مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2563|ئىنكاس: 12

چوڭ رازمىرلىق جاۋاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99460
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 07:07:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                        چوڭ رازمىرلىق جاۋاب
                               (ھىكايە)

‏شەھىرىمىزدىكى «ياخشى ئىش ئۈلگىلىرىنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىنى تاللاپ چىقىش ۋە ئۇلارنى كەڭ خەلىق ئاممىسىغا بولىشىغا تەشۋىق قىلىش» پائالىيتىنىڭ تۈرىتكىسىدە ئىدارىمىزغا يىڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن بىرقانچە مۇخپىرلار ناھايىتى ئالىراش بولۇپلا كەتتى.
‏يىڭى خىزمەتكە چۈشۈپ تۇنجى قىتىم سىرىتلاردىن خەۋەر توپلاۋاتقىچقىمىكىن، ئۇلار شۇنداق ئەستايىدىل بولۇشۇپ كىتىشكەندى.
‏بىرنەچچە كۈنلۈك ئەستايىدىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشدىن كىيىن ئۇلار بىر ياخشى پورتىرتىپدىن بىرنى بايقاشتى.

‏بۇ كىشىنىڭ ئىسمى كەمتەرباي خىجىلچانوف، بۇ يىل 45ياش. بويى ئىگىزمۇ ئەمەس، پاكارمۇ ئەمەس ئادەتتىكىدەك بىرخىللا. چوڭ دۈپدۈگىلەك يۈزىگە تولىمۇ كىچىك كۆرنىدىغان كۆزلىرىدىن، كۆينەكنىڭ ئەڭ يۇقردىكى بىرتال تۈگمىسىنىمۇ قالدۇرماي ئىتىپ، باريوقى نەچچە تال چاچلىرىنى يانغا چاپلاپ تاراپ يۈرىدىغان يۈرۈش-تۇرشىدىن بۇ كىشىنىڭ جەمئىيەتتە، ئاممىۋى سورۇنلارندا ناھايتى قائىدىلىك، ئىھتىياتچان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىش بىزنىڭ يىڭى مۇخبىرچاقلارغا ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە...
كەمتەرباي خىجىلچانوفنىڭ مۇخبىرلىرىمىزنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن ئىشى بولسا ھەرگىزمۇ 70-يىللارنىڭ زىيالىلىردەك تۇرقى ئەمەس ئەلۋەتتە. مۇخبىرلىرىمىزغا ئەڭ تەسىر قىلغىنى بولسا خىجىلچانوفنىڭ  مەيلى كۈندۈز مەيلى كىچە بولسۇن، ئۆزىنىڭ كىچىگلىكىگە باقماي سۈۋەرەكتەك ماڭىدىغان توكسىكىلىتى بىلەن قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەيلى ياز مەيلى قىش، قاتناش ساقچىسى بولسۇن-بولمىسۇن قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، قىزىل چىراقدا تۇرغان دەرىجىدىن تاشقىرىسىمان ئاڭلىق تەلەتى ئىدى.

مۇخبىرلىرىمىزنىڭ نەچچە ھەپتىلىك ئىز قوغلاپ تەكشۈرشىدىمۇ كەمتەرباي خىجىلچانوفنىڭ  بىرەر قىتىممۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغىنىنى بايقىيالمىدى. ھازىرقىدەك قاتناش قائدىسى دىگەنلەر بىر تىيىنغا ئەرزىمەس بولۇپ كىتىۋاتقان، پىيادىلىكلەر موتسىكىلىتلاردىن، توكسىكلىتلار يۈك توشۇيدىغان كونتىيۇر ماشىنىلاردىن يول تالىشىپ ماڭىدىغان قائىدىسىز زامانلاردا بۇنداق قائىدىلىك بىرەسىنى ئۇچۇرتۇش، مىسالى ‹‹دىڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك، كۆمۈر كاندىن ئالماس  ئۇچراپ قالغاندەك›› كىشىنى خوش قىلىشى تەبئىيلا بىر ئىشدە.
شۇ تۈپەيلىدىن باشلانغان ‏ئايىغى ئۈزۈلمىگەن زىيارەتلەر، مەتبۇئات-تاراتقۇلارنىڭ «پوقنى ھالۋا كۆرسىتىدىغان»، مەدھىيە-ماختاشلارغا تولۇپ كەتكەن سەرلەۋھەلىك ماقالە- ئوبزورلىرىنىڭ ئايىغى بىرىپ، ۋىلايەت بويىچە چاقىرىلغان (ياخشى ئىش، ئۈلگىلىك شەخىسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بىرىش) يىغىنى بىلەن تىخىمۇ ئەۋىجىگە چىقىدىغاندەك قىلاتتى.
دىدارىنى تىلىۋىزۇرلاردىن، ‏نام-شەرىپىنى پەقەت ، گىىزىت-ژورناللاردىن ئاڭلاشقىلا مۇيەسسەر بولىدىغان ئاكابىر-تاكابىرلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان ۋىلايەتلىك يىغىن زالى ئىچى،پۈتۈن شەھەر بويىچە قىلىدىغان ئىشىنى شۇپىتى تاشلاپلا يىغىلغان ئىدارە-ئورگان، مەھەللە-كويلارنىڭ ئاكتىپلىرى بىلەن تولۇپ ئاجايىپ قاينام تاشقىن مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان ئىدى.
خىلى بۆلەك، تۈرى باشقا-باشقا تاراتقۇلارنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرلىرى بۇيرۇق بويىچە ئالدىن  ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،  زىيارەت ئوبىكتى بولغان ئاكابىرلارغا ئىللىق تەبەسسۇمدا، ئالدىن تەييارلانغان زىيارەت ئورگىناللىرىنى سۇنۇش بىلەن پايپىتەك بولۇپ ۋاقىتنى ئۇتىۋاتقىنىغا قارىماي، ھىلىقى «ئىستىبادلىق» تاكابىرلارنىڭ بار-يوقى شۇنچىلىك،نەچچە قۇر كەلمەيدىغان تەييار ئورگىنالنى يادلاش ئەمەس، ئىملاسى بىلەن توغرا ئوقۇيالمايمۇ كۈننىڭ ۋاقتى پىشىنگە ئۇلاشتى.
گىرىمى بىلەن كەيگەن كىيىمى مەخسۇس ئورۇندىن ئىجارىگە قىلدۇرۇلغان، تەلەتىنى كۆرگەن كىشىنى ئىختىيارسىز « پاخماباش ئانا»نى ئەسلىتىدىغان ‏يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ ئىلان قىلغان يىغىن كۈنتەرتىبىدىن، بۈگۈنكى بۇ يىغىننىڭ كۈنچىقىشدىن تاكى  كۈن پاتارغىچە ئىلىپ بىرىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەسكە توختىمىدى.
بىرىنجى قولنىڭ ئىككىنجىسى، مۇئاۋىننىڭ مۇئاۋىنى، «شورپىنىڭ شورپىسى، ئاغىنەمىنىڭ ئاغىنىسى»....... دىگەندەكلەر ھەربىرى ئايرىم-ئايرىم، ناھايتى قىزغىن ھالەتتە سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، ئەل ياتقۇ باشلىنىپ تەرەپ-تەرەپدىن ئەسنەك-خورەكلەر باشلانغاندا، ئاران دىگەندە، سۆزلەش نۆۋىتى بۈگۈنكى يىغىننىڭ باش قەھرىمانى بولغان كەمتەرباي خىجىلچانوفقا كەلگەن بولدى.
‏ئۆمىرىدە ھەممە نەرسىدىن ئىھتىيات قىلىپ ،ھەتتاكى ئۆگزىگە قويغان شوتىنىڭ ئىككىنجى ۋاخىنىسىغا چىقىپ باقمىغان ئۈشبۇ زاتقا بۇنداق چوڭ يىغىندا، پۈتۈن قەۋمى-جامائەتنىڭ ئالدىدا، رەئىس سەھنىسىدە تۇرۇپ تۆت ئىغىز سۆزلىمەكنىڭ ۋەزنىنى بىر ئۆزى بىلمىسە.....
كەسىپتە پىشقان ‏رىياسەتچى ساپمۇ-ساق 20مىنۇتلۇق ماختاش، مەدھىيە سۆزى بىلەن كەمتەرباي خىجىلچانوفنى سۆز تەكلىپ قىلىپ يىغىن ئەھلىنى شۇنداق قىزغىن  چاۋاك چالدۇرۋەتتىكى ، ئەييۇھەنناس،،،،،بۇ چاۋاكنى ئاڭلىغان ساراڭنىڭ ئوڭشىلىپ كىتىشىدە گەپ يوق.
‏-رىياسەتچى
‏ھۆرمەتلىك كەمتەرباي خىجىلچانوف، سىز ئىزچىل ھالدا قاتناش قائىدىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، كەڭ جەمىيەتنىڭ ئورتاق قايىللىقىنى قوزغاپ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جەمىئيەتكە ئۆزىڭىزنىڭ بىركىشىلىك ھەسسىڭىزنى قوشۇش جەريانىدىكى ئىش-ئىزلىرڭىزنى، جۈملىدىن يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى قىسقا، ئاددى، تەسىرلىك قىلىپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئىيىتىپ بەرگەن بولسىڭىز.
قەھرىمانىمىز كەمتەرباي خىجىلچانوف‏ رىياسەتچىنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى راس دەپ ئويلاپ تەسىرلىنىپ كەتتىمۇ ياكى دەيدىغىنى بۇرۇندىن شۇ بولغىيمىتى ئۇنىسى بىزگە نامەلۇم،
‏كەمتەرباي خىجىلچانوفنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ قىسقا، ئىخچام قىلىپلا-
‏«بۇ گەپنى قانچە قىتىم دىدىم. مىنىڭ ھەرۋاقىت قىزىل چىراقدا توختاپ، يىشىل چىراقدا مىڭىشىم پۈتۈنلەي ئۆزۈمنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، بىرەكىم ياكى جەمىئەت دىگەنلەر بىلەن راسلا ئالاقىسى يوق،،،

يىغىن مەيدانىدىكى شۇنچىكى جىمجىتچىلقنى ،بىشىدىن بۇنداق ئوسال بولۇشلارنى تالاي ئۆتكۈزۈپ قاغدالما بولۇپ كەتكەن، پەقەت ئاۋازىلا ئوماق رىياسەتچىنىڭ  ماھىرلىق بىلەن سۆزنى ئالمان-تالمان ئوڭشاپلىۋىتىشىدىن ئەسلىگە كەلگەنمۇ بولدى.
‏ مۇخبىرلارنىڭ تەييارلاپ قويغان سۇئاللىرى، قەھرىمان بىلەن رەسىمگە چۈشۈشلەر،،تەقدىرنامە تارقىتىش،،،گۈل سۇنۇش،،، ئاشقان يىرىگە ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ بىر ئايدىن بىرى دۈم يىتىپ،دۈم قوپۇپ تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسۇللۇق تىياتىرى،،،،،يىغىننىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمى،،،،،قوشنا ۋىلايەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغانلارنىڭ شەنىگە بىرىلىدىغان كەچلىك زىياپەتلەردىن ماۋۇ جاۋاپنىڭ رازمىرى سەل چوڭ بولۇپ كەتكەندەكلا.
ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاپ كەلگەن، جەمئەتكە نە زىيىنى، نە پايدىسى تەگمەيدىغان ئۇ كىشىنى بىرمۇنچە ئىشىدىن قويۇپ، شۇنچە ھەشەملەرنى قىلىشنىڭ نىمە پايدىسى بولغىنىنى رادىئو-تىلىۋىزىيە ئىدارىسىدىكى جاپاكەش، شۇنچە يىل ئىشلەپمۇ خىزمىتى مۇقۇم ئەمەس كوررىكتور، دىكتور يولداشلار « ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەرلەر» قىلىپ ئىشلەپ تارقىتالىشىدا قىلچىلىك گۇمان يوق.
‏ئىشقىلىپ نىمە بولسۇن يىغىن تامام.  
قاراڭ ئەنە، ھەممە ئۆزىنىڭ ئىشىدا. ئۇنتۇلغان قەھرىمانىمىز كەمتەرباي بولسا يەنە شۇ قىزىل چىراقدا.

‏         
پەرۋەر
2014-يىلى 30-سەپەر
‏         



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108911
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2014-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 01:27:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىنزە يىغىن دېگەننى كىچىگىدە ئەللەيگە قانمىغان ئادەم ئاڭلايدىغانلا نەرسىمىكى دەيمە، باشلىقلارنىڭ قولىدىكى قەغەزدىن ئۈزمەي تۇرۇپ بەزىدە ھىجىلەپ، بەزىدە شالىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ ئېيىتقان نۇتۇقلېرى خۇددى ئانام ئېيىتقان ئەللەيگە ئوخشاش ئۇيقامنى كەلتۈرىدۇ،

كۆيۈپ كۈل بولغۇچە ئۆچمەيمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1361
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 07:27:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداق بىر ماقالە بارغۇ:ھەركىم ئۆز غىمىدە،مەدداھ پۇل غىمىدە

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 12:39:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى جايلىرى بۇلۇمسىز ئالىمجاننى ئەسلەتتى. مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 01:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ يىغىن دېگەننىزە. مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا بىر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنى شۇنچىلىك ئۇزۇن ئېچىلدىكى ،ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋېرىپ سۆڭگىچىم ئاغرىپ كەتكەن.شۇندىن بۇيان ئورۇندۇقتا ئۇزۇنراق ئولتۇرۇپ قالسام سۆڭگۈچىم ئاغرىيدۇ دەيمەن .كۈلمەڭلارھەم مازاق قىلماڭلار .گېپىم راس .

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 01:30:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان قىززىق چىقىپتۇ بۇ ھىكايە...تىلغا بايكەنسىز.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 06:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلمىڭىزمۇ خېلى پىششىق ئىكەن...ياخشى نەتىجە يار بولسۇن..

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 08:05:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق كىيىچى كىشىسىز ،سىزھازىرقى بارلىق كىشىلىرىمىشنى بۇلىشىچە تىللاپ چىقىپسىز .شۇنداق مىنىڭ قىزىلچاراقتا تۇرقشقم پەقەت ئۆچۈم ئۈچۈنلا ،يەنە بۇمۇنبەردەتۇرىشىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن .
   

ھۆرمەتلىك باشقۇغۇچى مەن بەلكىم 10نەچچەكۈن توردا يوق بولىشىم مۇمكىن .ھەممەيلەننڭ قۇربان ھېيتىنى ئالدىن ئالقشلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96960
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 08:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلدار سورۇننى يامان ئەمەس ئېچىپ بىرىپ سىز، تىخىمۇ ياخشى ئەسەر يېزىشڭىزغا تىلەكداشمەن.

Blue Wolf

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 12:00:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلمىڭىزگە.ياخشى نەتىجە يار بولسۇن..

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش