|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن.
مىكروسوفىتنىڭ ئىككى مىڭ كويلۇق ۋىندوۋس8 نى ھەقسىز ئىشلىتىش ئادەتتىكى بىر ئەمەلىيەت. "تور دۇنياسىدىكى ھەرقانداق بىر ھەقلىق دىتال ياكى پىروگىراممىنى ئۇغرىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلىشى مۇمكىن. " بۇنى مەرھوم سىتېۋ جوبىسنىڭ بىر كىتابىدا كۆرگىنىم ئىسىمدە. بەلكىم بەزىلەر گەپنىڭ بىشى چىقا چىقمايلا ئۇغرىلىق دىگەن يامان ئىش دىيشى مۇمكىن. لىكىن تور رىئاللىقى شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ بىز ھازىرغىچە ئىشلەتكەن ۋىندوۋسنىڭ قايسى بىر ھەقسىز ھەممسى ئۇغرىلانغان ئەمەسمۇ سىز كومپىيوتىرنى سىتىۋالدىڭىز ئەمما سىستېمىنى سىتىۋالمىدىڭىزدە، ئەگەر سىز ھالال ھەقسىز سىستېما ئىشلىتىمەن دىسىڭىز ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىڭ. ghost دىگەنلىك قوپال ئۇسۇلدا ئۇغۇرلانغىنى، قاچىلىنىدىغان نۇسخىسى دىگىنى بىرخىل يۇقىرى تىخنىكىدا يىشىۋىتىلگىنى . مەيلى نىمىلا دىمەڭ مەن بۇ تېمامنى يازىمەن.
تور ئارىلاپ يۈرۈپ ھەقلىق ئاندرويىد ئۇيۇنى ئۇچراپ قالدى ، ئەمما قانداق پۇل تۆلەشنى ئۇقمايمەن شۇنداقلا بىر قاتار رەسمىيەلەرنى ئۈتىگىم كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىۋاستە ئىزدەش ماتورلېرىغا مۇراجەت قىلدىم. پاھ قالتىس، ھەممسىنىڭ ھەقسىز نۇسخىسى باركەن ئەمەسمۇ؟؟؟!!
مەن ئالدى بىلەن مىنى ئەڭ رام قىلىۋالغان ئۇيۇننى تۇنۇشتۇراي؛
Swordigo خەنچە ئىسمى 神奇剑侠 ئۇندىن باشقا ئۈسمۈر جانباز دىگەن ناملېرىمۇ بار. sword قىلىچ ، شەمشەر دىگەن مەنىدە ئىكەن، igo نى دىمىسەممۇ بىلىسىلەر. ئۇيغۇرچىغا قىلىچلىق پالۋان ياكى قىلىچلىق پالۋان ھەرىكەتتە دەپ تەرجىمە قىلساق بۇلامۇ؟ بىلمىدىم.
بۇ ئۇيۇندا ۋەقەلىك دىئالوگ ۋە كارتون ئوبرازلار بىرلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ پۈتكۈل ئۇيۇننى ئويناش خۇددىي 3D لىق كارتون كۆرگەچ ئۇيۇن ئوينىغانغا ئوخشايدۇ. (video game ) ھىچقانداق ئارتۇقچە قاتتىق دىتال سەپلىمە كەتمەيدۇ. ئادەتتە مىنىڭ 400 يۈئەنلىك ZTE يانفۇنۇمدىمۇ شۇنداق نۇرمال ئىشلەيدۇ. ئەڭ ئالدى بىلەن سىز بىر قارا چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ كىتىسز ۋە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقسىڭىز بىرەيلەن سىزنىڭ ئۇستازىڭىزنىڭ ئورمانلىققا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۇ يەرنىڭ بەك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى شۇنداقتىمۇ ئۇستازىڭىزنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىپ بىقىشىىڭىز كېرەكلېكىنى ئىيتىدۇ. ۋە سىزگە قللىچتىن بىرنى بېرىدۇ شۇنىڭ ىلەن سىزنىڭ بۇ خەتەرلىق ۋە ئاجايىپ -غارايىپ ۋەقەلىككە تۇلغان سەپرىڭىز باشلىنىپ كىتىدۇ. ئۇيۇن ئىنگلىزچە بۇلۇپ نۇرغۇن ئەگرى تۇقاي دالا، ئورمانلىق ۋە تىك جىرلاردىن ئۈتىسىز ۋە ئەڭ ئاخرىدا ئۇستازىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلغان ئالۋاستىنى مەغلوپ قىلسىز بۇنىلىق بىلەن بۇ سەپىرىڭىز ئاياغلاشمايدۇ يەنە يىڭى-يىڭى يوللار سىزنىڭ مىڭىشىىڭزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ......
ئۇيۇننى بەيدۇ ياكى www.bing.com دىن ئىزدەپ چۈشۈرۋىلىڭ چوڭلۇقى 47mb ئەتراپىدا.
ئىككىنچى ئۇيۇن
Doodle god f2p بۇ ئۇيۇن قەدىمقىلەرنىڭ ئالەمنىڭ يارىلىش قانۇنىيتى نەزەرىيسى بۇيىچە تۈزۈلگەن بۇلۇپ ئوت،تۇپراق، شامال.سۇ قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق نۇرغۇن يىڭى نەرسىلەرنى ھاسىل قىىلىسىز يەنى بىز تورمۇشىمىزدا كېرەكلىك بولغان نەرسىلەر مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ھاسىل بۇلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئۇيۇنغا ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.
بۇ ئۇيۇننىمۇ ئىزدەش ماتورلېرىدن ئىزدەپ چۈشۈرۋىلىڭ. ئەسكەرتىش مەن بۇ ئۇيۇنلارنىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قۇيۇپ قويسام ئۇغرىدىنمۇ ئۇتە نەرسە بۇلۇپ كىتىمەن شۇڭا ئىزدەش ماتوردىن ئۇيۇننىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالغايسىلە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-28 09:11 PM
|
|
|
|
|
|