ئەي گۈلۈم بىز بۈگۈن ئايرىلىپ كەتتۇق، قەلبىم ئازاپتىن پۇچىلىنىۋاتىدۇ ،مەن ساڭا شۇنى دىمەكچى مىنى كەچۈرگىن ،ئەگەردە سەن ماڭا ۋىجدانسىزلىق قىلىپ ئايرىلىپ كەتكەن بولساق ھەرگىز كەچۈرۈڭ دىمەتتىم ،مىنى كەچۇرگىن ئەمدى سىنى سۈيەلمەيمەن .
خىيالىم بىز تۇنۇشقان چاغلارنى ئەسلاۋاتىدۇ،خىيال نىمە ئۈچۈن ئادەمگە بويسۇنمايدىغاندۇ، مىنىڭ ئۇ كۈنلەرنى ئويلۇغۇم ئويلاپ ئۆزۈمنى ئازاپلىغىم يوق ، لىكىن ئامال يوقتە ئايرىلىش ئازاپلىق ئىكەن .
بىز ئايرىلغان مۇشۇ جايدا سەن بىلەن قانچە قىتىم كۈرۈشكەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن ،بىراق مەن سىنىڭ مەن ساڭا ئاشىق بولغان ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكىڭنىلا دەپ بىرەلەيمەن گۈلۈم .
مەن سەن بىلەن يۈرگەن ۋاقىتلاردا،سىنى كۆرگۈم كىلىپ ئاخشىمى ئۇخلىيالمىغانلاردا سۈرگەن ئاشۇ خىياللار ،
نىمە دىگەن شىرىن خىياللار ئىدى ھە! سەنمۇ شۇنداق شىرىن خىياللارنى سۈرگەن بۇلۇشۇڭ مومكىن ،ئەمدى ئۇ خىياللار بەربات بولدى گۈلۈم
گۈلۈم ئىسىڭدىمۇ تېخى بىز ئۇغۇل بالىمىز بولسا ئىسمىنى مۇھەممەد قۇيىلى دېيشىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدۇق، چۈنكى بىز ئىسلامنىڭ شۇنچىلىك گۈزەللىكىنى ئۇ كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاققا باشلايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدۇق ،ئىسلامنى ئېلىپ كەلگۈچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى قۇيىلى ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك توغرا يولدا ماڭغۇچى ھەق يولغا باشلىغۇچى بۇلار دىيىشكەنلىرىمىز ،قەلبىم ئازاپتىن پۇچىلىنىۋاتىدۇ ، قېنى ئاشۇ ئارزۇلار؟ ھە قېنى !؟
بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن مەن بىر قىزغا كۈيۈپ قالدىم ،ئۇ يوپكا كەيگەن ياقلىقىنى ئالدىدىن چەگكەن قارا قاشلىق يۇمىلاق يۈزلۈك ئاق پىشماققىنە بىر قىز ئىدى ، ئۇ قارىماققا ھەقىقى ئىتقادلىق ئۇيغۇر قىزىغا ئوخشاتتى ،شۇنداق مەن دەل ئاشۇ ئىتقادلىق ئۇيغۇر قىزىغا ئاشىق بولغان ئىدىم ، ئۇ باشقا بىرى ئەمەس دەل سەن ئىدىڭ ،ئۇ بىلەمسەن سەن ئۆزۈڭ .
توغرا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلغان خەلىق ، ئىتقاد بىزنىڭ قىنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ، سەنمۇ ھەقىقى بىر ئىتقادلىق قىز ئىدىڭ ، ئىتقادىڭنىڭ چىڭلىقىمۇ ئىشقىلىپ ئۆزۈڭگە ئەقىدە دىگەن ئىسىمنى تەخەللۇس قىلغان ئىدىڭ ، ئەقىدەم بىز ئايرىلىپ كەتتۇق نىمىدىگەن ئازاپ بۇ ھە !
شۇ نەرسە ئىنىق ئىدى ،سەن مەكتەپتە ئۇقۇپ بىلىم ئالاتتىڭ ،مەن ئاتالمىش ھۈنەرلىك قول گۆھەرلىك قول دەپ دادام يادىلۋالغان شۇ ماقال -تەمسىلنىڭ خاسىيىتىدىنمۇ ،سەن بىلەن بىرگە بىلىم ئالالماي ھۈنەر ئۆگىنەتتىم ، مەن شۇنداق بولغاندىكىن بىز قەتئى مۇناسىپ كەلمەيمىز دەپ ئويلاتتىم ،توغرا بىز مۇناسىپ كىلىتتۇق ھەم كەلمەتتۇق .
مەن شۇ خىياللارنى خېلى ئۇزۇن ئويلۇدۇم ، ئەۋۋەل مەن ساڭا تەلەپ قۇيۇپ بۇلاپ يۇقاپ كەتتىم ، چۈنكى ئۇقۇمىغان سەۋەبلىك مۇناسىپ كەلمەيمىز دەپ توختاپ قالغان ئىدىم ، سەن كىيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا رازالىق بىلدۈردىڭ ، سەن ئۇقىمىغان بولسا نىمە بۇلىدىكەن دېدىڭ ،بىز ئارلاشتۇق ،سەن قىز تۇرۇپ شۇنداق دىگەن يەردە مەن ئىرادەمدىن قانداقمۇ يالتىياي ،چىن دىلدىن سۆيگەن قىزدىن ئايرىلاي .
سەن ئىمتاھان بىرىپ ئالى مەكتەپكە كەتتىڭ ، مەن ئامالسىز ھىجران ئازابى تارتىپ سىنى سېغىنىپ خىيال سۈرۈپ ، ھۈنەر ئۆگۈنۈپ قالدىم ، مەن سىنىڭ بىلىم ئېلىشىڭنى ئىلىملىك ئادەم بۇلۇشىڭنى ئارزۇ قىلاتتىم ،مەن سۆيگەن -كەلگۈسىدە ئالماقچى بولغان قىزنىڭ ھەرگىزمۇ بىلىمسىز بۇلۇپ قېلىشىنى ئەسلا خالىماتتىم ، ئەمما بۈگۈن شۇ گۈزەل ئارزۇلار ۋايران بولدى .
بىز تىلفۇن ئارقىلىق كۈرۈشۈپ ئالاقىلىشىپ تۇردۇق ،سەن تەتىلگە كەلمەكچى بولدۇڭ ،سەن تىلفۇندا دىگەن ئىدىڭ ،مەن بىكەتكە ئالدىڭغا چىقتىم،چۈنكى گۈلۈم مەن سىنى بەكلا سېغىنغان ئىدىم،ماشىنا كەلدى ،بىكەتكە كىردى .مەن يۈگۈرۈپ ماشىنا ئارقىسىدىن بىكەتكە كىردىم،بىز ئاخىرى ۋىسال تاپىدىغان بولدۇق ،گۈلۈم مەن سىنى يەنە قانغۇدەك كۈرۈۋالىدىغان بولدۇم،مەن ساقلاپ قاچان كىلەر دەپ كۈتكەن كۈن كەلگەن ئىدى
ماشىنىدىن ئادەملەر چۈشۈشكە باشلىغان ئىدى،مەن ئادەملەر تۇپىدىن سىنى ئىزدىدىم،ياغلىق چەككەن يوپكا كەيگەن تۇنۇش سىمانى ،ئىزلىدىم،بىراق تاپالمىدىم - تاپالمايۋاتاتتىم بىرتۇنۇش ئاۋاز ئابلىز دەپ چاقىردى،يۈرۈكۈم ھاياجاندىن سۇقۇپ كەتتى،بۇ ئاۋاز مەن سۆيگەن قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم،لىكىن سىنى تاپالمىدىم ،بۈگۈن ماڭا نىمە بولغاندۇ ؟ ياكى ئېلىشىپ قالدىممۇ ، ؟دىگەن خىياللار چىرمىۋالدى،مىنىڭ ئۇنى كۆرگۈم كىلىپ خىيالىم شۇنداق ئەكىس سادالار بىرىۋاتامدۇ نىمە، شۇ خىياللار بىلەن تۇرۇپ قالدىم
بىر قىز كىلىپ ئابلىز دەپ قۇلۇمنى تۇتتى ،ھەيران قالدىم،راسىت ئۇ مەن كۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان قىز ئىدى ،گۈلۈم ئۇ سەن ئىدىڭ ،بىراق چىرايى تۇنۇش ،كىيىنىشى يات بىرى ئىدى، ئاچچىقىم بەك كەلدى ،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىز كىم دەپ سورۇدۇم،لىكىن بىلەتتىم،سەن مەن دەپلا قالدىڭ ، خۇددى قۇلۇمنى خاتا تۇتقاندەك شاتلا قۇيۇۋەتتىڭ،سەن كىتىپ قالدىڭ، مەن ئۇ قىز ساراڭمۇ نىمەدىگەندەك سەن ماڭغان تەرەپكەقاراپ تۇرۇپ قالدىم، مەن ساڭا تۇنۇشلۇق بەرمىدىم، مەن ھەرقانچە قىپمۇ بۇتۇرقىڭنى قۇبۇل قىلالمىدىم،قۇبۇل قىلاي دىسەممۇ بولمىدى ئاخىر ،ئۆيىڭگە تىلفۇن ئېلىپ كۈرۈشىلى دىدىم،سەن بىكەتتە بىرىنى ماڭا ئوخشاتقانلىقىڭنى دىدىڭ،مەن كۈلۈپ ماڭا ئوخشايدىغان ئادەممۇ بارمىكەن دەپلا قويدۇم ،بىز دائىم كۈرۈشىدىغان جايدا كۈرۈشمەكچى بولدۇق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىدىم مەن سەن ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دىدىڭ بىز كۈرۈشتۇق ۋاي قانداق دىدىم مەن،ھېچ قانداق دېدىڭ،مەن قاندا ئۈرۈمچىلىكلەر يوپكا بىلەن ياغلىقنى تارتىۋالدىمۇ بەك يارىشىپتۇ دەپ دىدىم،سەنمۇ كۈلۈپ ھەئە دىدىڭ ئاچچىقىم كەلدى ،زورمىزو كۈلۈمسىردىم،نىمە بولدى ئەجەپ ياغلىق بىلەن يوپكىنى تاشلىۋېتىپسىزغۇ؟؟مەكتەپتە بولغاندىكىن مەدىنىرەك كىيىنمىسەك بولمايدىكەن دىدىڭ،توۋا خۇدايىم دىدىم،يېرىم يالىڭاچ كىيىنىش مەدىنىلىكمۇ ؟مەدىنيەتمۇ؟ئەسلىدىغۇ تاشلىماتتىم بىراق مومكىمىن بولمىدى،ھەممەيلەن شۇنداق تۇرسا مەن ئۇنداق قىلالمايدىكەنمەن مۇھىت ئادەمگە بەك تەسىر كۆرسىتىدىكەن دىدىڭ،مەن نىمە دەي ئويلىنىپ قالدىم
خىيالىم ساڭا تىلفۇن بەرگەن ۋاقىتلارغا كىتىپ قالدى،سەن مەكتەپتە يوپكىنى قىسقا كىيىڭلا ،ياغلىق چەگمەڭلا دىدى دىگەن ئىدىڭ مەن تاشلىۋەتمەڭ تاشلىۋەتسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق دىگەن ئىدىم ،ئەقىدەم ئىسىڭدىمۇ؟ياق سەن پەقەتلا ئۇنتۇپ كەتكەندەك تۇرۇسەن ،ھەنىم بولسا مىنى ئۇنتۇپ كەتمەپسەنمە،مەن ئەمدى بۇنداق كېيىنمەي ياغلىق ئارتىڭ يوپكا كېيىڭ دىدىم،مەكتەپتە قويمىسا تەتىلدە بولسىمۇ كېيىڭ مىنىڭ ئالدىمدا بولسىمۇ دىدىم،ياق ئۇنداق قىلالمايمەن دىدىڭ ،كۈنۈپ قاپتىمەن،ئابلىز مىنى كەچۈرۈڭ دىدىڭ،مەن ئەجەپ 18يىل كىيىپ كۈنۈپ قالماي 6ئاي كىيىپ كۈنۈپ قالغىنىڭغا ئەجەپلەندىم
ھەر كۆرسەم شۇنداق دەتتىم ،لىكىن سەندىن ئەمىلىيەتنى كۈرەلمەتتىم ،داشۆگە بېرىش ئاللىدىكى ساددا چىراي ساددا كىيىنىشلەر قەيەر گىدۇر غايىب بولغان ئىدى،پەقەت بۈگۈن تەبىئىلىكىنى يۇقاتقان سۈنئي گۈلگە ئوخشاپ قالغان ئىدىڭ،مۇھىت سىنى بىلەكچىلا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى،مەن ئويلاندىم -ئويلاندىم ئاخىر سەندىن ئايرىلىشنى قارار قىلدىم،گۈلۈم مىنى كەچۈرگىن،مەن سىنىڭ قەلنىڭنى ياخشى كۈرىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم،ئەمدى بىلسەم مەن سىنىڭ تاشلىۋاتقان نەرسىلىرىڭنى سۆيىدىغاندەك تۇرىمەن، سىنىڭ ئۆزگەرگىنىڭ قەلبىڭنىڭ ئۆزگەرگىنىمۇ ئىشقىلىپ كەچۈر ئەمدى سىنى سۈيەلمەيمەن،مەن پەقەت ئىتقادلىق ئۇيغۇر قىزنىلا سۈيەلەيمەن دېدېم،سەن
يىغلىدىڭ ،ئەپسۇس يەنىلا ئۈمىد يوق ئىدى،كەچۈر ئەقىدەم ئەمدى ساڭا ئەقىدە قىلالمايمەن
ئاپتۇرى : تۇلان بەگ
2005-11-12
خاتىرەمدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-29 08:28 PM