مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5537|ئىنكاس: 23

جۇڭگۇلۇق بايۋەتچىلەر چەتئەلنىڭ يېشىل كارتىسىنى تالاشماقتا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109500
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-8-27
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 02:03:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋاڭ لېي(تەرجىمە قېلىندى)

    يېقىندىن بىرى، جۇڭگۇنىڭ بايلىرى ئامرىكىنىڭ «مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىش تۈرى» نى بەس-بەس بىلەن تالىشىپ، 5EB ۋېزا(مەبلەغ سالغۇچىلارغا قۇيلىدىغان تىز سۈرەتلىك ۋېزا) نۇرمىسىنى ئالدىنئللا تۈگۈتىۋەتكەنلىك خەۋىرى قىززىق بەس مۇنازىرە قوزغىدى. ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ياۋرۇپا ۋە ئامرىكىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تاپشۇرۋالغان مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىش ئىلتىماسى ئىچىدە، جۇڭگۇلۇق بايلار مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگەللەپ كەلدى.

    1. ئامرىكا  2014-يىللىق «مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىش» تۈر ئىلتىماس سانى يۇقۇرى پەللىگە يەتتى،بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇلۇقلار %85 نى ئىگەللەپ، تۇنجى قېتىم شۇ يىللىق نۇرما ئالدىنئاللا ئىشلىتىلىپ بۇلۇپ، ئامرىكا ئىلتىماس قۇبۇل قىلىشنى ۋاختىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولدى (ئامرىكىغا كۈچۈپ بېرىشقا مەبلەغ سېلىش سوممىسى 3 مىليۇن بۇلۇپ، نۇرمىسى ۋاقتىنچە تۇشۇپ بولدى ).            
       2. كاناداغا مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىشنى كۆپلىگەن جۇڭگۇلۇق بايلار ناھايتى ياخشى كۈرۈدىغان بۇلۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئىلتىماس سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ، 2010-يىلى پۈتۈن ئىلتىماس سانىنىڭ %81 نى ئىگەللەپ، ئامرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئىلتىماس ئۇمۇمي سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن  (كاناداغا كۈچۈپ بېرىشقا مەبلەغ سېلىش سوممىسى 4 مىليۇن 400 مىڭ بۇلۇپ، نۇرمىسى تۇشۇپ بولدى ).
       3 . بۇ يىل 7-ئايغىچە، ئاۋىستىرالىيە «زوركۈلەمدىكى مەبلەغ سالغۇچى كۈچۈپ بېرىش تۈرى» ئىلتىماسىنىڭ %90 جۇڭگۇدىن كەلگەن بۇلۇپ، تەستىقلانغان ۋېزالار ئېچىدىمۇ جۇڭگۇلۇقلار %88 نى ئىگلىگەن (ئاۋىستىرالىيەگە كۈچۈپ بېرىشقا مەبلەغ سېلىش سوممىسى 5 مىليۇن 740 مىڭ بۇلۇپ، يەنە نۇرمىسى بار ).                     
      4. ئەنگىليەگە كۈچۈپ بېرىشتىكى 1 مىليۇن فوندستىرلىڭلىق يۇقۇرى تەلەپمۇ جۇڭگۇلۇقلارنىڭ قىزغىنلىقىنى تۇسۇپ قالالمىغان، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ، جۇڭگۇ «ئەنگىلىيە مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىش تۈرى» دىكى بىرىنجى چوڭ دۆلەت بۇلۇپ قالغان.                           
      5. پورتىگالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرمۇ جۇڭگۇلۇق بايلارنىڭ مەبلىغىنى جەلىپ قىلىدىغان قاتارىغا قېتىلىپ، بۇ يىل 7-ئايغىچە پورتىگالىيەنىڭ مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىش ۋېزاسى ئېچىدىكى جۇڭگۇلۇق ئېرىشكۈچىلەر %81 نى ئىگلىگەن (پورتىگالىيەگە كۈچۈپ بېرىشقا مەبلەغ سېلىش سوممىسى 4 مىليۇن بۇلۇپ، نۇرمىسى قىس ).                                                           
      نەتىجىدە، جۇڭگۇلۇق مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بارغۇچىلار سانىنىڭ تىز سۈرەتتە ئېشىشى چەتئەلدىكى ئۆي سودىگەرلىرگە پۇرسەت ئېلىپ كىلىپ، دۇنيا ئۆي باھاسىنىڭ مەلۇم دەرەجىدە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، يەرلىك كىشلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغۇماقتا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abida510 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 02:04 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84344
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 02:52:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى دۇنيانىڭ نەرىگىلا بارساق تىلدىن قىينالمىغۇدەكمىزغۇ..............

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1843 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 03:05:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،  تاماقنى ئۆيدىن يەپ تالاغا چىقىردىكەندە....   
بۇ ئشلارغا قارتا دانا ھۆكىمىتىمىز ھېچقانداق بىر  تۈزۈم چىقارمىغانمىدۇ....      پۇلنىڭ سىرىتقا ئىقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى  ئىلىش كىرەك،....    خەلىقتىن   تاپقان  پۇلنى  خەلىققە ئىشلىتىش كىرەك...  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 03:11:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇدىمۇ بىر تاۋاق تاماق بىلەن تۇيدىغان بۇ خەخ چەتئەلدىمۇ بىر تاۋاق ئاشقا تۇيىدۇ، ئەمما شۇنچە كۇپ پۇل بەدىلىگە چەت ئەللىك بۇلۇشنىڭ نىمە زۇرۇرىيىتى بۇ كىشىلەرگە، شۇ پۇل بىلەن جۇڭخا ئۇغۇل قىزلىرىغا باياشاتچىلىق ياراتماي ئىسىت ما خەخكە،
شۇ بايلىقلار چەتئەللىكلەرنىڭ قۇلىغا ئۇتسە، شۇ پۇللار بىلەن كىمنى جايلايدۇ؟

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96923
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 799
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 893 سائەت
تىزىم: 2013-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 03:15:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇدىكى بايلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەلگە كۈچۈپ كەتسە 10-20يىلغا قالماي جۇڭگۇ نامرات دۆلەت قاتارىغا كىرىپ قالارمۇ ؟ھەي بىر نىمە دىمەك تەس جۇمۇ.  شەكىلۋازلىق .....

ھاياتتا كۈلۈپ يۈرگەن بەخىتسىزلەرنى،يىغلاپ يۈرگەن بەخىتلىكلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.ئىنساننى بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز دەپ ئايرىماق قىيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8690
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 03:21:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


   ئاپلا مەن تېخى ئامېركانلارنى بەكلا ئەقللىق بەكلا زىرەك دىسەم ............. ئامېرىكا ئاران توت مىلىيون . ئەنگىلىيە بىر مىلىيون فونىسترلىڭ . ئاۋىىستىرالىيەمۇ ئاران نەچچە مىليون دۇللار كەن .

   مەنچە پەن-تېخنىكا ، مائارىپ ، سەھيە داۋالاش ، ئەدىليە قانۇن ، مۇھىيت ئاسىراش ۋە يېمەك-ئىچىمەك تۈزۈلمىسى  .....قاتارلىق تەرەقى قىلغان ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، ئاۋىستىرالىيە . گوللاندىيە ،شىۋىتسارىيە ...قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ قىممەتنى ئون مىلىيون بولسا 20 مىلىيونغا كۆتۈرسىمۇ يەنىلا گەپ يوق ھەر يىللىق كۆرسەتكۈچ سان يىتىشمەيدۇ .   ھازىر دۆلىتىمىزدە بايلىق كاپتالى بار ئادەمدە، چۇمۇلاڭما تىغىدەك كۆپ يوق ،ئادەمدە چىۋىننىڭ پوقىچلىكمۇ يوق بىر ھالەت شەكىللىنپ قالدى . پۇل تاپقانلار ماڭسا-ئۇخلىسا چەتئەل چۈشى كۆرۈپ يۈرۋاتسا  ئون نەچچە مىلىيون بۇلار ئۈچۈن بۇرنىنى قاققاندەك بىر ئىش ھازىر . بۈگۈنكى كۈنلەرنى قويۇپ بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىكى بىر گەپنى قىلسام تاماق يىيىش ئۈچۈن خەيدىنيەنچۇ رايۇندىكى بىر شىنجاڭچە ئاشپۇزلغا كىرسەم بىر خەن خانىم بىر ھەشەمەتلىك ئۈستەلدە يالغۇز ئولتۇرۇپ  تېلېفۇندا بىرسىگە قار-يامغۇر يىغلىغاچ تاماق يەۋىتىپتۇ  گەپ-سۆزلىرىدىن تۇمۇشنى بەكمۇ مەنسىزمىش مىھرى-مۇھاببەت يوقمىش بۈگۈن كەيپىاتى بەك ناچار بولغاچقا ئاچچىغىدا 4000 نەچچە يۈز يۈۋەنلىك تاماق بۇيرۇتىپتىمىش . ئىشەنمەي دىسەممۇ ئالىدا  1300 نەچچە يۈۋەنلىك قوي كاۋىپى . دېڭىز مەھسۇلاتلىرى . نەچچە خىل خىمىر تامىقى . سوغۇك سەيلەرغۇ يەتتە-سەككىز تەخسە چىقار .....ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى داڭلىق بىر ئايال بارغۇ تولا سوغۇق ئىچىملىك ئېلانىغا چىقدىغان شۇ ئايال داجۇڭسۇدا بى تۇڭگاننىڭ ئاشخانىسىغا تاماق يېگىلى كىرگەندە ھىلىقى ئاشخاننىڭ خوجايىنى بۇ ئايالنى تونۇپ قىلىپ ھەقسىز مىھان قىلىپ بىللە رەسىمگە چۈشۋىلىشنى ئىيتقاندە ،ھەقسىز چۈشۈشكە ئۇنماي باھا تالىشىپ 30 نەچچە مىڭ يۈۋەنگە بىللە رەسىمگە چۈشكەنتى . ....ئىشقىلىپ خەۋەرلدە كۆرۋاتىمىز بۇلارنىڭ پۇل تاپمىقى بوۋاق بالىنىڭ چىچمىغىدىن كۆپ ئاسان بولغاندىن كىيىن بولسا ئۇ دۆلەتلەر كۆرسەتكۈچ سانغا تاقىشىدىغان پۇلنىڭ سوممىسنى تېخىمۇ يۇقرى كۆتۈرسىمۇ ماۋۇلار چىداپ كىتەتتى دەپ ئويلايمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 03:28 PM  


باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7573
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 03:22:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايلارنىڭ چەتئەلگە كۆچمەن بۇلۇپ كېتىشى دۆلىتىمىزدە بەكلا ئېغىر ئىكەن. بىر ماتىريالدا 50مىلىيۇن پۇخرانىڭ چەتئەلدە ئىكەنلىگىنى يېزىپتۇ. يېقىنىدن بۇيان يېمەك -ئىچمەك ،مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشنى بىلەن،چەتئەلگە كۆچمەن بۇلىدىغانلار  سانى تېخىمۇ كۆپەيگىلى تۇرۇپتۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئادىل رىقابەت  ،ئىلىغار مائارىپ ئىزدەپ چەتئەلگە كۆچمەن بۇلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8690
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 03:26:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمەت94 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-28 03:11 PM
جۇڭگۇدىمۇ بىر تاۋاق تاماق بىلەن تۇيدىغان بۇ خەخ چەتئەل ...




بۇلار پۇللىرىنى كۆتۈرشۈپ بىرىپ ئۇھ ماۋۇ مىنىڭ ئۆيۈمكە دەپ يانپاشلاپ يىتىپ بولغۇچە  مەدىنىيەت ئىنىقلابىدىن بىرنى بىر باشلاپ كەتسىغۇ ئۇ ۋاقىتتا  باي پومشىكلارنى تەنقىد قىلىمىز دەپ . ھەممە نىمىسنى تاشلىۋىتىپ كالتا ئىشتانلىرى بىلەن قىچىپ كىلىپ يەنىلام ئانا ۋەتىنىمىز ياخشىكەن دەپ ياخشى ئادەم بولاتتى .  تۈز بەرگەن ۋەتەننى تاشلىغان ئادەم  نورمال ئادەمغۇ قەتئىي ئەمەس ، ھەتتا  نورمال ئادەممۇ  ئەمەس .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 03:29 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 05:06:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىقابەتتە ھۇشيار تۇرمىساق چاتاق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 08:54 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 07:38:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىقسا چىقمامدۇ.پۇلى بار بولغانكىن نەگە بىرىپ نەدە تۇرغۇسى كەلسە ئىختىيارغۇ.

بەك قاينىغان بىلەن بەرىبىر،مەسلەن سىز كۆپ پۇل تاپتىڭىز،پۇلىڭىزنى يامان خىيىم خەتەر ئىچىدە ئەنسىز رىقابەتتە تاپتىڭىز،ئەمدى شۇ پۇلىڭىز بىلەن ئۆمىرىڭىزدە ئارزۇ قىلغان جايلارغا مەسلەن ھاۋاي،مۇسۇلمان بولسىڭىز مەككە مەدىنە،ئىلىم پەنچى بولسىڭىز ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ەللىرى...

بىراق بىراۋ سىزنىڭ پۇل تاپقىنىڭىزنى ۋە چەتئەلگە ماڭغىنىڭىزنى بىلىپ ۋاي ئاقچى كۆكچى،داننى كاتەكتە يەپ سىرىتتا كاكلايدىغان داپچى دەپ يۈرسە سىز قانداق قىلىسىز.

پۇل دىگەن قولنىڭ كىرى دەپتىكەن.شوڭا ئىشەكتەك ئىشلەپ ھۇزۇرىنى شاھتەك سۈرگۈلۈك.ئانداق بەك ئىچىمىزنى يامان قىلىپ كەتمەيلى.ھۆكۈمەتمۇ قانداق قىلاتتى بايلارنى،شۇ بايلارمۇ تاپقان پۇلى بىلەن ئىلغار بولغان تىخنىكا ۋە مۇھىتقا ئالاقىدار تىخنىكىلارنى ئەكىرسە نىمە يامىنى.مانا ھەپتە ئاۋۋال دۇنياۋى مۇدا بولغان مەھسۇلاتلار تىلىۋىزۇردا چىقسا ئەتىسى بازارلاردا كۆزىمىزدە شۇ نەرسىلەر يۈرۋاتسا.دۇنيانى ئامېرىكا ئەنگىلىيەلەر سۇراپ ئۆتمىسۇن.ما شەرىق كىسەل كۆرپىللىرىمۇ قۇرساقنى تۇقلاپ ئۇچىسىنى يىپىپ بولغىلى نەۋاق،ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىشتىن كىيىنكى ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ تەرەققى قىلسا پۇل تاپسا خەقلەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانسا ئۇنى ھۆكۈمەت ئۆزى چەكلەرما.پۇخرالار  باي بولۇپ چەتئەلگە يەرلەشسە نىمە بوپتۇ.ھەر بىر ئىنساننى ھۆكۈمەت كەشىپ قىلمىغانكىن ئىنسان بولغانكىن چىشىنىڭ بارىدا گۆش ،كۆزىنىڭ بارىدا شەھەر كۆرسە نىمە بوپتۇ.سىز بىزلەرمۇ تىرىشىپ پۇل تىپىپ تىخنىكا ئىگىلەپ پۇل تىپىپ سۇدىنى ئاساس قىلغان ھالدا چەتئەللەردە يۈرسەك ياراشماسما.كەچكىچە غەيۋەت بىلەنلا يۈرۈش ئاقىلنىڭ ئىشىما.ھۆكۈمەتمۇ پۇخرانى باي بول دىدى،كىشىلەرنىڭ سىرىتقا چىقىشىنى چەكلەش پەرمانى چۈشۈرگىنى يوق.

بىزدە گەرچە مىلىيۇنىر بايلار كۆپ بولمىسىمۇ بار.لىكىن تولىسى ئىجارىكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.شىركەتلەشكەن كارخانىلارشقانلارمۇ تولا.گەرچە شىنجاڭنىڭ مۇھىتى ئالاھىدىرەك بولسىمۇ لىكىن ھۆكۈمەت ئەزەلدىن سودىنى چەكلەپ باققىنى يوق.خەقنىڭ تاپقان پۇللىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغىنى يۇققۇ.كۆپ سۆزلىۋەتمىگەندىمەن ھە.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش