مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1416|ئىنكاس: 20

سالام ساڭا ناتونۇش يىگىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78814
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5002
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 09:59:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام ساڭا ناتونۇش يىگىت
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال

قەدەملىرىم قالدى توختاپ ئىزىدا،
مۈرەڭ يېنىك سوقۇلغاندا مۈرەمگە.
يۈرىكىمدىن شۇئان كەلدى بىر نىدا،
تىز تەبەسسۇم ئەيلە كۆيگەن يىگىتكە.

ھېچبىر سۆزسىز كېتىپ قالدىڭ بىپەرۋا،
سايەڭ قاچتى يۈرىكىمدىن يىراقلاپ.
نەدىن كەلدى مەن غېرىپقا بۇ سەۋدا،
شىرىن تاتلىق چۈشلىرىمنى ئازاپلاپ.

قانداق سۆيگۈ بەردىڭ بۇنچە تىۋىشسىز،
ھەر تىنىقنى ئوت ئىچىگە تاشلىدىڭ.
چولپان ئىدى جۈپ كۆزلىرىم غۇبارسىز،
دەريا-دەريا ھىجران سۈيى باشلىدىڭ.

دىل سىرىمنى ئېيتارىمغا ئۆزۈڭ يوق،
خىيالىمغا قانات قېقىپ كىرەرسەن،
سۆيگۈ بېغىم مۇھەببەتسىز قۇپقۇرۇق،
قاچانلاردا كېلىپ مېھىر بېرەرسەن.

بىر ناتونۇش يۈرەك سىزىپ شېئىرغا،
سىڭىپ كەتتىم قات-قېتىغا مۇڭلىنىپ.
سالاملىرىم قالدى كېچە قوينىدا،
تاپالماستىن ئىگىسىنى قىينىلىپ.

ھېكايەت
مەن بىلىپ تۇرۇپمۇ رەزىللىكىڭنى،
كۈلكەمنى باشلىدىم جەبرى-جاپاغا.
كۆرسەممۇ بىراۋغا يانداش ئىزىڭنى،
سۆيگۈمنى تۇتقۇزدۇم سەن بىۋاپاغا.

بىر قۇچاق ئەسلىمە قالدى يادىكار،
مۇھەببەت بېغىمنى ۋەيران ئەيلىدىڭ.
شىرىن ئوي-خىياللار بولدى مەدەتكار،
ئاھ نېتەي بىر مېھىر سۆيگۈ بەرمىدىڭ.

يۇيۇلدى يامغۇردەك كۆز ياشلىرىمدا،
بىر كېچە قوينىغا تۆكۈلگەن ھەسرەت.
ھەر نۆۋەت غەزەپلىك قاراشلىرىمدا،
مۇھەببەت ئورنىنى ئالدى مىڭ نەپرەت.

كەت يىراق قەلبىمنىڭ ئەزىز مېھمىنى،
كەچكۈزدە سارغايغان ياپراق كەبى كەت.
ئەلۋىدا سۆيگۈمنىڭ قاتىل مېھمىنى،
سەن مەڭگۈ بىر قارا باسقان چۈش پەقەت.

يامغۇر بولسام سۆيەرمىدىڭ يار

قاچىسەن سۆيگۈمدىن قاچىسەن يىراق،
بىر ئېغىز سۆزۈڭگە قىلىپ ئىنتىزار.
مەن كېچەي دەيمەنۇ كەچمەيمەن بىراق،
شۇ ئاسىي كۆزلىرىم سەندە بىقارار.

باغرىڭنى كەڭ ئاچتىڭ يامغۇرغا قاراپ،
چاڭقىغان يامغۇر ھەم سۆيدى مەڭزىڭگە.
بىپەرۋا قەلبىڭدىن ياغدۇردۇڭ ئازاپ،
چىلاندىم ئاھ يەنە ھىجران دەردىگە.

مېھىرلىك باقىسەن يامغۇرغا ھامان،
سەن كۈلدۈڭ بەك تاتلىق شۇنچە بىغۇبار.
تامچىلاپ چۈشسەم گەر باغرىڭغا جانان،
يېنىشلاپ-يېنىشلاپ سۆيەرمىدىڭ يار.


[ بۇ يازمىنى پەرى تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-9-29 01:20 PM ]

[ بۇ يازمىنى Qabiljan تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-9-30 12:09 PM ]


دەرتكە سەۋىر،كۈنلىرىمگە كۆپ شۈكۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109752
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 342
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-9-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 02:11:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز يەنىمۇ  تىرىشىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109752
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 342
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-9-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 02:11:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز داۋاملىق تىرىشىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109752
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 342
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-9-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 02:12:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا دىۋاندا مەن ئولتۇرۇپتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109752
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 342
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-9-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 02:13:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا دىۋاندا مەن ئولتۇرۇپتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110223
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-9-27
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 02:30:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرلار چىن ھېسسىيات ۋە سەمىمىي قەلىب بىلەن يېزىلىپتۇ. مۇۋەپپىيىتىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110223
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-9-27
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 02:32:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرلار چىن ھېسسىيات بىلەن يېزىلىپتۇ، شۇڭا يۈرىكىمگە تەگدى. مۇۋەپپىقىيىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 538
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 04:14:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى ؟    ئاخىرى مىسرانىمدا ئەسەرلىرىنى كورۈپتىمەن !!   
ھىھىھىھى  نىم ئىشلار بىلەن  ئالدىراش  بوپ كەتلە ؟      
شىئىرنى بۇرۇن كۆرگەن ئىدىم  ئارتۇقچە باھا  بەرمەي !  !!!

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

يا رەب، دوسلىرىڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46675
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2011-7-4
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 04:21:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇڭ ئىچىدە مۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 443
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 10:36:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ھېكايەت››بىلەن ‹‹يامغۇر بولسام سۆيەرمىدىڭ يار››دېگەن ئىككى شېئىرنىڭ شېئىرىي تىلى يېنىك چىقىپتۇ.......


ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.....


‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش