دىگەن پۇلى ، بىلىمى ،قابىلىيىتى بارلار ئاندىن پۇت تېرەپ تۇرالايدىغان يەر ،ئۇ سېنى ئۈرۈمچىدە غۇربەتچىللىكتە قالدۇرماي ھالىڭدىن خەۋەر ئالالمدۇ؟!.شەيتاننىڭ بىردەمچىلىك ۋەسۋېسىگە چىدىماي قولۇڭنى تۇتۇپ يۈرسە ئىسلامىي ئائىلىدىن قانداق سۆز ئاچقىلى بولىدۇ .

ئېھساننىڭ دېگەنلىرى سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن بىر ئاچچىق ھەقىقەت  ئىدى.

-ئۇنداقتا ،ئەلشىر بىلەن ئىزدەشمەمدىم؟ ئېھسان   ئورۇندىقىغا يۆلۈنۈپ  مېنى ئوبدان ئويلىنىۋال دېگندەك كۆزىنى  يۇمۇپ  بىردەم جىمىۋالدى . شۇ ئارلىقتىكى نەچچە مىنۇت سۈكۈت ئىچىدە مەن قارارىمنى يەنە بىر ئويلاپ باقتىم ، ئەلشىر  بىلەن ئالاقەمنى ئۈزگۈدەك جۈرئەتنىڭ يوقلىقى ئايان بولدى.  دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئويلىغانلىرىمنى دەپ ئۈلگۈردۈم:

- ئەلشىردىن ئالاقەمنى ئۈزەلىشىمگە كۆزۈم يەتمەيدۇ .

ئېھسان   كۆزىنى لاپپىدە ئاچتى، ئاندىن كۈلۈپ،- مەنمۇ تېخى سېنى ئالاقەڭنى ئۈز دېمىدىمغۇ.

_ گەپلىرىڭنىڭ ئورامىدىن چىقىپ تۇرمامدۇ؟

_ مەن پەقەت ئالدىڭدا ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئەلشىرنىڭ دەردىدە قاپاق بولۇپ كەتكەن كاللاڭنى سەگىتىپ قويدۇم.

ئەمسە ئۇنى تالىشىمغا قۇشۇلدىڭما؟

-بولدى نالەن ،بۇنداق بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالما، مەن قارشى تۇرغان تەقدىردىمۇ سەن بەرىبىر تالىشىڭدىن ۋاز كېچەلمەيسەن.

-ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەستى ،- دېدىم مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋايلاپ.

- ياق نالەن،ئەگەر سەن كۆڭلۈڭ ئىستىگەن يولدا مېڭىپ باقمىساڭ، نۇرغۇن يىللارغىچە تەۋەككۈل قىلىپ باقمىغىنىڭغا ئۆكۈنىسەن، ئۇنى ئېسىڭدىن چىقىرالمايسەن.

-ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن يۈرسەم بۇلامدۇ ،-دېدىم مەن  ئىچىمدىن تېپىپ چىققان  خۇشاللىقمنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ.

-سېنىڭ نەزىرڭدىكى يۈرۈش قانداق  بولىدۇ ؟!

ئەتراپڭدىكى بىر مۇنچە كىشىلەردەك  پۈتۈن كۈن دېگۈدەك  يېتىلىشىپ يۈرسەڭلار، ئۈچ ۋاق تاماقنى   بىللە يېسەڭلار؛ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمدا ،تۇغۇلغان كۈنىڭلاردا ئاتا - ئاناڭلار بەرگەن پۇلغا بىر- بىرڭلارغا قىممەت پۇللۇق سوۋغا ئېلىپ بەرسەڭلار؛ يۈرگەن، مۇھەببەتلەشكەن بولامسىلەر؟!

_ياق ..ياق ..ئۇنداق ئەمەس.

-ئەمسە قانداق؟

-بۇ.....

-نالەن، گەپ ئۇچۇق بولۇپ قالسۇن، مەن پەقەت ئۇنى تالىشىڭغىلا رۇخسەت قىلدىم، باشقىلارغا ئوخشاش ئەر -خوتۇندەك يېتىلىشىپ يۈرۈيمەن دېسەڭ ھەرگىز بولمايدۇ،


-ئۇنداقتا  سەن  ئامال بولسا دەپ بېرە.

- مەن ساڭا بەك ئىشىنىمەن، بۇ يەرگە كېلىپ تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدۇم، باشقىسىنى دېمەيلا قۇياي، ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، خېلى _خېلى قىزلارمۇ ئۇزۇن كۆڭلەك بىلەن ئىشتاننىڭ ئورنىغا، ئۈچەيدەك ئىشتان بىلەن ، تار گاڭسەرلەرنى كىيىپ، گىرىمنى بولىشىغا قىلىپ  بېشىغا ئىككى قات رومال تېڭىۋالغاندا  سەن  ئۇنداق قىلمىغان. باشقىلار كەچلىرى ياتاققا كىرمەي  بەس - بەس بىلەن «مۇھەببەت » جېڭىگە ئاتلانغاندىمۇ ئۆزپېتڭدىن چۈشمەي تۇرغان، لېكىن بۇ قېتىم ئەلشىر نىڭ دەردىدە كاللاڭ پۈتۇن تۇرمۇزلۇنۇپ قاپتۇ . بۇنى مەندىن سورىماي ئۆزۈڭ ئەقلىڭ، ئېتىقادىڭ بىلەن ئوبدان ئويلاپ كۆر.

-چۈش بولۇپ قاپتۇ ، ماڭا تاماق يېيىشىپ بەر ،- دېدىم ئۇنىڭغا .

_ خاپا بولما، تاماقنى ياتاققا ئەكىرىپ كېتىپ يەيمەن.

- مەن بىلەن بىللە تاماق يەپ خەخنىڭ گېپگە قېلىشىن قورقامسەن يا .

-  نالەن، نىمانداق كىچىك بالىدەك ئۇششاق خىيال قىلىسەن ،- دېدى ئۇ تىرىككەندەك بولۇپ.

ئەمسە  نېمىشقا  دائىملا تامىقىڭنى ئېلىپلا ياتاققا يۈگۈرەيسەن ؟

مېنىڭمۇ ئاشخانىدا تاماق يېگۈم بار ، لېكىن  ئاشخانىدا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان ئىشلار بەكلا كۆپ بولغاچقا خاتىرجەم تاماق يېيەلمەيدىكەنمەن.

ئاشخانا ياتىقىڭدىن پاكىز تۇرسا نېمىگە كۆڭلۈڭ ئېلىشىدۇ؟

- بولدى  نالەن، يىشودەك سۇئال سۇراۋەرمە، كېيىن دەپ بىرىمەن.

_ دېگۈڭ بولمىسا مەجبۇرلىماي، ھە راست ،ئەلىگە نىمە دەپ چۈشەندۈرىمەن.

_ ھا ..ھا ... گەپنى ئۇچۇقلا ئېيتمامسەن..

- ئۇنىڭ كۆڭلىنى پەقەتلا  ئاغرىتقىم  يوق،بۇنىڭدىن ياخشى ئامال يوقمۇ؟

-بار ، ئەلىنى تاللىساڭ كۆڭلى ئاغرىمايدۇ.

-بۇ مۇمكىنمۇ، ئېھسان ؟!


   ئەلىنى تۇنجى قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلدىم، ئۇنىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيدۇمۇ بىلمىدىم، ئۇ قېتىم پەقەتلا ئېچىلىپ ئولتۇرالمىدى، سۆزلىرىمۇ قۇلاشمايتتى.

-مەن ساڭا بىر گەپنى دەي دېگەن ئەلى. ئۈستەلدىكى ئاللىقاچان سۇغۇپ قالغان چايدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تۇرۇپ .

- بولدى دېمىسەڭمۇ بولىدۇ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلىدىغىنىمنى ئالىقاچان كۆڭلۈم سېزىپ بولغان.

-مېنى كەچۈرگىن ، مەن ساڭا  يۈز كېلەلمەيمەن-، دېدىم ئۇنىڭغا قاراشقا جۈرئەت قىلالماي-، شەخسىيەتچىلىك قىلىپ سېنى بەك كۆپ قىينىۋەتتىم.

- بولدى نالەن ئۆزۈڭنى بەك ئەيىپلەپ كەتمە، ھەممە نەرسىنى سەدىقە قىلغىلى بولسىمۇ مۇھاببەتنى سەدىقە قىلغىلى بولمايدۇ.ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا سەندەك ئاق كۆڭۈل قىز چۇقۇم ماڭا سەدىقە قىلغان بۇلاتتى.

- مېنى راستىنلا كەچۈر، سەن بەك ياخشى،سېنىڭدىنمۇ ئايرىلغىم يوق، مېنىڭ ناچارلىقىم سەۋەبىدىن دوستلۇقىمىزغا تەسىر يەتمىسىكەن دېگەن ئۈمۈتتىمەن.

-خاتىرجەم بول دېدى،- ئۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەندەك تۇرىدىغان كۆزلىرىگە سۇس تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ  ،-سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم .

ئۇ ئۆزىنى شۇنچە ئازادە تۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ ، پەقەتلا قاملاشتۇرلمايۋاتاتتى: بىر - بىرىمىزدىن خۇددى مۇئەللىم بىلەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىدەك گەپلەر «ھەئە» ياكى «ياق » بىلەنلا تۈگەنلىنەتتى. ئاندىن ئارىمىزنى تاغدەك توسۇپ تۇرۇدىغان   ئېغىر بىر سۈكۈت باساتتى .

-نالەن،  پويىز بېلىتىنى قاچان ئالىمىز  ،-دېدى ئۇ.

مەن ئۇنىڭغا ھەيران بولغاندەك لاپپىدە قارىۋېدىم  ئۆزىنىڭ ئورۇنسىز گەپ قىلىپ قويغانلىقىنى دەرھاللا سېزىپ بويۇن قۇلاقلىرغىچە قىزىرىپ كەتتى ، چۈنكى تەتىلگە يەنە ئۈچ ئايدەك ۋاقىت بار. ئۇ مېنى مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قۇيۇپ  ئۆزى   يالغۇز ئايلىنىپ كېلىمەن دەپ كېتىپ قالدى.( كېيىن شۇ كېچىسى ئۇنىڭ ياتاققا قايتماي، سىرتتا بىر كېچە تىنەپ يۈرگەنلىكىنى بىلدىم).   


   كېيىن مېنىڭ تىرىشچانلىقىم بىلەن  ئەلى بىلەن قايتىدىن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدىم . ئەلشىرنى  شۇنچە ياخشى كۆرسەممۇ بەك ئەيمىنگەچكە ئىشلىرىم چىقىپ قالسا يەنىلا  ئەلدىن ياردەم سۇراشقا  مايىل ئىدىم، ئۇمۇ ماڭا بۇرۇنقىدەكلا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلاتتى.

ئاشۇ كۈنى ئۆيدىكىلەر يەنە نەرسە ئەۋەتتى ، مەن ئەلىدىن ياردەم سورىدىم، نەرسىنى ئېلىپ  مەكتەپكە كىرىۋاتساق ئەلشىر ئۇچىراپ قالدى، ئاندىن قاپىقىنى تۈرگەن پېتى يەشىكنىڭ مەن تۇتقان تەرىپىنى كاپلا قىلىپ تارتىۋېلىپ ئەلىنىڭ كۆتۈرۈرۈپ بېرىشەي دېگىنىگە ئۇنىماي يەشىكنى مۈرىسىگە ئېلىپلا مېنى يېتىلىگەن پېتى كېتىپ قالدى، ئەلى نىمە قىلىشنى بىلمەي قىزىرىپ- تاتىرىپ جايىدىلا تۇرۇپ قالدى. مەن ئەلشىردىن قاتتىق خاپا بولدۇم.  

ياتاققا كىرىپلا ئەلىدىن كەچۈرۈم سۇراپ ئۇچۇر يوللۇدۇم، لېكىن ئۇنىڭ دېگەنلىرى مېنى تېخىمۇ خىجىل قىلىپ قويدى  :

«- نالەن، ئەسلى كەچۈرۈمنى مەن سۇرۇشىم كېرەك ئىدى، سەن ئەلشىر بىلەن مېنىڭ ئارامدا قېلىپ بەك كۆپ تەڭقىسلىقتە قالدىڭ.  بىلىمەن، كۆڭلۈمگە پەقەت ئازار بەرگۈڭ يوق، لېكىن مۇھاببەت دېگەن شەخسىيەتچى كېلىدۇ،ئەلشىرنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولساممۇ چۇقۇم قىزغانغان بۇلاتتىم. »

ئاندىن ئەلشىرگە  ئۇچۇر يوللىدىم :

- بايام نىمانداق قىلىسەن، ئەلى مېنىڭ يېقىن دوستۇم تۇرسا !

- «ماڭ قارا نالەن ، بىلىمەن ئۇ مېنىڭمۇ ياخشى دوستۇم، ئەمما مەن بىلەن  ئارلىشىپ تۇرۇپ، ئەلى بىلەن سىرتلاردا يۈرسەڭ باشقىلار  سېنى خاتا چۈشىنىپ يەنە ئازار بېرىپ قېلىشى مۇمكىن ،بىلسەڭ پەقەت ساڭا ياخشى بولسۇن ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم»  دېدى  . لېكىن بۇ جاۋاپ مېنى ئانچە قايىل قىلالمىدى.

- ئەلشىرنىڭمۇ دېگىنى توغرا،- دېدى ئېھسان  ،-  سەن بەكلا تۈز ھەم ئاق كۆڭۈل ، لېكىن ھەممە ئادەم  سەندەك تۈز ئەمەس،  ساددا ،ساپ كۆڭلىڭ بىلەن ئويلىغان ئىشلارنى ئۇلار  ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان ساپلىقىنى يۇقاتقان ئەگرى- تۇقاي تەپەككۇرى بىلەن  يامان تەرەپكە بۇراپ ، مەرھاباغا ئوخشاش « شاپاقچى» غا چىقىرۋېتىدۇ، ھەتتا ئەلشىرمۇ توغرا چۈشىنەلمەيدۇ.  بەلكىم ئويلايدىغانسەن ،« خەخ نىمە دېسە دېمەمدۇ»  دەپ ، لېكىن   سەن مۇشۇنداق بىر ئىجدىمايى مۇھىت ئىچىدە تۇرغان  ئىكەنسەن ئاڭسىز ھالدا ئەتراپىڭدىكى مۇھىت  سىزىپ بەرگەن سىزىق  ئىچىدە ياشاپ قالىسەن. يەنە بىر تەرەپتىن، سەن ھەر قانچە تىرىشساڭمۇ ئەلى بىلەن بۇرۇنقىدەك يېقىن بۇلۇپ ئۆتەلمەيسەن .چۈنكى  ئەلىنىڭ  سۇنغان يۈرۈكنى مەنسىتمەي  قاتتىق بىر دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىشىڭ بىلەن ئاراڭلاردىكى پاراللېل مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ  ئەلى سېنىڭ ئالدىڭدا تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، سەن بۇرۇنقىدەك يېقىن كۆرەلىسەڭمۇ، ئۇنىڭ  رەنجىگەن دىلى ئۇنداق قىلالىشى ناتايىن .  دېمەك   ،  ئاراڭلاردا ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر ھاڭ پەيدا بولدى. ئەمدى  ئۇنىڭ بىلەن ئارلىق ساقلىغان ھالەتتە ئادەتتىكى دوست بولۇپ ئۆتەلىسەڭ شۇنىڭ ئۆزى بىر چوڭ ئىش .ئەگەر سەن يەنە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن دەپ ھەدىدىن زىيادە يېقىنچىلىق قىلساڭ، ئۇنىڭ دىلىغا مۇز چېچىپ ئۆچۈرگەن ئوتلىرىڭ قايتىدىن  لاۋۇلداپ سېنى يەنە تەڭقىسلىقتە قۇيۇشى مۇمكىن        .

     ئاشۇ كۈنى سىرتتىن كىرىۋاتساق  ئەلى قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن غايىپتىن پەيدا بولغاندەكلا كېلىپ  مېنى تۇتۇۋالدى. ئەلشىر  ئۇنى مۇنداقلا ئىتىرىۋېدى ئۇ  مەس ھالەتتە بولغاچقا دەلدۈگۈنۈپ يىقىلىپ چۈشتى، لېكىن يەنە ئۆمىلەپ دېگۈدەك كېلىپ مېنىڭ پېشىمغا ئېسىلدى، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرۇقى بەكلا يىرگىنىشلىك ھەم بىچارە ئىدى.

- ئۈتۈنۈپ قالاي نالەن ، ساڭا نەچچە ئېغىزلا گېپىم بار دەۋەلساملا بولۇدۇ..

ئۇنىڭ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدىغان تۇرۇقىغا ئىچىم ئاغرىپ ئەلشىرگە قارىدىم  ، لېكىن ئۇ مېنىڭ قۇلۇمدىن تارتىپ ئەكەتمەكچى بولدى، ئەلى  پېشىمنى قۇيۇۋەتمەي  يالۋۇرشقا باشلىدى:

جېنىم ئاداش ، ئىككى ئېغىزلا گېپىم بار ، ئىشەنمىسەڭ مۇشۇ يەردىلا سېنىڭ ئالدىڭدا دەي، گېپىمنى دەۋەلساملا نالەننى  ھەرگىز  ئاۋارە قىلمايمەن...

لېكىن ئەلشىر ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋامۇ قىلماي قولۇمنى تارتقان پېتى  ئېلىپ كەتتى..

بىز ھەر كۈنى ئاشۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدە مۇڭدىشىپ ئولتۇرغۇنىمىزدا ئەلى تىلفۇنىنى قۇلىقىغا تۇتۇپ يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتەتتى ، بۇ ھالەت كۈندە دېگۈدەك تەكرارلىنىپ تۇراتتى، بۇلتۇر قىشتىكى ئاشۇ كۈنى كەچتە  مەن قەھرىتان سۇغۇقتا ماگزىنغا چۈشسەم  ئۇ يەنە بىنانىڭ تۈۋىدە تۈگۈلۈپ تۇرپتۇ، ئارقىمغا قايرىلىشىمغا ئۇنىڭ غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى ئاڭلاندى..

- مېنى بۇ يەردە توڭلاپ ئۆلمۇسۇن دېسەڭ توختاپ تۇر ...

مەن تۇرۇپ قالدىم لېكىن كەينىمگە قايرىلمىدىم.

-نالەن  مەن سەندىن ئاخىرقى قېتىم سۇراي، سەن راستىنلا ئۇنى تاللىدىڭما؟

تالاي قېتم سۇرالغان بۇ بىچارە سۇئالغا جاۋاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا يولۇمغا ماڭماقچى بولدۇم ،لېكىن ئۇ بىلىكىمدىن تۇتۇۋالدى..

- جېنىم نالەن  سېنىڭدىن باشقا ياخشى كۆرىدىغان ھېچكىمىم يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا ماڭا رەھىمسىزلىك قىلىسەن؟

- سېنىڭدىن باشقا ھېچكىمىم يوق؟ كۈندە   قولۇڭدىن تېلفۇننى چۈشۈرمەي بىرى بىلەن سائەت سائەتلەپ پاراڭلىشىسەنغۇ ، ئۇ كىمۇ ئەمسە؟

_ مەن ھېچ كىم بىلەن پاراڭلاشمايمەن، سەن ھەر كۈنى ئاشۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ پارڭلىشىسەن، مەن پەقەت شۇ ۋاقىتتىلا سېنى كۆرەلەيمەن، ئۇ يەرگە بارمايمەن دەيمەنۇ ساڭا ئىنتىلگەن بىچارە قەلبىم مېنى سۆرەپ ماڭىدۇ، ئەلشىر  بىلەن تۇرغىنىڭنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم چايان چاققاندەك ئېچىشىدۇ، لېكىن ئەتىسى يەنە قۇلۇقۇمغا تىلفۇننى بىكارغىلا يېقىپ سېنى كۆرۈش ئۈچۈن بارىمەن ، چۈنكى شۇ يەردىلا سېنى كۆرەلەيمەن ...

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي  قولىدىن يۇلقۇنۇپ كىرىپ كەتتىم.  ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى قىلىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىپ ئەلشىرگە ئۇچۇر يازدىم، لېكىن تىترەپ تۇرۇپ يازغان ئۇچۇرلۇرۇم جاۋاپسىز قالدى.شۇ كېچىسى پۈتۈن قارا بېسىپ چىقتى....


    ئەلىنىڭ مېنى دەپ بۇنداق تۈگۈشۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرلمايتتىم .نەچچە قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇق يۇرۇق سۆزلىشىپ باققان بولساممۇ ئۇ « سېنىڭدىن ئايرىلالمايمەن» دەپ ماڭا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭغا دېمەكچى بولغانلىرىمنى   دېيىشكە پۇرسەت بەرمەي مېنى بەكلا تەڭقىسلىقتە قويۇپ قويدى.ساڭا دەي دىسەم مۇشۇ ئەلپازىڭدا يەنە ئەلىگە توڭ تېگىپ كۆڭلىنى ئاغرىتىشىڭدىن ئەنسىرەپ دېيەلمىدىم، ئامالسىز يەنە ئېھساننىڭ ئالدىغا بېزىرىپ باردىم.

- ھەي ، ئابدۇللا شاتىر بىلەن غېرىپ ئالمىشىپ قالدى. بىلەمسەن نالەن ،  سەنەمجاننى ئابدۇللا شاتىر غېرىپتىنمۇ بەك ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن ،لېكىن  كىمنىڭ ئابدۇللا شاتىر كىمنىڭ  غېرىپ بولىشى سەنەمجاننىڭ يۈرىكى بەلگىلەيدۇ.مانا ھازىر نالەننىڭ ساراڭ كۆڭلى ئەلشىرگە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەلى بىچارە ئابدۇللا شاتىرنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى.ئۇنىڭ ئەقىل -ھۇشۇنى يۇقاتقاندەك  ئۆزىنىڭ ئىززەت ئابرويىنىمۇ ئويلىماي ساڭا بىچارىلەرچە يالۋۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئۆزىلا سېنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغىنىنى دەپ بېرەلەيدۇ.

- بۇنى  بىلىمەن ، لېكىن تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ، مېنىڭ كەينىمگە يېنىپ ئۇنى تاللىشىم مۇمكىن ئەمەس.  مېنىڭ ئويلىغىنىم، سەن ئەلى بىلەن يېقىن ئاغىنە بولغاندىكىن سېنى ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ قويسا ئوڭشىلىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمۈدتىمەن.

-ئوڭشىلىپ قالارمىكىن ؟

ھەئە، ئۇ سېنىڭ گېپىڭنى چۇقۇم ئاڭلايدۇ.

- ۋاي تاڭ جۇمۇ،  ئۇنىڭ بىلەن ئوبدان بىر سۆزلىشىپ باقاي، لېكىن ئەلىنى داۋالايدىغان ئەڭ ياخشى دورا  يەنىلا ۋاقىت. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ئىزدەپ يۈرمە. ئۆزى ئىزدىسىمۇ  تۇتۇق بەرمە ، قاپاق ئاچما. بۇ گەرچە رەھمسىزلىك بولۇپ قالسىمۇ سەنسىز ئۆتىشكە كۈنىۋالسۇن.

ئېھسان دېگەندەك ئۇنىڭغا قاپاقمۇ ئاچمىدىم، يولدا ئۇچىرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتتىم. ئۇمۇ مېنى بۇرۇنقىدەك ھاراق ئىچىۋېلىپ ئالدىمنى توسۇمايدىغان بولدى.نەچچە ئاي ئۆتۈپ ئۇ ئەزھەر بىلەن بىرگە ئۇچىراپ قالدى، ئۇنىڭغا سۇس بولسىمۇ سالام قىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكى دوستلارغا ئوخشاش ئۆتىدىغان بولدۇق.

-ئەلىگە سەن بىر نەرسە دېگەنمۇ ،- دەپ سورۇدۇم ئېھساندىن.

- ئاۋال سەن بىلەن ئەلشىرنى تازا تىللاپ بەردىم..

- نىمە، ئۇنىڭ ئالدىدا ؟!

-ھەئە، ئەلى سىلەرگە ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن تۇرسا ياخشى گېپىڭلارنى قىلسام قۇلىقىغا ياقامدۇ؟

-مۇشىنىڭ بىلەنلە تۈگەنلەندىما؟

- ياق نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار، ئۇنىڭ بىلەن كۈندە دېگۈدەك بىللە يۈردۈم،  ئۇنىڭغا يالغۇز قېلىپ قالايمىقان خىيال سۈرىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان پۇرسەت بەرمىدىم.  شۇنداق قىلىپ بارا - بارا ئوڭشالدى.

- مەن ئۇنىڭ دەردىگە ھاراقنى داۋا قىلغىنىغا بەك ئىچىم پۇشقان ،-دېدىم مەن.

- نىم دېدىڭ نالەن؟! سېنىڭچە ھاراق دەرتكە داۋا بۇلامدا؟

ئويلىماي دەپ سالغان گېپىم ئۈچۈن يەنە بىر دەشنەم ئىشتىدىغان بولدۇم دېسەم ، ئۇ چېچىلماستىن چۈشەندۈرىشكە باشلىدى.

- ھاراق دەرتكە داۋا بولمايدۇ، بەلكى ساق ئادەمنى «دەرتمەن» قىلىۋېتىدۇ. نىمىشقا دېسەڭ ھاراق دېگەن سېپى ئۆزىدىنلا نىجىس نەرسە بولغاچقا ئادەمنىڭ روھىنى بۇلغايدۇ، ئەقلىنى كور قىلىدۇ، شەيتانغا بۇيۇن ئەگدۈرىدۇ، شۇنداق قىلىپ ساقلا بىر ئادەم جىسمنى تۈگەشتۈرۈپ كىشىلەر ئارىسىدا رەسۋا بولىدۇ.

-بولمىسا ئەلىمۇ بۇنچىلىك دۆت ئەمەستى،- دېدىم مەن قايىل    بولمىغاندەك،-لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى «ئاغىنىللىرى» ساپلا ئىچەرمەن -چىكەرمەنلەدىن ئىكەن، ئۇلار ئەلىنىڭ چۈشكۈنلەشكەن  ۋاقتىدىن پايدىلنىپ ئۇنى يامان يولغا باشلاپ قويدى،شۇڭىمۇ « قاغا بىلەن ئۈلپەت بولساڭ ، يېيىشىڭ پوق »  دېگەن راست گەپ .

-شۇڭا نالەن ،سېنى ئەمدى ھېلىقى يۈز_كۆزىنى مايمۇندەك  بۇياپ، كەچلىرى سىرىتتن كىرمەيدىغان گۈلناز دېگەن قىز بىلەن بىللە كۆرۈپ قالماي.

-ھې ھې..ئاخىرى دەۋالدىڭ ھە .

- ئىشقىلىپ ئۆزۈڭنىڭ خىلى  بولالايدىغانلار بىلەن يۈر،-دېدى ئېھسان  چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ .



                            ئىككىنچى قىسىم :ئازاپ  كوچىسى                           



     - ئاداش، ساڭا بىر گەپنى دەي دېگەن  ،- دېدى بىر يېقىن دوستۇم .               

  - دەۋەرگىن  ، شۇنچە ئىكلەنگدەك نىمە ئىشتى ئۇ؟

- چۈشتە مەكتەپنىڭ سىرتىدا ئەلشىرنىڭ  بىر قىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردۈم.

- چاق -چاق قىلمىغىنە خاتا كۆرۈپ قاپسەن ؟

- كۆرگەن مەنلا ئەمەس ، ياتاقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆردى.

ئۇنىڭ قالغان گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرمىدى، ئەس -يادىمنى «نېمىشقا »دېگەن سۇئال چىرمىۋالغان ئىدى.ئەلشىرنىڭ  مېنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقى  ئېنىق تۇرسا، قانداقمۇ باشقا قىز بالا بېلەن يېتىلىشىپ يۈرىيدۇ  ، ئىچىمگە پاتمايۋاتقان « نېمىشقا » دېگەن سۇئال، ئەلشرنىڭ قېشىغا  ئىتىرىپ ئاپاردى.

- ئۇ كىم ! ؟-دېدىم مەن ئۇدۇللا.

- قايسى كىم ئۇ، گەپنى ئېنىقراق دېمەمسەن.

ئەلشىرنىڭ  بىلىپ تۇرۇپ مېنى مەسخىرە قىلغاندەك سورىغان سۇئالى  جېنىمغا تەگدى:

-چۈشتە يېتىلىشىپ يۈرگەن كىم ئۇ ؟!

-ھە ،نىم دەيدىكىن دەپتىمەن تېخى،ئۇنى كېيىن دەپ بىرەي، ھازىر تامىقىمىزنى يەيلى،-دېدى ئەلشىر ھېچ ئىش بولمىغاندەك .  غەزىپىمنى پىسەنتىڭگە ئالماي بىخىرامان ئولتۇراتتى، ئاچچىقىمدا ئۆرۈلۈپلا سىرتقا يۈگۈردۈم . كەينىمدىن چاقىردىمۇ ئېسىمدە يوق، قىزىل چىراققىمۇ قارىماي يۈگۈرۈپ نەچچە ماشىنىنڭ ئۇشتۇمتۇت تۇرمۇز قىلغان ، سىگىنال بەرگەن ئاۋازىنى چۈشۈمگە ئوخشاش غۇۋا ھېس قىلالىدىم . بىر چاغدا يۈگۈرۈۋېرىپ نەپىسىم يېتىشمەي، پۇتلۇرۇمدا جان قالمىغاندا بىر كوچا ئاپتۇبۇسى توختايدىغان سۇپىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققتا ئولتۇرىۋالدىم، بەكلا تىز يۈگۈردىممۇ بىلمەيمەن ، ئولتۇرۇشۇمغىلا كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ ئورۇندۇقتىن يىقىلىپ كەتكىلى تاس قالدىم . لېكىن ئاشۇ  قۇپقۇرۇق

قاراڭغۇلۇق ئىچىدىمۇ  ئەلشىرنىڭ تىز سىزمىغا ئوخشايدىغان گەۋدسى  لەيلەپ تۇراتتى.

قىزبالىنىڭ قولىدىن يىغلاپ-قاقشاشتىن باشقا ھېچ نەرسە كەلمەيدىكەن.   يىغلاۋېرىپ گېلىم قۇرۇغاندا ئورنىمدىن تۇردۇم ،كاللام خېلى سەگىپ قاپتۇ .تۇيۇقسىز كۆزۈم سائەتكە چۈشتى،ياتاقنىڭ ئىشىكىنى تاقىغىلى پەقەت يېرىم سائەتلا قالغان ئىدى. شاپپىدە ئورنىمدىن تۇرۇپ مەكتەپكە ماڭماقچى بولدۇميۇ قايسى تەرەپكە مېڭشنى بىلەلمىدىم ،باياتتىن ساراڭدەك يۈگۈرۈپ ناتۇنۇشلا بىر يەرگە كېلىپ قالغان ئىدىم،مۇشۇنداق كەچتە، ئۆزۈم يالغۇز قالغىنم ئۈچۈن  قورقۇنۇچ بېسىپ پۇت- قۇلۇمدا جان قالمىدى، بۇنداق كەچتە تاكسى توسماق بەك تەس ئىدى،ئۆزۈم يالغۇز  قارا تاكسىغا چىقىشتىن قورقاتتىم. ھەممىدىن كەچتە ياتاق تەكشۈرەتتى، ياتاقتا بولمىغانلارنىڭ ئىسمىلىكىنى  ياتاق بىناسى ئالدىدىكى دوسكىدا ئېلان قىلاتتى، ئەگەر مۇشۇنداق قىز بالا تۇرۇپ كېچىسى ياتاققا كىرمەيدىغان  بولسام، باشقىلار نىم دەپ قالار، قانداق چۈشەندۈرەرمەن ...

      ئەلشىرگە  تېلفۇن قىلىشىم مۇمكىن ئەمەستى، ئەلىگە تېخىمۇ شۇنداق، ئېھسانغا  تىلفۇن قىلاي دىسەم، كەچتە سىرتتا يۈرگىنىمنى كۆرسە چۇقۇم خاپا بۇللاتتى، لېكىن يەنىلا ئېھساننى  تاللىدىم . ئون مىنۇت ئۆتمەي ئۇ بىر قارا تاكسى بىلەن كەلدى، ئېھسان  ماشىنىدىن چۈشۈپ مەن تەرەپكە كەلگەندە خۇددى ئۆلۈمدىن قۇتۇلغان ئادەمدەك خۇشاللىقمدا ئۇنىڭغا ئېسىلىدىغاندەك ھالەتتە تۇراتتىم، لېكىن  ئۇنىڭ ماڭا قاراشقا ھەپىلىسى يوق ئىدى،مېنى سۆرەپ دېگۈدەك ماششىنغا چىقاردى. شوپۇرنى توختىماي ئالدىرتاتتى،مەكتەپكە كەلسەك دەرۋازىنى ئىتىۋېتىپتۇ،  ئۈمۈدسىزلىنىپ جايىمدا ئولتۇرۇپلا  قالدىم.  لېكىن ئېھسان مېنى يەنە تارتقۇشلاپ يۈگۈرۈپ رىشاتكا تۈۋىگە ئاپاردى، رىشاتكا خېلىلا ئېگىز ئىدى.

تىز بول  ،-دېدى ئېھسان  يېرىم زوڭزىيىپ تۇرۇپ،- مۈرەمگە  دەسسەپ رىشاتكىغا  چىق  .

جانسىز پۇتلۇرۇم بىلەن ئۇنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ رىشاتكىغا ياماشتىم ئۈستىگە چىقىپ بولۇشۇمغا ئۆزۈمنى كونتىرول قىلالماي مەكتەپنىڭ ئىچى تەرەپكە سەكرىدىم ، رىشاتكىنىڭ تۈۋىدە ئېرىق بولغاچقا بىر پۇتۇم پەسكە يەنە بىر پۇتۇم ئېگىزگە چۈشتى، ئېگىزگە چۈشكەن پۇتۇم زىررىدە قىلىپ بېشىمدىن كىرگەن ئاغرىق تاپىنىمدىن چىقىپ،ئاغرىققا چىدىماي ۋايجانلاپ كەتتىم، دەل شۇ چاغدا ئېھسانمۇ  يېنىمغىلا چۈشتى.

-مېنى يۈلە، پۇتۇم قايرىلدى.

- ۋاي شورلۇق نالەن، كەچتە ياتاقتا جىم ئولتۇرماي سىرتتا تىنەپ يۈرگەندىن كېيىن خوپ بولدى.

-ئاھ خۇدا، تىللىساڭمۇ كېيىن تىىلا، ھازىر مېنى يۈلىۋال ،تېز بول ! مېنىڭ ئاۋازىم يىغلىغاندەك چىقىپ كەتكەچكە ئۇ ئەھۋالىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىمۇ مېنى يۆلىۋالدى، لېكىن يەنە  ئىت قوغلىغاندەك  تارتقۇشلاپ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كېتىۋاتاتتى. قايرىلىپ كەتكەن پۇتۇمدا يەرگە ھەر بىر دەسسىگەندە  جېىنم بىر قاقشايتتى. ئاخىرى بۇلالالماي  ئولتۇرۇۋالدىم.

- ئەمدى تارتما، يەنە ماڭسام ئاغرىقتا ئۆلۈپ كېتىمەن،- دېدىم مەن يىغلاپ.

-ئۆلسەڭمۇ ياتاقتا  كىرىپ بولۇپ ئۆلگىن ، بۇ يەردە ئۆلۈپ قالساڭ خەخ سېنى سېسىتىۋېتىدۇ  .

- ماڭا  يۈز -ئابروي كىرەك ئەمەس ،ئەمدى  ماڭالمايمەن...

-خەپ  نالەن ،ئەگەر ئۆلۈپلا كەتمەي قالساڭ ئەتە ئەدىبىڭنى ئوبدان  بېرىمەن ،- دېدى  ئېھسان . ئاندىن  مېنى يۈدۈپلا يۈگۈردى.

ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلسەك مەرھابا كېچىكەنلەرنى تىزىملايدىغان دەپتىرىنى تۇتۇپ غادىيىپ تۇراتتى، ( ئۇ ئۇيۇشما ئەزاسى ئىدى).

مەرھابانى كۆرۈپ تۈگەشتىم دەپ ئويلىدىميۇ، ئېھساننىڭ يېنىمدا بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ سەل خاتىرجەم بولدۇم، چۈنكى مەرھابا ماڭا يەۋەتسىمۇ دەردى چىقمۇغىدەك ئۆچ بولسىمۇ ئېھساننى ھۆرمەتلەپ بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.

- مەرھاباغا دېگىن مېنى تىزىملاپ قويمىسۇن ،-دېدىم  مەن ئېھسانغا .

-خاتىرجەم بول مەرھابامۇ ئۇنداق ناچار ئەمەس.

دەل شۇ چاغدا مەرھابا :-نالەنگە نىمە بولدى،-دەپ سورىدى.

مەن ئېھساننىڭ راست گەپ قىلىپ سېلىشىدىن قورقۇپ:

- پۇتۇم قايرىلىپ كەتكەن،دوختۇرخانىدا تاڭدۇرۇپ بولغۇچە كەچ قالدۇق،-دېدىم .

ئېھسان مەرھاباغا مېنى ياتاققا ئېچىقىپ قۇيۇشنى ئېيتىپ قويۇپ  كېتىپ قالدى.

-پۇتۇڭىز نىم بولۇپ قايرىلىپ كەتتى ،-دەپ سورىدى مەرھابا.لېكىن ئۇنىڭ ئۆتكەندە قىلغان ئاھانەتلىرى ئېسىمدە بولغاچقا گېپىنى ئاڭلىمىغان بولىۋالدىم.

قىلغان «نوچىلىقىم» غا ئاچچىقى كەلدىمۇ  ياتاققا ئەكىرىپ قۇيۇپ يەۋەتكۈدەك بىر ئالىيىۋېتىپ ئىشىكنى «جاللاققىدە» يېپىۋېتىپ چىقىپ كەتتى.

   پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىدە كېچىچە كۆزۈمنى ھاڭ ئېچىپ يېتىپ ، سەھەرگە يېقىن ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن.ياتاقتىكى بىرىنىڭ دىققەت قىلمىدىمۇ ئاغرىق پۇتۇمنى بېسىپ ئولتۇرشى بىلەن ۋايجانلاپ ئويغۇنۇپ كەتتىم.

ھۇشۇقۇم شۇنداق سەت ئىششىپ كەتكەن ئىدى.ياتاقتىكىلەر ئەلىگە تىلفۇن قىلماقچى بولۇشتى، لېكىن مەن ئۇنىمىدىم، ئەلۋەتتە ئەلشىر مېنى تۇلا يىغلاتقاچقا  ياتىقىمدىكىلەر ئۇنى ياقتۇرمايتتى، ھەتتا   يۈرىشىمگە جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئەلشىرنى  ئېغىزىغا ئېلىشمىدى ،ئېغىزىغا ئالغان تەقدىردىمۇ مەن قۇشۇلمايتتىم،ئۇ چاغدا ئەلشىردىنن كېچىشكە بېلىمنى باغلاپ بولغان ئىدىم.

ئاخىرى ئېھسانغا تېلفۇن قىلايلى دېدىم ،لېكىن ھەممىسى  تەپ تارتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر -بىرىگە ئىتتىرىشىپ تىلفۇن قىلغىلى ئۇنىمىدى.

-ئېھسان  ساڭا بەك ئامراق ،ئۆزۈڭ تىلفۇن قىل ،-دېدى ئۇلار .

مەن يىغلامسىراپ تۇرۇپ ئېھسانغا پۇتۇمنىڭ ئىششىپ قالغانلىقىنى ئېيتتىم.

بەش مىنۇتتىن كېيىن ئۇ  چىقىپ مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى.


پۇتۇمنى يۇيۇپ تاڭغاڭدا ئاغرقىتىن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ «ئانا »دەپ ۋارقىرىدىم.

-بولدى ۋارقىرىما ،-دېدى ئېھسان  قاپىقىنى تۈرۈپ،-چىدىمايدىغان ئادەم ئەلشىرنىڭ كەينىگە كىرىۋالمىغۇلۇق.

-كىم كەينىگە كىرىۋاپتۇ ،-دېدىم مەن جىلە بولۇپ -، ئەلشىر دېگەن ئۆلگۈر مېنىڭ كەينىمگە كىرىۋالدى.

-ئۇنداقتا ئاخشام سىرتقا سەن ئۇنى يېتىلەپ چىقىپسەندە ....

- بۇ...مەن قىز بالا تۇرسام ...،- دېدىم دۇدۇقلاپ ،-ئۇ  سىرتقا چىقايلى دېگەن .

- كەچتە سىرتقا چىقايلى دېسە ياق دىيىشنى بىلسەڭ بولمامدۇ.بۇنىڭدىن كېيىن  ئۇنىڭ بىلەن  يۈرگىنىڭنى كۆرۈپ قالسام ئەدىبىڭنى ئوبدان بېرىمەن، ئەلشىرنىمۇ بوش قويمايمەن...

-بولدى، ئۇ ئۆلگۈرنىڭ گېپىنى قىلما ،ئەمدى ئۇنى كۆرە كۈزۈم يوق.

-ھا..ھا ..ئانامنى كۆرگۈم يوق دېسەم ئىشىىنمەن،لېكىن ئەلشىرنى كۆرگۈم يوق دېگىنىڭ  قۇرۇق گەپ ...

-بۇ قېتىم قەتئىي نىيەتكە كەلدىم،-دېدىم مەن ئۇنىڭغا راسسا ئالىيىپ..

-بولدى ئالايما، كۆزۈڭ ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ ئىچىگە پاتمايمەن. ۋاقىت تېخى ئۇزۇن، تۆت -بەش كۈن ئۆتسۇن ،قالغىنىنى شۇ چاغدا كۆرۈمىزغۇ.

ئېھسان  مېنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ، دەرىسكە چىقىمەن دەپ ماڭماقچى بولدى .ئەمەلىيەتتە دەرىس ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان ئىدى، ياتىقىمدىكى ئەڭ يېقىن ئۆتىمەن دېگەن ئىككى دوستۇممۇ سىياسەت دەرىسى بېرىدىغان مۇئەللىمدىن قورقۇپ مېنى تاشلاپ غىپپىدە تىكىۋەتكەن ئىدى.

-ئاللىقاچان كېچىكىپ بولدۇڭ،ئەمدى بارساڭ مۇئەللىم سېنى ئىشىك تۈۋىدە پوستا تۇرغۇزۇپ قۇيۇدۇ.

-بارمىسام ئىنتاھاندىن ئۆتكۈزمىسىچۇ ؟

- مەيلى، ھەقاچان مېنىمۇ ئۆتكۈزمەيدۇ، ماڭا تۇلۇقلىما ئىنتاھان بېرىشىپ بەرگىلى ئادەم بولمىسا بولماس.

-ۋاي قارا نىيەت..

-ھې..ھې... ئۇ قارا يۈزلەرغۇ مېنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ كەتتى، لېكىن سەن ئۇنداق ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ.چۈشكە يېقىن ئۇكۇل چۈشۈپ بولدى.

-ماڭا تاماق ئەكىلىپ بەر،- دېدىم ئېھسانغا .

-ئاچ قېلىشتىن قورقما، ياتىقىىڭدىكلەر سېنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ .

-ۋاي تاڭ جۇمۇ،- دېدىم  ئاغرىنغان تەلەپپۇزدا،- ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايلا كېتىپ قالغان تۇرسا،ئۇلارنىڭ ئېسىگە كېلىمەنمۇ؟!

-ئالدىنقى قېتىم ياتىقىڭدىكى بۈسارەم ئاغرىپ قالغاندا  بىرەر قېتىم ئىسسىق تاماق ئەكىلىپ بەردىڭمۇ؟

-بۇ ...

-ئۆزۈڭمۇ ئۇلارنى يېقىن دوست قاتارىدا كۆرمەيدىغان تۇرساڭ، قانداقلارچە ئۇلارنىڭ كارى بولمىغانلىقىدىن ئاغرىنالايسەن؟شۇڭا نالەن، ئاۋال خەخكە مېھرىڭنى بېرىپ ئاندىن دوستلىقتىن سۆز ئاچ...

ئۇنىڭ گەپلىرىدىن يۈزلۈرۈم قىزىرىپ كەتتى، دېمىسىمۇ ئۇلار بىلەن بىر ياتاقتا ياتقىلى ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ ،ئۇلارغا كۆڭۈل سىرلىرىمنى تۆكۈپ باقماپتىمەن،ھەتتا تاماقنىمۇ بۇرۇن تۇلۇقتا بىرگە ئۇقۇغان دوستلىرىم بىلەن بىللە يەپ كەپتىمەن....

چۈشتە ئېھسان  دېگەندەكلا ياتىقىمدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى ئىشىكتىن  قاتار تىزلىپ ئۇماق كۈلكىسى بىلەن  كەلدى، بۇ قېتىم ئۇلار كۆزۈمگە بۆلەكچىلا يېقىملىك  كۆرۈندى، ھەتتا يۈرۈكۈمگە ئەلشىر  چاچقان مۇزمۇ ئېرىگەندەك ھېسىياتقا كېلىپ قالدىم.

چۈشتىن كېيىن ئۇكۇل چۈشۈپ بولغىلى ئاز قالغاندا ئۇيقىغا كېتىپ ئەسىر ۋاقتى بىلەن ئويغىنىپتىمەن. ئەزھەر ماڭا بىر پارچە قاتلانغان قەغەزنى تۇتقۇزۇپ ،- بۇنى ئوبدان ئۇقۇ دەپ قۇيۇپلا چىقىپ كەتتى.مەن خەتنى دېرىزىگە يېقىن ئەكىلىپ ئۇقۇشقا باشلىدىم :


         سىڭلىم نالەن ،بۈگۈن ئەسلى سەن بىلەن ئوبدان پاراڭلىشاي دېگەن،چۈشتىن بۇرۇن كەيپىياتىڭ ياخشى بولمىغاچقا ئېغىز ئاچمىدىن، چۈشتىن كېيىن قايتىپ كەلسەم ئۇخلاپ قاپسەن ،تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىڭغا قاراپ ئويغۇتۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى،شۇڭا يېنىڭدا ئولتۇرۇپ بۇ خەتنى يازدىم.

مەن ساڭا زىيادە ئامراق، ئىشىنىمەنكى، سەنمۇ ھەم مېنى قېرىندىشىڭدىن  ئارتۇق كۆرۈسەن ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىككىمىزنىڭ ئېمىلداش بولغانلىقى ___ دۇنيادىكى ئەڭ ساپ ،ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت دەپ سانىلىدىغان قېرىنداشلىق  مېھرىنىڭ سەۋەپكار بولغان بىر ئانىنىڭ سۈتىنى ئېمىپ چوڭ بولغىنىمىز ئۈچۈن دېسەم خاتا بولمايدۇ.شۇڭىمۇ گەرچە بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغان بولساقمۇ، بىر قۇرساق قېرىنداشلاردىن چارە ئۆتتۇق.  سېنى ئۆز ئاكاڭ ئورنىدا قوغداشقا،ئاسراشقا جېنىمنىڭ بارىچە تىرىشتىم. ئەلۋەتتە، سەنمۇ قېرىنداشلىق مېھرىنى ماڭا تۇلۇقى بىلەن يەتكۈزۈپ كەلدىڭ، مېنى ئاكاڭ ئورنىدا ئىشىنىپ يۆلەندىڭ، ئەڭ يېقىن سىردىشاش دوستۇڭ  ئورنىدا كۆرۈپ ئىچ سىرلىرىڭنى تۆكتۈڭ. مۇشۇ ئاسمىنىدىن تارتىپ تۇپرىقىغىچە ناتۇنۇش بىلىندىغان يەردە  سېنىڭ دائىم كەينىمگە كىرىۋېلىپ قۇچقاچتەك ۋىچچىرلاپ  ئاللىقانداق ئىشلار ئۈچۈن مەندىن «رۇخسەت»  سۇراشلىرىڭ ،ئۆزۈڭگە ئوخشايدىغان ئۇماق ھەم ساددا كۈلكەڭ ،قەلبىمنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالماقچى بولغان غېرىپلىقنى توسۇپ تۇراتتى . ئەلۋەتتە مەنمۇ سېنىڭ ھەر بىر قەدەملىرىڭنى ئاكىلىق مەسئۇلىيىتى بىلەن كۆزىتىپ تۇراتتىم. شۇڭا ئەلىنىڭ سېنى يۇشۇرۇن قوغلىشىپ يۈرگەنلىكىنى ،ھەم ئەلشىرگە ئەسىر بولۇپ قالغىنىڭنى سەن ماڭا ئېيماستىنلا بىلىپ بولغان. مۇشۇ ئارلىقتا نۇرغۇن ئشلار يۈز بەردى، سېنىڭ كۆڭلۈڭ ئازار يېدى ياكى ئىزتىراپلىق ،ئىكىلىنىش ئىچىدە ئۆتتى.سېنىڭ مىسكىن ،جىمغۇر ھالىڭغا قاراپ مېنىڭمۇ ئىچىم سيرىلدى.  گەپلىرىڭدىن كۆڭلۈڭنىڭ ئەلشىرگە  زىيادە مايىل بولۇپ بولغىنىنى بىلىپ ئۆزۈمنىڭمۇ ئامال قىلالمايدىغانلىقىمنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلدىم.شۇنداق بولسىمۇ ئامال بار سېنى ئاشۇ ئىزتىراپلىق ئىچىدىن قۇتقۇزىشقا، بۇ ئايغى چىقماس يولدىن قايتۇرىۋېلىشقا تىرىشىپ باققۇم كەلدى. لېكىن بىر نەرسە ئالدىمنى توسۇپ تۇرراتتى، گەرچە بىزنىڭ مۇناسىۋېتىمىز قېرىنداشلادىنمۇ چارە بولسىمۇ ،  بىر قۇرساق قېرىنداش بولمىغاچقا سېنىڭ يولۇڭنى بىر تۇققان  ئاكاڭدەك كەسكىن تۇسۇشقا ، سېنى شەرتسىز بويسۇندۇرىشقا ئاجىز كەلدىم.  ئۇنىڭچىمۇ  ئۆز ئاكاڭغا دېيەلمەيدىغان گەپلەرنى مېنى دوستۇڭ ئورنىدا كۆرۈپ دەيتتىڭ ، بۇنداق ئەھۋالدا مېنىڭ ئۇچۇق قارشى تۇرۇشۇم ئەكسىچە مېۋە بېرىپ مېنىڭدىن يىراقلىشىپ كېتىشكە  مەجبۇر بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن ئىدى،شۇڭا مەن ئىزچىل ھالدا مەسلىھەت تەرىقىسىدە گەپ قلىپ سېنىڭ كۆڭۈل خاھىشىڭنى چەكلەپ قويمۇدۇم.

  ئۇماق نالەن، سېنى ئەلشىر بىلەن بىللە كۆرگەندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا سېنىڭدىن ئەندىشە قىلىپلا كەلدىم،چۈنكى بۇ يولدا ئەزگۈلۈكتىن كۆرە خاپىلىق كۆپرەك ئىدى. مەن ساڭا باشتىلا پەردىششەپ ساقلاش توغرۇلۇق بىشارەت بەرگەن ئىدىم، لېكىن سەن ئۇنىڭ پېشىغا ئېسىلىپلا يۈردىڭ،ئەزھەرمۇ ئېتىقادلىق ئىنسان بولغاندىكىن دىققەت قىلاي دېمەي سېنى سىرتلارغا يالغۇز ئېلىپ چىقىۋەردى،  سەن بۇلارنىڭ بىنورماللىقىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس، ئاتاڭ مېڭىش ئالدىدا ساڭا ئوقۇپ تۇر دەپ بەرگەن  تەۋەرۈك كىتاپلار ۋە مەن ساڭا ئۇقۇ دەپ يوللاپ بەرگەن ئۆز زامانىمىزدىكى ئۆلىما-ئالىملارنىڭ قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋېتى توغرۇلۇق چىقارغان كەسكىن پەتىۋالىرىدىن  بۇنى ئاللىقاچان كۆرۈپ يەتتتىڭ.

دېمەك، سەن  ئۆزىڭنىڭ قىلىۋاتقانلىرىڭنىڭ خاتالىقىنى مەندىنمۇ بەكرەك بىلىسەن، لېكىن  شەيتان سەۋدا كۆڭلۈڭ بىلەن بىرلىشىپ  خاتا يولغا ئىتتىرىۋاتىدۇ. بىلىشىڭ كېرەك، بىر كىمنى ياراتقۇچىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرسەڭ  ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭ مۇمكىن،  لېكىن ھازىر ئەلشىرنى دەپ شەيتان بىلەن سۈلىھ قىلىۋاتىسەن. بىز پەقەت تەقدىرىمىزنىڭ  سەۋەپكارىدۇرمىز  مۇشۇنداق بىر ئوغۇل بالىنى دەپ خاتا يولدا ماڭساڭ ئۇلۇغ ياراتقۇچى سېنىڭ تىلىگىنىڭنى بېرەرمۇ؟! نەچچە قېتىم  كەچلەردە ئەلشىر بىلەن كېتىۋاتقىنىڭنى كۆردۈم ، لېكىن داۋاملىق كۆرمەسكە سېلىپ ياكى يىراقتىن ئەگىپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كەتتىم، نېمىشقا بىلەمسەن ؟ چۈنكى مەن باشتىلا ساڭا ئەسكەرتكەن، مەن يەنە  تەنبىھ بەرگەن  تەقدىردە  ئۇڭايسىزلىنىشىڭ  ئېنىق ،لېكىن يەنە داۋاملىق شۇ پېتى ئۇچرىساڭچۇ ؟ ئۇ چاغدا سەن «كۆنۈپ » قالىسەن. شۇڭا مەن ئىزچىل ھالدا سېنى ئۆزىنى ئۆزى بىلىۋالسۇن دەپ كەلدىم.

نالەن، بۇ قېتىم سەن يېرىم كېچىدە « مەن سىرتتا » دېگىنىڭدە قانچىلىك ئاچچىقىم كەلگىنىنى بىلمەيسەن، لېكىن ساڭا يەنىلا زەھرىمنى چاچمىدىم بەلكى ئوبدانراق سۆزلىشىپ سەندىن ۋەدە ئېلىشنى قارار قىلدىم.

ماڭا ئەمدى ۋەدە بەر نالەن، ئۇنىڭ بىلەن مەيلى كۈندۈز ياكى كەچلەردە بولسۇن ئايرىم تۇرماسلىققا ۋەدە بەر .

( سەن بىلمەيسەن  باشتا ئەلشىر قىستۇرلۇپ كىرگەندە ،باشقىلار  كۆزىمچىلا سېنى« ئىككىنى تەڭلا ئوينىتىۋاتىدۇ» دېگىنىدە تاس قالدىم ئۇرۇشۇپ كەتكىلى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئالدىمدا ئىسمىڭنىمۇ تىلغا ئالالمايدىغان بولغان، ئەمدى « سېنى كەچتە سىرتتتتىن كىرمەي كۆڭۈل ئوۋلاۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ، گەرچە يەنە زومىگەرلىك قىلىپ ئېغىزىنى ئەتكەن بولساممۇ، باغانسىرى يامان ئاتىلىپ قېلىۋاتىسەن. مەندە ئەمدى بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشقا تاقەت يوق.)

يەنە بىر گەپ ، باشقا توسالغۇلارنى قۇيۇپ تۇرايلى ،يېقىن كەلگۈسىڭدە ئۇمۇ سەنمۇ ئۇقۇش پۈتتۈرىسىلەر، شۇ چاغدا ئۇ سېنى يۇرتىغا ئېلىپ كېتەلەمدۇ؟  سەن يالغۇز پەرزەنت تۇرساڭ ، ئاتا ئاناڭنى ئاشۇ جەنۇپتىكى چەت شەھەردە غىرىپلىق ئىچىدە تاشلاپ قۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن كېتەلەمسەن...

يۈرۈكۈڭ ئۇنىڭغا تۆمۈر ئىشكەل بىلەن باغلىنىپ بولغاندا ئايرىلىپ كېتىپ قالساڭلار ساڭا قانچىلىك ئېغىر كىلەر ؟!

ئەگەر كۈنلەردنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بىلەن ئەمەس باشقا بىلەن رىسقىڭ قۇشۇلۇپ قالسا، مۇشۇ يەردە تۆت يىل باشقا بىرسى تۇتۇپ يۈرگەن قۇلۇڭنى ئاشۇ ھالال جۈپتىڭ تۇتسا ئۇنىڭغا ئادىلسىزلىق بولماسمۇ...

سەن مۇشۇنداق تەۋەككۈل قىلدىم دەپلا  ئۈچ يىلللىق كۆڭۈل ئاراملىقىغا كېيىنىكى پۈتۈن ئۆمرۈڭنى تېگىشىۋەتمەكچىمۇ ...

قىسقىسى، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بەك قۇيۇق ئارلىشىپ كەتمە، ئارلىق ساقلا، رىسقىڭلار قۇشۇلسا قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان، بىر ۋاق ئەمەس ئۈچ ۋاق تاماقنى بىللە يەيدىغان كۈنلەر كېلىپ قالار.

ئۇنىڭغىچە  ئۇنى دەپ قىلغان گۇناھلىرىڭغا  توۋا قىل...

ئەلشىر بىلەن رىسقىم قۇشۇلسۇن دېسەڭ، سەندەك بىر ناتىۋان  ئاجىزەگە دۇئادىن باشقىسى ئارتۇقچە، قالغان يوللارنى ئەلشىر ھوشىنى تېپىپ ماڭسۇن.

ئەگەردە ئۇ توغرا چۈشەنمەي، نەپسىنى دەپ شەيتان بىلەن سۈلىھ قىلماقچى بولسا ئۇنىڭدىن نېرى تۇرغىنىڭ ئەۋزەل.(ھە راس ئەمدى مايمۇندەك گىرىم قىلىپ يۈرمە).


                    سېنى ئەڭ يېقىن دوستى ھەم سىڭلى دەپ بىلىدىغان ئېھساندىن .


     خەتنى ئۇقۇپ باشتىلا يېرىم تۇرغان كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بۇلۇپ          كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.   شۇ ئارىدا ئەزھەرنىڭ يېنىدىن ئايرىماي دېگۈدەك يۈرىيدىغان قارا تاشلىق خاتىرىسىگە كۆزۈم چۈشتى، ئۇنتۇلۇپ قالدىمۇ ياكى مېنى ئۇقۇسۇن دەپ قۇيۇپ قويغىنى نامەلۇم ئىدى. شۇ چاغدا كاللام بەكلا قالايمىقانلىشىپ كەتكىنى ئۈچۈن ھېچنىمنى ئويلىغىم يوق ئىدى ،شۇڭا مەن ئۈچۈن سىرلىق بىلىنىدىغان خاتىرىنى ۋارقلاشقا باشلىدىم .

باشتىكى ۋارقلىرى ئاچقىلى بولمايدىغانغا تىكىۋېتىلگەن ئىدى، بەتنىڭ بىر بۇرجىكىدىن ئاستا قايرىشىمغا« رەيھان» دېگەن تۇنۇش ئىسىمنى كۆرۈپ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇدۇمدە ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم، چۈنكى   مۇشۇ  بەتلەرگە  پۈتۈلگەن ئىشلارنىڭ  ھەممىسىگە دېگۈدەك مەن گۇۋاھچى ئىدىم.

خاتىرىنىڭ تىكىلمىگەن بەتلىرىنى ۋارقلاشقا باشلىدىم ۋە ئېھساننىڭ تۇنۇش خەتلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدىم:

‎     ئالدىنقى  كۈنى ئاشخانىدا يالغۇز تاماق  يەپ  ئولتۇرغان  چېغىمدا  ئالدىمدا بىر جۈپ ئاشىق مەشۇقمۇ مەندىن يىراق بولمىغان ئۇرۇندا  تاماق يەپ ئولتۇراتتى .  يىگىت قىزنىڭ ئېغىزىغا بىر قۇشۇق تاماقنى سېلىپ قويغان شۇ پەيتتە ئوغۇل بالنىڭ قىزىنىڭ لېۋىگە قاراۋاتقان كۆزىدىن چىقىۋاتقان يىرگىنىشلىك  ئۇچقىنىنى كۆرۈپ  كۆرۈپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى  . قىزنىڭ بولدى دېگۈچە سۈرمە سۈرىۋالغان كۆزلىرىدىمۇ بىر خىل شاللاق كۈلكەجىلۋىلەندى،ئۇلارنىڭ  كۆزلىرىدىكى ئۇچقىنىنى ھەرگىزمۇ پاكىز مېھىر-مۇھاببەت ئۇچقىنى ئەمەس ئىدى. ئاشۇ بىر -بىرىگە دىۋانىدەك تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆزلەردە  بىچارىلەرچە ئېچىرقاش ۋە پۈتۈن جاھاننى بۇلغاشقا يەتكۈدەك يىرگىنىشلىك شەھۋەت ئۇچقىنى چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار بىر -بىرگە ئالدىدىكى گۆشكە بۇيى يەتمىگەن باغلاقتىكى ئىتقا ئوخشاش چەكسىز ئېچىرقاش ئىچىدە  ئىنتىلەتتى، لېكىن ئاشۇ چەكسىز ھەم، ئېچىرقاش دەرىجىسىدىكى ئىنتىلىشلىرىگە چۇشلۇق ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە كىچىكىدىن روھىنى ئازراق بولسىمۇ باغلاپ تۇرىۋاتقان باشقىلاردىن نۇمۇس قىلىش تۇيغىسى زەنجىردەك باغلاپ تۇراتتى. كۆڭلۈم شۇنچىلىك قاتىىق ئېلىشتىكى قاچامدىكى تاماقنىمۇ يېيەلمەي، چىقىپ كەتتىم .  

كېيىن ئاشخانىدىكى ئاشۇ خىلدىكى  پاسكىنىچىلىقتىن قېچىپ تاماقنى ياتاققا ئېلىپ چىقىپ يەيدىغان بولدۇم.

شۇنىڭدىن كېيىن نېمىشقىدۇر ،مۇشۇ ئىشلار توغرۇلۇق خىيال سۈرىدىغان ،ۋە مەكتەپتىكى  بىر جۈپلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم .

ئۇلار دائىم دېگۈدەك بىللە يۈرەتتى، تاماققنى بىللە يەيتتى، كەچلەردە خېلى ۋاقىتىقىچە مۇڭدىشىپ ئولتۇراتتى، ھەتتا ئويۇنخانىلارغىمۇ باراتتى، قىسقىسى ئۇلارنىڭ بىر -بىرىدىن پەقەتلا ئايرىلغىسى كېچ كۈندۈز مۇشۇنداق قول تۇتۇشۇپ قۇچاقلىشىپ يۈرگىسى بار ئىدى.  قۈپتى يوقلار  ئۇلارغا  ھەسەت نەزىردە قارايتتى، ئۇلانى قارغايتتى ئۆچ كۈرەتتى، ( بىر يىگىتى يوق قىز ماڭا شۇنداق دېگەن ئىدى) .

مەكتەپنىڭ خىلۋەت بۇلىڭىدىكى پۈتۈن كۈن بۇيى ئايرىلماي ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ  «مۇھاببەت » توغرۇلۇق ئويلىناتتىم،گەرچە بۇرۇن بۇ توغرۇلۇق تالاي خىياللار سۈرگەن بولساممۇ ،لېكىن كاللامنى ئىشلىتىپ چوڭقۇرراق تەپەككۇر قىلىپ باقماپتىمەن .لېكىن بۇ قېتىم

مۇھاببەتنى  يەنى ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرسىدىكى بۇ سىرلىق ۋە مەڭگۈ مودىدىن قالمايدىغان تېمنىڭ مەنبەسىنى ئاخىرى يارىلشقا ئاپىرىپ باغلىدىم.

ياراتقۇچى تۇنجى ئادەمنى  ياراتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇكەممەل جىسمىنى ۋە روھىنى  پارچىلاپ «ئايال»نى بەرپا قىلغان  ئىكەن. دېمەك  ئەر -ئايال ئوتتىرىسىدىكى مېھىر-مۇھاببەتنىڭ سەۋەبىنى  ئادەمنىڭ دەسلەپتىكى  يارىلىشىدىكى مۇكەممەل ھالىتىگە  ئىنتىلىش جەريانى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، ئۇلار بىر بىرىگە سەۋدالارچە ئىنتىلىدۇ، ۋە مۇكەمەللىككە چەكسىز يېقىنلىشىدۇ، ئاخىردا نىكاھ ۋە ئائىلىدىن ئىبارەت ئىككى نەرسە ئۇلارنى بۇ دۇنيادىكى چېكى ئەڭ يۇقۇرى بولغان مۇكەممەللىكە باشلاپ كىرىدۇ .يەنى ئائىلىدىكى بىر جۈپ ئەر ئايال روھى جەھەتتىن بىر- بىرنى تۇلۇقلايدۇ، جىسمانىي جەھەتتىن چەكلىك ۋاقىت  بىرلىشىدۇ، مەسئۇلىيەت ئۇقۇمى شەكىللىنىدۇ. دېمەك ئائىلە دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىنسان دەسلەپكى يارلىشىدىكى مۇكەممەل ھالىتىنىڭ پارچىلۋېتلىلگەندىن كېيىنكى قايتىدىن بىرلىككە كەلگەن  ھالىتى. (ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى مۇكەممەللىك نىسپىي بولىدۇ  ، پەقەت مۇكەممەلىككە چەكسىز ھالدا ئىنتىلىپ چەكلىك نەتىجىگە ئېرىشىدۇ) . نىكاھتىن  ئەڭ ئۇلۇغ بولغان مېھىر -مۇھاببەت تۇغۇلۇدۇ.مۇقەددەس كىتاپتىمۇ نىكاھنىڭ ئىنسان روھىيتىنىڭ تۇۋرىكى بولغان ئىمان- ئېتىقادنى  پۈتۈنلەيدىغان ئۇلۇغ بىر بىرلىشىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان .

ساغلام بولغان ئېدولوگىيە قارشى بويىچە ئېيتقاندا  مۇھاببەت يەنى ئەر -ئاياللارنىڭ بىر بىرىگە ئىنتىلىشىنىڭ شەكىلدە ئىپادىلىنىشى پەقەت پەقەت نىكاھتىن  كېيىنلا قانۇنلىشىدۇ. نىكاھتىن بۇرۇنقى ئىككى جىنىسنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى مەخسەتلىك ھالدىكى يېقىنلىشىشى بىر بالايى ئاپەتتۇر. چۈنكى  نىكاھ تەقدىرگە پۈتۈلگەن بولىدۇ، ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ ئەسلىدىكى مۇكەممەل ھالىتىگە خاتاسىز ھالدا قايتۇرلىدۇ.( يەنى سىز نىكاھلانغان ئىنسان سىزنىڭ يەنە بىر پارچىڭىز ھېساپلىنىدۇ). بۇنىڭدا سىز ئىنتىلىۋاتقان مۇكەممەللكە ئېرىشەلەيسىز.لېكىن نىكاھتىن بۇرۇنقى ئاتالمىش مۇھاببەت ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ئاقىۋېتى ئاساسەن خەيرىلىك بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەر شەيتانغا قۇل بولىدۇ. بۇنى پەقەت بىر نەقىل بىلەن چۈشەندۈرىشكە بولىدۇ: ئىنساننىڭ پارچىلىۋېتىلگەندىن كېيىنكى ھالىتىنىڭ بىر قىسىمى بومبىغا ئوخشىسا يەنە بىر پارچىسى بومبىنىڭ مەخپىي نۇمۇرىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر خاتا بىرىكسە بومبا پارتىلاپ  ئىنسانىيەت جەمىيتى زەخمىگە ئۇچرايدۇ.

    ئالدىنىقى قېتىم بىر كىتاپ كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا بابىلون شەھرىنىڭ ھالاك بولۇش تارىخى قىسقىچە سۆزلەنگەن بىر رىۋايەت ئىكەن.بابىلون شەھرى تازا گۈللەنگەن مەزگىلدە كىشىلەردە ئەسلىدە بار بولغان توغرا ئىدىيىسىدە  غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپ «جىنسىي ئەركىنلىك » چېكىگە يېتىپتۇ، كىشىلەر بۇزۇقچىلىقنى ئۇلۇغلاپتۇ ، شۇنداق قىلىپ شەھەردە تارىغان مەنىۋىي ۋابا ۋە بۇزۇقچىلىقتىن يۇققان قورقۇنىچلىق كېسەل شەھەردىكى ئىنسانلارنى ھالاك قىلىپتۇ.

بابىلوندىن ئاز كەم بەش مىڭ يىلدىن كېيىنكى مەن تۇرۇۋاتقان ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقان  كىچىك جەمىيەت ھېساپلىنىدىغان  ئالىي مەكتەپنى ئاشۇ بابىلون شەھرىگە قىياس قىلىدىغان بولدۇم ، كەچلىرى توپ -توپ بۇلۇپ سىرتقا مېڭۋاتقان قىز -ئوغۇللار، مەكتەپ قورىسىدا كىشىلەرنىڭ كۆزىچىلا چاپلىشىپ مېڭىۋاتقان بىر جۈپلەر، ئاڭلىماي دېسىمۇ مەستلەرنىڭ ئاغزىدىن قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالىدىغان يىرگىنىشلىك ئىپپەت يۇقۇتۇش ھېكايىللىرى ...گىرمنى بولىشىغا قىلىپ ،كىيىم كەيمىگەندەك يۈرىيدىغان قىزلار، قىزلار ياتاق بىناسىغا گۇنسىز كۆزلىرى بىلەن دىۋانىدەك تەلمۈرۈپ تۇرىدىغان ئوغۇللار....بۇلارنىڭ ھەممسى ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق «قانۇنسىز » ئىنتىلىشنىڭ ئىپادە قىلىنىشى ئىدى  . ھەممە نەرسە شىددەت بىلەن ئۆزگۈرۈپ تۇراتتى، باشتىكى يۇشۇرن ئىنتىلىشلار   باغانسىرى ئاشكارە ئىپادە قىلىناتتى، گۇناھ تۇيغۇسى ئۆلىشكە باشلايتتى، ئىدىيە ئۆزگۈرۈپ ئەسلىدىكى نورمال بولغان قاراشلار بىنورمال، بىنورمال قارشلار نورمال بولۇپ كېتىۋاتاتتتى .خاتا ئىدولوگىيە مەلۇم كۈچلەر تەرىپىدىن بىزگە تېڭىلاتتى، ياكى سىرتقى دۇنيادىن بېسىپ كىرىپ ئەسلىدە بار بولغان كونا  ئىدولوگىيە سېپىلىنى تېرە -پىرەن قىلىپ تاشلايتتى.

  ئىدولوگىيەدىكى ئازغۇنلار باشتا ساناقلىق بولسا كېيىن شىددەت بىلەن كۆپۈيۈپ ساغلام ئىدىيەدىكىلەرنى «ئاز سانلىق » ئورۇنغا چۈشۈرۈپ ئۇلارنى خاتا يولغا ماڭدى دەپ جار سالاتتى. باشتا كىيىم كەيمەيدىغانلار ئەيىپلەنگەن بولسا ئەمدى كىيىم كەيگەنلەر ئەيىپلىنەتتى. جىنسىي ئەركىنلىك شۇئارلىرى يالىڭاچ ھالدا ھەر خىل قىياپەتتە مەيدانغا چىقاتتى .بۇ خۇددى يەرشارى قۇتۇپىنىڭ ئالمىشىپ كېتىشىگە ئوخشاش قورقۇنۇچلۇق ئىدى . مەنىۋىي ۋابا باغانسىرى يامراپ كىشىلەرنىڭ روھىنى ئاستا ئاستا چىرتىۋاتاتتى.مۇشۇنداق ھېساپلىغاندا بابىلون شەھرىنىڭ ھېكايىسى يەنە بىر قېتىم  تەكرارلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.   بىزنى بۇ ھالاكەتتىن  بارچە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى  بۇنىڭدىن 1400 يىل ئلگىرى ياراتقان   زات بىلەن قۇشۇپ چۈشۈرۈلگەن  ئۇلۇغ دىن  ۋە مۇقەددەس كىتاپقا ئەگىشىشلا قۇتقۇزۇپ قالالايدىغىنى ھەقىقەت .


     بۇ خاتىرنى خۇددى فانتازىيە ئوقۇغاندەكلا ئۇقۇپ چىققان بولساممۇ كاللام ئازراق ئۇچۇقلاشتى، لېكىن يەنىلا كۆپ نەرسىلەرنى ئويلۇغۇم يوق ئىدى. كاللامدا پەقەت ئەلشىر   كىرىپ قالسا قولۇمغا چققان نەرسە بىلەن قوغلاپ چىقىرۋېتىشنى ئويلايتتىم. خىيالىمدا  يېنىمدىكى گۈل چىلەپ قۇيۇلغان لوڭقىنى، تاماق قاچىسىنى بېشىڭغا چەنلەپ ئېتىپ ئۇنى  سۈر- توقاي قىلاتتىم ... شۇ ئارىدا  يېقىن بىر دوستۇم تاماق كۆتۈرۈپ كىردى.

- نالەن، ساڭا بىر گەپنى دەي دېگەن، لېكىن مېنى تىللاپ كېتىشىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم.

-مەن شۇنچىۋالا ھازازۇلما، قورقماي دەۋەر،-دېدىم ئۇنىڭ گېپىگە تىرىككىپ.

-سەن ئەلشىرنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدىڭ، ئەمەلىيەتتە ئىش سەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن.

- ئەمدى قانداق بولۇش بىلەن مېنىڭ كارىم يوق، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋېتىم قالمىدى.

لېككىن ئۇ نارازىلىقىمغا ئېرەن قىلمايلا  چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:

- ئەلشىر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۆتۈپ كەتكەن قىز ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ئىكەن .

،- پۇتۇمنىڭ ئاغرقىمۇ ئېسىمگە كەلمەي ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم:

- نېمە؟! بۇرۇنقى قىز دوستى...

-، قارا ئەپتىڭنى ،كارىم يوق دەيدۇ تېخى ...-

سەن ماڭا مۇشۇ گەپلەرنى دېگىلى كەلدىڭما؟

- ئاۋال گەپنىڭ كەينىنى ئاڭلىمامسەن ، ئۇ قىز ئەلشىر بىلەن بىر يىل بۇرۇنلا ئايرىلىپ كېتىپتىكەن، ئۈلۈشكۈن پۇشايمان قىلىپ يارشىپ قالايلى دەپ ئىزدەپ كەپتۇ، لېكىن ئەلشىر مېنىڭ ھازىر ياخشى كۆرىدىغان قىز دوستۇم بار دەپ رەت قىلىپتۇ.

-ئەمسە قول تۇشۇپ يۈرگەنلىكىنى قانداق چۈشىنىمەن؟

ئۇلار چوڭ يولدىن كېسىپ ئۆتۈۋاتقاندا ھېلىقى قىز قولىنى تۇتۇۋاپتىكەن ،ئەلشىرمۇ كۆڭۈل ئاۋايلاپ سىلكىۋەتمەپتۇ...

بۇلارنى  ماڭا دەپ قانداق قىلىسەن،- دېدىم يەنىلا قاپىقىمنى ئاچماي.

- ئەلشىر ماڭا ھاۋالە قىلدى.

-نىمە ؟- ئەلشىر!

       دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان كۈنى ،ئەزھەر ئۆيدىكىلەر سالغان نەرسىللىرمنى ئالغىلى كەتتى، دوختۇرلار ھېساپنى بوغۇۋەت دەپ توختىماي سۈيلەيتتى ، ياتاقتىكىلەر بولسا  دەرىس ئاڭلاۋاتاتتى..

شۇ چاغدا ئەلشىر   يەنە ئاشۇ ئۆزىدەك  ئۆلگۈر كۈلكىسى  بىلەن كىرىپ كەلدى ، ئەسلى پىلان بويىچە بولغاندا  قولۇمغا چىققان نەرسىنى ئېتىپ قوغلىۋەتمەكچى ئىدىم، لېكىن مېنى شۇنداق قىلدۇرالايدىغان ئاچچىق ئاللىقاچان غايىپ بولۇپ ئورنىغا باشقا بىر تۇيغۇ ئالماشقان ئىدى.لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ساڭا دەماللىقچە قاپاق ئاچمىدىم. ئەلشىر  خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك نەرسىللىرىمنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدى .

- بۇ يەردە  نىمە قىلىپ يۈرىيسەن،دېدىم قولۇغا ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى سىلكىشلەپ تارتىپ،-  ماڭ، بېرىپ يولدىن ئۆتەلمىگەنلەرنى يېتىلەپ ئۆتكۈزۈپ قوي .

- بولدى قىل نالەن، ھەممە ئىش ساڭا ئايان بولدى، مېنى مۇشۇ ئاخىرقى قېتىم كەچۈرۋەت.

- ئەمدى سېنى كۆرگۈم يوق، ھېلىمۇ ساڭا يۇلۇقۇپ كۈلۈپ باققىنىمنى بىلمەيمەن،ئەمدى مېنى ئارامىمدا قوي، بۇ يەردىن يۇقال .

ئەسلى مەن ئىلگىركى تالاي قېتىملارغا ئوخشاش پەش قېقىپ كېتىپ قالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئەلشىر  جايىدىن قىمىرلىماي تۇرۇپ :

- شۇنداق نالەن ، مەنمۇ كۈلۈپ باقمىدىم، سەن جېنىمنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ قالدىڭ، قاچان بىرى كىلىپ جېېنىمدىن مەھرۇم قىلاركىن دەپ ئەنسىرەپلا يۈرىيمەن ، سېنى دەپلا باشقىلارغا يامان بولۇپ قالساممۇ، سەت كۆرۈنۈپ قالساممۇ پەرۋاسىز يۈرۈۋېرىمەن .

- بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈرۈكۈم بىلەن قۇشۇپ ئاۋازىممۇ شۇرىدە ئېرىپ كەتتى ،  ئۆزىمنى تەستە تۇتۇۋېلىپ  ،

- ئۇنداقتا مەن سېنى باشقىلار تەزدۈرۈپ كەتسە بولاتتى   دەپ تىلەپ ئولتۇرۇپتىمەندە ،- دېدىم .


   ئەلشىرگە ھەممە گەپنى ئۇچۇق دېدىم، ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ھەمراھ بولۇپ تاماق يېيەلمەيدىغانلىقىمنى ، كەچلەردە سەيلىگە  چىقالمايدىغانلىقىمنى، ئىشقىلىپ ئېھسان ماڭا دېگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېدىم، ئەسلى چۇقۇم خاپا بولىدۇ دېگەن ئىدىم، لېكىن ئۇ كۆز ئەينەك ئاستىدىكى سىرلىق كۆزلىرىگە مۇلايىم كۈلكە يۈگۈرتۈپ:

-ئەسلى بۇلارنى بۇرۇنراق ئويلىشىشىم، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان قىزنى گۇناھ پاتقىقىغا سۆرەپ كىرمەسلىكىم كېرەك ئىدى. ئېھسان  ناھايىتى توغرا دەپتۇ، ياراتقۇچدىن بەندىسىنى ئەزىز كۆرگەن كىشى چۇقۇم شۇ نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنى كۆرسەڭلا  خىجىل بولىمەن دەپ يېنىمدىن قېچىپ كەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن  ئۇنىڭغا  ئىچىمدە قايىل بولساممۇ   پەقەتلا ياقتۇرمايتتىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز دوستۇم قاتارىدا كۆرۈپ ياخشى ئۆتىمەن.

بۇنىڭدىن كېيىن  قۇيۇق ئالاقە قىلمايلى،  ھەم ۋىسالىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى،  ئۇقۇشۇم پۈتكەن ھامان  سېنىڭ بىلەن كېتىمەن .

شۇنىڭدىن كېينىكى كۈنلۈرىم ئەلشىر ۋەدە قىلغان بەخىتلىك كۈننى ئىنتىزارلىق ئىچىدە كۈتۈش، ۋە ۋىسالىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن ئۆتتى.

ئاشۇ قېتىملىق تەتىل كۈنى ئۆيىمىزگە ئەلچى كەلگەن كۈنى مەن ئانامغا ھەممە گەپنى دېدىم، ئۆيدىكىلەر ماڭا ياقا يۇرتلۇقنى تېپىپسەن دەپ بىرمۇنچە تاپا قىلغان بولسىمۇ بولسىمۇ لېكىن يالغۇز قىز بولغاچقا رايىمغا بېقىشقا مەجبۇر بولدى.

- ساڭا دەپ قۇياي قىزىم دېدى،- ئانام پېشانەمگە نۇقۇپ تۇرۇپ،- سەن دۇنيالىقتا بىرلا قىزىمىز،  ئەگەر ئۇ بالا بۇ يەرگە   سەن بىلەن يېنىپ كەلمىسە، چۇقۇم قايتىپ كەل...

- خاتىر جەم بول ئانا دېدىم مەن ئىشەنچ بىلەن -، كۈيوغلىڭنى چۇقۇم قوي يېتىلىگەندەك     ئالدىڭغا ئېلىپ  كېلىمەن .


ئۇقۇشىمىز پۈتكىلى ئاز قالغاندا  ئەلشىر ھەممنى ۋەيران قىلىۋەتتى، ئۇ مەن بىلەن جەنۇپقا كېتەلمەيدىكەن.

مېنى ئالداشقا قانداق يۈرۈكۈڭ چىدىدى دېدىم،- ئەسەببىيلەرچە ۋارقىراپ .

-ماڭ قارا نالەن، مەنمۇ ئامالسىز،دەرىستىن قېلىپ قالغان پەنلىرىم بەك كۆپ بولغاچقا ماڭا  تۇلۇق كۇرۇس ئۇنۋان كېنىشكىسى بېرىلمەيدىكەن، ياخشى يېرى ئاتا -ئانام يۇرتۇمدا بىر خىزمەت ئۇقۇشۇپ قۇيۇپتۇ، ئەگەر سېنىڭ بىلەن يۇرتىڭغا بارسام بۇ ئەھۋالىم بىلەن خىزمەت تاپالىشىم مۇمكىن ئەمەس.

-جان بېقىش ئۈچۈن چوقۇم ھۆكۈمەت خىزمىتى قىلىش شەرتمۇ،- دېدىم مەن ئۇنىڭ باھانىللىرىگە قۇلاق سالماي،-ئۆزۈڭ ئىگىلىك  تىكلىسەڭ بولىدىغۇ.

-بەلكىم شۇنداق قىلساممۇ بولار ئىدى،- دېدى ئۇ قىزىرىپ تۇرۇپ-، ئاتا -ئانام مېنىڭ جەنۇپقا كېتىشىمگە قەتئىي قوشۇلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ مەندىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوقكەن.

- ئۇنداقتا ئاتا -ئانام ماڭا چىدايدىكەندە ، مەن يالغۇز قىز تۇرسام! ، ئاتا ئانامنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ سېنىڭ قېشىڭدىن كېتەمدىمەن.

-سېنىڭدىن ئايرىلىشقا چىدىمايمەن نالەن، مەن بىلەن كەتكىن .

- چىدىمايدىغان ئىشىڭ بولسا  بەرگەن ۋەدەڭدە تۇر، ئازراق بەدەل تۆلەپ  مەن بىلەن جەنۇپقا كەت، بولمىسا كەچۈرگىن ..

مېنى بەكلا قىيىن ئەھۋالدا قۇيۇۋاتىسەن ....

- بۇ ۋاقىتقىچە قاچان ئاتا -ئاناڭنىڭ پىكىرنى ئېلىپ ئىش قىلىپ باقتىڭ، ئەجەپ ئەمدى ئۆزگۈرۈپ قاپسەنغۇ...-

ئۇنىڭدىن كۈتكەن جاۋاپنى ئالالمايدىغانلىقىمنى كۆزۈم يېتىپ ئۇنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماستىن يۈۈگۈرگىنىمچە كېتىپ قالدىم.

مەكتەپنىڭ بۇلىڭىغا باردىم، ئېھسان  يەنە شۇ يەردە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى.ئۇدۇل بېرىپ ئېھساننىڭ باغرىغا تاشلاندىم..

-مەن ئالداندىم ئېھسان ، ئۇ مەن بىلەن كېتەلمەيمەن دەيدۇ ....سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىسام بولۇپتىكەن ..نېمىشقا مېنى  قەتئىيلىك بىلەن توسۇۋالمىدىڭ ، گەپ ئاڭلىمىسام تىللساڭ ھەتتا ئۇرساڭ بولماسمىدى ، نېمىشقا مېنى ھالاكەت يولىدىن توسۇۋالمىدىڭ ..ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن. ئىچ - ئىچىمدىن ئوخچۇپ  چىققان يىغا بوغۇزۇمغ كەپلىىشىپ  گەپلىرىمنىڭ كەينى بوغۇق يىغا ئاۋازىغا  ئايلىنىپ كەتتى.

- نىمىش بولدى شورلۇق سىڭلىم ، ئالدىرماي دە ،- دېدى ئېھسان  مەيدىسىگە تىرىلىپ قالغان يۈزۈمنى مۇلايىملىق بىلەن ئۆزىگە قارىتىپ.

-  ئېھسان ئاكا ، ئۇنىڭ ۋەدىسى يالغان ئىكەن، مەن بىلەن كېتەلمەيدىكەن ، ئاتا -ئانىسى ئۇنىڭ يات شەھەرگە كېتىشىگە يول قويمايمىز دەپتۇ  ، تېخى ئۇنىڭغا يۇرتىدا خىزمەت  تېپ قۇيۇپتۇ، ئۇمۇ قۇشۇلۇپتۇ، سەن بىلەن كەتسەم خىزمەت تاپالمايمەن دەيدۇ..

- ياق ، ئۇنىڭ ۋەدىسى يالغان ئەمەس، پەقەت ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىدەك دەرمانى يوق.

- ئوخشاشقۇ ، سۆيگەن كىشىسىگە بەدەل تۆلىمەي ئېرىشكىلى بولمايدۇغۇ..

-ئۇغۇشۇ، لېكىن بۇ تاللاش ئادەمگە بەك تەس چۈشىدۇ،ئويلاپ باقمامسەن سەن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ يېرىمى بولساڭ، ئاتا ئانىسى ، كىندىك قېنى تۈۆكۈلگەن تۇپراق يەنە بىر يېرىمى ھېسابلىنىدۇ، بىرىگە ئېرىشمەكچى بولسا بىرىدىن كېچىشى كېرەك ..دېمەك سېنى ھەرقانچە ياخشى كۆرمىسمۇ تاللاشقا كەلگەندە ئامالسىز قالغاندۇ.

-بولدى كۆڭلۈمنى ياسىما ، ئۆلۈمدىن باشقىسى ھەممىسى باھانە ،مەن بەرىبىر ئالداندىم...ئۇ ھامان بىر كۈنى مېنى يۇقۇتۇپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلىدۇ ، شۇنداقمۇ ئېھسان !؟-دېدىم ياشلىرىمنى سۈرىتىۋېتىپ .

- شۇنداق نالەن، ئۇ بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىدۇ، سېنى سېىغنىدۇ ، ئۆتمۈشكە قايتىش ئۈچۈن توختىماي خام خىيال قىلدۇ...

    ئاشۇ كۈندىن تارتىپ تاكى ئەلشىر بۇ مەكتەپتىن يۇقالغۇچە ياتاقنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىدىم، ئۈندىدارمنى ، تېلفۇنۇمنى ئاچمىدىم، تورۇسقا تىكىلگىنىمچە  كۈنۈم - كۈنۈم خىيال  سۈرەتتىم، تورۇستا، ياتاقنىڭ ھەممە يېرىدە ئەلشىر مېڭىپ يۈرەتتى، كۆزلىرمنى يۇمۇۋالسام قوللىرى بىلەن چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىمنى ئوڭشاپ كۆزۈمنى ئېچىشىمنى كۈتۈپ جىمجىتقىنا ئولتۇراتتى.

  ئۇلۇغ ھەم مۇقەددەس بىلگەن مۇھاببتىمىز، ئالىي مەكتەپتە مەكتەپتە  يۈز بېرىپ تۇرىدىغان  تالاي ئاددىي ھەم تەمسىز ھېكايىلەردەك ھەر قايسىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا كېتىش بىلەن تۈگەنلەندى،ئەجىبا ئۇنىڭ مەن بىلەن كېتىشى شۇنچە تەسمىدۇ، ئاتا -ئانىسىنى ، يۇرتىنى كۆرگىسى كېلىپ قالسا پات پات بېرىپ تۇرسا بولمامدۇ، ياكى ئۇ مەندەك يالغۇ پەرزەنت بولمىسا...قانداق ئويلىماي ، ئۇنىڭ ئىرادىسىز، ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە پېتىنالمايدىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپلا  خىياللىرىمنىڭ  تۈگۈچى  يېشىلەتتى، ئاندىن ئۈزۈمنىڭ دۆتلىكنى ، ئەلشىرنىڭ زەيپانىلىكى، ھەتتا مېنىڭ ئىمىلداش ئاكام ئېھساننىڭ   مېنى زىيادە ئەركىگە قۇيۇۋەتكەنلىكىدىن ئاغرىناتتىم، ھەممىنى قۇشۇپ قارغايتتىم.بەزىدە تۇرۇپ -تۇرۇپلا ئەلى يادىمغا كېلىپ قالاتتى، بەلكىم ئۇنىڭغا قىلغان ئەسكىلىكلىرىم ئەمدى ئۆزۈمگە يانغان  بولسا كېرەك دەپ ئويلايتتىم، ئاشۇ كۈنى ئەلىنىڭ قىز دوستى ياتىقىمغا يوقلاپ كىرگەن كۈننى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولاتتى.

-ئەلشىر بىلەن كەتمەپسىزغۇ ،- دېگەن ئىدى ئۇ ماڭا مەسخىرە ۋە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ.

-  كەتكىم كەلمىدى دېدىم ،- مەن ياسالما ئەممە بىچارىلىق چىقىپ تۇرىدىغان  ئاھاڭدا .

- ئەلى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بىر شىركەتتىن خىزمەت تېپىپ بولغان، ئاتا-ئانام مېنىڭ شىمالدا قېلىشىمغا قوشۇلمىغاچقا مەن بىلەن كەتمەكچى، ئۇ سەن نەگە بارساڭ شۇ يەرگە بىللە بارىمەن دەيدۇ...

ئۇنىڭ قالغان گەپلىرى قولۇقۇمغا كىرمىدى..

   ئۇ قىز بۇرۇندىن تارتىپلا ئەلىگە يېقىنچىلىق قىلىپ يۈرەتتى، لېكىن ئەلى مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا ئامال قىلالمىغان ئىدى، كېيىن ،ئۆزىمۇ زىلۋا، چىرايلىق،كاللىسى ئىشلەيدىغان يامان قىز بال بولغاچقا، ئەلىنى  باغلىۋالدى.

جاھان دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن،  بەزىلەر ئۆزى سۆيىدىغان كىشىسى ئۈچۈنمۇ ئازراق بەدەل تۆلەشتىن قورقىدىكەن، يەنە بەزىلەر ئۆزىنى سۆيگەن كىشى ئۈچنمۇ بەدەل تۆلەشتىن يانمايدىكەن..



                   *           *                             *                              


   -شۇنچە  قاتتىق يامغۇردا جىنلىق دەرخنىڭ تۆۋىدە نىمىش قىلغانتىڭ ، مۇشۇنداق  ئالدىراش چاغدا دوختۇرخانىغا كىرىۋلغىنىڭنى قارا ،- دېدى ئېھسان  بىر پاتمان نەرسىلەرنى دورا ئىشكابى ئۈستىگە تاشلاپ.

ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاپ بەرمەيلا  ئېلىپ كەلگەن  دېپلۇم، ئۇنۋان كىنىشكىللىرمنى كۆرۈشكە باشلىدىم...

-نەرسىلەرنى يىغۇشتۇر ،-دېدى ئۇ ئەلىغا ،- مەن بېرىپ ھېسابنى بوغۇۋېتەي ،ئەتىلا يۇرتقا ماڭىمىز...

بۇنىڭدىن تۆت يىل ئاۋال بىز ئۈچىمىز ( ھازىر يېنىمدا ئولتۇرغان ئەلىنىڭ قىز دوستىنى ھېسابقا ئالمىغاندا )  مۇشۇنداق پويىزغا ئولتۇرۇپ جەنۇپتىكى كىچىك شەھەردىن نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلىرىمىزنى يۈدۈپ  خۇشاللىقتا كېچىچە پاراڭ سېلىپ  بۇ يەرگە كەلگەن ئىدۇق، مانا ھازىر جىمجىتقىنا ئۆز خىياللىرىمىز بىلەن بەنىت بولۇپ كېتىۋاتىمىز، مۇشۇ ئارىدا ئەلنىڭ مۇھاببىتنىڭ جىمجىتلىققا ئىچى پۇشتىمۇ ئاستا ئەلىنىڭ قېشىغا سۈرۈلۈپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭ سوقۇشقا باشلىدى.  مۇشۇنداق ئولتۇرىۋەرسەم ئاچچىق خىياللار مېنى تېخىمۇ جىمۇقتىرىۋېتىدىغاندەك  قىلاتتى، مەنمۇ ئېھسان  بىلەن پارڭلاشماقچى بولدۇم، لېكىن ئۇ  كونا پورتمالىنى سىقىمدىغىنىچە  دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ  خىيالنىڭ دەستىدە قېتىپ قالغاندەك ئولتۇراتتى  .

ئاخىرى مەنمۇ خىياللىرىمنى ئەركىگە قۇيۇۋەتتىم.مېنى مۇشۇنداقلا ئۇنتۇپ كېتەلەرسەنمۇ  ، دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىىرلاپ، ۋە كونا پورتمالنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان ئېھسانغا  قاراپ ( تۆت يىل ئاۋال بىز مەكتەپكە تۇنجى سەپەر قىلغان كۈنمۇ مۇشۇنداق كونا پورتمالنى سىقىملاپ ئولتۇراتتى).

ئەلشىرنىڭ كەلگۈسى ھالىنى كۆرگەندەك بۇلاتتىم. بۇنىڭدىن بەش يىل مۇقەددەم ئېھسان  مېنىڭ پەرىشتىدەك چىرايلىق بىر دوستۇم بىلەن ياخشى كۆرۈشكەن ئىدى، كېيىن ئەزھەرنىڭ خاتالىقى سەۋەپلىك ئۇ قىزدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالدى، ئۇ ئىچىدىن چىقارمىغىنى بىلەن تاھازىرغىچە ئۇ قىزنى  ئۇنتىيالمىدى.ھازىر سىقىملاپ ئولتۇرغان ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن پورتمالنمۇ ئاشۇ قىز سوۋغا قىلغان، يېنىدىن ئايرىماي يۈرۈيدىغان مۈڭگۈزساپلىق پىچىقنىمۇ شۇ قىز سوۋغا قىلغان( بىر قېتىم مەكتەپتىن پىچىقىنى مۇسادىرە قىلغاندا، مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىنىڭ قۇلىپىنى چېقىپ پىچاقنى ئېچىقىۋالدى) .ئۇنىڭ ھېكايىىلىرىدا دائىم بىر جۈپ قىز يىگىت ناھايىتى بەخىتلىك ئۆتىدۇ، ئاندىن جۇدالىققا مەككۇم بۇلۇدۇ، تېخى ھەممە ھېكايىللىرىگە دېگۈدەك  ئاشۇ قىزنىڭ ئىسمىنى( رەيھان)نى  ئىشلىتىدۇ. بۇ يەرگە كېلىپ ئۇ مەندىن باشقا قىز بىلەن يېقىن ئۆتۈپ باقمىدى،ئېتىراپ قىلمىغان بىلەن ئۆزىنى تاشلىۋەتتى .كونا كىيىملەرنى كىيىپ، ساقىلىنمۇ ھەپتىدە بىرە قېتىم ئالماي دېگۈدەك  يۈرۈيدۇ . پۈتۈن تۆت يىلنى دېگۈدەك ئاشۇ مەكتەپنىڭ خىلۋەت بۇلىڭىدا زاھىتتەك ئۆتكۈزدى  ...

بەلكىم ئەلشىرمۇ ئۇزاق ئۆتمەي ماڭا قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلار، زەيپانىلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىپلەر، تالاي كېچىلەرنى ئۇيقىسىز ئۆتكۈزەر، لېكىن ئۇ ئاللىقاچان كېچىكتى،ئەمدى ھەرگىزمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ، ئەگەر قايتا ئىزدەپ قالغۇدەك بولسا چوقۇم ئېسىدىن چىقمۇغىدەك قاتتىق ئەدىپىنى بېرىپ ھەيدىۋېتىمەن...

خىياللىرىمنىڭ ئاچچىقىدا چىققان مۇزدەك ياش يۈزۈمنى سىيپاپ چۈشىۋاتقىنىنى سىزىپ تۇراتتتىم، شۇ چاغدا ئېھسان  يېنىمغا سۈرۈلدى.

- يەنە يىغلىدىڭما ،- دېدى ئۇ يېشىمنى ئېرىتىپ  ، ئاندىن شامال كىرىۋاتقان دېرىزىنى ئېتۋەتكەندىن كېيىن  چاپىنىنى ماڭا يېپىپ قويۇپ ،- ئەمدى ئۇ ئىشلارنى ئويلىما ، بىر تال قوزىنى ياراتقان ئاللاھ ئۇنىڭغا رىزىق قىلىپ بىر تۈپ گىياھنى يارىتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، ئەلۋەتتە سەندەك پەرىشتىسىنىڭ بەختنىمۇ بېرىدۇ.

بېشىمنى سۇس لىڭشىتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرىدىم، لېكىن بىر تامچە ياش كۆزۈمدىن ئوخچۇپ تېز سۈرەتتە يۈزۈمنى بويلاپ ئېقىپ كەتتى.

-ئېيتقىنا ئېھسان  ،-دېدىم مەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ،-ئاسپىرانتلىقنى نېمىشقا ئۇنچىۋالا يىراق يەردە ئوقۇشنى تاللىۋالدىڭ ، بىزنىڭ شەھەردىمۇ شۇنداق ياخشى ئۇنۋېرستىتلار بارغۇ .

- مېنىڭ  يىراقلارغا كەتكۈم بار.

- نېمىشقا ؟

ئۇخمايمەن.

لېكىن مەن بىلىمەن دېدىم ،-  مەندىن قاچۇرىۋاتقان كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراشقا تىرىشىپ،-سەن بۇ يەردە قالساڭ ئاتا-ئاناڭنىڭ سېنى ئۆيلەشكە زورلىشىدىن ئەنسىرەيسەن.چۈنكى سەن تېخىچە ئۇنى ئۇنتۇپ بولالمىدىڭ...

بەلكىم شۇنداقتۇر ،- دېدى ئۇ ئاندىن جىمىپ قالدى.

- ئەمدى رېئاللققا يۈزلەن ، بولمىسا ئۆزۈڭنىمۇ  ئاتا -ئاناڭنى قىيناپ قۇيۇسەن .

- مەن پەقەت باشقىلارنى ئالدىماي دېدىم .

- ئاتا -ئاناڭ دېگەن قىزغا كۆڭلۈڭ چۈشمەسلىكىدىن ئەنسىرەيسەن شۇنداقمۇ ، لېكىن بىلىشىڭ كېرەك رىسقىڭنى بىرىگە قوشۇشقا قادىر بولغان خۇدا ئارىغا مېھىر -مۇھاببەتنى سېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئېھسان ماڭا لەپپىدە قارىدى، توغرا دەيسەن شورلۇق سىڭلىم،مەن چوقۇم دېگىنىڭدەك قىلىمەن، لېكىن ئاۋال ئارزۇلۇرۇم ئىشقا ئاشسۇن...


ئۆيىمىزنىڭ بوسۇغىسى ئالدىغا كەلگەندە ئانامغا كۈيوغلۇڭنى قوي يېتىلىگەندەك ئېلىپ كېلىمەن دېگىنىم ئېسىمگە كېلىپ ئىچىم يەنە ئاچچىق بولدى. لېكىن شۇ چاغدا ئېھسانغا دېگەن گەپلىرىم يادىمغا يەتتى .بىرى بىلەن رىزقىنى قوشۇشقا قادىر بولغان خۇدا ،  ئارىغا مېھىر مۇھاببەتنى سېلىشقىمۇ قادىردۇر. ئەلۋەتتە رىزقىنى   قوشمىغان كىشىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقىمۇ ھەم شۇنداق. ئەمدى بەختىمنى بىر ئاللادىن تىلەي، مەندەك بىر ئاجىزەگە دۇئادىن باشقىسى ئارتۇق.  

« ئەلۋىدا. ئەلشىر»  دېدىم ئىچىمدە ، بەخىتلىك بول.

مۈرەمدىكى سومكامنى تۈزەشتۈرۈپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى سالماق ھالدا چەكتىم.


                      تۈگىدى


    2014 -يىلى 8  -ئايدا  خۇتەندە ۋە  2014-يىلى 9 -ئايدا  سانجى ئىنىستىتۇتىدا يېزىلدى   .     













































































































بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   b1a2g تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 12:18 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-9-30 03:13 PM):
ئەسكەرتىش: ئەسەردىكى ئېھسان بىلەن ئەزھەر بىر ئادەم ، توغرا چۈشەنگەيسىلەر

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
دىلناز1 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3427
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10771
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 10:17:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئوبدان يىزىلغان ھېكايىكەن ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلىتپ قويدى (گەرچە مىنىڭ بۇنچىلا مۇرەككەپ ، ئاتالمىش رومانتىك سەرگۈزەشتەم بولمىسىمۇ ) . قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، تىرىشسىڭىزلا ئىسىل ئەسەرلەرنى ھۇجۇدقا چىقىرالىغۇدەكسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109942
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-9-15
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 12:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز ..مىنىڭمۇ ئېھسانغا ئوخشاش بىر ئاكام با

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 12:36:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        بەك ياخشى چىقىپتۇ. تېمىسى نەجىپ مەھفۇزنىڭ «قەسىر كوچىسى»...دىگەندەك ھېلىقى ئۈچ رومانىنى ئەسلەتتى.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84885
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 395
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 12:44:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ،ئەسەردىكى ئىھسان ئوبرازىدىن ئاپتۇرنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108502
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2014-7-16
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 01:09:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بەگ ئالىپ ئىنىم ،( باشقا مۇنبەردىكى ،نەي، كەنئان نامىدا ئەسەر يوللاۋاتقانمۇ  سىزغۇ  دەيمەن ) .بۇ ئەسىرىڭىزنى ئەتتىگەنئۇقۇپ چىققن ئىدىم، دەسلەپكى بايانلىرى تەبىي ، تىلى راۋان ھەم پىششىق  بوپتۇ، بولۇپمۇ دېئالوگلىرى كۆپ بولسىمۇ ،  پېرشۇناژلارنىڭ  ئوبراز خاسلىقى جايىدا ئىپادىلنىپتۇ. لېكىن كەينىگە سەل ئالدىراپ قالدىڭىزمۇ ئاز تولا ئىملا خاتالىقى ۋە گىرامماتىكا خاتالىقلىرى كۆرۈلۈپ قاپتۇ.
سىزنىڭ باشتىكى ئاخىرقى باھار ۋە مەن قاتىل دېگەن ئەسەرلىرىڭىزگە خېلى قول قويغانتىم، بۇ ئەسىرىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ، ھەجىمى چوڭ بولسىمۇ سىيوۋجىتلىرىنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپسىز، لېكىن ۋەقە باغلىنىشى راۋان ئەمەس،
بۇ تەرەپلەردە دىقققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك.
سىزنىڭ ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلىرىڭىزدىن بايقىدىمكى سىزدە  ئەتراپنى كۆزىتەلەيدىغان ئۆتكۈر كۆز ۋە تەپەككۇر قىلالايدىغان ئۇچۇق مېڭە بار ئىكەن. بۇلۇپمۇ ئېھساننىڭ خاتىرىسىدىن بۇنى ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن، ھەتتا ئاشۇ خاتىرە ئارقىلىق ئۆز ئىدىيىڭىزنى ئۇستۇلۇق بىلەن ئوتۇرغا قويۇپسىز، لېكىن ئىدىيىڭدىن قارىغاندا تويدىن بۇرۇنقى ئەركىن مۇھاببەتكە، ۋە ھازىرقى جەمىيەتتىكى ئېچىۋېتىلگەن قىز -ئوغۇللار مۇناسىۋېتىگە قەتئىي قارشى نەزەر بىلەن قارايدىكەنسىز. قىسقىسى سىزنىڭ ئىدىيىڭىز ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارشلىرىنى ھىمايە قىلىدىكەن.( بەلكىم ئەسەردىكى ئېھسان سىز بولسىڭىز كېرەك).
ئۆزىڭز ئوغۇل بالا بولسىڭىزمۇ بىر قىزنىڭ ھېسىيات داۋالغۇشىنى خېلى چىن ئەكىس ئەتتۈرۈلىپتۇ. ئەسەر ۋەقەلىكىمۇ يېنىك زىيادە جىددىي كەسكىن ۋەقەلىكلەريوق. خۇددى ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكدەكلا .
ئاخىردا ئەپسۇسنىلارلىق ئىچىدە بايقىغىنىم : سىز ئەسەردىكى بىر پۈتۈن ۋەقەلكنى ،ۋە پېرشۇناژلارنىڭ تەقدىرىنى ئەنئەنىۋىي ئەخلاق قارشىنى ھىمايە قىلىش، ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ئەخلاقىي كىرزىسنى ئەيىپلەش ئۈچۈن قۇربان قىلىپ، تويدىن بۇرۇنقى  مۇھاببەتنىڭ گۈزەللىكنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋېتىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110088
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2014-9-21
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 01:31:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگسگە!  ئەزھەرنى ئېھسانغا ئۆزگەرتىپ  قۇيۇڭ.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108802
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2014-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 02:04:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azhar bilan ehsan digan isim kop yarda almoxip  kaptu     amma bak yahxi yizipsiz koligizga dart kalmisun      

بەخىت -ئۇ سىزنىڭ قۇربانلىقىڭىز بەدىلىگە قولغا كىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1644
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 02:14:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى ئۈچ ئەر پېرشۇناژنىڭ ئۈچىلىسى ئەلى ،ئەلشىر، ئەزھەر بولۇپ قالغاچقا، بىر خىل سۈننىي چىقىپ قالغاندەك تۇيۇلدى ، شۇڭا  يېزىپ بولغاندىن كېيىن پېرشۇناژنىڭ ئوبرازىغا ئاساسەن «ئەزھەر» نى «ئېھسانغا » ئۆزگەرتكەن، لېكىن ئىسىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزگەرتىپ بولالمىغان ئوخشايمەن.
قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   b1a2g تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 02:18 PM  


دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1644
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 02:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
najiya1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 02:04 PM
azhar bilan ehsan digan isim kop yarda almoxip  kaptu     amma bak yahxi yizipsiz koligizga dart kal ...

رىغبەتلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.

ئەسلى ئۈچ ئەر پېرشۇناژنىڭ ئۈچىلىسى ئەلى ،ئەلشىر، ئەزھەر بولۇپ قالغاچقا، بىر خىل سۈننىي چىقىپ قالغاندەك تۇيۇلدى ، شۇڭا  يېزىپ بولغاندىن كېيىن پېرشۇناژنىڭ ئوبرازىغا ئاساسەن «ئەزھەر» نى «ئېھسانغا » ئۆزگەرتكەن، لېكىن ئىسىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزگەرتىپ بولالمىغان ئوخشايمەن.

دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش